http://blog.sina.com.cn/s/blog_4c687df40102dz7l.html?tj=2 ئەسلى مەنبە
خائىنلارمۇ مىللەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىقدۇ،"汉奸"(خائىن)دىگەن بۇ سۆز ئەڭ دەسلەپتە سۇڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا كېلىپ چىققان بولۇپ،جۇرجىتلارنىڭ جىن خانىدانلىغى ئىچكى سىرنى ئىگىلەشكە ئەۋەتكەن خەنزۇ(جوڭگۇ)ئەمەلدارلىرىنى كۆرسىتەتتى.خەنلەرنىڭ ئىپلاسلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئالاھىدە ئاتالغۇ سۆز بولىشى سۈپىتى بىلەن،كېيىن ئومۇمەن تاجاۋۇزچىلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ،ۋەتەن ،مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ساتقان كىشىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولغان.
خائىنلار قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟بەيدۇ تورىدا مۇنداق قىزىقارلىق ياردەم سوراش بولۇپتىكەن:
_خائىنلارنىڭ تاشقى قىياپىتىنى تەسۋىرلەيدىغان سۆز ۋە جۈملىلەرنى ئېيتىپ بېرىڭلار؟
جاۋابىغا بىر تورداش مۇنداق يېزىپتۇ:
"چېچى ئىككى ئۆرۈلگەن،كۆزى ئورچەك،بۇرنى ئىلمەك،ئېغىزى تاتلىق مەككار ھىلىگەر،قېرى مۇناپىق ھىلىگەر،ئوغرى قاش چاچقان كۆز،ئوغرى باش ........."بۇ جاۋاپ سورىغۇچىنىڭ نېيىتىگە يېقىنلاشسا كىرەك"رازى بولدۇم"دەپ رەھمەت ئېيتىپتۇ.بۇ جاۋاپنى ھەقىقەتەنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ،چۈنكى ئۇ دەل بىزنىڭ كىنو،كۆرمۈلىرىمىزدە دائىم چىقىپ تۇرىدىغان خائىنلارنىڭ قېلىپلىشىپ كەتكەن ئوبرازى.مەسىلەن ئارتىسىت جا كاڭ شى 2006-يىلىدىكى"تۆمۈريول پارتىزانلار ئەترىتى"دىگەن تىلىۋىزىيە تىياتىرىدا خائىن جاڭ سەننىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىدىكى گەپ سۆزلەر بەك كۆپ بولغان"بەزىلەر مەخسۇس خائىننىڭ رولىنى ئالغۇچىلاردۇر،باشقا گەپ يوق شۇ خائىننىڭ رولىنى قالتىس ئالىدىكەن"،"تۇرقىللام بىر خائىنكەن"دىگەندەك،خۇلاسە كالام بۇ يەردە خائىنلار باشقا بىر تۈرگىلا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ،باشقا جوڭگۇلۇقلار بىلەن زادىلا ئوخشىمايدۇ،ھازىرقى گەپ بىلەن ئېيىتقاندا ئېھتىمال گىنى ئۆزگەرتىلگەن بولسا كىرەك. بىراق خائىنلارمۇ جوڭگۇلۇقلاردىن تۆرەلگەن.ھازىرغا كەلگۈچە ئەۋلاتمۇ ئەۋلات خائىن بولغانلار يوق،بۇ دەل خائىنلارنىڭ ئەجدادىنىڭمۇ خائىن ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدىغۇ.ئۇلارنىڭ ئەۋلادىنىڭ تەقى تۇرقىمۇ "دەلمۇ دەل شۇ خائىن"دەك ئەمەسقۇ،ئەجەبا ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ جوڭگۇغا تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس موشۇنداق ئالاھىدە ھەدىيە سوۋغاتلارنى ھاپىلا شاپىلا قۇراشتۇرۇپ چىققىلى بولسۇنمۇ؟
ئەلۋەتتە بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ،خائىنلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇنداق قىياپەتتە تەسۋىرلەش ئەمىليەتتە ئۆزىمىزنى سەتلەشتۈرگەنلىگىمىزدۇر.
خائىنلارنى ياتلار بېقىپ تەربىيلىمىگەن.
كۆرمۈ ئەسەرلەردىكى خائىنلار بىلەن تاجاۋۇزچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان قېلىپلاشقان ھەرىكەت تىلى ئىپادىسى مۇنداق:-ئالۋاستىلار ھامان ئەسەبى،مەنمەنچى،رېتىمچانلىقى بەك كۈچلۈك بولۇپ،ئۆلسىمۇ ھەيۋەت ئۆلىدۇ،تەنلىرى تىتما تىتما بولۇپ كېتىدۇ. خائىنلار بولسا تىمسىقلاپ،ئىنجىقلاپلا يۈرۈيدۇ،ئەلەڭ- سەلەڭ بولۇۋېلىپ،بوينىنى كۆتۈرۈپ "ھايت،ھايىت"دەپلا يۈرۈپ،غىڭ دىيىشكە پېتىنالماي جېنىنى سېلىپ بېرىدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆلۈشلىرىمۇ ئۆلۈمتۈكلەرچە بولۇپ ئىككىسى ئوخشىمىغان خاراكتىر ۋە پەزىلەتكە ئىگە بولۇپ،ئەجەبا خائىنلار--- ياۋلار جوڭگۇلۇق بالىلارنى ئوغرىلاپ كېتىپ تەربىيىلەپ ئېلىپ كېلىپ ياندۇرۇپ چىشلەشكە قويۇۋېتىلگەنمىدۇ؟!ئۇنداق ئەمەس بولغان ئىكەن بىز بۇ يەردە كىمنى شىلتىڭ قىلىۋاتقان بولىمىز؟!
"ۋەتەنپەرۋەرلىك قان-قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن چۇڭقۇر مېھرى مۇھاببەت"دىگەن گەپ خەنچە يازمىلارنى ئوقۇغاندا بىزگە ئۇچراپلا تۇرىدۇ.بىراق ئوبىكتىپ رىئاللىق بولسا دائىم تىل-چىشلىرىمىزنى چېقىپ تۇرىدۇ.ياۋلار ئېلىمىزگە تاجاۋۇز قىلغاندىن باشلاپ سان-ساناقسىز خائىنلار توپى ۋە يول باشلىغۇچىلار چىقىپ تۇردى،ئۇلاردىكى ئەخلاقسىزلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك تۈگەپ كەتمىدى،جوڭگۇلۇقلارنىڭ غۇرۇرى شىكەستىلەندى،شۇڭلاشقا بۇنداق ئۆز قوينىدىن چىققان مۇناپىقلارغا تامغا ئۇرۇپ،ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن چەك-چېگرا ئايرىماق بولۇپ،ئۇلارنى چىن جوڭگۇلۇق ئەمەس ،باغرى سېسىپ كەتكەن مىللى مەلئۇنلار،ناھايىتى ئاز ساندىكى ئىش دەپ چۈشەندۈرمەك بولدى .بۇنداق بولغاندا تالانىت ۋە قامەتلىك ۋاڭ جىڭ ۋېي،نامى مەشھۇر خۇ لەن چىڭ،ئاۋامنىڭ پىكرىنى كونتىرۇل قىلغۇچى چىن گوڭ بۇ،ياش سەرخىل جۇۋ اېي خەي،كونا ئۇسلۇپتىكى شائىر جىڭ شاۋ شۈ،ئىلمى ئالىم لو جىن يۈ .........قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خائىن بولماي ،جوڭگۇنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىشى كىرەك ئىدى ،چۈنكى ئۇلار خائىنلارنىڭ قىياپىتىگە ئوخشاشمايىتتى،شۇنداقلا ئاجايىپ كېلىشكەن ۋە ئىقتىدارلىق ئىدى.سىپايىراق ئېيىتقاندا خائىنلار جوڭگۇ مىللىتىنىڭ تەركىۋى قىسمى بولۇپ،ياۋلار كېتىدىغان چېغىدا خائىنلارنى ئېلىپ كېتىدىغان ئىش يوق دىيەرلىك،ئۇلارنىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ يارىلانغانلىرى يارىلىنىپ كۆپ ساندىكىلىرى ئىشقىلىپ مۇتلەق كۆپى تۆۋۋە قىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولۇشقا قەسەم قىلىدۇ،ئاندىن بىرلىكتە مۇشۇ جوڭگۇدا ياشايدۇ.موشۇ جوڭگۇغا كۆمۈلىدۇ.نىمىشقا ئۇنچىلا كۆپ خائىن چىقىدۇ،نىمىشقا ئۇنداق ئوڭاي ئاينىيدۇ ،شۇنداقلا خائىن ئوبراز بەلگىلىرىگە ئۇرۇنۇشلىرىمىز،مەلۇم مەنىدىن بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
(تەرجىمە سەۋىيەم چەكلىك،شۇندىمۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە كۆپچىلىكنىمۇ كۆرۈپ بەھىرلەنسە ۋە ساۋاق ئالسا دىگەن مەقسەتتە تەرجىمە قىلىۋەردىم)