MILYONIR يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 11:37 AM 
ئۇيغۇرلارمۇ خىرىستىئان دىنىنى قۇبۇل قىلۋاتىدۇ ھەم تا ...
خىرىستىيانلىشىپ كېتىۋاتقانلار بار دەپ مەنمۇ ئاڭلىدىم،لېكىن كۆرۈپ باقمىدىم،ئەمەلىيەتتىمۇ سانىنىڭ ئىنتاتيىن چەكلىك ئىكەنلىگىدە شەك يوق. ئارىمىزدا يۈزمىڭلىغان دىنسىز قېرىنداشلىرىمىز بار، لېكىن ئۇلاردىن مىللەتكە خەۋىپ كەلگەنلىگىنى ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدىم،ئەمما خىرىستىيانلىشىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ سانى شۇنچە ئاز بولسىمۇ ،بىزگە ئۇلاردىن خەۋىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ ھېس قىلىۋاتىمەن.بۇنىڭدىكى ئاساسىم:
دىنسىز قېرىنداشلىرىمىز ھەر زامان ئۆزىنى يەنىلا بىزنىڭ ئارىمىزدىكى بىر ئەزا دەپ ھېسابلايدۇ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلارلىرى ھەر زامان بىزنىڭ قەۋمىمىزگە مەنسۇپ، ھەممە ئىشتا بىزنىڭ ئۆرىپ ئادەتلىرىمىزگە بوي سۇنىدۇ،ئۇلار ،ھېچ بولمىغاندا ئەۋلاتلىرى خالىغان چاغدا دىنىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ، نىكاھ ۋە ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىدا ئۇلارنىڭ ئىرادىسى ئىخلاسمەن قېرىنداشلىرىدىن قېلىشمايدۇ.دىمەك ئۇلار مىللەتتىن ۋاز كەچمەيدۇ،دىنغىمۇ قارشى تۇرمايدۇ،شۇڭا ئۇلاردىن مىللەتكىمۇ،دىنغىمۇ خەۋىپ كەلمەيدۇ.
خىرىستىيانلىشىپ كېتىۋاتقانلار بولسا، بىزگە ئوخشاشلا مىللەتنى سۆيۈشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئېتىقادقا بېرىپ تاقالغاچقا ،مۇقەررەر ھالدا ياتلىشىشقا قاراپ ماڭىدۇ، نىكاھ،پەرزەنت تەربىيىلەش، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىدا بىز بىلەن ئوخشىمايدىغان يول تۇتىدۇ،ھەتتا ئېتىقادى ئوخشىمىغاچقا بىزنى قېرىنداش ھېساپلىماسلىقىمۇ مۇمكىن،نەتىجىدە مىللەتنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ(گەرچە مىللەتنىڭ ئسمى پارچىلانمىسىمۇ).
گەرچە ھەر خىل چوڭ -كىچىك خەۋىپلەر مىللىتىمىزنىڭ بېشىدا ئەگىپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئاللاھغا مىڭ شۈكرى،مىللىتىمىز شۇنداق مەزمۇت،شۇنداق ساپ تۇرۇپتۇ،مەيلى دىنسىزلىشىش بولسۇن،ۋەياكى خىرىستىيانلىشىش بولسۇن ئۇلارغا تەرەققى قىلىدىغان تۇپراق يوق.
ئاللاھ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-10 09:34 AM