كۆڭلى كۆكسىڭىز قانچىلىك كەڭ
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز دائىم باشقىلارنىڭ <ئىچىڭ ئەجەپمۇ تار ئىكەن> دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز . بىزمۇ بەلكىم بەزى چاغلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ قالىمىز ، ئۇنداقتا قانداق بولسا ئادەمنىڭ ئىچى كەڭ، قانداق بولسا ئىچى تار بولىدۇ؟ يا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئۆلچىگۈچ بىلەن ئۆلچىگىلى بولمىسا؟!!!.
راست ، ئادەمنىڭ ئىچىنىڭ كەڭ-تارلىقى ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ سىمىز-ئورۇقلۇقىغا ئەمەس ، بەلكى كۆڭلى-كۆكسىنىڭ كەڭلىكىگە قارىتىلغان. بەزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلى-كۆكسى شۇنداق كەڭ ئىدىكى ، ھەتتا پايانسىز دىڭىز-ئوكيانلارنىمۇ سىغدۇرالايدۇ. يەنە بەزىلىرى باركى ھەتتا تىرىقنىڭ قاسىرىقىنىمۇ سىغدۇرالمايدۇ. كونىلاردا <ئەدەپ-ئەخلاق، كەڭ-قورساقلىق ياخشى خىسلەت. ئۇنداق كىشىلەرنىڭ دۆلىتى زىيادە بولىدۇ، تۇرمۇشى خوشال-خۇراملىق ئىلكىدە ئۆتىدۇ>دىگەنىكەن.
باشقىلارنىڭ ئۆتكۈزگەن كىچىككىنە خاتالىقىنىمۇ كەچۈرەلمەي ئۇنىڭغا كايىپ يۈرگەن كىشىلەر شۇنداق بىچارە ئىدىكى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا زەرىچىلىك خوشاللىق تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇلار پۇرسەت تاپسا باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈشنى ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىشنى ئويلايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ دۇستىدىن دۈشمىنى كۆپ، خوشاللىقىدىن خاپىلىقى كۆپ بولىدۇ.
يەنە بەزى كىشىلەر باركى، شۇنداق ئالىيجاناپ، كەڭ-قورساق،ئىسىل-پەزىلەتلىك بولۇپ، يامانلىق ئورنىغا ياخشىلىق قايتۇرىدۇ. ھەر دائىم باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى، بىر ئاز بولسىمۇ خوشاللىق ئاتا قىلىشنى ئويلايدۇ.شۇڭا بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىناۋىتى يۇقىرى، دۇستلىرى كۆپ بولىدۇ.
مەيلى مەكتەپ تەربىيىسىدە بولسۇن ياكى ئائىلە تەربىيىسىدە بولسۇن بىزگە كەڭ-قورساقلىق،سەمىميلىك توغرىسىدا ئىزچىل تەربىيە بىرىپ بىزنى ياخشى ئىسىل-پەزىلەتلىك كىشى بولۇشقا يىتەكلەپ كەلگەن. كەڭ-قورساقلىق -ئۇ ئىسىل-پەزىلەت،ئۇ ئالىيجاناپلىق. بىز ئۇيغۇرلارمۇ سەمىمىيلىك، كەڭ-قورساقلىق، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە شەرمى-ھايانى ئائىلە تەربىيىسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ كەلگەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇڭا بىز ئۆزىمىزگە ئۆزگىلەردىن كەڭ-قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۈمىد قىلساق ، بىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم.
ۋۇجۇدىدا كەڭ-قورساقلىق، سەمىمىيلىك يوقالغان مىللەت زاۋاللىققا يۈز تۇتقان مىللەتتۇر. چۈنكى بۇنداق مىللەتنىڭ ئىچىدە پىتنە-پاسات تۈگىمەيدۇ،ئۇرۇش-جىدەل ئاۋۇيدۇ. قۇۋم-قىرىنداشلار ئارىسىدىن بۆلۈنۈش يۈز بىرىپ ئاخىرى زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ، كەڭ-قورساقلىق بولمىغان يەردە ئۆز-ئارا ئىشەنچ ۋە بىرلىك بولمايدۇ.
ئىلگىرى بىر دۇستۇم بولۇپ ، ناھايىتى جانجىگەر ئىدۇق . بىزنىڭ ئىناقلىقىمىزغا ھەممە ھەۋەس قىلاتتى، بىزمۇ بىر -بىرىمىزدىن پەخرلىنىپ ئۆتەتتۇق. ئەمما ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن بىزنىڭ دۇستلۇق رىشتىمىزگە دەز كەتتى، تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىغا بىزنىڭ 10 يىللىق دۇستلۇق رىشتىمىز بەرداشلىق بىرەلمىدى. ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا دۇستلۇقىمىز بۇزۇلدى،مۇناسىۋىتىمىز ئاخرلاشتى. سەۋەپ پەقەت ئەرزىمەس پاراڭ-گەپ سۆزلەر ئىدى. شۇ چاغدا ئۆزىمىزنى بىسۋىلىپ بىر-بىرىمىزگە كەڭ-قۇرساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولساق،ئازىراق ۋاقىت بەرگەن بولساق بەلكىم بۇ ھالغا چۈشۈپ قالماس بولغۇيتۇق. قاراڭ، بۇ ئاددى مىسالغا . ئۆزىمىز دۇست دەپ قارىغان كىشىگە ئىشىنەلمىسەك، دۇستىمىزنىڭ خوشاللىقنى كۆرەلمىسەك، خاتالىقىنى قوبۇل قىلالمىساق، ئۇنىڭغا نېمە دىگۈلۈك.
قىسقىسى ئادەم ھاياتلىقتا خىلمۇ-خىل ئىشلار ۋ ئادەملەرگە يولۇقۇپ تۇرىدۇ . سىزمۇ بۇ قىسقىغىنە ھاياتىڭىزنى خوشاللىق ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزىمەن دەيدىكەنسىز كۆڭلى-كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ،ئۆزگىلەرنىڭ خوشاللىقى بەختى ئۈچۈن كۈلۈڭ. چۈنكى كەڭ-قورساقلىق ئۇ بىر جۇلالىنىپ تۇرغان ئەڭگۈشتەر، ئادەم قانچە كەڭ - قورساق بولسا ، ئۇنىڭ ئىچىگە پۈتكۈل ئالەم سىغىدۇ. خۇددى < ئالمىدەك يۈرەكتە ، ئالەمچە سۆيگۈ > گە ئوخشاش . باشقىلارنىڭ ئىچى تارلىقىدىن ،كۆرەلمەسلىكىدىن زارلىنىپ قايغۇرۇپ يۈرمەڭ . چۈنكى < سۈت بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقىدۇ> ئەمەسمۇ . ئۇنداقلارغا پەقەتلا كۈلۈپ قويۇڭ، بەلكىم كۈلكىڭىز ئۇلارغا روھىي ئوزۇق بولىشى مۇمكىن .
باشقىلارنىڭ سىزگە قىلغان كىچىككىنە يامانلىقى ياكى ئۇقوشماسلىقىدىن چىققان ئاداۋەتكە ئۇنى ئىچى تارغا چىقارماڭ. نېمىشقا دىسىڭىز ، شۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن ئۆزىڭىزنى شۇ كىشىنىڭ ئورنىغا قويۇپ بىقىڭ، سىز زادى قانداق ئويلايدىكەنسىز؟ سىزمۇ شۇ كىشىدەك قىلالامدىكەنسىز ياكى باشقىچىمۇ؟ شۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىچىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتەلەيسىز.
مەنبە : ئۆزۈم