ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 2012قىيامەت ئەپسانىسىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى دېگەن تېمام يوللىنىپ 5كۈن ئىچىدە 15مىڭ قېتىم كۆرۈلگەن، 500ئىنكاس چۈشكەن.
نامازنى تەرك ئېتىشنىڭ ھۆكۈمى ناملىق تىما بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇنى بىر مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ كەينىدىكى ئەقلىي يەكۈننى ئۆزۈڭلار چىقىرۋىلىڭلار.
ئەمدى ئاشۇ تېمامدىكى سىنغا كەلسەك، ئۇ بىر پىروگراممىدا ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى تاماشىبىنلارغا قارىتا قىلغان قىسقىغىنا چاقچاق سۆزى، پىروگرامما تولۇق مەزمۇنى تورغا تولۇق چىقىرىلماستىن، ئاشۇ قىسقىغىنا چاقچاق يوللىنىپ خېلى كۆپ مالىمانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
21-چىسلادىن قورقۇپ يۈرگەنلەر ھەقىقەتەن كۆپ، ئالدىنقى ھەپتە تېخى تۈرك تىلى كۇرسىدىكى بىر قىز ساۋاقدىشىم مۇئەللىم ۋە بالىلارنىڭ ئالدىدىلا 21-چىسلا راست قىيامەت بولىدىكەن، ئۇ كۈنى جۈمە كۈنىكەن دەپ سۆزلەپ يۈرىدۇ، بۇنىغۇ نادانلىق دەپ رەددىيە بەرسەك، كەينىدىنلا ‹مۇئەللىم، ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئەيسا ئەلەيھىسسالامغۇ؟› دەپ سوراپ يۈرىدۇ. بۇنى نېمە دەيمىز؟
بەزى تورداشلارنىڭ دېيىشىچە بەزى چوڭ كىشىلەر 21-چىسلا كۆپرەك شام تەييارلاڭلا، كۈن 3كۈن چىقمايدىكەن دېگەن گەپلەرنىمۇ قىپتۇ، ھەتتا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستاپا سالللاھ ئەلەيھى ۋەسسسەللەم قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن يەردە، بۇ كىشىلەر، مايالىقلار قانداق بىلسۇن؟
بەزى تورداشلارنىڭ دېگىنىدەك قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ بولدى، چوڭ ئالامەتلىرىدىن دەججالنىڭ چىقىشى، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرىشى، يەر يۈزىگە 50يىل خەلىپە بولىشى، يەجۈجى مەجۈجىلەرنىڭ چىقىشى دېگەنلەر تېخى كۆرۈلمىدى. بىراق قىيامەتنىڭ بولىشى ئېنىق، بۇنى ئاللا سۈبھاناتالادىن باشقا ھېچكىشى بىلمەيدۇ.
يەنە بەزى تورداشلار دەججال مەن چىقتىم دەپ ئوچۇق چىقمايدۇ دېگەندەك گەپنىمۇ قىلدى، يەنە بىر قىسىم قاراشلاردا دەججالنى بىر ئىدىيە، دارۋىن ئىدىيىسىنىڭ ئۆزى شۇ دەججال دېگەن قاراشلارمۇ بار، بىراق مۇھەممەد ساللالاھ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزگە دەججالنى بىر كۆزى پولتىيىپ چىققان، يەنە بىر كۆزىنىڭ ئورنى يوق، ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كافىر دەپ يېزىلغان بۈدۈر چاچلىق يېگىت دەپ تەسۋىرلىگەن، دەججال پىتنىسىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان. مانا ھازىر تارقىلىۋاتقاننىڭ ئۆزى دەل دەججالنىڭ پىتنىسى بولماي نېمە؟
بىز قىيامەتتىن قورقماسلىقىمىز لازىم، قورقۇشقا تىگىشلىكى دوزاخ ئازابى بولىشى كېرەك. شۇنى ئويلاڭلاركى ئاللا سۈبھاناتالا بىزگە تاپشۇرغان ئىشلارنى قىلدۇقمۇ؟ قىلما دېگەن ئىشلىرىدىن ئۆزىمىزنى تارتتۇقمۇ؟ پەيغەمبىرىمزىنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگەشتۇقمۇ؟ ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەلدە بول دېگەن گېپى بويىچە ئىش كۆردۈقمۇ؟ بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىگە بېرىلمەي ئۇ دۇنيادىكى سوئال سوراقلارغا ھازىر بولالىدۇقمۇ دېگەنلەرنى.
ئاللاھ بەندىلىرىدىن قىيامەت كۈنىگىچە مەغپىرىتىنى ئايىمايدۇ، ھەرۋاقىت تۆۋە قىلساق قوبۇل قىلىدۇ، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككى قولى ھېلىھەم بىز گۇناھكار بەندىلىرى ئۈچۈن دۇئادا. ئىشىنىڭلاركى قىيامەت مۆمىنلەر ئۈچۈن قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، دوزاخ ئازابى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق.
ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلسۇن، دەججال پىتنىسى ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىسۇن.