مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mvhtabar

كۆڭلى كۆكسىڭىز قانچىلىك كەڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3994
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5227 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 03:01:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kapsizparixta يوللىغان ۋاقتى  2012-12-22 02:54 PM
مېنىڭغۇ دېڭىزدەك كەڭ ....

مىنىڭكى تىنىچ ئوكياندەك كەڭ . ھې ھې ھې ...

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 03:10:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل ئەخلاق دىگەن  مانا مۇشۇ،،،،قىسقىسى،پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەممە خىسلەتلىرىنى ئۆزىمىز گە تۇلۇق تەتبىقلىساق،بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ھېچقانداق كۆڭۈلسىزلىك بولمايدۇ.....

ئاشىق كۈيى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1693
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11901
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 669 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 03:32:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ 48 سانتا چىقامدىكىن

بىر ساڭىلا كۈيىدۇ يۈرەك،
خۇددى تىنىم ئوتتا كۆيگەندەك.
بىر جــىنـىـمـغـا بـىـرلا يار كــېــرەك،
يار تۇتـمايـمـەن سـىـنـىـڭـدىن بــۆلــەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77869
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 03:56:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2012-12-22 02:50 PM
ئاللاھ  رەھمەت   قىلسۇن ...
باشقىلار   بىزگە    يامانلىق   ...

ئىنشائاللا، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلساق ياخشى قۇلىمىزدىن كىلىشىچە، لىكىن دۇشمەنلىك نىيتىدە كىشىگە قارا سانىسا قاراپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى......ياخشى ئەمەس...مىنىڭچە چۇشەندىڭىز دەپ ئويلايمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sargarda + 10 چۈشەندىم

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئاللاھ مىنى ئىنسان ~ مۇسۇلمان ~ ئۇيغۇر ~ قىز  قىلىپ ياراتتى، مانا بۇ بەخىت ئىچىدىكى بەخىت بولماي نىمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4099
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17428
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1474 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 04:44:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارغا ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىز مۇناسىۋەتتە ئۇتالايسىز



كىشىلەرگە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ
   كىشىلىك مۇناسىۋەتتە زىددىيەتنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك مۇرەككەپ ئىدىيىۋى ھالەت ئۆز ئارا چىرمىشىپ، مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ئادەتتە بىز ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىمىز: بىرى «رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىدۇ»، ئۆز ئارا ئىچى تارلىق قىلىپ، ئاداۋەت تۇتۇش؛ يەنە بىر خىل ئۇسۇل، ئۇچرىشىپ قالغاندا بىر كۈلكە بىلەن ئاداۋەتنى ئۇنتۇپ كېتىش.
   شۈبھىسىزكى، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلغاندا كېيىنكى مۇئامىلىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
   كونىلاردا «چۆمۈچمۇ قازانغا تېگىپ تۇرىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. كۆپچىلىك بىللە ئۆگىنىمىز، بىللە خىزمەت قىلىمىز. دەرۋەقە، خىزمەتداشلار بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ۋاقتىمىز ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقىتتىن كۆپ، شۇڭا ئۇقۇشماسلىق ۋە زىددىيەتتىن خالىي بولالمايمىز. بۇنداق ئەھۋالدا كۆپ ساندىكىلەر كۆڭلىدە غۇم ساقلايدۇ، ئازارلىشىدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆپچىلىك يەنىلا دائىم بىللە ئىشلەيدىغان گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا نىسبەتەن ئېھتىياتچان بولسىڭىز، ئۆز ئارا ھېسسىياتقا ھەم خىزمەتكە تەسىر يەتمەيدۇ. زىددىيەتنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا كۆڭلى-كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ. ئۈنۈملۈك ئالاقە قىلىپ، چۈشىنىشنى كۆپەيتىڭ. بۇنداق بولغاندا ئۇقۇشماسلىقنى ئازايتقىلى، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ
   كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلغاندا باشقىلارغا شەپقەتسىزلىك قىلىشقا، ئىچى تارلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. باشقىلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا كۆز قىزارتىپ، ھەسەت قىلماڭ، باشقىلار مەسىلىگە يولۇققاندا، ئۇنىڭ بەختسىزلىكىگە خۇشال بولماڭ، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلماڭ. ئۇلارنى پۇتلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
   باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلغاندا، يېقىشلىق بولسىڭىز ئۇلار بىلەن چىقىشقىلى بولىدۇ. كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلسىڭىز، ئۇلارنى ئاسرىسىڭىز، ھۆرمەت قىلسىڭىز خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىز. ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ كەمتەر، ئەدەبلىك تەرىپىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىز، ئۇلار سىز بىلەن دوست بولۇشنى خالايدۇ. سىزگە ياردەم قىلىدۇ، سىزنى قوللايدۇ ھەم چۈشىنىدۇ. چۈنكى ئادەملەر بىلەن بىللە ياشىغاندا «دۈشمەنلىك» بىلەن ئەمەس، ئادەمگەرچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
مۇناسىۋەتتە ئۇتاي دېسىڭىز، ئوخشىمىغان ئادەملەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
   ئادەم ئۆمرىدە قانچىلىك ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە تۈرلۈك ئۇچۇرلارنىڭ ئالمىشىشى ۋە تارقىلىشى كۆپىيىپ، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيىتىمۇ كۆپەيدى. خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك، ھەر بىرىمىزنىڭ ئوخشىمىغان كەسىپتىكىلەر، ئوخشىمىغان تەپەككۇردىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىمىز. بۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئوخشىمىغان خاراكتېردىكىلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي.
   ئۇنداقتا، بىز ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى ئادەملەر بىلەن قانداق باردى-كەلدى قىلىمىز؟ شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، باشقىلارنىڭ خاراكتېرى ئۆزىمىز بىلەن ئوخشىمىغانىكەن، كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلە قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆزىمىز بىلەن ئوخشىماسلىقى تەبىئىي. بىز باشقىلارنىڭ ئۆزىمىز بىلەن ئوخشىمايدىغان يەرلىرىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن، بۇ يېرىنى كۆزىمىزگە سىغدۇرماي، ئۇ يېرىنى ياقتۇرماي يۈرمەسلىكىمىز، ئۇلارغا ئۆچلۈك قىلىپ كەمسىتىدىغان ئىشلارنى تېخىمۇ قىلماسلىقىمىز لازىم. شۇڭا بۇ پەرقنى ئېتىراپ قىلىڭ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتسىڭىز، ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى ئادەملەرنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۇلارنى ئۆزىڭىز بىلەن ئوخشاش بولۇشقا مەجبۇرلىمايدىغان بولىسىز. شۇنداق بولغاندا، ئۆز ئارا خاراكتېر پەرقىگە كۆنگىلى بولىدۇ.
كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئۇستا بولۇڭ
   سىز دوست تاللاپ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرمەكچى بولغىنىڭىزدا، چىقىشقاق ئادەملەرنى تاللاڭ. بۇنداق ئادەم بىلەن قانچە يېقىن ئۆتسىڭىز شۇنچە ياخشى. چۈنكى «يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقىدۇ». شۇڭا ياخشى ئادەملەر بىلەن دوست بولۇڭ. ئىككىنچىدىن، چىقىشقاق ئادەملەرنىڭ دوستلىرى چوقۇم ئاز ئەمەس، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ سىزنىڭ دوستىڭىز بولۇپ قالىدۇ. بۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىڭىزنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇشىڭىز ۋە كېڭەيتىشىڭىزدە ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ.




http://www.huxhawar.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=190

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4099
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17428
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1474 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 04:51:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار


بىز كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەرخىل مىجەز- خاراكتېردىكى كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، بەزىلىرى بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە بولىمىز. بەزىلىرى بىلەن خىلى ئۇزۇن مەزگىل بىرگە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، يەنە بەزىلىرى بىرەر ۋاخ تاماق يېيىشكە ۋە دەرياغا بويىغا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىشقىلىپ ئۆزىمىز خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان كىشىلەر بىلەن ھەر خىل يوسۇندىكى مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ قالىمىز. مەيلى كىشىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن ۋە ياكى ئۆگىنىش خىزمەتلەردە بولسۇن، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھە دېسىلا، ئېغزى ئىتتىكلىك قىلىپ، باشقىلارغا پاراكەندىچىلىك سالغاندا، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرىمۇ ياخشى بولمايدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلارغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:
1. ئۆزىڭىزنىڭ يولىدا مېڭىڭ. باشقىلارنىڭ ئىشىغا ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىپ كەتمەڭ.
ئەگەر سىز ھەسەتخور ئادام بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا توغرا كەلسە، ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ھەمكارلىشىپ، مەلۇم پىلاننى ئورۇنلىماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا ئالاھىدە ئۇسۇللار بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرمەڭ. چۈنكى ھەسەتخورلۇق پسىخىكىسىدىكى كىشىلەر ئادەتتە ناھايىتى گۇمانخور كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ سىزنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىڭىزدىن گۇمانلىنىپلا يۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز ھەسەتخور كىشىلەرگە يولۇققاندا ئۇلارغا خۇددى ئاددىي كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىڭ. خۇددى ئەقلىيە سۆز << ئەيىب كۆرۈلگەننى ئەيىبلىمىسەڭ، ئۆزىنى مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ>> دە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، سىز ھەسەتخور كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ھامان پەرۋاسىزلىق بىلەن قارىسىڭىز، ئۇلار بىلەن ئارىڭىزدا ئوقۇشماسلىق بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. ئەگەر ئارىدا ئېغىز ئېچىپ، بەزى ئۆزىڭىزنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، سىز لايىقىدا پىكىر بەرسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق ئىشلاردا سىز <<مەيلىگە قويۇۋېتىپ ئىدارە قىلىش>> تاكتىكىسىنى قوللانسىڭىز بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ خىلدىكى كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا، يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ مۇقامىنى توۋلاپ مېڭىۋەرگىنىڭىز تۈزۈك، شۇنداق بولغاندا، سىز قارشى تەرەپكە ياخشى تەسىر بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ خىلدىكى كىشىلەر بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتالايسىز. كىشىلەر ھامان سىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىڭىزدىن ۋە ئەپۇچانلىقىڭىزدىن سۆيۈنىدۇ.
2. ئارىدىكى بەزى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مۇرەسسە قىلسىڭىز ۋە باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
شۇنداق، بىلىملىك، تەربىيە كۆرگەن، ئىشى ئۇقىدىغان كىشىلەر ئارىدا مەلۇم نىزا ياكى ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەندە، چاپىنىنى تەتۈر كىيىپ، ھەممىنى بىر پەشۋا ئارقىلىقلا يوقىتىشىنى ئويلىمايدۇ. ئۇلار ھامان ئىشىنىڭ باشلىنىشى، جەريانى، ۋە نەتىجىسى توغرىسىدا ياخشى ئويلىشىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپكە كېلىدىغان پايدا-زىيان مەسىلىگە نىسبەتەن كاللىدا ئېنىق بىر سان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار ھەرقانداق ئىش يۈز بەرسىمۇ، ئالدىراپ كەتمەيدۇ ۋە قارشى تەرەپ بىلەن تەپسىلىي پاراڭلىشىشىنى، مۇرەسسەلىشىشنى، ۋاقتى كەلسە بىر قەدەم چېكىنىپ تۇرۇپ، يول قۇيۇشنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى بېجىرىش ئۈچۈن، كاللا تىنچ بولمىسا بولمايدۇ. ھە دېسىلا ئۇرۇش-تالاشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان ئادەمنىڭ چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىشى ناتايىن. شۇڭلاشقا، سىز ئالدىراقسان، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان، ئاتالمىش <<پىچىقى ئىتتىك>> كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتتە، بولغاندا تېخىمۇ سەزگۈر ۋە ئېھتىياتچان بولۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. سىز ھامان تەمكىن تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئىشىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز، قارشى تەرەپ قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ، ئاڭلاپ بېقىشى مۇمكىن، سىز مۇشۇ پۇرسەتتىن، پايدىلىنىپ، ئىشلارنى ئامال بار تىنچ، ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولغان يوسۇندا بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
3. باشقىلارنى قايىل قىسلىشقا تېرىشىڭ ۋە ئۇلارغا رىغبەت بېرىڭ.
مەيلى نېمە ئىش بولمىسۇن، ئارىدا مەلۇم ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەندە قارشى تەرەپكە چۈشەندۈرۈش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. ئەگەر سىز ئىشىنى كەينىگە تارتىپ، چۈشەندۈرۈشنى راۋا كۆرمىسىڭىز، بۇ ئىشلار ناھايىتى تېزلىكتە زورىيىپ كېتىدۇ-دە، كىچىككىنە ئۇقۇشماسلىق ئاخىرىدا چوڭىيىپ، زىددىيەتكە ئايلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئارىدا بىرەر ئىش يۈز بەرسە، سىزنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن مۇۋاپىق پەيتنى توغرىلاپ، قارشى تەرەپكە چۈشەندۈرۈش بەرگىنىڭىز ياخشى. باشقىلارغا چۈشەندۈرگەندە، ئامال بار ئىشلارنىڭ سەۋەبى ۋە بەزى ئەگەشمە ئىشلارنى، ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ. ئامما ئىشلارغا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى تىلغا ئېلىپ، مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويسىڭىز، سىزنىڭ  بۇرۇن دېگەن گەپلىرىڭىز باشقىلارنى قايىل قىلالمايدۇ، ۋە ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىق تېخىمۇ زورىيىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، مۇۋاپىق گەپ قىلىشىڭىز، ئىشلار كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولغاندا، ۋە قارشى تەرەپ مەلۇم نەتىجە قازانغاندا ماختاپ قويسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە بولغان پايدىسى ھەقىقەتەن زور.
4. كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئەڭ ئۈنۈملۈك پرىنسىپ شۇكى، باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ.
سىزنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ئەلۋەتتە، ئۇلار ھەرقايسى قاتلاملارغا مەنسۇپ. مەيلى قانداق كىشىلەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز ئۇلارغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىز، ھامان ئۇلارنىڭ قەلب تۆرىگە ئېرىشەلەيسىز. ئۇ ھالدا سىز راستىنىلا يولۋاس ئۇۋىسىغا كىرىپ، ساق-سالامەت يېنىپ چىققان <<پالۋان>>غا ئوخشايسىز.
بۇ ھەقتە سىتانفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى روجا مۇنداق دەيدۇ:
* سىز قانچە ئىقتىدارلىق بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىز جەزمەن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشىڭىز ھەمدە تەكەببۇرلۇقتىن يىراق تۇرۇشىڭىز كېرەك. بولۇپمۇ ئۆزىڭىز بىر ئايرىم دۇنيا بولۇۋالماسلىقىڭىز كېرەك. چۈنكى سىز ئىشخانىدا بىر ئىككى سىرداش دوستقا موھتاج بولسىڭىز، ئۇلار بىلەن بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە پاراڭلىشىش. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بەلكى كىشىلىك پەزىلىتىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلەشتۈر.
* ئەگەر سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولاي دېسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. مەيلى نېمە ئىشى يۈز بەرمىسۇن، تەمتىرىمەي، ھودۇقماي ناھايىتى ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىڭىز كېرەك. ھەرقانداق قېيىن مەسىلىلەرگە كەڭ قورساقلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن يۈزلىنىشىڭىز كېرەك.
* ئەلۋەتتە، سىنىپتا ياكى ئىشخانىدا سىزنىڭ پىكرىڭىزگە تەتۈر مۇقام توۋلايدىغانلار چىقىشى تەبىئىي، بۇلارنى كۆڭلىڭىزدە ساقلاپ، ئاھ-پاھ دەپ، ئازابلىنىپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بۇ نورمال ھەم تەبىئىي ئەھۋال. ئەگەر خىزمەت جەھەتتىكى تەجرىبىڭىزنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسىڭىز، كۈچلۈكلەرنى ئۇستاز تۇتسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ئىلىم ساھەسىدىكى كۈچلۈك كىشىلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا بىر قىسىم مېھنەتسىز پەرۋانىلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىدىن باشقا يەنە، ئۆزىڭىز لايىق دەپ قارىغان بەزى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بۇلارنى سىناش داۋامىدا ئۆزىنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.
* ئەگەر سىز ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ۋە ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، خىزمەتداشلىرىڭىز ۋە سەپداشلىرىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە يەتسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ يەڭگىللىك ھېس قىلغاندىن سىرت، ھايات مۇساپىڭىزدە سىز ماڭىدىغان يەنە بىر كۆۋرۈك كۆپىيىدۇ.




http://web.almizar.com/edebiyat/korush/26.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 04:55:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەڭ قۇرساق ئادەملەرنىڭ گۇناھى ئاز بۇلدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88781
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-12-19
ئاخىرقى: 2013-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 06:27:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەڭ قۇساق  دىسىلا  بۇلامدۇ
ئۈزىمىز بىلىمىز ھە باللا
توۋا ؟
ئىچى تارلادىن يوقكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61411
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3164
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 08:46:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە ئەھۋاللاردا كەڭ قورساقلىق  شۇ ئادەمنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى ۋە ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ !!  كەڭ قورساق ئادەم باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئېسىل باھالىرغا مۇيەسسەر بوللايدۇ !!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75315
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 848 سائەت
تىزىم: 2012-2-10
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 08:48:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىتاپنى مۇلاھىزىسىز ئوقۇش .يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلمىغان بىلەن باراۋەر   .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش