مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 97999|ئىنكاس: 169

جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خىرىستىيان ئۇيۇشمىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9790
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 11:17:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خىرىستىيان ئۇيۇشمىسى-چىقىش ئىنتايىن قىيىن بولغان تىك قىيا


مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسىگە


تەرجىمە قىلغۇچى:ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى



pic4.jpg


ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالىدە شىۋىتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ قەشقەر ۋە يەركەندىكى مۇرت توپلاش جەريانىنى ئەسلىمە شەكىلدە خېلى ئەتىراپلىق بايان قىلغان. ئاپتۇر(بەلكىم ئەينى ۋاقىتتىكى دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشى مۇمكىن،توردىكى ئادىرستا ئاپتۇر ئېنىق ئەسكەرتىلمىگەن) ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە قىممەت قارىشىنى ئۆلچەم قىلىپ، بۇ ئەسلىمىنى يېزىپ قالدۇرغان. شۇڭىلاشقا، ئەسلىمىدىكى كۆز قاراشلارغا تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىشقا،بەزى تارىخى ۋەقەلەرنى يەنىمۇ تەھقىقلەپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، ئىزاھلاش زۆرۈر دەپ قارىغان جايلارنى ئىزاھلاپ كۆرسەتتىم.شۇنداق بولسىمۇ،بىر قىسىم جايلارنى يەنىمۇ چوڭقۇر دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ. مەزكۇر ئەسلىمە ئەينى ۋاقىتتىكى دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرىدىن بىزنى خەۋەردا قىلغاچقا، بۇ تارىخقا قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈنلا تەرجىمە قىلىندى.ئەسلىمىدە ئاپتۇر پۈتۈنلەي ئۆز دىننىي ئېتىقادىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ،ئەتىراپىدىكى كىشىلەرگە باھا بەرگەن(مەسىلەن،ئۆز مۇرتلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆپتۈرۈپ،يەرلىك مۇسۇلمان ئاممىسىنى چۆكتۈردىغان قاراشلار).شۇڭىلاشقا، نۇرغۇن كۆز قاراشلاردا بىر تەرەپلىمىلىكلەر ھېلھەم مەۋجۈت. بۇ بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا قارغۇچىلارچە ئەگىشىپ كېتىشتىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز كېرەك.بۇنى ھازىرقى تارىخى،دىنى ۋە مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى ئۈنۋېرسال بىلىملىرىمىزگە تايىنىپ تۇرۇپ،نېمىنىڭ ئەمەلىي ۋەقە،نېمىنىڭ ھېسسىي چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. مېنڭچە،شىۋىتلارنىڭ قەشقەر رايۇنىدىكى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرى ئاساسي جەھەتتىن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. ئۇلارنىڭ مۇرتلىرى قاتارىغا ئۆتكەنلەرمۇ ئاساسىي جەھەتتىن يېتىم-يېسىر،ئىگە-چاقىسىز بالىلار ۋە ئەينى ۋاقىتتا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە مۇھتاجلىق ئىلكىدە قالغان كىشىلىرىمىز خالاس.شۇڭىلاشقا، بۇ كىشىلىرىمىزگە باھا بەرگەندىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئوبىكتىپ شارائىتنى چىقىش نوقتا قىلغان ئاساستا باھا بېرىشىمىز بەكمۇ مۇھىم. بۇ ئەسلىمىنى دوستلارنىڭ تېخىمۇ ئەتىراپلىق چۈشىنىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى ۋە بىر مۇخبىرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرگە كېلىپ دىن تارقىتىش ۋە داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان شىۋىتنىڭ قىزىنى(بۇ قىز قەشقەرگە كېلىپ باقمىغان) زىيارەت قىلغان فىلىمىنى ۋە تورداشلار بۇرۇن تارقاتقان مۇناسىۋەتلىك فىلىملەرنى قوشۇمچە قىلدىم. زىيارەتنىڭ تىلى ئىنگىلىزچە ئەمما خەنزۇ خەتلىك بولۇپ،زىيارەت جەريانىدا زىيارەت قىلىنغۇچى يۇرتىمىزنىڭ ئەينى تارىخى شارائىتتىكى جۇغراپىيەلىك نامىنى قايتا-قايتا تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. ئەمما، بۇنىڭ ھازىرقى  ۋەزىيەت بىلەن مۇخالىپ كېلىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق.

جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خىرىستىيان ئۇيۇشمىسى-چىقىش ئىنتايىن قىيىن بولغان تىك قىيا


مەن مەڭگۈ ھايات، 1902-يىل

pic2.jpg



شىۋىتلار بېقىۋالغان يىتىم-يېسىر بالىلار



بۇگۈن قەشقەرنىڭ قايناق بازار كۈنى، بازار كىشىلەر بىلەن لىق تولغان، ھەممە يەردە ۋاقىتلىق قويۇلغان مال يايمىلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈم،گۈلە-قاق ساتىدىغانلارمۇ بار، قەشقەرنىڭ ئەتىراپىدىكى كىچىك بوستانلىقلاردىن ئۆزلىرى تېرىغان سەي-كۆكتاتلارنى ئېلىپ كېلىپ قازان، داس، چېلەك ۋە ئات جاپدۇقلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ كېتىدىغانلارمۇ بار. بۇ ۋاقىتتا، شۇنداق بىر نەزەر تاشلىسىڭىزلا قاۋۇل، ساغلام بەدەنلىك ئۇيغۇرلار توپىنىڭ ئاساسىي قىسىمنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئۇلار چىلان رەڭلىك ياكى سىزىقچىلىرى رەڭدار قېلىن يەكتەك ، ئاق رەڭلىك ئىشتىنىنىڭ ئۈستىدىن ئىگىز قونچىلىق ئۇزۇن ئۈتۈك، پاكىزە چۈشۈرۋېتىلگەن بېشىغا چۆرىسىگە تىۋىت تۇتۇلغان سالۋا تۇماق كىيۋالغان بولۇپ ، ئىنتايىن ئۆزگىچە كۆرىنىدۇ. ئەمما، گاھىدا تۇرۇپ-تۇرۇپ ئىچكىرىدىن كەلگەن ناھايىتى ئورۇق، كۆك ماتا ياكى يىپەك رەختلەردىن كىيىم كىيۋالغان خەنزۇلارنى ياكى غەرپ تەرەپتىن كەلگەن ئۇزۇن ھەم كەڭرى چاپانلارنى، ئۇچلۇق باش كىيىملىرىنى كىيۋالغان روسلارنى ۋە ياكى بومبۇر ساقال ھىندىستانلىقلارنى، پامىر تەرەپتىن كەلگەن يۈزلىرى قىپ-قىزىل ،تۆگىلەرگە مىنىۋىلىپ كۆزلىرىنى قىسقان ھالدا پەسكە قاراپ ماڭىدىغان قىزغىزلارنىمۇ ئۇچىرىتىپ قالىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، كوچىدا ئېشەك ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ماڭدامدا بىرى ئۇچىرايدۇ،بەزەنلىرى ئۇتۇن ئارتقان؛ بەزەنلىرى سېۋەت-سېۋەتتە قوغۇن-تاۋۇز دېگەندەك نەرسىلەرنى ئارتىشقان؛ يەنە بەزىلىرى بولسا، يوغان باغلانغان ئوت-بوغۇزلارنى ئارتىشقان بولۇپ، خۇددى مېڭىۋاتقان ئوت-چۆپ دۆۋىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

暴风截图2012121110234906.jpg

ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر بارىزىرىدىن بىر كۆرۈنۈش



بازارنىڭ بىر تەرىپىدە ھېيتگاھ جامەسى  بولغاچقا، بۇ بازار مۇشۇ مەسچىتنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بازاردىكى رەت-رەت ھەرخىل ھەر تۈرلۈك يايما دۇكانلار  بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاققىچە سوزۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ياغاچچىلار كوچىسى بولسا يارباغ دەرۋازىسىغا يېقىن شەھەردىن چىقىدىغان بىر ئېغىزدۇر. قەشقەر بولسا سېپىل بىلەن قورشالغان بىر شەھەر. تۆت ئەتىراپتا تۆت دەرۋازا بار بولۇپ، بۇ دەرۋازىلار كۈن ئولتۇرغاندىن تارتىپ تاكى ئەتىسى كۈن چىققۇچە دائىم تاقاقلىق تۇرىدۇ. ئەگەر چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يول خېتى بولمىسا، كىشىلەر بۇ جايدىن خالىغانچە چىقىپ كىرەلمەيدۇ. شەھەر سىرتى يوغان چاقلىق يارىيار ھارۋىلار بىلەن تولغان بولۇپ، بۇ ھارۋىلار ئادەتتە تاڭ ئاتماستا يولغا چىقىدىغانلار ياكى قاراڭغۇ چۈشكەندە قايتىپ كېلىپ، شەھەر سىرتىدا تۈنەپ قالغانلاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا شەھەر سىرتىدا يەنە ئاز مىقداردا كىچىك قول-ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرى ۋە بۇلارنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجىنى قاندۇردىغان كوچىدا توۋلاپ يۈرۈپ مال ياكى نان ساتىدىغانلارمۇ بار. شەھەر سىرتىدىن ئۇزاقلاپ ماڭسىڭىز، ئەتىراپتىكى بەش چاقىرىم يەرنىڭ ھەممسى يېشىل بوستانلىق، شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇب تەرپىگە 60 چاقىرىم ماڭسا، سۈپ-سۈزۈك بوشلۇقتا چاقناپ تۇرغان قاراقۇرۇم تېغى ياكى دۇنيانىڭ ئۇمۇرتقىسى دەپ ئاتالغان پامىر ئىگىزلىكى كۆزگە تاشلىنىدۇ. شەھەرنىڭ شىمالىي قىسمىدا شىنجاڭ بىلەن باشقا دۆلەتلەرنى ئايرىپ تۇرىدىغان تەڭرىتېغى بار. مانا بۇ دېڭىزدىن ئەڭ يىراق_ ئاسىيانىڭ مەركىزىي قىسمىغا جايلاشقان قەشقەر شەھىرى.

     ئىلگىرى مۇشۇنداق بىر بازار كۈنىدە، ياش ئالى ئېشەك مىنىپ قەشقەرگە كېلىپ بىر ھەپتىلىك سودىلىقلىرىنى قىلماقچى بولدى. بازاردىكى بارلىق مەزىرە ئۇنىڭغا ناھايىتى تونۇش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋاراڭ_چۇرۇڭ ئاۋازلار ئىچىدىن تاسادىبىي ھالدا بىر جۈملە ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ دەرھال توختاپ زادى قانداق ئاۋاز ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدى. ئەسلىدە ئۈستى-بېشىنى چاڭ-توزان قاپلىغان كۈلرەڭ ئۇزۇن يەكتەك كىيۋالغان بىر ئادەم بىر توپ  ياشلارغا ( ساداقەتمەن ئىسلام مۇرتلىرى) نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ئىكەن. ئۇ "شۇنداق، مەن مەڭگۈ ئۆلمەيمەن" دەۋاتقىدەك. ئالى ئىچىدە بۇ ئادەم چوقۇم كاللىسىدىن ئېزىپتۇ" قاراڭلار ئۇنىڭ ھەم قېرى ھەم ئورۇق بەستىگە يەنە تېخى ئۆلمىگۈدەك"، دەپ ئويلىدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئاۋۇ نۇتۇق سۆزلەۋاتقان كىشى كىم بولىدۇ؟ دەپ سورىدى، يېنىدىكى بىر ئاڭلىغۇچىدىن.

_ئاۋۇ چەتئەللىكنى دەۋاتامسىز؟ ھە، ئۇ بىر دىن تارقاتقۇچى.

_ئۇ ئاۋۇ دوختۇرخانىدىكى ئادەممۇ؟

_ ئۇنىڭ دەيدىغان گېپى ئوخشىماي تۇرىدۇ.

_ ئۇ ساراڭمۇ؟

_ ھە! ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئۇ بىر خىرىستىيان مۇرىتى.

_ ئەمما، ئۇنىڭ "مەن مەڭگۈ ياشايمەن"دېگىنى زادى قانداق گەپ؟

_ مەن بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇنىڭ مەڭگۈ ياشىغۇسى باردۇر. بىزمۇ ھەم شۇنداق ئويلايمىزغۇ؟ئاللاھنىڭ بىزگە بەخت ئاتا قىلىشىنى ئارزۇ قىلايلى! توغرا، سىز ئازراق كېسەك چاي ئالامسىز؟ ئۇلار شۇنداق دېيىشىپ بولۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز يولىغا مېڭىشتى.

POLOUR. Students and teacher..jpg

   كوچىدا ۋەز ئېيتىۋاتقان چەتئەللىك



ئەتىراپ قاراڭغۇلاشتى، يېزا يولى ئۆيلىرىگە ئالدىراپ قايتىۋاتقان دېھقانلار بىلەن تولۇشقا باشلىدى. بەزىلىرى ئېشەك مىنىۋالغان، بەزىلىرى ئات ياكى ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرغان. بەزىلەر يۇقىرى ئاۋازدا مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ياڭرىتىشقان، بەلكىم ئات ھارۋىلىرى يول بويىدىكى كولىۋېتىلگەن سۇ كۆلچەكلىرىگە پېتىپ قالغان چېغى، بىر قىسىملار يۇقىرى ئاۋازدا ئاتلىرىنى كۈچەشكە دەۋەت قىلىۋاتقان ئىدى.

   ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى ۋە دىھقانلارنىڭ خوتۇنلىرىغا "ئىشىكنى ئاچ"دەپ ۋاقىراشلىرىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. گەرچە ئاي پارلاپ تۇرغان ئايدىڭ كېچە بولسىمۇ، ئەتىراپتا ئۆيلەرنىڭ بارلىقىنى خېلى تەستە ئىلغا قىلغىلى بولاتتى.چۈنكى، بۇ ئۆيلەرنىڭ دەرىزىسى ئۆگىزىسىدە ئىدى(بۇرۇنقى ئۆيلەردىكى تۈڭلۈكنى كۆرسەتسە كېرەك-تەرجىماندىن). لېكىن ئۆينىڭ ئىچى يامان ئەمەس بولۇپ، تاملار ئاپپاق ئاقارتىلغان،تام ئۆچاقنىڭ ئۈستىدىكى ئۇيۇققا يوتقان-كۆرپىلەر تىزىلغان، كاڭ ئۈستىگە رەڭدار گېلەم سېلىنغان بولۇپ، بۇ كۈندۈزى سافالىق رولىنى، كېچىسى كارۋاتلىق رولىنى ئوينايتتى. ئۆينىڭ ئالدىغا قىلىنغان ئۈزۈم تال بارىڭى ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئەمگەكتىن يېنىپ سالقىندايدىغان، چاي ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك يېرى. ئالى ۋە ئۇنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تېرىيدىغان يەرلىرى بار. شىنجاڭنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، بۇ يەرلەرگە ئۇغۇت چاچمايمۇ بىر يىلنىڭ ئىككى پەسلىدە مول ھۇسۇل ئالغىلى بولىدۇ. بۇ يەرنىڭ سۈيى لاھىيەلەنگەن سۇ باشلاش يوللىرى ئارقىلىق يېقىن ئەتىراپتىكى قىزىل دەريادىن باشلاپ كېلىنىدۇ.

يېمەك-ئىچمىكى ناھايتى مول، ئەمما ئىنتايىن ئەرزان. ئۇلار تېرىيدىغان زىرائەتلەر ئاساسەن بۇغداي، قوناق، ھەر خىل كۆكتاتلار، بەش تىيىنغا بىر نەچچە ساپاق ئالغىلى بولىدىغان ئۈزۈم، چوڭ-كىچىكلىكى ھەر خىل تەمى تاتلىق قوغۇن-تاۋۇزلاردۇر. بۇ يەرنىڭ سېرىق توپىسىدىن ناھايىتى تېزلا كېسەك قىلغىلى بولىدۇ، بۇنى قۇياش نۇرىدا قۇرۇتقاندىن كېيىن، كۈچلۈكرەك بىرەر ئەر كىشى بولسىلا، بىر ھەپتە ئىچىدە بىر كىچىك ئۆي سالالايدۇ. پاختىنىڭ كۆپىنچىسى دەريا بويىدىكى پەس جايلارغا تېرىلىدۇ. قوي يۇڭلىرى بولسا، تاغ باغىرلىرىدا بېقىلىۋاتقان سانسىز قوي پادىلىرىدىن كېلىدۇ.

بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشى گەرچە ئاددىي، بىر خىل بولسىمۇ، ئەمما كىچىك كەنىتلەردە تۇرسا ئىنتايىن مەنىلىك. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىللىكى ئىنتايىن ئۇچۇق-يورۇق، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرمۇشىدا كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان نۇرغۇن تەرەپلەر بار. ئىسلام دىندا مۇنداق بىر ئاساسىي ئۇقۇم بار، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر. بۇ خىل كۆز قاراش ئادەمگە بىر خىل ئۆز-ئۆزىنى ھۆرمەتلەش غورۇرىنى ئاتا قىلىدۇ. شۇڭىلاشقا، تەبئىي ھالدا بىر خىل قائىدە ئەھكاملارغا رىئايە قىلىدىغان ئىجتىمائى كەيپىيات شەكىللىنىدۇ.

暴风截图201212119832437.jpg


قەشقەر شەھرىدىن بىر كۆرۈنۈش



ئادەتتە بىر كۈنلۈك تۇرمۇش تاڭ سەھەردىكى ئىككىنچى خوراز چىللىشى ۋە مەزىننىڭ ساداقەتمەنلىك بىلەن"ناماز ۋاقتى بولدى، ناماز ئوقۇغان ئۇخلىغاندىن ياخشى، ئاللاھ بىردۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر"دەپ  توۋلىغان ئەزەن ئاۋازىدىن باشلىنىدۇ.  ئارقىدىنلا ئاياللار ئورنىدىن تۇرۇپ،ئوچاقلارغا ئوت قالاپ ئەتىگەنلىك چايغا تەييارلىق قىلسا،  ئەرلەر دىھقانچىلىق ئىشلىرىغا كىرىشىپ كېتىدۇ.  جىمجىت سەھەر ئاسمىنىنى كۆيىۋاتقان يۇلغۇن ياغىچىنىڭ مىزىلىك ھىدى قاپلاشقا باشلايدۇ.

ھەر كۈنى بەش ۋاق ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ ئاخىرقى قېتىملىقى  (مۇسۇلمانلارنىڭ رەسمى يۇسۇندىكى دۇئا-تىلاۋىتى) كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن  ئوقۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن باشقا ئىشلار بولمايدۇ. گەرچە سوفى مەزھىپى تەرغىباتچىلىرى بەلگىلىك ماھارەت بىلەن جىمجىتلىق ئىچىدە ئادەمنىڭ كاللىسىدىكى غەم-غۇسىلەرنى ۋاقىتلىق ئۇنتىغىلى  ھەمدە روھى جەھەتتىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا يەتكىلى بولىدۇ، دەپ تەلىم بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئالى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر پەقەت ئۆزلىرى ئېتقاد قىلىدىغان دىننىڭ ئەڭ تۆۋەن تەلەپلىرىنى ئورۇنلاش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتالايدىغان قابىيلىيىتىنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما، ئاللاھ ئۇلارغا نىسبەتەن ناھايىتى يىراقتەك: ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئۆزى ياراتقان ئەرزىمەس بىر ئادەمگە قانداقمۇ نەزىرى چۈشسۇن؟ ئادەم  ياشاش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىش،  ئىجتىمائى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارالايدىغان ئىخلاسمەنلىك ئىچىدىكى تۇرمۇشقا قانداقمۇ ئىگە بولالىسۇن؟ ناۋادا تۇرمۇش رەڭدار ۋە ئۆزگىرىشچان بولمىسا، بۇ باشقا ئىش. ئالى تېخى ياش، ئۇنىڭ ئايالى بولسا ئۆز نىسىۋىسىگە شۈكرى قىلىپ ياشايدىغان ئايال. كەنىتتىكى كىشىلەر بىرلىكتە ئەمگەك قىلىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر جۆرىسىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ تۇرمۇشنى ياخشىلاش بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ. ئەمما.شەھەردىكى تۇرمۇش بولسا باشقىچە. ئالىنىڭ شەھەردىكى دوستلىرى دائىم تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇنىڭدىن مەسىلىھەت ياكى ياردەم سورايدۇ.  ئۇلار بۇگۈن ھەسەت تۈپەيلى ئاشۇ ئۆزىدىن باي قوشنىلىرىنىڭ ئۆز ئايالىنى ئېزىقتۇرۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئەتە چوقۇم ئاشۇ رىقابەتچى رەقىبلىرى بىلەن پىچاقلىشىپ،چوڭ چاتاقنى تېرىپ يۈرۈيدۇ.

ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان نامزاتنى بېكىتكەن ھامان، تۇغماس ئايالنى دەرھال يولغا سالىدۇ، ئوخشاشلا ئۇ ئايالمۇ كەلگۈسى يىتىپ كېلىدىغان ئاشۇ بەختسىز كۈن ئۈچۈن ئوغىرلىقچە ھازىرلىق كۆرىدۇ. پەقەت قولغا كىرگۈزگىلى بولدىغانلا نەرسە بولسا، تىقىشتۇرۇشقا تەييار تۇرىدۇ. ھەمدە كۆڭلىدە "قولۇمدا ئازراق ئېشىنچام بولسا، يېڭى ئەر تېپىشىمغا ياردىمى بولىدۇ"دەپ ئويلايدۇ.  بەزى ئادەملەر ئىككى قورودا تۇرۋاتقان ئايالىرىنى بېقىش ئۈچۈن كاللا قاتۇرۇپ يۈرۈيدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا،  بىر قورودىكى ئىككى خوتۇننى  ئەپلەشتۈرەلمەي ئازابلىنىپ يۈرۈيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە ئېرىدىن ئاجىراشقان ئانا ياكى قېيىن ئانىلار بولىدۇ،  ئۇلار ھەممە ئىشلارغا چېپىلىدۇ، ئەسلىدىنلا مالىماتاڭ ئىشلار تېخىمۇ قالايمىقانلىشىدۇ.

ئاللاھقا رەھمەت! يېزىدىكى تۇرمۇش بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە تېنچ. ئەلۋەتتە ئاجىرىشىدىغان ئىشلار يېزىلاردىمۇ بار، لېكىن ھېچبولمىغاندا بۇ يەردە نىكاھنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن، گاھىدا چاچلىرى تەڭ ئاقارغان بەختلىك مويسىپىتلارنىمۇ ئۇچىرتىشقا بولىدۇ. لېكىن ئالى باشقا ئالاھىدە تۇرمۇش شەكىللىرنى كۆرەلمەيدۇ. نىكاھ ئىنسان ھاياتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل كەچۈرمۈش، ئىسلام دىنى ئەر ۋە ئاياللارنىڭ جەمىيەتكە مەسئۇل بولىشىنى، زاھىدلىق يولىنى تۇتماسلىقنى شۇنداقلا زىنا قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. گەرچە نىكاھنىڭ چەكلىمىسى بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئادەم جىنسىي كېسەلنىڭ تەھدىتىگە ئۇچىرايدۇ. شۇڭا، خېلى كۆپ قىسىم ئاياللار ھامىلدار بولۇپ، ئون ئاي توشماستىن بالىسى چۈشۈپ كېتىدۇ. بەزىلىرىنىڭ باللىرى تۇغما مېيىپ بولۇپ تۇغىلىدۇ. خۇددى يېزىدا كەڭ تارقالغان : باشقىلار سىنى بىر يېتىمكەن دېسە، ئۇنۇتما ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق. ئاتا ۋە ئاناڭمۇ ئايرىلىپ كەتسە، بۇنىمۇ ئاللاھىم بېكىتكەن شۇنداق"دېگەن قوشاققا ئوخشاش بۇ يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ھېچقانداق چارە-ئامال بىلەن توسقىلى بولمايدىغاندەك بىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن بىچارە ئىگە-چاقىسىز بالىلارمۇ ھەم بار. مانا مۇشۇنداق ئاللاھ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر پەردە تارتىلغان، ئەمما ئادەم ئاشۇ پەردىنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان مەڭگۈلۈك دۇنيانى  بىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

   ئالى ئاخىرى شەھەرگە كىرىپ بىر كىشلىك خىزمەت تېپىشنى قارار قىلدى. چۈنكى، ئۇ شەھەردە دائىم دېگۈدەك مەسچىتكە بېرىپ، ئىسلام دىىنىڭ شەرھىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياشانغان دادىسى بىلەن ئايالىنى يېزىدا قالدۇرۇپ، قەشقەرگە كۆچۈپ كەلدى. ئۇ يەردە ئۇ خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتلىرىنى ئاشۇ ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلار بىلەن  بىللە ئۆتكۈزدى. ھەمدە ئاستا-ئاستا ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى.

كۈنلەر ئۆتىۋەردى، 1906-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرى ئالى ھېلىقى گوللاندىيەلىك دىن تارقاتقۇچىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈپ، روسىيەلىكلەرنىڭ قەبىرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغانلىقىغا دېققەت قىلدى. ھەمدە ھەسىرەت ئىچىدە ھېلىقى مەڭگۈ ياشاشقا ئىنتىلگۈچىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئېسىگە ئالدى.

     بۇ ئىشلار بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ بىر دوستى ئۇنى قۇم دەرۋازا سىرتىدىكى دىن تارقاتقۇچى شىۋىتسىيىلىكلەر تۇرىدىغان قورۇنى كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. ئىلگىركىگە ئوخشاشلا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بىر توپ كىشىلەر دوختۇرخانا يېنىدىكى تاختا كۆۋرۈكتە ئولتۇرشاتتى. ئۇلار يىتىپ كەلگەن ئالى ۋە ئۇنىڭ دوستىنى كۆردى، ئارىدىكى بۇ يەرگە خېلى پىششىق بىرەيلەن ئۇلارنى قىزغىنلىق بىلەن نەشرىيات ئىچىگە باشلاپ كىردى، ئۇ يەردە ھەرپ تىزغۇچىلار(نابورچىكلار) ئىشلەۋاتقان ئىكەن. ئالى خەت تونۇغاچقا، بۇ يەردە كۆرگەن نەرسىلەرگە بەكلا قىزىقىپ قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھېلىقى ئادەمگە ئەگىشىپ، ئاشۇ چەتئەللىكلەرنىڭ كەچلىك ئىبادەت مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئىبادەت قىلىپلا قالماستىن ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى، قول ۋە پۇتنى بىرلىكتە ئىشلىتىپ چالىدىغان فىسگارمۇن بىلەن تەڭكەش قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

بىر قېتىم ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ بىر يىغىلىشىغا باردى. بىر ئەر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنۇلارنى ئوقۇدى:مەن سىلەرگە چىن كاپالەت بېرىمەنكى، بىزنىڭ يولىمىزدا ماڭساڭلار، ئۆلۈمنى مەڭگۈ كۆرمەيسىلەر(约翰福音8:51 ).

ئۆلۈمنى مەڭگۈ كۆرمەيسىلەر! ئالى بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى. يەنە شۇ ھېلىقى چۈشەنگىلى بولمايدىغان سۆز. ئەمما بۇ قېتىم بۇ گەپنى دېگىنى ياش ھەم بەستلىك قىزىل بۆك كىيىگەن بىرى ئىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ، مۇنبەرنىڭ ئۈستى تەرپىگە تارتىلغان لوزىنكىدىكى مۇنۇ خەتلەرنى ئوقۇدى: ھەقىقى ئىلاھىڭنى تونۇ، ساڭا ئەۋەتىلگەن خرىستوس ئەيسانى تونۇ، مانا بۇ ئەبەدىيلىك. (  约翰福音17:3  )

بۇ ناسارالار  (قۇرئاندا خرستىيانلارنى شۇنداق ئاتىغان) زادى نېمىگە ئىشىنىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ ئىچى پۇشتى. ئۇ ئۇلارنى كۆپ خۇداغا ، يەنە بىر ئايال ئىلاھقا ئىشىنىدۇ،ئەمما مۇسۇلمانلار يىگانە ئالاھقا ئىشىنىدۇ، خرىستوس ئەيسا بولسا بىر پەيغەمبەر دەپ ئويلىغان ئىدى. ئۇ قېپقېلىپ زادى نىمىلەرنىڭ دېيىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدى.

بىر دىن تارقاتقۇچى ئۇنىڭ خەت تونۇيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ قايتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا بىر پارچە ئىنجىلنى بەردى. ئالى ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، قايتا-قايتا ئوقىدى. بىرەيلەن ئۇنىڭ بىر كىتاپنى شۇنچىۋىلا قېتىرقىنىپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن نىمە كىتاپ ئىكەنلىكىنى سورىدى. ئىنجىل (قۇرئاندا مۇقەددەس كىتابنى مۇشۇنداق دەپ ئاتايدۇ) دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

ئاھ خۇدا! ئۇنداق كىتابنى ئوقۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. ھېلىقى ئادەم شۇنداق دەپ توۋلىغانچە ئۇنىڭ قولىدىن ھېلىقى كىتابنى ئېلىپ، ئۇنى ئوتقا تاشلىۋەتتى. سەن مۇقەددەس كىتابقا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟ دەپ سورىدى ئالى. لېكىن ھېلىقى ئادەم ئۇنى قارغىغانچە كىتىپ قالدى.

   ئالى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىدى، ئۇ دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىغا بېرىپ ئىنىجىلدىن يەنە بىرنى ئېلىپ كەلدى. لېكىن، بۇ قېتىم ئۇ بۇ كىتابنى باشقىلاردىن يۇشۇرۇپ يۈرۈپ كۆردى. لېكىن، بىر قېتىم ئۇ بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوقۇغانلىرى ھەققىدە ئورتاقلاشماقچى بولغان ئىدى، ئۇنىڭ ھېلىقى دوستى كىتابنى پارە-پارە قىلىۋەتتى.ھەمدە ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ:سەن بۇنى يەنە ئوقۇۋېرىدىغان بولساڭ، كاپىر(دىنغا ئىشەنمەيدىغان كىشى)غا ئايلىنىپ كېتىسەن، دېدى.

   ئالى يەنىلا بەل قويۋەتمىدى، ئۇ كىتابتىن يەنە بىرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ تېخى يەكشەنبە كۈنلىرى ئوغۇرلىقچە چېركاۋغا بېرىپ، ۋەز ئاڭلايدىغان بولىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئەسلىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى، ئۇ ۋاقىتتا  ھېلىقى دىن تارقاتقۇچى ئاچقان دوختۇرخانا رېمۇنت قىلىنىۋاتاتتى. ئالى ئۇ يەرگە بېرىپ ۋاقىتلىق خىزمەت تاپتى. ھەمدە كۆڭلىدە:كېسەل –ئاغرىقلارغا ياردەم قىلىش يامان ئىش ئەمەستۇ؟دەپ ئويلىدى.

   بۇ مەزگىلدە ئۇ دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەپسىلىي كۈزەتتى، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. دوختۇرخانا بىناسى رېمۇنت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئالى ئۇ يەرگە يېقىن يەردىن بىر خىزمەت تاپتى. كۈنلەر ئۆتۈۋەرگەنسىرى ئاشۇ شىۋىتلارنىڭ خۇشال،ئىناق تۇرمۇشى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرشقا باشلىدى. ئۇ دائىم دوستلىرى بىلەن بۇ ئىشلار ھەققىدە پاراڭ قىلىدىغان بولىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى تېنچ، ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدا بىر خىل ئۆز-ئارا ئىشەنچ بار. شۇڭىلاشقا، ئېتىقاد جەريانىدا بىر-بىرىگە كىشىگە ئارام بېغىشلايدىغان تەسەللىي ۋە ئىلھاملارنى بېرەلەيدۇ. بۇ خىل كەيپىياتنى ئالى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.

دوختۇرخانا جايلاشقان قۇم دەرۋازىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئاشۇ قوشنىلار، بۇ شىۋىتلارنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان دىنغا مۇناسىپ ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئۇچۇق ئاشكارا ئېتىراپ قىلاتتى.ئۇلارچە بۇلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى خرىستىيان دىنى مۇرتلىرى بولسىمۇ، بۇ جەھەتتە مۇسۇلمان دوستلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى ئىدى.

بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئالى بارا-بارا بۇ شىۋىتلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىجىل نىكاھ تۇرمۇشىنى ساقلاپ ، سەمىمىي ۋە شەخسىيەتسىز كىشىلەردىن بولالىغانلىقىنىڭ سەۋبىنى چۈشىنىپ يەتتى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ، خىرىستىيان دىننىڭ تەلىماتلىرىغا بىردەك بوي سۇناتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ خرستىيان دىننىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشنى سىناپ بېقىشقا باشلىدى. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، ئالايىتەن ئىسلام دىننىڭ ئەنئەنىسى بويىچە شەھەردىن يەنە بىر خوتۇن ئالدى. يەنە بىر ئۆيى شەھەردە بولغاچ، يېزىدا تۇرىۋاتقان ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ باشقۇرشىدىن خالى بولۇپلا قالماي، يەنە يېزىدىكى ئايالىنىڭ ئۇنىڭ خرىستىيان دىنىغا بۇنداق دوستانىلارچە مۇئامىلە قىلىشغا بولغان نارازىلىقىدىنمۇ مۇستەسنا ئىدى.

تەخمىنەن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ گەرچە بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىمۇ، لېكىن ئوخشىمايدىغىنى ئۇ ھازىر يەنە  ئۆزىنىڭ خرىستوسنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشىنىپ قالغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆز قەۋىمداشلىرى تەرپىدىن تاشلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق تەغدىرگە يۈزلىنىشى كېرەكلىگىنىمۇ بىلەتتى. لېكىن بۇمۇ ئۇنى كەينىگە ياندۇرالمىدى. ئۇ ئۆز قەلبىگە سادىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى، باشقىلار كەمسىتىدىغان ناسارالارنىڭ سېپىگە باتۇرلۇق بىلەن قوشۇلۇشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىنچى ئايالىدىن ئايرىلدى، ئەمما، بۇرۇنقى ئايالى ۋە بالىلىرىغا ئۆزلۈكسىز تەمىنات ئەۋەتىپ تۇردى. كېيىن ئۇ چوقۇندۇرۇشنى(خىرىستىيان دىندىكى بىر خىل مۇراسىم) قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ بىردىنبىر خرىستىيان مۇرىتى ئەمەس ئىدى. چۈنكى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا قارار چىقارغان ئىدى. بۇ كىشىلەر گەرچە ياش قۇرامى، خاراكتىرى،ئارقا كۆرىنىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما، قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە خېلى كۆپ بىر قىسىم كىشىلەر چوقۇندۇرلۇپ ئەيسا مەسىھنىڭ مۇرتلىرىغا ئايلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ ئەرلىرى بىلەن بىرلىكتە چوقۇندۇرۇلدى،  لېكىن ئالىنىڭ ئايالى ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىدى.

暴风截图2012121110036828.jpg



暴风截图2012121110163250.jpg


暴风截图2012121110237343.jpg


暴风截图2012121110800078.jpg


暴风截图201212119621750.jpg


暴风截图201212119338312.jpg


pic7.jpg


pic5.jpg

يۇقىرقىلار ئەينى ۋاقىتتا خرىستىيان مۇرىتىغا ئايلانغان كىشىلەردۇر




شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئالىنىڭ بۇ ئېتىقادىدىن يەنىلا خۇشال بولدى، چۈنكى، ئۇ قوشۇلسىلا ئۆزىنىڭ ئاياللىق سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالالايتى. بۇ ئۆمىرىدە ئۆزىنىڭ تاشلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھورۇنلىشىشقا، ئائىلىسى بىلەن ئانچە كارى بولماس بولۇشقا باشلىدى. بىر نەچچە يىل ئىچىدە پۈتۈن ئائىلە قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بۇ خىل ئەھۋال بىر نەچچە يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان بۇ ئېرىنىڭ مۇشۇنداق چىدىغۇسىز شارائىتلار ئاستىدىمۇ، ئۇنىڭغا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىللىق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئاخىر تەسىرلەندى. ئاخىرى ئۇمۇ چوقۇندۇرلۇپ، خرىستىيان دىنغا كىردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بەخىتلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى.

pic3.jpg


ئالى بىر ئائىلە كىشىلىرى


خرىستىيان دىنى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى 1919-يىل



تەبىئىيكى، ئالى ۋە باشقا خرىستىيان دىنغا ئېتىقاد قىلغان كىشىلەر ئەتىراپتىكى قوشنا-قۇلۇملارنىڭ دېققەت قىلىش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلارنىڭ قوشنىلىرى شۇنى بايقىدىكى، بۇ خىرىستىيان مۇرتلىرى گەرچە قاتمۇ-قات قىيىنچىلىق ۋە قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچىرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇرۇنقىدىن يەنىلا خۇشال_خۇرام ياشاۋاتاتتى. تۇرمۇشتىكى مانا مۇشۇنداق ئىجابىي تەرەپلەرنىڭ نامايەن بولىشى بارا-بارا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ مايىللىقىنى كۈچەيتتى.شۇنداق قىلىپ خرىستىيان دىنى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئادىمى تىز سۈرەتتە كۆپىيىشكە باشلىدى. 1919-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرامىغا يەتكەن ساداقەتمەن مۇرتلار 200 دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلار ئىلگىرى ئىسلام دىننىغا ئىتىقاد قىلغان كىشىلەر ئىدى. ئەگەر بۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى ھېساپقا ئالىدىغان بولساق، بۇ سەپكە قېتىلغانلارنىڭ سانى بەش يۈز نەچچىگە بارىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ چىگىراسى ئىچىدىكى شىۋىتسىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلارمۇ 30 نەچچە ئادەمگە يەتكەن ئىدى.

暴风截图201212119844203.jpg

قەشقەردىكى دىن تارقىتىش پونكىتىنىڭ دەرۋازىسى


暴风截图201212119420953.jpg

يەركەندىكى دىن تارقىتىش پونكىتى

暴风截图2012121110033031.jpg

پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇن


暴风截图2012121110335781.jpg


قەشقەردىكى دىن تارقىتىش پونكىتىنىڭ ھويلىسى



1928-يىلى قەشقەردە بىر قېتىملىق كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان ۋەقە يۈز بەردى. 26 ياشلىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ياش، ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا ئۆزىنىڭ خىرىستىيان دىننىغا كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ دادىسى شىئە مەزھىپىدىكى ئاتىقى بار موللا ئىدى، ئۇ ھىندىستاندىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدا ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ پاسپورتى بار ئىدى. گەرچە ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن ئۇ ئائىلىسىنىڭ تەھدىتى ۋە بېسىمىغا ئۇچىرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چوقۇندۇرۇشنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، سۇننى مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار باشقا خىرىستىيان مۇرتلىرىغا قىلغاندەك ئۇنىڭغا ناچار مۇئامىلە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇ چوقۇندۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆزىگە يوھان دەپ ئىسىم قويدى.

暴风截图2012121110256281.jpg

دىن تارقاقۇچىلار ۋە چوقۇندۇرۇلغانلار

暴风截图201212119624578.jpg

دىن تارقاتقۇچىلار دالا سەيلىسىدە

暴风截图2012121110429171.jpg

بىر ئائىلە شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلىرى

暴风截图201212119414468.jpg

شىۋىتلار تەرپىدىن بېقىۋىلىنغان بالا

暴风截图201212119325765.jpg

ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقان شىۋىت ئايال


暴风截图201212119277250.jpg


دىن تارقىتش ئۈچۈن كەلگەن شىۋىتلار


ئۇ چاغدا ئۇ دىن تارقىتىش جەمىيىتىنىڭ باسمىخانىسىدا خىزمەت قىلاتتى. ئۇلار دىننىي كىتاب ماتىرىياللارنى بېسىش بىلەن بىرگە، ئەينى ۋاقىتتا بار بولغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتىرىياللىرىنىمۇ باساتتى. يەنە قەشقەرلىك سودىگەرلەر ئۈچۈن ھېساۋات دەپتىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان باياناتلىرىنىمۇ بېسىپ بېرەتتى.

قەشقەردىكى شىۋىت باسمىخانىسى

باسمىخانىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار


شىۋىت باسمىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار


شىۋىت باسمىخانىدا بېسىلغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىنجىل


ئۇيغۇرچە ئېلىپبە كىتابى



بۇ ۋاقىتتا ئالى ئاللىقاچان ئوتتۇرا ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ، قەشقەر دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەز ئېيتقۇچىسىغا ئايلانغان ئىدى. گەرچە بازار رەستىلەردە تاسادىبىي باشقىلارنىڭ قارىشلىقى ۋە ئېتىراز بىلدۈرىشىگە ئۇچىرىغان، ھەتتا خەتەرلىك تەھدىتلىرىگە يولۇققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىللىق مۇئامىلىلىك، خۇش پېئىللىق ئادەم يەنىلا يېقىن دوستلىرى تەرپىدىن پۈتۈنلەي تاشلىۋىتىلمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالى ئىسمى-جىسمىغا لايىق مىھرىبان ۋەز ئېيتقۇچى ئىدى. يەكشەنبە كۈنلۈك ئىبادەت مەزگىلىدە، چېركاۋغا قىزىقىپ ۋە ھەۋەس قىلىپ كېلىدىغانلار رەسمىي خىرىستىيان مۇرتلىرىدىن كۆپ بولاتتى. ئۇ دائىم ئىنجىلدىكى "ئاداشقان بالىنىڭ يامان يولدىن قايتىشى"دېگەن ھېكايىنى سۆزلىگەندە، ھېلىقى ئۇچىسىغا  يوللۇق يىپەك تون،بېشىغا ئاق بۆك،پۇتىغا ئۇزۇن ئۆتۈك كىيىۋالغان سالاپەتلىك ياشنىڭ ناھايىتى تەنبەل بىر ئاتنى مىنىپ، سۈر ھەيۋە بىلەن دادىسىنىڭ ئۆيىدىن قانداق ئايرىلغانلىقىنى ئىنتايىن جانلىق ھالدا تەسۋىرلەپ بېرەتتى. ئۇلار ئالىنىڭ ئاشۇ جانلىق تەپسىرلەشلىرىدىن، ھېلىقى بالىنىڭ كاپىرلار ئۈچۈن چوشقا بېقىپ بېرىدىغان پەسكەش ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقى، ئۆيىگە ئۆمىلەپ قايتقانلىقى، تېجىمەللىكتە قەشقەر كوچىلىرىدىكى قەلەندەرگىمۇ يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەڭ ئاخىردا دادىسىنىڭ ئۇنى ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا قارشى ئالغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆرىۋالالايتتى.

روجىستىۋا بايرىمى ئەتىگەنلىكىدىكى يىغىلىشتا ھامان ئىككى –ئۈچ يۈز ئادەم توپلىناتتى. ئادەتتە بالىلار ۋەز مۇنبىرىنى قورشاپ بىنەپشە قىزىل رەڭلىك گېلەم ئۈستىدە ئولتۇراتتى. ۋەز مۇنبىرى تاغدىن تۆگىگە ئارتىپ ئەكىلىنگەن ئىككى تۈپ يوغان قارىغاي ياغىچىدىن ياسىلىپ،ئۈستىگە ئاق شاملار توشقىچە تىزىلاتتى. شىۋىتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرى ئاچقان خەنزۇ مەكتەپتىكى بالىلار قورو ئىچىنى رەتمۇ-رەت رەڭگارەڭ  گۈللۈك پانۇسلار بىلەن توشقۇزۋىتەتتى. باسمىخانىدىكى ئىشچىلار ۋە ئۇيغۇر مەكتەپتىكى بالىلار بىر مەدىھە ئوقۇش گۇرۇپپىنى تەشكىل قىلىپ، روژدېستوۋ ناخشىلىرىنى ئېيتاتتى. بارلىق قوشنىلار بۇ يەرگە كېلىپ خىرستوسقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاڭلايتتى ھەمدە خرىستىيان مۇرتلىرىنىڭ بايرام خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمان بولاتتى. ئۇيغۇر مەكتەپتە مۇھەممەد ئىسىملىك بىر بالا بولۇپ،ئۇنىڭ ئۆيى دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسى قوروسىنىڭ يېنىدىكى ماشىنا ئەتىرىتى ساريى ئىچىدە ئىدى. دادىسىنىڭ ئىسمى توختى ئاخۇن بولۇپ، ياغاچچىلىق قىلاتتى. مۇھەممەد ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ سىڭلىسى ھاۋا تۆت ياشتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاپىسى تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى. دادىسى بىر خەنزۇ ئەپىيۇن سودىگىرىگە قەرز بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن توختى ئاخۇن تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. شۇ كۈنى كەچتە بۇ ئىككى بالا دىن تارقاتقۇچىلاردىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى، ئۇلار قەرز ئىگىسىنىڭ ئۇلارنى قەرز ھېسابىدا ئېلىپ كېتىشىدىن، مۇھەممەدنى چاكار قىلىپ،چىرايلىق سىڭلىسى ھاۋانى باشقا خەنزۇ ئائىلىسىگە سېتىۋىتىشىدىن قورقاتتى. مۇھەممەد:مەن قېچىپ كېتەلەيمەن، ئەمما، ئۇلار ھاۋانى كىچىك خوتۇنلۇققا سېتىۋىتىدۇ، ئۇنى ئېلىپ كەتتىمۇ، ئۇ بىر ئۆمۈر ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيدۇ، دېگەنىدى.

暴风截图2012121110030109.jpg


مىسسئۇنىرلار بۇ خەنزۇ خوجايىغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ،توختى ئاخۇننىڭ دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىغا كۆپ قەرز بولۇپ قالغانلىقىنى ، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇپ تەربىيەلىنىۋاتقىلى، بۇ يەردە ھەر كۈنى بىر ۋاق تاماق يەۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولغانلىقىنى شۇڭىلاشقا دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىدا قېلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇ خوجايىن ئەپىيۇن سودىسى قىلىدىغان بولغاچقا،ئىشنى سوتقا بېرىپ ھەل قىلىشقا پېتىنالمايتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى بالا تاكى بۇ بوران ئۆتۈپ كەتكەنگە قەدەر مەكتەپنىڭ ياتىقىدا تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەركەندىكى دارىلتامغا يۆتكەلدى ھەم شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.

1926-يىلى 12 ياشقا كىرگەن مۇھەممەد خېلىلا مەزمۇت بىر يىگىتكە ئايلاندى، ئۇ پۇتبولنى خېلى ياخشى ئوينايتتى. ھەتتا ئۇنىڭدىن بىر نەچچە ياش چوڭ بالىلارمۇ ئۇنىڭغا يەتمەيتتى. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەركەن ناھىيە شەھەر ئىچىگە ئۈچ ئىنگىلىز مىللىي كېلىدىغان بىر يېزىغا كۆچۈرۈلدى. ئۇ ئۇ يەردە 20نەچچە ئوغۇل بالا بىر ئوغۇللار ئائىلىسى(بۇ مىسسئونىرلار ئاچقان بىر دارىلتام ئىدى) دە تۇراتتى. لېكىن ئۇ ھەر يەكشەنبە كۈنى يەكەن ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى دىنىي يىغىلىشقا قاتناشقىلى باراتتى. چۈشتىن كېيىن سىڭلىسى ھاۋاغا ھەمراھ بولاتتى، ئۇ ۋاقىتتا ھاۋا ئاندېرسىن خانىم باشقۇرۋاتقان قىزلار ئائىلىسىدە تۇراتتى. بىر كۈنى مۇھەممەد سىڭلىسىنىڭ ئاپىسىنى ئەسلەپ يىغلىغانلىقىنى ئاڭلىدى، ھەمدە ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ " يىغلىما، سەن بىزنىڭ مەڭگۈ ئايرىلىپ كەتمەيدىغانلىقىمىزنى بىلىسەن"دېدى.

ئۇ ۋاقتىلاردا غەرپ دۆلەتلىرىدە قىزلارنىڭ مائارىپ تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلىشى ئادەتتىكى بىر ئىش ئىدى، لېكىن ئۇيغۇرلاردا، ھەتتا پۇلى بار ھاللىق ئائىلىلەردىمۇ قىزلارنىڭ ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى ناھايىتى تەس ئىدى. قىزلار ئائىلىسىدىكى بۇ يىگىرمە بەش قىز مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئائىلە باشقۇرۇش جەھەتتىنمۇ ياخشى تەربىيەلىنەتتى. شۇڭىلاشقا، ئۇلارنى باشقىلار ئوڭايلا ياقتۇرۇپ قالاتتى. ئون بەش ياشقا توشىشى بىلەنلا باشقىلار ئۇلارنى سوراپ كېلىشكە باشلايتتى. (ئون بەش ياشقا توشمىسا، ئاندىرسىن خانىم ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قوشۇلمايتتى).

مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى چېچەن ۋە ئەقىللىق بولۇپ، مەكتەپتىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. مۇھەممەد قۇشلارنىڭ تۇرمۇشنى كۈزىتىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ كاككۇكنىڭ قانداق قىلىپ باشقا قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىغا تۇخۇم تۇغۇدىغانلىقىنى ئۆگەنگەن مەزگىلدىكى ھاياجانلانغان تۇرقىنى كۆرگەن كىشىنىڭ  كۆڭلى سۆيۈنۈپ كېتەتتى. ئەلۋەتتە، ئۇ ۋاقىتتا قۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇ ئوقۇغۇدەك ئۇيغۇرچە كىتاب ياكى ژورناللار يوق ئىدى، ئۆزىمۇ مەخسۇس بۇ ھادىسىنى كۈزۈتۈپ باقمىدى، پەقەت مەكتەپتە مۇئەللىمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ بىلدى، خالاس.

مۇھەممەد 17 ياشقا كىرگەن يىلى يۇسۈپمۇ قەشقەردىن يەركەنگە يوتكىلىپ كەلدى. ئۇ ۋاقىتتا دىنىي ئۇيۇشما گۈللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، دىن تارقىتىش پونكىتىدا خىزمەت قىلىدىغان ياشلار ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ چوقۇندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. مۇھەممەد ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، ئۇ چوقۇندۇرۇلغاندىن كېيىن ئىسمىنى ھابىلغا ئۆزگەرتتى. يۈسۈپ ۋە ھابىلنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، بۇ بىر توپ ياشلارنىڭ ئىنجىلنى قۇرداشلىرى ئارىسىغا تارقىتىشقا بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى.

ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشتىكى سەمىمىيلىكى، مىھرىبانلىقى، پاك-مەسۇملۈكى ۋە ئەخلاقى ھەرىكەتلىرى  مۇسۇلمان دوستلىرىنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى.

1931-يىلى شىنجاڭدا زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى مىش-مىش گەپلەر تارقىلىپ، ھەممە ئادەمنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. 1932-يىلى ئىچكىي ئۇرۇش پارتىلىدى. شىمالىي شىنجاڭدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نامۇۋاپىق ئىدارە قىلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.يەنە ئىچكىرىدىن زور كۆلەمدە مۇسۇلمانلار كىرىپ كەلدى(ماجۇڭيىڭ باشلاپ كەلگەن تۇڭگانلار بولسا كېرەك.كېيىن كىشىلەر بۇنى ياپۇنيەنىڭ پىلانلىشى ۋە ياردەم بېرىشىن بولغان دەپ گۇمان قىلىشتى).  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەندە بىر مۇسۇلمان مەزھىپىنىڭ ئېسىيانىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى(مۇھەممەد ئىمىن باشچىلىقىدا خوتەن قارقاشتا كۆتۈرۈلگەن توپىلاڭنى كۆرسىتىدۇ-تەرجىماندىن).شۇ ۋاقىتتا خەلق ئارىسىدا مۇنداق ئەپقاچتى گەپلەر تارقالغان: خوتەن ھەم نۇرغۇن قارغۇلارچە ئەگىشىدىغان مۇسۇلمانلارھەم ئەقىللىق ئادەملەر ئىنتايىن كۆپ جاي.  ئۇ ۋاقىتتا جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىدا، بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار ئاتلىق ۋە پىيادە چىقىپ، غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىدا سۈر-توقاي يۈرگۈزۈپ، بارغان ھەر بىر يېزا-كەنتتىكى بارلىق مال-مۈلۈكلەرنى بۇلاپ ئېلىپ كەتكەن، ئۇچىرىغان بارلىق خەنزۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنى ئۇرۇش غەنىمىتى قاتارىدا ئېلىپ كەتكەن.  بۇ قېتىملىق ئۇرۇش ئاساسلىقى بۇتقا چوقۇنىدىغان خەنزۇلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلار قىلچە رەھىم قىلماستىن، بىرى ئۇچىرىسا بىرىنى، يۈزى ئۇچىرىسا يۈزنى قىرىپ تاشلىغان، بىرنىمۇ ئاشۇرۇپ قويمىغان. (بۇ ھەقتە تارىخى ماتىرىياللاردا ھېچقانداق تارىخى پاكىتلار ئوتتۇرغا قويۇلمىغان، ئاپتۇر بەلكىم كوچىدىكى مىش-مىش پاراڭلارنى ماقالىغا ھەقىقىي ۋەقە سۈپىتىدە قىستۇرغان بولىشى مۇمكىن،چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا قارىقاشتىكى ئېسىيانچىلار جىن شۇرىننىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلغان بولۇپ،بۇ يەردە ئاپتۇر بۇددا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىنى مەجبۇرى قىستۇرۇپ قويغان، تارىخى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇ ۋاقىتتا خوتەن تەرەپلەردە ئۇنچىۋىلا كۆپ خەنزۇ ئاھالىسىنىڭ بولىشى ناتايىن.چۈنكى، ليۇ جىشاۋ ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇ ۋاقىتتا جىن شۇرۇننىڭ خوتەندە تۇرۋاتقان ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 500 ئەتىراپىدا ئىكەن<ئۇيغۇر تارىخى ئىككىنچى قىسىم ئىككىنچى كىتاپ 1209-بەت>-تەرجىماندىن)  

1933-يىلى يەرلىك ھۆكۈمەت يەركەندىكى  دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە تۇرۇش ھوقۇقىنىڭ جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى بىلەن شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن بولغانلىقىنى ناۋادا جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرۇش ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولالمايدىغانلىقى ئۇقتۇردى. ئەينى ۋاقىتتا ئاندىرسىن خانىم يوق ئىدى، دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسى بارلىق ئايال مىسسئونىرلارنى قەشقەرگە يۆتكەشنى قارار قىلدى. ئەمما، ئۇلار خوشلىشىپ مېڭىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداقلا ئاشۇ قىزلارنى يەركەندىكى قىزلار ئائىلىسىدە تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلى ئۇنىمىغان ئىدى. ئۇلار بىرەر يېزىغا كۆچۈشنى ئويلاشتى، بەختكە قارشى بۇ ۋاقىتتا بىرەر بىخەتەر يېزىمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر مۇۋاپىق ئۆي تاپقان تەغدىردىمۇ، ئۆي ئىگىسى ئۇلارنىڭ تۇرۇشىغا يول قويالمايتتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، تاغدىكى قىزغىزلارنىڭمۇ ئېسىيانچىلار توپىغا قېتىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالدى. بۇنداق بولغاندا، تاغدىكى بىرەر يېزىغان چىقىپ پاناھلىنىپ تۇرۇشتىنمۇ ھېچقانداق ئۈمىد قالمىغان ئىدى.

قىزلار ئائىلىسىدە تۇرۋاتقان قىزلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى قارا يىتىم ،بەزىلىرى  ئاتا-ئانىلىرى ئاجىرىشىپ كېتىپ قايتا توي قىلغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆگەي دادا ۋە ئۆگەي ئانىلىرى ئۇلارنى قۇبۇل قىلمايتتى. بۇ قىزلار ئائىلىلىرىگە قايتۇرلغان ھامان، 12 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنلا،چوقۇم ياتلىق قىلىنىشى ئېنىق ئىدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى قىزلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئىپپىتىنى قوغداپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرى ئۇغۇل مۇرتلار بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان ئىدى، ئوغۇللار قىزلارنىڭ بۇ مۇستەھكەم ئىشىك دېرىزىلىك قىزلار ئائىلىسىدە تۇرىشى دائىم يەرلىك باندىتلار كېلىپ بۇلاڭچىلىق قىلىپ تۇرىدىغان يېزىلاردا تۇرغىنىدىن كۆپ بىخەتەر دەپ ھېسابلايتتى. ئىلگىرىمۇ ئۇرۇش پارتىلايدىكەن، دېگەن مىش-مىش گەپلەر تارقىلىپ يۈرەتتى، ئەمما ھېچ ئىش يۈز بەرمەيتتى. شۇڭىلاشقا يەركەندىكى دىن تارقاتقۇچىلار بۇ قېتىمقى ئېسىياننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىن تېزراق ئۆتۈپ كېتىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئامان ئېسەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. لېكىن، بەختكە قارشى، 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى خوتەندىكى ئېسىيانچىلار ئارمىيىسى ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ(مۇھەممەد ئىمىن، ئابدۇللا، نۇرمۇھەممەدلەر بولۇپ،خوتەن قارىقاشتىن. ئەمەلىيەتتە يەركەنگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇھەممەد ئىمىننىڭ ئىككىنچى ئىنىسى ئابدۇللا رەھبەرلىك قىلغان.بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ليۇ جىشياۋنىڭ "ئۇيغۇر تارىخى"ئىككىنچى قىسىم ئىككىنچى كىتاب 1205-بەتتىن 1211-بەتكىچە بولغان مەزمۇنلارغا قارالسۇن،.-تەرجىماندىن). رەھبەرلىكىدە يەركەندىكى كونا شەھەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ بىر نەچچە ئىستىھكامنى ئىگەللىدى. ئەمىر ئابدۇللا(ئۇ ئۆزىنى كېيىن شاھ مەنسۇر دەپ ئاتىغان-تەرجىماندىن) يەركەننىڭ باش قۇماندانى بولدى. يەركەن ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر قاتار كەسكىن ئۇرۇشلاردىن كېيىن،ئۇلار بىر نەچچە يۈز خەنزۇنى ئۆلتۈرۈپ،خوتۇنلىرىنى ئېلىپ كەتتى(بۇ بىر جۈملە بايانغا ماقالە ئاپتۇرىنىڭ ھېسسى قاراشلىرى سىڭىپ قالغان بولىشى ئېھتىمال،چۈنكى، مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتىرىياللاردا بۇ ھەقتە ھېچقانداق يىپ ئۇچى قالدۇرۇلمىغان-تەرجىماندىن).بۇ ئېسىيانچىلار قوشۇنى پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭنى كونتىرول قىلدى. بۇ ۋاقىتتا ھەر قايسى شەھەرلەردىكى قاتمۇ-قات توساقلاردىن ئۆتۈپ قەشقەرگە بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مۇشۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى قەشقەردىكى مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ياردەمچىسىگە ئايلانغان ھابىلنىڭ دەل يەركەنگە قايتىپ سىڭلىسىنى يوقلاپ كەلگەن ۋاقتى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا يۈسۈپمۇ يەكەندە ئىدى. ھابىل 19 ياشتا، ھاۋا 13 ياشتا ئىدى.

pic6.jpg


مۇھەممەد(ھابىل) ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى ھاۋا



مۇناسىۋەتلىك سىن ھۆججىتى:




ئەسكەرتىش:يەنە بىر سىن ھۆججىتى كېيىكى قىسىمىنىڭ ئاخىرىغا بېرىلىدۇ.


بىرىنچى قېتىملىق مەجبۇرلىنىش، 1933-يىلى

1933-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئابدۇللا بەگ يەركەندىكى دىن تارقىتىش نوقتىسىنىڭ مەسئۇلى ئىمرست رون ئەپەندىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بارلىق زەھەرلىك دورىلارنىڭ ئۇنىڭغا بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بىر قىسىم ئەسكەرلەر ۋە بىر نەچچە ھىندىستانلىق سودىگەرلەرنىڭ باشچىلىرى ئېمىرست رون ئەپەندىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەمىر ئىزچىل ھالدا بۇ مېھمانلارنىڭ قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، ئىككى ھىندىستانلىق بۇ ئۈچ ئەر دىن تارقاتقۇچىغا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن رەسمىيەت خاراكتىرلىك ئۇچىرىشىپ قويۇش تەكلىپىنى بەردى. ئىمرست رون ئەپەندى ۋە ئوغۇللار ئائىلىسىگە مەسئۇل ئارىئېلى ئەپەندىم يەنە شىۋىتسىيە دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ باسما ئىشلىرىغا مەسئۇل ھېرمان ئەپەندى بىرلىكتە ئەمىر بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تۇرىدىغان قورودا خېلى ئۇزاق تۇرغاندىن كېيىن بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىلدى. بىرەيلەن ئۇلاردىن بارلىق دورا رېستىپلىرىنى يېزىشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن كېيىن ئەمىرنىڭ ئۆزى ئۇلار تۇرغان يەرگە كىرىپ كەلدى. ئۇ كىرگەن ۋاقىتتا قولياغلىق بىلەن بۇرنىنى ئېتىۋالغان بولۇپ، بۇنداق قىلىشى ئۇلار تۇرغان ئۆينىڭ ئاللىقاچان خرستىيان مۇرتلىرى تەرپىدىن بۇلغانغان،دەپ قارىشىدىن بولغان ئىدى. ئۇ ئېغىز ئېچىپ ئۇلارنى سوراق قىلىشقا باشلىدى: سىلەر بۇ زەھەرلىك دورىلار بىلەن مەن ۋە مېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمنى قەستلىمەكچىمۇ؟ ئارقىدىن ئۇلاپلا ئۇ قەھىرلىك ئاھاڭدا:بىزنىڭ قانۇنىمىز بويىچە، سىلەرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم. چۈنكى سىلەر ئاللىقاچان بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى ۋەيران قىلدىڭلار! ئۇلارنى باغلاپ ئېلىپ مېڭىڭلار!دەپ ۋاقىرىدى. ئىمىرست رون ئەپەندى ئەڭ ئىچىدە تۇرغان بولۇپ،ئۇنى تۇنجى بولۇپ باغلاشتى. رەھىمسىز ئەمىر ئۇنى كۈچەپ بىرنى ئىتتىرۋەتتى. ھەربىي فورما كىيگەن بىر پەي قۇراللىق كىشىلەر ھويلىغا چاقىرىلدى. ئۇلار بۇ ئۈچ دىن تارقاتقۇچىنى بېسىپ باغلىدى ھەمدە ئۇلارنى شۇ زامات ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. ئەمىر قىلىچىنى چىقىرىپ ئىمرست رون ئەپەندىنى چاپاي دەپ تەمشىلىۋاتقان شۇ پەيىتتە، نەق مەيداندىكى ھىندىستانلىق سودىگەر ئالدىغا چىقىپ ئەمىردىن ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئۆتۈندى ھەمدە قىلىچ بىلەن چېپىلىپ يارىلاندۇرۇلغىلى قىل قالدى. بىر دەم يالۋۇرۇپ ئۆتۈنگەندىن كېيىن،ئەمىر ئاخىرى بۇيرۇقىنى  كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ئۆزگەرتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆرە تۇرغۇزلۇپ،ھويلىنىڭ ئوخشىمىغان بۇلۇڭلىرىغا باغلاپ قويۇلدى. مىلتىقنى ھەر ۋاقىت ئېتىشقا تەييار قىلىپ بەتلەپ قويدى. بىر ئەسكەر قولىغا بىر كالتەكنى ئېلىپ زۆرۈر ۋاقىتتا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە تەييار ھالەتتە بىر چەتتە تۇردى. ئەمما، يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرى بوشتىلىپ،ھېلىقى ھىندىستانلىقنىڭ ئۆيىگە قاماپ، قاتتىق نازەت ئاستىغا ئېلىنىشى لازىملىقى بۇيرۇلدى.
دىن تارقىتىش پونكىتىدىكى ئۈچ دىن تارقاتقۇچى ئەمىر بىلەن كۆرۈشكىلى كەتكەن ۋاقىتتا، ھابىل ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى.مەمەت بۇ ۋاقىتتا ئاشخانىدا ئىش قىلىۋاتاتتى.
ھابىل ئۇنىڭدىن: ئاكا،قارا مەن سېنىڭ كىيمىڭنى كىيىۋالدىم،قانداق بوپتۇ؟دەپ سورىدى.
_كىيىۋەرگىن، ھېچقىسى يوق،دىدى-مەمەتمۇ.
_مەن كەيسەم راستىنلا كۆڭلۈڭگە ئالمامسەن؟
_ئالمايمەن.
ئاندىن ھابىل كېسەك تامغا بىر كىرىست بەلگىسىنى سىزدى، ھەمدە مەمەتتىن: كۆردۈڭمۇ؟ دەپ سورىدى.
_كۆردۈم،دېدى مەمەت جاۋابەن.
ھابىل ئارقىدىن ئۇلاپلا يەنە بىر تاج سىزدى.ھەمدە مەمەتكە قاراپ "كۆردۈڭمۇ؟" دەپ سورىدى. "كۆردۈم"دېدى مەمەت.
ئەڭ ئاخىردا ھابىل: قارا،ئاۋال كىرىست بولسا، ئاندىن كېيىن تاجمۇ بولىدۇ،دېدى.
بۇ ۋاقىتتا يۈسۈپمۇ كەلدى.  ئۇ بىرەر كېلىشمەسلىك باردەك،كۆڭلىنىڭ بىر قىسما بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. يۈسۈپ،ھابىل ۋە مەمەتلەر ئايال دىن تارقاتقۇچىلارنى ئىزدەپ تاپتى، ئۇلار بىرلىكتە ئىبادەت قىلىشتى. ھابىل يىغلاپ تۇرۇپ، قۇتقازغۇچىدىن خۇددى ئىنجىلدىكى سىتىفانغا ئوخشاش ئۆزىگە غەيرەت ۋە كۈچ ئاتا قىلىشنى تىلىدى. يۈسۈپ قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆت بالا ئوغۇللار ئائىلىسىدىن شەھەرگە نەرسە-كېرەك ئالغىلى كىرگەن بولۇپ،ئۇلار بازاردىكى ئەھۋالنىڭ ئانچە خەيىرلىك ئەمەسلىكىنى بايقاپ،ئالاقزادە بولغىنىچە دىن تارقىتىش پونكىتىغا كېلىپ،زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سوراشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېھمانخانىغا يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى. ھابىل ئېغىز گارمۇنىنى چالدى.يۈسۈپ بىلەن رۇي دان خېنىم "سەۋىرچانلىق بىلەن قەلبىڭنى مۇستھكەملە"دېگەن مەدىھە ناخشىسىنى ئېيتتى. يۈسۈپ ئىنجىلدىكى پەرىشتىلەرنىڭ  پېتىرنى تۈرمىدىن قانداق قۇتۇلدۇرۇپ چىققانلىقى ھەققىدىكى بۆلىكىنى ئوقىدى. ئاندىن كېيىن ئۇلار يەنە ئىبادەت قىلىشتى. تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ قاتتىق ھەم جىددىي ئۇرۇلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالدى. يۈسۈپ سىرتقا چىقىپ،ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى بايقىدى.ھەمدە  ئارقىغا يۈگۈرگىنىچە: دەرھال قېچىڭلار، ئۇلار سىلەرنى تۇتقىلى كەلدى، دەپ ۋاقىرىدى. لېكىن ئەسكەرلەر قورۇنى قورشاپ بولغان بولۇپ،پەقەت بىر ئوغۇل بالىلا قېچىپ يۇشۇرنالىدى. بۇ ۋاقىتتا قاراڭغۇ چۈشكەن بولۇپ، تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى چوڭ دەرۋازىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۈچ ئايال دىن تارقاتقۇچى ئاختۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار ھابىلغا قاراپ: سەن مۇشۇ دىن تارقىتىش پونكىتىنىڭ ئادىمىمۇ؟ دەپ سورىدى. "شۇنداق"دىدى ھابىل. بىر ئوفىستىر:ئۇنى باغلاڭلار! دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ھابىل:مېنى باغلىساڭلار بولىدۇ،دەپ جاۋاب بەردى.ھەمدە، تۇيۇقسىز يېنىدىن ھېرمان ئەپەندى بەرگەن قەلەمنى چىقىرىپ،  رۇي دان خېنىمغا بەردى.

ھابىلنىڭ  مەسلەك يولىدا جېنىنى پىدا قىلىشى


ئۆلتۈرلۈشتىن بۇرۇنقى ھابىل

بارلىق قىزلار ئېلىپ كېتىلدى،ئەمما ئۇلار كەتكەندىن كېيىن،ئۈچ ئايال دىن تارقاتقۇچى قويۇپ بېرىلدى. لېكىن، ئەسكەرلەر ئۇلار تۇرۋاتقان ئەتىراپنى بىر نەچچە كۈن قامال قىلىپ تۇرغاچقا، ئۇلار بۇ ھاقارەتلەرگە چىداشقا، نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ۋاقىتتا، قالغان تۇتۇلغان كىشىلەر باغلىنىپ، شەھەرگە ئېلىپ كىرىلدى ھەمدە ئەقلى ھۇشىنى يوقىتايلا دەپ قالغان ئەمىر بىلەن كۆرۈشتۈرۈلدى. ئەمىر دەسلەپ ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى،ئاتا-ئانىسى ۋە يۇرتى قاتارلىقلارنى سورىدى. ئۇ بۇنىڭدىن يۈسۈپنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىكى تەۋەلىكىدە، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان ھابىلنىڭ بولسا جۇڭگۇ تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ئۇلارنى بېشىغا زەردە بىلەن ئۇردى. ھەمدە ئۇلارنى قاتتىق ئۇرۇشنى، ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلاشنى بۇيرۇدى. ئۇ ۋاقىراش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېنىدىكى ئەسكەرگە توپ ئىچىدىن ھابىلنى تارتىپ ئەچىقىپ يەنە بىر تەرەپكە ئېلىپ بېرىشنى ئىشارەت قىلدى. ھابىل تىزلىنىپ كۆككە باقتى، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى قەدىمكى دەۋىردىكى مەسلەك يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەشۇ كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشاپ قالاتتى. ئاندىن كېيىن ئۇ خۇددى دوستلىرى بىلەن خوشلاشقاندەك، ئۇلارغا بىرمۇ-بىر قاراپ چىقتى. "ئات!"دېگەن بۇيرۇق ئاڭلىنىشى بىلەنلا،ھابىل يەرگە يىقىلدى. مەمەتنىڭ يېنىدا تۇرغان بىر ئەسكەر مەمەتنى بىرنى نوقۇپ تۇرۇپ"كۆردۈڭمۇ؟" دەپ سورىدى. "كۆردۈم"دېدى مەمەت. ھابىل تېخىچە يەردە تىپىرلاپ تۇراتتى. ئەمىر :قىلىچىڭ بىلەن ئۇنى ئۇ دۇنياغا يولغا سال، دەپ بۇيرۇق قىلدى. كەينىدىنلا ئۇلار ئارىدىكى ئۈچ ئوغۇل بالا تاكى "بىزنى مۇنداق ئازابلىغىچە، ئېتىپ تاشلاڭلار"دەپ ۋاقىرغانغا قەدەر تۇتقۇنلارنى ھاقارەت قىلىش ۋە خورلاشنى توختاتمىدى. ئەمىر ئۇلاردىن ئاچچىقىنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قاماپ قويۇشنى، ھابىلنىڭ جەسىدىنى سىرتقا تاشلاپ ئىتلارغا يەم قىلىۋىتىشنى بۇيرۇدى. لېكىن، كۈتۈلمىگەندە، ھابىلنىڭ جەسىدىگە ئۈچ كۈنگىچە ھېچنەرسە چېقىلمىدى. بىر قىسىم ياخشى نىيەتلىك مۇسۇلمانلار ئۇنى ئاپىرىپ كۆمۈپ قويۇشتى. چۈنكى، ئۇلار بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشىدىن بولغانلىقىغا ئىشىنەتتى. قالغان خرىستىيان مۇرتلىرى تۈرمىدە قاتتىق قىيىن قىستاق ۋە ئازابلاشلارغا ئۇچىرىدى. يۈسۈپ ئېغىر ئىشكەل بىلەن باغلاندى. ئۇلار ئۇنىڭغا كىرىستقا مىخلانغان ئەيسانى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىر ھەپتىدىن كېيىن كىرىسقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈلدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.



شىۋىتلارنىڭ ھابىلغا ئاتاپ يازغان كىتابىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن سۈرىتى


تۇنسانىڭ ھېكايىسى


تۇنسا شىۋىت ئايال بىلەن بىرگە


ئوغۇللار ئائىلىسىدىكى بالىلار يەركەن ناھىيەسىنڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى بىر ھويلىغا،قىزلار بولسا، ئۇدۇل ناھىيە بازىرىغا ئېلىپ كېتىلدى. تۇنسا قىزلارنىڭ ئارىسىدىكى ياشتا چوڭراق ھېسابلىناتتى. تۇنسا ئەسلەپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى:"دىن تارقاتقۇچىلار ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، پەقەت بىزلا قالدۇق(ئۇيغۇر مۇرتلارنى دېمەكچى). ھەممىمىز بەك قورقۇپ كەتتۇق، بىز ئۇلارنىڭ(دىن تارقاتقۇچىلار) بىزدىن مەجبۇرىي ئايرىۋىتىلگەنلىكىنى كۆردۇق. بىزنى بولسا ئۇلار قاماپ قويدى، بىز پۈتۈنلەي دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدۇق. بۇ ۋاقىتتا بىز بارلىق كۈچ-مادارىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندەك، ھەممىمىز  يەردە يېتىپ يىغلاشتۇق. تۇيۇقسىز بىر ئادەم ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى، بىزنىڭ بىر يەرگە توپلىشىۋالغىنىمىزنى كۆرۈپ، بىر چەتتە زوڭزىيىپ ئولتۇردى. ئۇ خۇددي ئىتقا سۆڭەك تاشلاپ بەرگەندەك، ھەم قاتتىق ھەم كۆكىرىپ كەتكەن ناننى "ئېلىشە، يېيىشە"دەپ تاشلاپ بەردى. بىز ئەينى ۋاقىتتا ھەم بىئارام بولدۇق ھەم قورقتۇق. بىزنىڭ بىرەر نەرسە يېگۈدەك ھەپسىلىمىز يوق ئىدى.لېكىن ئۇنى قۇبۇل قىلماسلىققىمۇ ئامالىمىز يوق ئىدى. ئۇ ئادەم بىزنىڭ تىتىرگەن ھالدا ناننى قولىمىزغا ئېلىپ، يېيەلمەي تۇرغان تۇرقىمىزنى كۆرۈپ، بىر ئاز ئىچى ئاغىرىدى بولغاي، چىقىپ كېتىپ، بىزگە يېڭى يېقىلغان ناندىن بەشنى ئەكىرىپ بەردى. كېيىن بىز ئۇنىڭ بىر ئەسكەر ئىكەنلىكىنى، ئىسمىنىڭ مەمەتجان ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ئۇ ۋاقىتتا بىز سېپىل ئىچىدىكى تۇرمە بىلەن قوغدىغۇچى ئەسكەرلەرنىڭ ياتىقى ئارلىقىدىكى بىر ئۆيگە قامالغان ئىدۇق. ئەسكەرلەر بىزگە يېقىنلا جايدىكى بىر ئۆيدە ئىدى. ئۇلارنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئەمىر تۇرىدىغان ئۆي ئىدى. مەيلى ئەسكەرلەر ياكى جىنايەتچىلەر بولسۇن ئەمىر تۇرۋاتقان ئۆيگە ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى. بۇ ۋاقىتتا قاراڭغۇ چۈشتى، ياشتا كىچىكرەك بالىلار ئۈگدەپ ئۇخلاشقا باشلىدى. لېكىن ئۆي ئىچىدە  بالىلار ياتقۇدەك بىر يەر يوق ئىدى،ئەسكەرلەرمۇ ئاشۇ زەيكەش توپا يەرگە بىرەر نەرسىنى سېلىشىمىزغا يول قويمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا يەردە يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. لېكىن ياشتا چوڭراق بىر نەچچىمىز قەتئىي ئۇخلىيالمىدۇق، بىز ئېسىمىزدە قالغان مەدىھە ناخشىلىرىنى غىڭشىپ، ئىلاھتىن بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندۇق. پەقەت مۇشۇنداق قىلىشلا بىزگە ئەڭ زور تەسەللى بولاتتى. يېرىم كېچىدە بىر ئەر كىشى قۇلۇپنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى. ئۇ قولىدا قىلىچىنى تۇتقان پېتى:ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، كىيىملىرىڭنى تۈزۈشتۈرۈش، ئەمىر ھەر قايسىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى، دېدى. بىز ئامال بار تېزرەك ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشتۇق، كۆڭلىمىزدە يىغلاپ تۇرۇپ ئىلاھتىن ياردەم تەلەپ قىلدۇق. چۈنكى، بىز كۆرىدىغان كۆرگۈلۈكلىرىمىزنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلەتتۇق. بۇ ۋاقىتتا يەنە ئىككى ئەر كىشى كىرىپ كەلدى. بىرسى قولتۇقىغا بىر كىتابنى قىستۇرۋالغان، يەنە بىرسى يېنىغا قىلىچ ۋە تاپانچا ئاسقان ئىدى. ئۇ قىلىچىنى چىقىرىپ بىر تەرەپتىن كۆز ئالدىمىزدا پۇلاڭلاتقاچ،  يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزۇن ۋالاقلاپ ۋەز ئېيتتى. ھەقىقىي ئىتىقادنىڭ ئىسلاملا ئىكەنلكى يەنە كېلىپ ھەر قانداق ئەپسانە سۆز بىلەن خرىستىيان دىننى سۈپەتلىسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلغان بولمايدىغانلىقى، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭلا خىرىستىيان دىنىغا ئىشنىدىغانلىقى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ بولسا ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى دېگەندەك بىر گەپلەرنى قىلدى. بىر مەزگىللىك ۋەزدىن كېيىن، ئۇ بىر پارچە قەغەزنى چىقىرىپ، قەغەزگە كۆچۈرۈلگەن قۇرئانچە خەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە ئەگىشىپ بۇ خەتلەرنى ئوقۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بۇ خەتلەر ئەرەپچە بولغاچقا، ئۇنىڭ نېمە مەنە بېرىدىغانلىقىنى بىز بىلمىدۇق. بىز ئۇنىڭدىن مەنىسىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە "بۇنىڭ مەنىسىنى بىلىشىڭنىڭ زۆرۈريىتى يوق، پەقەت توغرا ئوقۇساڭلا بولىدۇ، پەقەت پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئۆگەنسەڭلا، تەڭداشسىز ئاللاھ سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلايدۇ"دەپ ۋاقىرىدى. ئۇنىڭ بۇ گېپى بىزنى بەك ھەيران قالدۇردى، چۈنكى، مەكتەپتە(شىۋىتلار ئاچقان مەكتەپنى كۆرسىتىدۇ) نېمىنى ئۆگەنسەك، مۇئەللىم ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلگىنىمىزگە قەدەر تەپسىلىي چۈشەندۈرەتتى. ئارقىدىنلا ئۇ بىزدىن:قايسىڭلار خىرىستىيان مۇرىتى؟دەپ سورىدى. ئالتە قىز بالا ئىچكىي ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئىنجىلدىكى بىر قىسىم تېكىستلەرنى ئەمدىلا ئوقۇشقا باشلىغان ئىدۇق. بۇ گەپنى ئاڭلاپلا، يېقىندىلا چوقۇندۇرۇشنى قۇبۇل قىلغان ئۈچىمىز( ئايىم، رەيھان،تۇنسا) ئورنىمىزدىن تۇردۇق. مەن باشقىلارغا  جىم ئولتۇرۇپ قوپماسلىققا ئىشارەت قىلغاچ، يېنىمدىكى رەيھانغا پەس ئاۋازدا:ئۇلارنىڭ ئازاب چېكىشىنىڭ ھاجىتى يوق،بارلىق ئىشلارنى بىزلا ئۈستىمىزگە ئالايلى،دېدىم. شۇنداق قىلىپ بىز ئۈچەيلەن ئۇنىڭ سول تەرىپىگە ئۆتتۇق. بىزنىڭ بىچارە ئانىمىز (تۇنسانىڭ ئانىسى)ئەسلىدە بىز بىلەن بىللە تۇرشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇ چىقىشقا پېنتىنالماي، بالىلار بىلەن بىر چەتتە قالدى. ئۇ بىزگە بىر خىل ئەيبلەش نەزىرى بىلەن تىكىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئەرنىڭ بىزنى تەھدىت سېلىش ۋە ھاقارەت قىلىشى يەنە باشلاندى.ئۇ بىزنى "كاپىر،ئىت، يەر يۈزىدىكى ئەڭ مەينەت چوشقا،قېرىنداشلىرىنىڭ يۈزىنى تۆككەن مەلئۇن"دەپ تىللىدى ھەم قارغىدى.



تۇنسا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى



1932-يىلىدىكى تۇنسا



شىۋىتسىيەگە چىققاندىن كېيىن چۈ شكەن سۈرىتى



تۇنسانىڭ شىۋىتسىيە دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىغا يازغان خېتى




ئەڭ ئاخىردا ئۇ بىزدىن :يېقىندا چوقۇندۇرۇلغان ياكى بالا ۋاقتىمىزدىلا چوقۇندۇرۇلغانلىقىمىزنى سورىدى. ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىنىڭ بىزنى دوزاقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  ئۇ يەنە"ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ بۇ بىدئەت يولدىن قايتىپ، كىچىك ۋاقتىڭلاردا قۇبۇل قىلغان ئېتىقادىڭلارغا قايتىشىڭلار كېرەك، ئەسلىدە سىلەر دەسلەپتىلا ئۆز ئېتىقادىڭلاردىن تانماسلىقىڭلار كېرەك ئىدى"دېدى. بىز جاۋاب بەرمىدۇق. "نېمە دېگەن نادان بالىلار-ھە، ئەجىبا، بۇ سۇئالنىڭ پەقەت بىرلا جاۋابىنىڭ بارلىقىنى بىلمەمسىلەر؟بۇ يەردە مىكى-مىكى گەپلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ"،دېدى. ئۇ بۇلارنى دەۋاتقاندا مەن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى كۆرگەن چۈشۈمنى ئەسلەپ قالدىم. چۈشۈمدە مەن قۇتقازغۇچىنى كۆرگەن ئىدىم. بىز ئۈندىمەستىن جىم تۇردۇق،كاللىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئوي-پىكىرلەر لىپ-لىپ قىلىپ چاقناشقا باشلىدى.بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان تاغا-ھەدىلەرنىڭ دائىم بىز ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغانلىقى، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئىلاھ ئۈچۈن دەلىل بولالىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزمۇ بۇنىڭغا مايىل بولۇپ،ئاشۇنداقلاردىن بولۇشقا تىلاۋەت قىلمىدۇقمۇ؟
ئاخىردا ھېلىقى ئەر كىشى ئىنتايىن غەزەبلەنگەن ھالدا:دەرھال ئېيت،قۇلىقىڭ ۋە تىلىڭ بولمىسا ئۇ باشقا گەپ، دەپ ۋاقىردى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن ئەقلىنى يوقىتىپ، بىرەر تەلۋىلىكنى قىلىپ تاشلايدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا:بىزنىڭ ئېتىقادىمىزغا خائىنلىق قىلدىغان ئىش-ھەركەتلەرنى قىلمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم. "ئېتىقاد!ساڭا ئوخشاش ئادەملەردە ئېتىقاد بارمۇ؟ قارىغاندا، سەن ئاللىقاچان ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قاپسەن، سەن پەقەت بىر ئايال خالاس،دەپ ۋاقىردى.
_ ئىسمىڭ نېمە؟
_تۇنسا،دېدىم مەن.
_ مەن بىلدىم،سەن ئۇلار تەرىپلىگەن گىرانات كاللا شۇ. سېنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغىنىمنىڭ پايدىسى يوق،بەرىبىر سەن مېنىڭ قولۇمدىكى ئادەم، دىدى ئۇ. ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپ،ئېشىكنى جالاقلىتىپ ياپقانچە چىقىپ كەتتى. تەخمىنەن بىر كۈندىن كېيىن، يېشى كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى ئېلىپ كېتىلدى، ھەمدە يەرلىك مەكتەپكە ئاپىرىلىپ بىر ئاخۇننىڭ باشقۇرشىغا تاپشۇرۇلدى. قالغان 14 قىز ۋە تۇنسانىڭ ئاپىسى سېپىل ئىچىدىكى بىر كىچىك ھەم مەينەت ئۆيگە قاماپ قويۇلدى. بىر قېتىم ئۈچ ئەسكەر ئۈسۈپ كىرىپ ئۇلارنى مازاق قىلدى ھەمدە ھاقارەتلىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار بۇ يەرگە سولاپ قويۇلغىنىدىن يەنىلا خۇرسەن بولۇشتى.



بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەمىر بولىشى مۇمكىن


تۇنسا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ:تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كېيىنكى بىر كېچىسى، ئەمىر قەشقەردىن كەلگەن قىزلار بىلەن كۆرىشىدىغانلىقى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. ھاۋا، مادا(马大)  ۋە زەينەپلەر خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى بىلەن بىرگە كەتتى. مادا بىلەن زەينەپ ناھايىتى تېزلا قايتىپ كەلدى. لېكىن،ھاۋا ئېلىپ قېلىنغان ئىدى. بىز كۈتتۈق،كۈتكەنسىرى جىددىيلىشىشكە باشلىدۇق. تاڭ يورۇپ كۈن چىقاي دېگەن ۋاقىتتا ئۇ قايتىپ كەلدى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا،دەرمانسىزلىقتىن يەرگە يىقىلدى ھەم يىغلاپ كەتتى.

ھاۋانىڭ ھېكايىسى

ئۇ بىر دەم يىغلىغاندىن كېيىن،سەل تېنچلاندى ھەمدە بىزگە ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەردى: باشقا ئىككى قىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئەمىر ئىشىكنى تاقىدى ھەمدە ماڭا بۇرۇلۇپ "سەن ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولدۇڭ"دېدى. مەن ئۇنىڭدىن قېچىپ بىر چەتكە ئۆتىۋالدىم. ھەمدە غەزەپ بىلەن"خۇددى ئاكامنى ئۆلتۈرۋەتكەندەك، مېنىمۇ دەرھال ئۆلتۈرۋەت!"دەپ ۋاقىرىدىم. ئۇ خەنجىرىنى سوغۇرۇپ ، كۆز ئالدىمدا بىر نەچچىنى پۇلاڭلاتقاندىن كېيىن، يەنە قېنىغا سېلىپ قويۇپ،سۈكۈت ئىچىدە ماڭا تىكىلدى. مەن بەرداشلىق بېرلمەي يىغلىۋەتتىم"مېنىڭ شۇ بىرلا ئاكام بار ئىدى،ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئۇرۇق تۇققانلىرىممۇ يوق ئىدى.مەن ھازىر يار يۆلەكسىز قالدىم، شۇنداقلا ئاكامنى ئۆلتۈرگەن ياۋۇز كىشىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىم"دېدىم. شۇ ۋاقىتتا، مەن تۇيۇقسىز ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان ھابىلنىڭ قول سائىتىنى كۆرۈپ قالدىم. "ئەنە ئۇ مېنىڭ ئاكامنىڭ سائىتى ئىكەن"دەپ ۋاقىردىم. ئەمىر بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ماڭا بۇرۇلدى، ھەمدە مېنىڭدىن "نېمە دەۋاتىسەن؟قىزچاق. سەن بۇ يىگىتنىڭ سىڭلىسىمۇ؟ دەپ سورىدى. ئاندىن كېيىن ئۇ خۇددى بۇ ئەمەلىيەتنى قۇبۇل قىلىشنى خالىمىغاندەك قاتتىق بىر سىلكىنىپ،تەمكىنلىشىپ قالدى. ئاندىن كېيىن ئۇ ئۇلاپلا: بۇ ئىش ئۈچۈن كۆڭلۈكنى يېرىم قىلما.مەن سېنى ھازىرلا مېنىڭ خانىشىمغا ئايلاندۇرمەن. ئۈرگۈگەك قۇش قېنى بۇ ياققا كەل!دېدى. ئەتىگەندە ئۇ مېنى قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى مېنىڭدىن بىرەر ياخشى دوستۇمنىڭ بار- يوقلىقىنى سورىدى.مەن تېخى ئۇنى يۇمشاپ قالدى دەپ ئويلاپتىمەن. شۇڭىلاشقا "بار،ئۇنىڭ ئىسمى بۇرەيھان"دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ ماڭا "ئەمدى كەتسەڭ بولىدۇ، شور پىشانە بالا، بۇنىڭدىن كېيىن سېنى قايتا كۆرۈشنى خالىمايمەن.لېكىن، سەن چوقۇم ياخشى دوستۇڭ بۇرەيھاننى ئورنىڭغا ئەكىلىپ قويۇشۇڭ كېرەك، دېدى. مېنىڭ سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كەلگۈدەك يۈزۈم قالمىغان ئىدى.چۈنكى، مەن ئەسلىدە ھابىل بىلەن توي قىلماقچى بۇرەيھاننى ئۇنىڭغا دەپ قويغان ئىدىم. ئەمما،ئۇلار مېنى بۇ يەرگە ئەكەپ قويغاندىن كېيىنلا،بۇرەيھاننى ئېلىپ كەتتى. ئەمىر ئۇنى كۆرۈپلا. بىر دوستىنى گۇۋاھلىققا چاقىردى، ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنى بويىچە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ھابىلنىڭ كەلگۈسى ئايالى يەركەندە بىر مەزگىل خانىش بولدى.

ۋەھىمە ئىچىدىكى بىر تىنىق



ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش



داۋالغۇش ئىچىدىكى كىشىلەر

خوتەنلىك ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئەمىرلەر ئىچكى ئۇرۇشقا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا خەنزۇلار بىلەن بولغان ئۇرۇش ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. ئۇلار شىۋىتسىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ كېسەل داۋالايالايدىغانلىقىنى، بىر ئوفىتسىرى ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئىمرست رون ئەپەندى تەرپىدىن ساقايتىلغاندىن كېيىن ئاندىن بايقىدى.


كېسەل داۋالاۋاتقان شىۋىتلار



ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇشتا يارىلانغانلار



يارىدارلار ۋە شىۋىت دوختۇرلار



شىۋىتلارنىڭ يەركەندىكى داۋالاش ئورنى

شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. بۇ ۋاقىتتا ئەمىر ئۇلارنى ئۆلتۈرمەسلىكىنى قارار قىلدى. ئۇ خرىستىيان مۇرتلىرى ۋە يەھۇدىلار مۇققەدەس كىتابنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر، ئۇرۇشنىڭ تىغ ئۇچى بۇتقا چوقۇنىدىغان خەنزۇلار ۋە روسلارغا قارىتىلىشى كېرەك،دەپ ئويلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ياۋايى ئەسكەرلىرى دىن تارقاتقۇچىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا يېشى كىچىك بالىلار ئۇرۇق-تۇققانلىرى ياكى دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويۇلدى. ئوغۇل دىن تارقاتقۇچىلارمۇ قويۇپ بېرىلدى. ياشتا چوڭراق قىزلار شارائىتى ياخشىراق بولغان ئۆيگە كۆچۈرۈلدى. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، يەنە بىر مۇسۇلمانلار ئىتىپاقى (مافۇيەن،ماجەنساڭ،ماشاۋۋۇنىڭ قوشۇنلىرى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن –تەرجىماندىن)خوتەنلىكلەرنى يەركەندىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇلار ياشتا چوڭراق بۇ قىزلارنى چوقۇم ئۇلارنى ئەمىرىگە ئېلىشنى خالايدىغان مۇسۇلمان يىگىتلەر بىلەن توي قىلىش شەرتى ئاستىدا قويۇپ بەردى.
ھاۋا بىلەن توي قىلغان ھېلىقى ئەر ئېغىر دەرىجىدە سېفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاچقا، ئۇمۇ ئاشۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئىدى.شۇڭىلاشقا، بالىسى تۇغۇلىدىغان ۋاقىتقا ئاز قالغاندا ئۆلۈپ قالدى. ئۇ ئۆزىمۇ تىرىك بىلەن ئۆلۈكنىڭ ئارلىقىدا قالدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يولدىشى سىرتتا ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، يەركەنگە ھەرگىزمۇ قايتىپ كېلىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئېغىر يۈك دەپ ھېسابلاشتى،  بۇ ۋاقىتتا ئاندىرسىن خېنىم يەركەنگەن قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ كېلىپلا ھاۋانىڭ ئاغرىپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئۇقتى. بىر كۈنى ئۇ بىر مەپىنى ئارىيەت ئېلىپ ھاۋانىڭ ئۆيىگە باردى.ئۇ ئۇلارنىڭ رەت قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۆزىنىڭ ھاۋانى چوقۇم ئېلىپ كەتكۈسى بارلىقىنى ئاشكارلاشقا پېتىنالمىغان ئىدى. ئۇ ئىنتايىن سىپايىلىك بىلەن، ئۇلار ناۋادا خالىسا، ھاۋانى ئېلىپ كېتىپ ئۇلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار تارتىشمايلا قوشۇلدى. ئۇلارنىڭ گېپىدىن يېنىۋىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئاندىرسىن خېنىم ھاۋانى دەرھال ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.ئۆزى ياتىدىغان كارۋاتنى ئۇنىڭغا بېرىپ، كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن مەزگىلدە، خوتەنلىكلەرمۇ ئاساسىي جەھەتتىن كېتىپ بولغان ئىدى.شۇڭىلاشقا ئۇنىڭ ئېرى ئۇرۇشتىن قايتىپ كېلىپ،ئۇنىڭغا بىر ئاجىرىشىش خېتى ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھاۋاغا مەسئۇل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇنسا نىسبەتەن تەلەيلىك بولۇپ، ئۇ ياخشى بىر ئەرگە تېگىپ، خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ئىدى.
بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا، خرىستىيان مۇرتلىرىنىڭ ھاياتى ھەر ۋاقىت خەتەر ئىچىدە تۇردى. بىر نەچچە قېتىم ئۇلار ئىلاھى بىشارەتلەرگە تايىنىپلا بۇ خەتەرلەردىن قۇتۇلۇپ قالدى. ئەمما روھى تەۋەلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ يېڭى بىر ھاياتى كۈچنىڭ بارلىققا كېلىش مەزگىلى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ئوغۇرلىقچە كېلىپ، دىن تارقاتقۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان خرىستىيان دىنغا ئىشەنگەنلىكىنى ئېيتىشقان ئىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ ۋاقىتتىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ دىن تارقىتىش خىزمىتىگە بولغان دوستانە پوزىتسىيىسىمۇ ئەزەلدىن بۇنچىلىك بولۇپ باقمىغان ئىدى.

ئىككىنچى قېتىملىق مەجبۇرلىنىش

بۇ بىر نەچچە يىل سىياسى ۋەزىيەت بىر قەدەر قالايمىقان بولدى. بىر دەم بىرلىشىپ،بىر دەم دۈشمەنلىشىپ يۈرگەن بىر نەچچە گوروھلار بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە يەنە ئىتتىپاق تۈزۈدى. لېكىن،ئەڭ ئاخىردا شىڭ شىسەي ئىسىملىك بىر خەنزۇ ئەمەلدار ئۆزى گەرچە كومۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولمىسىمۇ، سوۋىت ئىتتىپاقى  بىلەن بىرلەشتى، ھەمدە پۈتكۈل شىنجاڭ رايۇنىنىڭ سىياسى ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ ئىلاھقا قارىشى بىر قەبىھ سىياسەت يۈرگۈزدى.مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرىنى(خوجىنىياز ھاجىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن-تەرجىماندىن) ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. نۇرغۇن خرىستىيان مۇرتلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمى پامىر ئىگىزلىكى بىلەن ھىندىستانغا قېچىپ قۇتۇلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەممىسى دېگۈدەك تۈرمىگە تاشلاندى.
قەشقەر ۋە يەركەندە دىن تارقاتقۇچىلار ئۆيلىرىدە نەزەربەنت قىلىندى. ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئۇلارغا يېمەكلىك ۋە ئوتۇن سېتىپ بېرىشى چەكلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇ مەنبەسىمۇ ئۈزۈپ تاشلاندى. شىنجاڭدا بارلىق سۇ( ئىچىملىك سۇمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) دەريا ياكى ئېرىق-ئۆستەڭلەر ئارقىلىق ئېقىپ كېلەتتى. تۇپراقنىڭ تۇز تەكىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، قۇدۇق سۈيىنى ئىچكىلى بولمايتتى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دىن تارقاتقۇچىلار ئايال مىسسىئونىرلار ۋە يېشى چوڭراق ئوغۇل دىن تەشۋىقاتچىلىرىنى سوۋىت ئارقىلىق شىۋىتسىيەگە كېتىشكە مۇراجەت قىلدى. ئۈچ ئەر دىن تارقاتقۇچى قەشقەردە قېلىپ، دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ قوراسىغا نەزەربەنت قىلىپ قويۇلدى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلاردا ئازراق ئوتۇن، ھويلىدىكى كۆلچەكتە ئازراق سۇلا بار ئىدى. بىر قىسىم مۇسۇلمانلار يېرىم كېچىدە ھويلا تېمىدىن ئارتىلدۇرۇپ، بىر ئاز كۆكتات  تاشلاپ بېرەتتى. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇلارغا قايتىپ كېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. ئۇلار ئېتىراز بىلدۈردى. ئەمما، تولۇق قوراللانغان مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر ئۇلارنى يالاپ ، ئۈچ ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھىندىستان چىگىرىسىغا ئېلىپ كەلدى.ھەمدە چىگىرىدىن چىقىرۋەتتى.



شىۋىتلارنى چىگىرىدىن چىقىرۋىتىشكە قاتناشقان ئەسكەرلەر



تاغلاردىن ئېشىپ يۇرتىغا قايتىش


ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئۆز مەسلەكداشلىرىنىڭ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى ئاللىقاچان ئاڭلىغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى يەركەنلىك ھەسەن ئىسىملىك يىگىت بولۇپ، يىگىرمە ياشتا ئىدى.ئۇ ھابىلنىڭ دوستى ئىدى. بىر مۇسۇلمان يىگىت ئىلگىرى دىن تارقاتقۇچىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بىر مەزگىل تۈرمىگە سولانغان ئىدى. ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بىر كۈنى كېچىسى ئەۋزەز يولى ئارقىلىق دىن تارقىتىش پونكىتىنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. ھەمدە ئۇ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ تۇرمىنىڭ ئىچىدىكى بىر كامىردا ئىشكەللەرنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىنى ھەمدە ھەسەننىڭ مەدىھە ناخشىسى ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلار يەنە ئۇنىڭ مەدىھە ناخشىسى ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. كېيىنكى ئىككى ئاخشامدا ئۇلار ئىشكەلنىڭ سۆرەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانماپتۇ.ئۇلارنىڭ پەرىزىچە، ھەسەن ئېنىقلا ئاچلىقتىن ئۆلگەن بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىلاھ بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان گوروھ ھوقۇقنى قولغا ئالغاندا، ھاۋا 16 ياشتا ئىدى. ئۇلار ھەر قايسى جايلاردا قىزلار مەكتەپلىرىنى قۇرىغان. ھاۋا 90 نەپەر بالىغا مۇئەللىملىك قىلغان. ئۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە بالىلارنى تەربىيەلىگەن.ئۇلارغا ھەم مۇققەدەس قەسىدىلەرنى ئېيتىشنى ئۆگەتكەن. ئۇ ۋاقىتتا يەكەندىكى قىزلار ئائىلىسىدىن چىققان قىزلارلا پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنى بويىچە خەت تونۇيدىغان قىزلار ئىدى(بۇ بايانلارنى يەنىمۇ تەھىقلەپ بېقىش لازىمدۇر-تەرجىماندىن).شۇڭىلاشقا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپچىللىكى مۇشۇنداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللاندى. لېكىن، ئۇ خىزمەت بېسىمى ھاۋاغا نىسبەتەن بەك ئىغىر يۈك ئىدى. بولۇپمۇ، ھېلىقى كۈلپەتلىك كەچۈرمۈشتىن كېيىن ئۇ بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. ئاخىرىدا ئۇ 20 ياشقا بارمايلا ئالەمدىن ئۆتتى.
كېيىنكى ئۇچۇرلار ئىلگىركى مىش-مىش گەپلەرنى ئىسپاتلىدى. قەشقەردىكى خرىستىيان دىننى مۇرتلىرى (خەنزۇ ھەم ئۇيغۇرلار) مۇ تۇرمىگە تاشلىنىپتۇ. ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى دېگۈدەك توڭلاپ ياكى ئاچ قېلىپ ئۆلۈپتۇ. بەزىلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېكايىمىزنىڭ بېشىدا تىلغان ئېلىنغان ۋەز-نەسىھەت ئېيتقۇچى باش قەھرىمان ئالىمۇ بار ئىكەن. يەنە يېڭسارلىق ۋەز ئېيتقۇچى خېلىل، يەنە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى خەنزۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ليۇ مۇئەللىم قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلار بىر  نەچچە چوڭ گۇرۇپپىغا ئايرىلغان،ئاندىن ھەر بىر گۇرۇپپا ھاۋامۇ ئۆتۈشمەيدىغان كىچىك بىر كامىرغا قىستاپ سولانغان. ئۇ كامىر ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، بىر ئادەم ئولتۇرغىدەكمۇ بوشلۇق يوق ئىكەن. شۇڭا، ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئۆرە تۇرۇش ياكى زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر نەچچە ئامان قالغۇچىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ پۇت ۋە تىزلىرى ئاغرىپ ئىششىپ كەتكەن، بىر قىسىملىرى نېرۋىسىدىن ئادىشىپ ئۈسۈپ ئۆلىۋالغان. ھېچقانداق ئىسىتىش ئەسلىھەلىرى بولمىغان كامىرلار قىش ۋاقتى جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇق بولۇپ كەتكەن، بولۇپمۇ بۇ مەھبۇسلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق بولغان. چۈنكى، بۇلار تۇتۇلغان ۋاقىتتىكى كىيىملىرى بىلەنلا قامالغان بولۇپ،ھېچقانداق ئارتۇق كىيىم ئەكىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئادەم ئاڭلىسىمۇ ، تېنى جۇغۇلدايدىغان قىيناقلارغا ئېلىنغان. شۇنداق بولغاچقا، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىرىدىن باشقىلىرى ئارىسىدا، كۈندە دېگۈدەك بىرى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان. بەزى كۈنلىرى ھەتتا كامىردىن تۆت-بەش جەسەتنى سۆرەپ ئاچىقىپ كەتكەن. بىر نەچچە يىللىق قاماقتىن كېيىن، بارلىق خرىستىيان مۇرتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆلۈپ تۈگىگەن. ئامان قالغان ئاز بىر قىسىملىرى راسا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ ۋە تەھدىت سېلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن.

خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىلاۋىسى قىسقارتىلدى.
مەزكۇر فىلىمدا يازمىغا قىستۇرۇلغان "بىر ئائىلە شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلىرى"دېگەن سۈرەتتىكى كىشىنىڭ ئەڭ كىچىك قىزى زىيارەت قىلىنغان.لېكىن بۇ قىز قەشقەرگە كېلىپ باقمىغان.


بارلىق مەزمۇنلار ئاخىرلاشتى.


تېمىنىڭ توردىكى مەنبەسى:

http://www.answering-islam.org/chinese/topic19/tc-19-74.html



تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى فىلىملەر:

1.

2.
3.
4.
5.
6.
يۇقۇرقى فىلىملەر مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا،تور دۇنياسىدىن يىغىپ توپلاندى.
-لوپنۇرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-23 12:38 AM  


暴风截图2012121110384031.jpg
暴风截图2012121110062656.jpg
pic1.jpg

ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

لوپنۇرى بۇ ئىنكاسنى 79-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

مەزكۇر تېمىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرىشكە ياردىمى بولىدىغان سىن ھۆججەتلىرىكەن،بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار!
ھازىرغىچە 9 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zorro + 300
namurullah + 97 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
vqkun + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
992402464 + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
iltebir + 59 تەپەككۇرى كۈچلۈك
owchi. + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
alafasy + 300 دەلىللەر يېتەرلىك
tohtihan1 + 97 ياخشى تېما
kukhelal + 59 ئىسىل

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1512   باھا خاتىرىسى

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12696
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 565 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 03:40:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس يازماي تۇرۇڭلار دەپتىكەنسىز. لىكىن يېزىپ سالدىم، سىز كۆرسەتكەن مەنبەنىڭ ئىچىدىمۇ ئەسلى مەنبە باركەن، كىرىپ قارىسام لوگوسىدا ئاي يۇلتۇزنى ئۈستىدىن كىرىسىت بىلەن باسۇرۇپ قويغان رەسىم باركەن. خىرىستىيانلارنىڭ بىكىتىمۇ بىلمىدىم. ھەر ھالدا ئېھتىيات قىلىڭ. بۇ خىرىستىيانلار 70-80 يىل بۇرۇن قەشقەر قاتارلىق جايلاردا خىرىستىيان دىنى تارقاتقان دەپ تەشۋىق قىلىۋاتامدۇ، بىلمىدىم، بىز ئۇلارغا ياندىشىپ بىلىپ بىلمەي تەشۋىقاتچى بولۇپ قالمايلى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Davan_Axkuqi + 50 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11334
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8563
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1565 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 03:42:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە 80 يىل ئىلگىركى بوۋىللىرىمىزنى كورىۋالدۇق.  ئاۋۇ بالىلانى كۈرۈپ ئەجەپ ئويلىنىپ قالدىم......

سەۋىر قىلساق غورىدىن ھالۋا پىشىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87149
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 06:16:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ۋەقەلەر راست بولغان، مەنمۇ بىر ماتىريالدا كۆرگەن، ھەقىقەتەن شىۋىتسىيەدىكىلەر قەشقەr تەرەپتە دىن تارقاتقان ، ئەمما ئەسەردە يېزىلغاندەك پەقەت يىتىم ، يىسىر ، كىسەل بۇلۇپ خىرىشتىئان دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان  كىشىلەرنىلا بۇ دىنغا ئىتقات قىلدۇرالىغان . باشقا كىشىلىرىمىز يەنىلا مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزدا چىڭ تۇرغان ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ دىيارىمىزدىكى دىن تارقىتىشى مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kiroran1019 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-14 06:16 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87148
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 786
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 06:35:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئشنى ئەمدى ئاڭلىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 08:28:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  ئا   بېزنېڭ نادان  ئاتا  بوۋېللېرېمېز  نېما  ئېشلارنې  قېلدېكېنە  بۇيۇك  ئېسلام دېنې  تۇرسا  يەنە  چەتئەللەرنېڭ  ئوزې  تېپېۋالغان  دېغلېرېغا  ئەگەشكېننې  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87194
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 710
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 773 سائەت
تىزىم: 2012-11-14
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 08:53:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋۋا نىماچىلا ئۆتمۈشكە ئاھ ئۇرۇپ كېتىسىلەر، ھازىر قانداق بولاۋاتىدۇ ، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز دىندىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ، ھەم نۇرغۇن كىشىلىرىمىز يەنە خىرىستىيان دىنىغا كىرىۋاتىدۇ، بۇنى قانداق قىلىمىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86841
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2013-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 10:02:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kiroran1019 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-14 06:16 AM
بۇ ۋەقەلەر راست بولغان، مەنمۇ بىر ماتىريالدا كۆرگەن، ھ ...

ئامال يوق ئىلاجىسىز ،خىرىستىيان دىنغا ئىتقاد قىلىپتىكەندە. بىچچارە ئۇيغۇرلىرىمىز!  بۇ شىۋىتسىيەلىكلەرمۇ ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقاپتۇ .

ئۆزى  قىزىقمايدىغان  ئىشنى  ئۈزلۈكسىز  داۋاملاشتۇرۇش   ھەقىقى  ئاچچىق  ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2611
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 573 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 10:06:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى مۇنداق ئىشلار بولۇپتىكەندە  مەن ھېچ بىلمەيدىكەنمەن

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86841
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2013-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 10:08:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىرىستىيان دىنغا ئىتقاد قىلغان ، ئىددىيەسى بۇرمىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار ئىكەن . چوڭلىرىمىزدىن ئانچە -بەك ئاغرىنىپ خاپا بولوپ كىتىشىمىزنىڭ  ھاجىتى يوققو دەپ ئويلايمەن . چۈنكى ئۇ 70-80 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار ئىكەن .

ئۆزى  قىزىقمايدىغان  ئىشنى  ئۈزلۈكسىز  داۋاملاشتۇرۇش   ھەقىقى  ئاچچىق  ھايات
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش