نامازنى تەرك ئىتىش ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
بۈيۇك ئىسلام دىنى ئاتا پەيغەمبەر ئىبراھىم ئەلەيھىسالامدىن باشلاپ،تۇگۇنچە پەيغەمبەر مۇھەمەد مۇستافا سەللالاھۇئەلەيھى ۋەساللەمگىچە بىر پۇتۇنلۇكنى ھاسىل قىلدى .ئىنسانلارنىڭ ئەزىزى ھىساپلانغان سۇيۇملۇك پەيغەمبىرىمىز بىز ئۇممەتلەر بۇيۇك ئىسلام دىنىنى ، مۇسىبەت خورلۇقلارغا باش ئەگمىگەن ئاساستا پۇتۇن دۇنياغا تارقاتتى . ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىسلام دىنى 5 پەرزنىڭ ئۇستىگە قۇرۇلغان . 1.تەۋھد كەلىمىسىگە چىن ئىخلاسى بىلەن ئىمان كەلتۇرۇش
. 2.ناماز ئوقۇش
3.زاكات بىرىش
4.روزا تۇتۇش
5.ھەج قىلىش (ئىقدىسادى قۇربىتى يەتكەن ئاساستا )
يۇقارقى 5 پەرز ئەمەل ،ئۆزىنى مۇسۇلمان سانىغان كىشى ئۇچۇن تاكى تىنىقى توختىغىچە ئەمەل قىلىپ ماڭىدىغان شەكسىز بۇيرۇقلاردۇر .ئاللاھتائالاھ بىز ئىنسانلارغا ھەرقانداق مەخلۇقاتلارغا بەرمىگەن نىئىمەتلەرنى ئاتا قىلدى .بىزنى ھەرقانداق مەخلۇقاتلاردىن ھۆر قىلدى .بىزگە ئەقىل-ئىدراك ، ھىس-تۇيغۇ، ھۆكۈم ۋە ھۆكۈمرانلىقنى مۇششەررەپ قىلدى .بىزنىڭ نۇرغۇن ئىمتىيازلىرىمىز بولغىنىدەك ،ئۆتەشكەتىگشلىك مەسئۇلىيەت مەجبۇريەتلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە .ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى نامازدۇر .بۇ ھەقتە ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ : {بەش نامازنى بولۇپمۇ ناماز دىگەرنى داۋاملاشتۇرۇڭلار ،سۇرە بەقەرە238-ئايەت ،}
ئاللاھتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ :{ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا ، ناماز ئوقۇسا ، زاكات بەرسە ئۇلارنى قويۇپ بىرىڭلار ،سۇرە تۆۋبە 5-ئايەتنىڭ بىرقىسمى } .
نامازنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەمەل-ئىبادەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشى ، ھىكىم ۋە ھىكمەت ئىگىسى
بولغان ئاللاھتائالاھنىڭ ئىنسانلارنى جەھەننەمنىڭ ئوتىدىن يىراق تۇرىىشغائاگاھلاندۇرۇش بىلەن ياندىشىپ كىلىدۇ ..نامازنىڭ پەرز قىلىنىشى يەنە بىر خىل مۆجىزىيىۋى ئالامەت ئارقىلىق ، ئۇنىڭ بەجا كەلتۇرىلىشى مۇسۇلمانلىقتىن ئىبارەت بىر چوڭ سالاھىيەتكە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشارەتتتۇر . ئۇ بولسىمۇ نامازنىڭ ئەرشى ئۇستىدە پەرز قىلىنىشى .بۇ ھەقتە ھەدىس قۇددۇستا مۇنداق دىيىلىدۇ
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ :{ماڭا بۇراق كەلتۇرلدى ،ئۇ ئىشەكتىن چوڭراق ، قىچىردىن كىچىكرەك ئۇزۇن ھايۋان ئىدى ،يۇگۇرسە قەدىمىنى تۇيىقى يەتكەن يەرگە قوياتتى ،يەنە بىر كۆز يىتىم مىقدارغا يەنە بىرنى ئاتلايتتى ،مەن ئۇنىڭغا مىنىپ بەيتۇلمۇقەددەسكە كەلدىم .مەن ئۇن پەغەمبەرلەر ئۇلىغىغا باغلايدىغان ھالقىغا باغلاپ قويۇپ ، مەسجىتكە كىرىپ2 رەكەت ناماز ئوقۇدۇم ،ئاندىن چىقسام ماڭا جىبرىئىل ، بىرقاچىدا ھاراق ، بىرقاچىدا سۇت ئىلىپ كەپتۇ.مەن سۇتنى تاللىدىم .جىبرىئىل ئەلەيھىسالام مۇنداق دىدى :سەن پىترەتنى يەنى دىننى قوبۇل قىلىدىغان تەبىئەتنى ،ئىسلام دىنىنى سۇننەتنى توغرا تاللىدىڭ ،دىدى .ئاندىن بىز ئاسمانغا كۆتۇرۇلدۇق .جىبرىئىل ئىشىكنى ئىچىشنى تەلەپ قىلدى .كىم سەن ؟ دىيىلدى .ئۇ جىبرىئىل دىدى . سەن بىلەن يەنە كىم بار دىيىلدى،مۇھەممەد سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام بار دىدى .ئۇ ئۇستىگە چاقىرىلغانمۇ ؟ .جىبرىئىل ھەئە چاقىرىلغان ،دىدى .بىزگە ئىشىك ئىچىپ بىرىلدى.ناگاھان مەن ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ يىنىدا تۇرىمەن ،ئۇ مەرھابا خۇش كەپسىز دەپ ماڭا ياخشىلىق ئۇچۇن دۇئا قىلدى .ئاندىن بىز ئىككىنجى ئاسمانغا كۆتۇرۇلدۇق جىبرىئىل ئىشىكنى ئىچىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى .كىم سەن دىيلدى ،جىبرىئىل، سەن بىلەن كىم بار ؟مەن بىلەن مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام بار دىدى .ئۇ ئۇستىگە چاقىرىلدىمۇ ؟ ھەئە ،بىزگە ئىشىك ئىچىپ بىرىلدى .ناگاھان مەن ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئىككى بالىسى مەريەم ئوغلى ئىيسا بىلەن زەكەريا ئوغلى يەھيانىڭ يىنىدا تۇرىمەن .ئۇلارمۇ مىنى قارشى ئىلىپ، مەن ئۇچۇ ياخشىلىقنى سۇراپ خەيرىلىك دۇئا قىلدى .ئاندىن بىز ئۈچىنجى قەۋەت ئاسمانغا كۆتۇرۇلدۇق.يۇقىرقىدەك سۇئا-جاۋاپلاردىن كىيىن بىزگە ئىشىك ئىچىپ بىرىلدى ، ناگاھان مەن يۈسۈف ئەلەيھىسالامنىڭ يىنىدا تۇرىمەن ،ئۇنىڭغا بارلىق گۇزەللىكنىڭ يىرىمى بىرىلىپتۇ .ئۇمۇ مەن ئۇچۇن ياخشىلىقنى سوراپ دۇئا قىلدى .ئاندىن بىز تۆتىنچى قەۋەت ئاسمانغا كۆتۇرۇلدۇق .جىبرىئىل ئىشىكنى ئىچىشنى تەلەپ قىلدى .سەن كىم ؟ مەن جىبرىئىل ، سەن بىلەن كىم بار ؟ مەن بىلەن مۇھەممەد سەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللام بار دىيىلدى .ئۇ يۇقىرىغا چاقىرىلغانمۇ ؟ ھەئە ،ئاندىن بىزگە ئىشىك ئىچىپ بىرىلدى .مەن ناگاھان ئىدىرىس ئەلەيھىسالامنىڭ يىنىدا تۇرىمەن .ئۇمۇ مىنى قارشى ئىلىپ مەن ئۇچۇن ياخشىلىقنى سوراپ دۇئا قىلدى .ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە "بىز ئۇنى ئالىي ئۇستۇن ئورۇنغا كۆتۇردۇق " دىگەن .ئاندىن بىز بەشىنجى قەۋەت ئاسمانغا ئۆرلىدۇق ،يۇقىرقىدەك سۇئال-جاۋاپلاردىن كىيىن ئىشىك ئىچىلدى .ئۇ جايدا ھارۇن ئەلەيھىسالام بار بولۇپ،ئۇمۇ مەندىن خەيرىلىكنى سوراپ دۇئا قىلدى .ئاندىن بىز ئالتىنجى قەۋەت ئاسمانغا ئۆرلىدۇق ،يۇقىرقىدەك سۇئال-جاۋاپلاردىن كىيىن ئىشىك ئىچىلدى .ئۇ جايدا مۇسا ئەلەيھىسالام بار بولۇپ،ئۇمۇ مىنى قارشى ئىلىپ ياخشىلىقنى سوراپ دۇئا قىلدى ،ئاندى بىز يەتتىنجى قەۋەت ئاسمانغا ئۆرلىدۇق .يۇقىرقىدەك سۇئال-جاۋاپلاردىن كىيىن ،بىزگە ئىشىك ئىچىپ بىرىلدى .ناگاھان مەن پەيغەمبەرلەر ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ يىنىدا تۇرىمەن .ئۇ چىسىنى بەيتۇلمەئمۇرغا يۆلىۋاپتۇ .بۇ ئۆيگە ئىبادەت ۋە زىيارەت ئۇچۇن كۈنىگە 70000پەرىشتە كىرىپ تىرىدىكەن .ئۇلار ئىككىنجى قىتىم كىرمەيدىكەن .ئاندىن مەن سىدرەتۇلمۇنتاھاغا ئاپىرىلدىم .[بۇنداق ئاتىلىش-پەرىشتىلەر ئىلمى ،شۇجايدا توختايدۇ ،ئۆرلىگەن چۇشكەن نەرسىمۇ ھەم شۇنداق.بۇ جايدىن پەيغەمبىرىمىز ئۆرلىيەلىگەن ]. ئۇنىڭ قۇلىقى پىلنىڭ قۇلىقىغا ئوخشايدىكەن ،مىۋىسى بولسا چوڭ-چوڭ تاۋاقلارغا ئوخشايدىكەن .ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ئۇنى قورشاشقا تىگىشلىك نەرسە قورشىغان چاغدا ئۇ ئۆزگىرىپ كەتتى .ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ھىچ بىركىشى ئۇنىڭ گۇزەللىكىنى تەسۋىرلەپ بىرىشكە قادىر بولالمايدۇ .ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلىشقا تىگىشلىك نەرسىنى ۋەھىي قىلدى .ماڭا بىركىچە-كۇندۇزدە 50 ۋاخ نامازنى پەرز قىلدى ."ئۇممىتىممۇ شۇنىڭ ئىچىدە " ئاندىن مەن مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ قىشىغا چۇشتۇم .ئۇ،رەببىڭ ئۇممىتىڭگە نىمىنى پەرزقىلدى ؟،دىدى .مەن رەببىم مىنىڭ ئۇممىتىمگە بىركىچە كۇندۇزدە 50 ۋاخ نامازنى پەرز قىلدى 'دىدىم . ئۇ ،رەببىڭگە قايتىپ يەڭگىللىتىشنى سورىغىن ،ئۇممىتىڭ بۇنىڭغا قادىر بولالمايدۇ،مەن بەنى ئىسرائىللىرىنى سىناپ كۆرگەن .دىدى .مەن رەببىمنىڭ قىشىغا قايتىپ باردىم .[يەنى مۇناجەتلەشكەن جايغا قايتىپ بىرىپ،ئىككىنجى قىتىم مۇناجەت قىلدىم .ئاللاھ ھەممىگە قادىر ،خالىسا ئىدى،بۇنى زىمىندا پەرز قىلاتتى .لىكىن ناماز كاتتا ھەم ئۇستۇن .ىبادەت بولغاچقا ئەرىش ئۇستىدە پەرز ئەيلىدى.ھەربىر ئاسماندىكى پەيغەمبەرلەر ئەھۋالى ۋە پاراڭلىشىش ھالەتلىرى بىزگە نامەلۇم.شۇڭا بۇ ھەقتە كۆپ ئىختىلاپ قىلشىنىڭ زۆرۇرىيىتى يوق ،ئاللاھ تائالاھ بىزگە بۇ ئەھۋاللارنى بىلدۇرۇشنى خالىغان بولسا ئىدى،پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك ئىغىزى ئارقىلىق بۇنى بايان قىلدۇراتتى ــــ تەھرىردىن ].مەن رەببىمدىن يەڭگىللەتسە سەپ مۇناجەت قىلدىم .مەندىن بەشنى ئىلىپ تاشلىدى ،ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ يىنىغا چۇشۇپ، مەندىن بەشنى ئىىپ تاشلاپ يەڭگىللەتكەنلىكىنى دىدىم ،مۇسا ئەلەيھىسالام يەنە ،ئۇممىتىڭ قادىر بولالمايدۇ ،يەنە قايتىپ بىرىپ يەڭگىللىتىشنى سورىغىن ،دىدى .مەن رەببىم بىلەن مۇسا ئەلەيھىسالام ئارلىقتا چىقىپ چۇشۇپ يۇردۇم ،ئاخىرى ئاللاھتائالاھ ماڭا : ئى مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام ، ھەقىقەتەن بۇ بىر كىچە كۇندۇز ۋەقىتتىكى 5 ۋاخ نامازدۇر ، ھەربىر ۋاخ نامازغا 10 نى بىرىلىدۇ يەنى ھەربىر ۋاخ نامازغا 10نامازنىڭ ساۋابى بىرىلىدۇ .بۇ 5 ۋاخ ناماز 50 ۋاخ نامازغا باراۋەردۇر .كىم بىر ياخشىلىقنى نىيەت قىلىپ ئورۇندىيالمىسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يىزىلىدۇ ،ئەگەر ئۇرۇندىيالىسا ئۇنىڭغا 10 ياخشىلىق يىزىلىدۇ .ئەگەر بىر كىشى بىر يامانلىقنى نىيەت قىلىپ ئەمەل قىلالمىسا ،گۇناھ يىزىلمايدۇكى ،ئەگەر ئەمەل قىلىپ سالسا ،1 گۇناھ يىزىلىدۇ ،دىدى.مەن مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ يىنىغا چۇشۇپ بۇلارنى دىدىم .ئۇ ،يەنە قايتقىن رەببىڭدىن يىنىكلىتىشنى سورىغىن دىدى ،مەن رەببىمنىڭ يىنىغا بىرىۋىرىپ خىجىل بولۇپ تارتىنىپ قالدىم ، دىدى ،مۇسلىم ،ئەھمەد ،تىرمىزى ،ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان ، سەھىھ ھەدىس .
يۇقارقى ھەدىسقۇددۇستىن شۇنى كۆرۋىلىش تەس ئەمەسكى ،ئاللاھ تائالا 5 ۋاخ نامازنى ئەرش ئۇستىدە پەر قىلدى .خالىسا ئىدى زىمىندىمۇ پەرز قىلالايتتى .ئەمما قۇدرەت ئىگسى بولغان ئاللاھنىڭ نامازنى ئەرش ئۇستىدە پەرز قىلىشى ئۇنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى ۋە قاتتىلىقىنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەس .ئۇنداقتا نامازنى تەرك ئىتىشنىڭ گۇناھى قانداق بولىدۇ ؟ ئەلۋەتتە نامازنى تەرك ئىتىشنىڭ گۇناھى ئىنتايىن قاتتىق يەنى جەھەننەم ئوتىدىن بولىدۇ .بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ ھەدىسلىرىگە مۇراجەت قىلايلى :
جابىر رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن :[مۇسۇلمان بىلەن مۇشرىك، كافىر ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى نامازنى تەرك ئىتىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ ،دىگەن مۇسلىم ]
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن :[بىز بىلەن مۇناپىقلار ئوتتۇرسىدىكى ئەھدى نامازدۇر ،قانداق بىر ئادەم نامازنى تەرك ئەتسە كافىر بولىدۇ ،دىگەن ،تىرمىزى
شەقىق رەھمەھۇللاھدىن مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇ ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ساھابىلىرى ،نامازدىن باشقا ئەمەللەرنىڭ تەرك ئىتىلىشىنى كۇفىرلىق دەپ سانىمايتتى .
دىمەك ناماز ئەھلى مۇسۇلمان ئۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم .4 چوڭ مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ بىردەك قارىشى يۇقارقى ھەدىسلەرنىڭ روھى بويىچە ،نامازنى تەرك ئەتكۇچى كافىرلار قاتارىدىن بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.ئەمما بىراۋنىڭ دوستى ۋەياكى توغقانلىرى نامازنى تەرك ئەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ،ئۇنىڭ ئوچۇقتىن ئوچۇق "كافىر"دەپ ساناش ياكى ئۇلارنىڭ قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشتىن توسقان ،يەنى كافىرلىقا نىسبەت بىرىشتىن توسقان .ئۇلارنى كافىرنىڭ ئەمەلىنى قىلغۇچى دەپ قارىغان .
جەمىئىتىمىزدە، 5 ۋاخ نامازغا ئۆزىنىڭ دۇنيالىقىدىن كىچىپ، ۋاقىت چىقىرالمايدىغانلار نۇرغۇن .تىخى 1 ۋاخ نامازنىلا ئوقۇپ، 4 ۋاخنى دۇمبىسىگە يۇدۇپ ماڭىدۇ .1 ۋاخ ئوقۇغاندىن ئوقۇمىغان ياخشى .بۇ نىمىدىگەن ئەخمەقلىق ...ئەجىبا كۇندە 5 ۋاخ ياراتقان رەببىمىزگە سەجدە قىلىش بىزگە شۇنچە ئىغىر توختامدۇ ؟
نامازنى تەرك ئەتكۇچىنىڭ ھالى ئەسلى كافىرنىڭكىدىنمۇ ئىغىر بولىدۇ .چۇنكى كافىر نامازنىڭ شۇنچە مۇھىملىقىنى بىلمەيدۇ ،ئۇ ئىمان ئىيتمىغان مۇسۇلمان ئەمەس ، بىراق ئىمان ئىيتقان مۇسۇلمان نامازنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ،ئۇنى ئىنكار قىلسا ، ئاخىرەتتە كافىر دىنسىزلاردىنمۇ ئىغىر ئاقىۋەتتە قالىدۇ .شۇڭا نامازنى تەرك ئىتىشتىن ساقلىنايلى .ئۇ بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمىزنىڭ ئۈل تىشى .
مەنبەسى ئۆزۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tiwep تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-5 11:53 PM