bozqir يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 03:54 PM 
راسىت ، تۉۋەندىكى ئۇلىنىشتا شۇنداق ديىلىپتۇ.
http://www.uyg ...
مەن بۇ ماقالىنى كۆرگەن . خەق نېمە دېسە شۇنى توغرا دەپ قارىساق بولمايدۇ . تۈركىيە ۋە ئورتا ئاسىيا مىللەتلىرى ئۇزۇن يىل ئەرەب ۋە رۇس مەدەنىيىتى ئاستىدا ساپلىقىنى يوقاتقان مىللىي مەدەنىيەت ۋە غۇرۇرىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن ، ئامال بار ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى ساپ ۋە تىپىك قىلىپ قايتا ياساپ چىقىشقا ئۇرۇنىدۇ . بۇنىسى ناھايىتى تەبىئىي . بۇ جەرياندا ئەسلىدىن ئورتاق بولغان بەزى شەخسلەر ئۆزبەك ياكى قازاق ۋە ياكى ئوسمان تۈركى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن . ئۇنداق ئەمەس دېسەك بىز خاتالىشىمىز ، چۈنكى بۇ ئادەملەر ئەسلىدىنلا تۈركىي مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان ۋە ھەتتاكى بەزى تۈركىي مىللەتلەر شەكىللەنمەستىنلا ئۇلار ياشاپ ئۆتكەن .
مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ، ئوسمان تۈركلىرى 13-ئەسىردىن باشلاپ ئاناتولىيە ۋە ۋىزانتىيە مەركەزلىرىنى تاجاۋۇز بىلەن ئىگىلەشكە باشلىغان ، قانداقسىگە 13-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا ئاناتولىيەدە كەڭ تۈرك مىللىتىنىڭ جەمىئىيىتى بولىدۇ ؟ بۇنىسى پەقەت بەزى تۈرك تارىخچىلىرىنىڭ ( تۈركىيەنىڭ تاجاۋۇز تارىخىنى ئىنكار قىلىدىغان ) كۆزىنى يۇمۇپلا دەپ قويغان گەپلىرى ، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قارىشىچە مۇشۇنداق دېگەن تەقدىردىمۇ ھېچكىم بۇنداق ئەمەس ئىدى دېمەيدۇ .