|
|
|
|
يېڭى گىئومىتىرىيە مەيدانغا كەلدى
قاسىم سىدىق
بۈگۈن «پەن-تىېخنىكا تورى»قاتارلىق بىر قىسىم تورلاردا«فىزىكلار تەشكىلاتى تورى»داخەۋەر قىلىنغان« چىچەكسەي تۆرىدىكى گىئومىتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلى دونياغا كەلدى»دىگەن خەۋەر ئېلان قىلىنغىلى باشلىدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە،ئىسپانىيەدىكى UPCOۋەUC3Mئونېۋىرىستېتىدىكى ئىلىمگەرلەرلەردىن تەشكىللەنگەن تەتقىقات گۇرۇپپىسى تونجى قىتىم تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۇرەككەپ شەكىللەرنى تەسۋىرلەيدىغان بىر خىل ماتىماتىكىلىق قورالنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ«يىڭى فىزىكا»ژورنىلىدا ئېلان قىلغان.ئىتىلىشىچە ئۇلار مەيدانغا كەلتۈرگەن گىئومىتىرىيە«分形几何学»ساھەسىگە مەنسۈپ ئىكەن.بۇ يىڭى گىئومىتىرىيەگىئولوگىيە،بىئولوگىيە،فىزىكا،خىمىيە،ئاستىرونومىيەقاتارلىق پەنلەرنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى بولغان ھەر خىل ئوبىكىتلارنىڭ ھالەت ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى تەتقىق قىلىش قورالى ئىكەن.
مەن بۇ خەۋەرگە شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئىھتىياجىنى كۇزدە تۇتۇپ قىزىقىشىم تەبىئى.كۈرۈنۈپ تۇرۇپتىكى تەبىئەت دۇنياسىنى شەكىل نۇقتىسىدىن ئۆگىنىشنىڭ تارىخى -گەرچە سىتىخىيىلىك رەۋىشتە بولسىمۇ- بەكمۇ ئۇزۇن.يېقىنقى بىر ئەسىردىن بۇيان بۇ خىل ئۆگىنىش تەدرىجى مۇنتىزىملاشماقتا.دەلىل شۇكى :ئېينىشتېيىن فىزىكىنى ،مىندىل بىئۇلوگىيەنى گىئومىتىرىيىلەشتۆرۈشتە ئۈلگە ياراتتى. ئەپسۇس ئۇيغۇر جەمىيىتى بۇ نۇقتىنى تخىچە روشەن چۈشۈنۈپ بولغىنى يوق.بىز ئىلىم - پەننىڭ دۇنياۋى قەدىمىگە يىتىشىپ ماڭايلى دىسەك يېڭى ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار بولىشىمىز،ئۇلارنى ئىجادى تەپەككۈرىمىز ئۈچۈن ئوزۇق ۋە ئىلھام مەنبەسى قىلىشىمىز كېرەك.
ئېنگىلىزچە بىلىدىغان خانىملار ۋە ئەپەندىلەرنىڭ يۇقۇرقى خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەلىرى ۋە كونكىرىت مەزمۇنلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئىنكاس قالدۇرۆشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئالاقىدار ئۇلىنىش:
花椰菜类几何图案数学模型出炉
http://www.stdaily.com/stdaily/content/2012-12/25/content_555957.htm
2012.12.25
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-25 12:40 PM
|
|
|
|
|
|