مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6821|ئىنكاس: 77

[بوزقىر]نەسىردىن ئەپەندى يەكەنلىكمۇ ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 12:28:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                               نەسىردىن ئەپەندى راستىلا يەكەنلىكمۇ ؟

                                           ئەن لىياڭ

                                        بوزقىر تەرجىمىسى

  بادام دوپپۇلۇق ، ئۆشنىسىگە خورجۇن ئارتىۋالىدىعان، ئشەكلىك نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ئوبرازى بالىلىق ۋاقتىمدىلا قەلىب تۆرىمدىن ئورۇن ئالغانىدى.ئەقىللىق ھەم يۇمۇرلۇق نەسىردىن ئەپەندىم بارغانلىكى يېرىدە كىشىلەرگە خوشاللىق ۋە تەپەككۇر ھېسلىرىنى ئاتا قىلىدىغان ھەممىگە تونۇشلۇق شەخىستۇر.شىنجاڭغا نىسبەتەن نەسىردىن ئەپەندىم تېخىمۇ تونۇشلۇق شەخىس بولۇپ ، ئۇنىڭ لەتىپە-ھېكايىلىرى ناھايتى كەڭ تارالغان.

   نېمىشقىدۇر ئۇزۇندىن بۇيان «نەسىردىن ئەپەندى زادى قەيەرلىكتۇر ؟» دېگەن چىگىش مەسىلە كاللامنى چۇلغىۋېلىپ، ئۇنىڭ جاۋابىنى تاپالماي كەلگەنىدىم.

  شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان زېمىنغا قەدەم باسقاندىن كېيىن كالللامدىكى بۇ مەسىلىگە جاۋاب تېپىش ئىستىكىنىڭ  تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىققانلىقىنى تەن ئالماي تۇرالمايمەن.چۈنكى، شىنجاڭدا نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ لەتىپىلىرى ناھايتى كۆپ تارالغانىكەن. نەسىردىن ئەپەندىمنى شىنجاڭدىكى بىر گۆھەر دېسىمۇ بولىدىكەن.جاۋ بېنشەن تىيېلىڭ دېگەن كىچىككىنە شەھەرنىڭ داڭقىنى  نى-نى داڭلىق چوڭ-شەھەرلەردىنمۇ بەك تونۇتىۋەتتى.تەمى تىلنى يارىدىغان بال كەبى قوغۇنلىرى پەيزىۋاتتىن ئىبارەت تەكلىماكاننىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بۇ كىچىككىنە ناھىيەنىڭ داڭقىنى چىقىرۋەتتى.چۈنكى،جاۋ بېنشەن تيېلىڭلدىن ،تەمى تىلنى يارىدىغان بال كەبى قوغۇن بولسا پەيزىۋاتتىن چىققان-دە.ئۇنداقتا ئەقىل-پاراسەت ۋە شاد-خوراملىقنى ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملىگەن نەسىردىن ئەپەندىچۇ؟

   نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان يېرىنى دەلىللەشتە ھازىرغىچە تالاي مۇنازىرىلەر بولدى. يەنە كېلىپ بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزىلگىنى يوق.ھەتتا ، شىنجاڭنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىمۇ نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تەۋەلىكىنى تالىشىش مۇنازىرىسىنىڭ ئايىغى  بېسىققىنى يوق.تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تەۋەلىكىنى تالىشىش خەلقئارالىق تۈسنىمۇ ئېلىپ باقتى.بىر تەرەپتىن تۈركىيە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تەۋەلىكىنى تۈركىيەگە باغلاپ قوپسا، ئۆزبېكىستانمۇ بوش كەلمەي نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان يېرىنى بۇخاراغا باغلىدى.بەزىدە ، مۇبادا نەسىردىن ئەپەندىم ھايات بولغان بولسا ئۆزى ھەققىدىكى مۇشۇنداق تالاش-تارتىشلارنى ئاڭلىسا قانداقراق ھېسىياتقا كېلىپ قالار بولغىيدى؟ دېگەننىمۇ ئويلاپ كېتىمەن.

   باش كۈزنىڭ ئاخىرى قىشنىڭ بېشىدا سەئىدىيە خانلىقى جايلاشقان يەكەن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولۇپ قالدىم.ھاكىم ئەھەت سايىت بىر زىياپەت سورۇنىدا شاڭخەيلىك مېھمانلارغا توختىماي ھاراق قۇيۇپ تەكەللۇپ قىلسىمۇ ئەمما، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە قىلچە تەكەللۇپ قىلمايلا ئۇنىڭ يەكەنلىك ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇنىڭغا 10تۈرلۈك سەۋەپ كۆرسەتتى.

   بىرىنچىدىن، نەسىردىن  ئەپەندى ئادەتتە يالاڭ ئاياغ يۈرىدىكەن. بۇ جەھەتتىن يەكەنلىكلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.شۇ چاغلاردىمۇ قۇم كۆپ بولغاچقا يەكەنلىكلەر ئاياغ كىيمەي يالاڭ ئاياغ يۈرەتتىكەن. ئىككىنچىدىن،نەسىردىن  ئەپەندىمنىڭ ئۆشنىسىگە سېلىۋالغان ئالدى-كەينىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان خورجۇنى يەكەنلىكلەرنىڭكىگە بەك ئوخشايدىكەن.ئۈچىنچىدىن ، نەسىردىن  ئەپەندىم ئادەتتە دائىم ئۇزۇن يەكتەك كىيىپ يۈرىدىكەن. يەكتەك ئىسلام دىنىدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ خاس يېپىنچىسى بولۇپ ، يەكەن دەل ئىسلام دىنىدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ مەركىزى بولغانكەن.تۆتىنچىدىن،نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ئېشىكىنىڭ جۇغى  چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس،كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان كېلىشكەن ئېشەك بولۇپ، بۇنداق ئېشەك يەكەندىن باشقا يۇرىتلاردا ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدىكەن.ھەتتا قوشنا ناھىيە بولغان يوپۇرغىدىمۇ بۇنداق ئېشەكلەر يوقكەن.يەنە كېلىپ يوپۇرغىنىڭ ئېشەكلىرىنىڭ ھەممىسى چوڭ ئېشەكلەركەن.بەشىنچىدىن،نەسىردىن ئەپەندىم بارغانلىكى يېرىدە بادام ۋە ياڭاق يەيدىكەن.يەكەننىڭ بادام ئۆستۈرۈش تارىخى مىڭ يىلدىن ئاشىدىكەن.بۈگۈنگە قەدەر يەكەنلا شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ بادام ئىشلەپچىقىرىش ناھىيىسى ھېساپلىنىدىكەن. ئالتىنچىدىن ، نەسىردىن ئەپەندىم بىر ھەققانىيەتچى ئادەم بولۇپ، سەئىدىيە خانلىقى بەك چىرىك بولغاچقا نەسىردىن ئەپەندىم ئۆزىگە خاس بولغان لەتىپە ئېيتىش ماھارىتى بىلەن ئاچكۆز باي-غوجاملارنى قامچىلىغانكەن.يەكەن دەل سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەركىزى بولغانكەن.يەتتىنىچىدىن ، نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ دوپپىسى يەكەنچە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، بۇنداق بادام دوپپىلارنى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىدىكىلەر كۆپ كىيەتتىكەن.سەككىزىنچىدىن، نەسىردىن ئەپەندىم دائىم بالىلارغا بادام تارقىتىپ بېرىدىكەن.بۇمۇ يەكەننىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە يېقىنكەن.توققۇزىنچىدىن، يەكەنلىكلەر ناھايتى غۇرۇرلۇق خەلقكەن. يەكەنلىكلەر تارىختىن بۇيان شۇنداق بولۇپ،بۇ خارەكتىر نەسىردىن ئەپەندىمدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانكەن.ئونىنچىدىن،شاڭخەي كارتون فىلىم سىتودىيىسى ئىلگىرى ئىشلىگەن « نەسىردىن ئەپەندىم ھەققىدە ھېكايە»دە مۇنداق ۋەقەلىك بار : خان ۋەزىر-ۋۇزرالىرى بىلەن سىرىتقا ھاراق ئىچكىلى چىقىپ، مەس-ئەلەس ھالەتتە قايتىپ كېلىدۇ.بىر ۋەزىر بەك مەسىت بولۇپ كەتكەچكە ئوردا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا ئۇخلاپ قالىدۇ. نەسىردىن ئەپەندىم نامراتلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خان بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ، ئېشەكلىك يېتىپ كېلىدۇ.ئەمما، قاراۋۇللار ئۇنى ئوردا دەرۋازىسىدىن كىرگۈزمەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن نەسىردىن ئەپەندىم ئۇخلاپ ياتقان ۋەزىرنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىمنى سالدۇرىۋېلىپ، ئۆزى كىيىپ، مەسنى دوراپ دەلدەڭشىگىنىچە ئوردىغا كىرىپ كېلىدۇ.مانا شۇ ئوردا دەل سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئوردىسىى ئىكەن.

   ئەشۇ 10 خىل سەۋەپنى كۆرسەتكەن  ئەھەت ھاكىم تولىمۇ خۇش كەيىپ كۆرۈنەتتى.سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ پەخىرلىنىش ھېس قىلاتتى.ئۇنىڭ قويۇق ئۇيغۇرچە تەلەپپوز ئارىلاشقان خەنزۇچە سۆزلىرى تولىمۇ ئۇرغۇلۇق بولۇپ، كىشىگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بەخىش ئېتەتتى.

   مېنىڭچە، ئەھەت ھاكىم كۆرسەتكەن سەۋەبلەرنىڭ راسىت-يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشنىڭ ئورنى يوق ئىدى.ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەقتىمۇ نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولغان.نەسىردىن ئىسىملىك بىر تۈركىيەلىك  نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ئەسلى پىروتىتىپى قىلىپ بېكىتىلگەندە بۇنىڭغىمۇ كۆپ تەرەپلىمە دەلىللەشلەر ئېلىپ بېرىلغانىدى.بەلكىم ئەشۇ دەلىللەرنى يەكەنگە كۆچۈرۈپ كەلسە تېخىمۇ ئەينەن پاكىتلار يورۇتۇلىشى مۇمكىندۇ . نېمىشقىكىن مەن ئەشۇنداق داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئەپسانىلىرىنى دەللىللەشكە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن.بۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ تار مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ داڭلىق شەخىسلەرنىڭ نام-مەنپەتىنى تالاشقىلى بولمىغىنىدىن بولسا كېرەك.ۋەھالەنكى، ئەھەت ھاكىم بۇ ئىشتا سوغۇققان بولماي ھاياجاندىن شۇنداق دەپ سالغان بولسا كېرەك، يا بولمايدۇ مېنى ئىشەنسۇن، دەپ شۇنداق دېگەندۇ.مەيلى نېمىلا دېمەيلى نەسىردىن ئەپەندىم ھەممە كىشىنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان شەخىس.

   نەسىردىن ئەپەندىمدىن ئىبارەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالىغان بۇ شەخىسنى ھەقىقەتەنمۇ «ئەركەك» دېمەي بولمايدۇ.بۇ ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ئىش ھېساپلىنىدۇ.ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن پەخىرلەنگەندەك بىزمۇ ئۇنىڭدىن زوق ئالىمىز، ئىپتىخارلىنىمىز،ئەلبەتتە.

   نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ھېكايىلىرى دەرۋەقە ئىنتايىن ئۆزگىچە رەڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، كىشىنىڭ مەيلىنى تارتىدۇ.

   ئەمەلىيەتتە، مەن نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ رىۋايەتتىكى شەخىس ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.ئۇنىڭ ھەق-ناھەقنى ئايرىشقا ماھىرلىقى، لەتىپە-چاخ-چاقلارغا ئۇستىلىقى ، ئۇنىڭ مەرىدۇ-مەردانە ۋە ئوچۇق-يورۇقلۇقى، پەم-پاراسەت ۋە ئىستىداتقا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئارزۇسىدىنلا ئىبارەت خالاس.مېنىڭچە، نەسىردىن ئەپەندىم كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرىدۇر.نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان نەسىردىن ئەپەندىم ھەققىدىكى لەتىپىلەر ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، تېخىمۇ مول ۋە رەڭدارلىشىپ، تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە.

   شۇڭا،نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ يۇرتىنى ئىزدەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.بىراۋ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشسە ئۇنىڭ ئەزەلدىنلا ھېچكىم نەزەر كۆزىنى سالمايدىغان خىلۋەتتىكى سۈكۈتكە پاتقان يۇرتىنىڭ شۇ ھامانلا داڭقى چىقىپ كېتىدىكەن. مەن بۇنى بۇلغانغان دۇنيادىكى بىر ئەخلەت، دەپلا قارايمەن.

   نەسىردىن ئەپەندىم ئەل ئىچىدە تارقىلىپ كەلگەن رىۋايەتتىكى تىپ،ئۇنى قانداقتۇر مەلۇم بىر قوۋىمگە تەۋە قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.ئۇنى خەلق ئاممىسى ئورتاق ياراتقان.

    راستىنى ئېيىتسام، مەن نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ يۇرتى ئۇنىڭ لەتىپىلىرىنى ئېيتىۋاتقان، ئۇنىڭغا تەلپۈنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە، دەپلا قارايمەن، خالاس.

مەنبەسى :
http://blog.sina.com.cn/s/blog_5f5cdf5c01015kez.html?tj=1

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-24 06:05 AM  


يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4860
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 12:50:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  نەسىردىن  ئەپەندى  ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلىدە  ئۇيغۇر ، تۈركنىڭ  قەلبىدە تۈرك ، قازاقنىڭ قەلبىدە  قازاق ،ھەتتا  بۇنىڭدىن كىيىن خەنزۇلارنىڭ قەلبىدە خەنزۇچە ئافەنتى ..... مىللىتىنى  ئېنىقلاش ئارتۇقچە ، ئىشقىلىپ مېنىڭ  قەلبىمدە ماڭا دائىم ئىش قىلغاندا ئادىل باراۋەر بول دەپ تەربىيە بىرىپ تۇرىدىغان  ئۇيغۇر خوجا نەسىردىن دىن  بىرسى بار شۇ يىتەرلىك  ، تۈرك قازاق  قىرغىز  ياكى ئاخەنتى نەسىردىن  ئەمەس  .....



ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80765
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4728
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 12:51:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تالاشمىغان مۇشۇ قالغان ئىدى بۇ خەقنىڭ ، نەۋايىنى ئۆزبەك دەپ بېقىشتى ، مەھمۇد قەشقەرىنى قازاق دەپ توۋلاپ بېقىشتى ، ئەمدى نۆۋەت ئەپەندىگە كەپتۇ -دە .
مىنىڭ بىلىشىمچە نەسىرىدىن ئەپەندى تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئورتاق قەھرىمانى ، بۇ ھەقتە تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنجى يىللىقىدا ئوقۇغان «نەسىرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى توغرىسىدا »دىگەن مۇھاكىمە ماقالىنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىمەن .

قىياس ئۇچۇر تورىغا مەرھەممەت!! www.qiyas.cn  99780397  چ چ توپ نۇمۇرى

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32890
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12085 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 01:00:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹سەئىدىيە خانلىقى بەك چىرىك بولغاچقا›› .....ئۇيغۇر تارىخغا ئۆچمەس مەدەنىيەت ئىزنالىرنى قالدۇرغان نەتتچە يۇزيىللىق سەئىدىيە خانلىقىنى ،چىرىك خاندانلىق دىسەك قانداق بولدۇ ؟ چىرىكلىك بولسىمۇ پۇتۇن خاندانلىققا ۋەكىلىك قىللالماس....

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 756
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 01:05:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگىشمەن،گەپ قىلمايمەن.

ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86756
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 633
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 01:05:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ سىزگە ئوخشاش قاراشتا. ئۇ كىشىنىڭ يۇرتى ئۇنىڭ تۈرلۈك لەتىپە-چاقچاقلىرىدىن ھۇزۇر لىنىۋاتقان خەلىقنىڭ قەلبى  بولسا كېرەك.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 01:15:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىر ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.<<ئۇيغۇر كۈلكە چولپانلىرى>>ناملىق كىتاپتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلىپتۇ. ئۇزۇن مەزمۇن بولغاچقا بۇ ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ:http://www.uyghar.com/bbs/forum. ... &extra=#pid1209

مەنىۋى تەرەققيياتنىڭ ئۈچ شېخى:ئىلىم-پەن،پەلسەپە،دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 01:22:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baywetqe يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 01:15 AM
بوزقىر ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.ناملىق كىتاپتا بۇ ھە ...

بايۋەتچە، سىز دگەن ئۇلىنىشتا « نەسىردىن ئەپەندى تەخمىنەن 1208 -يىلى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاناتولىيە ئۆلكىسى كونيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقشەھىرىدىكى سەرۋىھسار قەلەسىنىڭ خورتۇ يېزىسدا تۇغۇلغان » ديىلىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7001
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10547 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 01:25:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يوپۇرغۇلۇق ئەمەس، لىكىن «يوپۇرغا ئېشەك يۇرتى» دىسە بەك ئاچچىقىم كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51022
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9846 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 01:33:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىڭ 2000-يىلدىكى بىر سانىغا ھېسام قۇربان ئاكىنىڭ 70ياشقا تولغان خاتىرە كۈنىگە ئەسلىمە قالدۇرۇپ،ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىرىك نەسىردىن ئەپەندىسى دەپ ئېپتىكەن.
نەسىردىن ئەپەندى دېگەن ئاتالغۇ مەنچە بىر تىپ بولۇپ،ئۇ ھەر قايسى مىللەتلەردىكى چاقچاقچى،ئەل ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان،يۇرتقا باش بولۇپ خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى نەسىردىن ئەپەندى دەپ ئويلايمەن.
تارىخىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن سەلەي چاققان،موللا زەيدىن،ھازىرقى زاماندىكى ھېسام قۇربانلار نەسىردىن ئەپەندىلەرنىڭ ئوبرازى دەپ قارايمەن.ئۇ يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان سۆز بولماستىن،بەلكى،پۈتكۈل تۈركىي قەۋملەر ئورتاق تۇنۇشقا كېلەلەيدىغان بىر ياخشى تىپتۇر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش