ئەلرام
بىر لۈكچەكنىڭ مۇھەببىتى
ساراڭ ئاشىق
تۈنجى قېتىم كۆرگەندىن باشلاپ،
خىياللارغا بولدۇم گىرىپتار.
شۇندىن بىرى ئۇيقۇ يوق مەندە،
بىر كۆرۈشكە بۇلۇپ ئىنتىزار.
مەن قارايمەن كىلەر دەپ سېنى،
كۆرسەتمىدىڭ قاراڭنى بىراق.
سەن بىلمەيسەن ئېھتىمال بۇنى،
لېكىن،مېنى قىينايدۇ پىراق.
ياق،دېسەممۇ ئۆزۈمنى قىيناپ،
بۇئازاپتىن بولمۇدۇم نېرى.
بىراق،ساڭا باغلىغىنى راسىت،
يۈرەكتىكى كۆيۈكنىڭ دېغى.
شۇڭا مېنى بۇنداق قىينىماي،
سەن كۆرسەتكىن ماڭا قاراڭنى.
رەنجىمەيمەن،چىن سۆزۈڭنى دەپ،
ساقايىتىساڭ مەندەك ساراڭنى.
ئاشىقىڭمەن پەقەتلا سېنىڭ
كۆرمەك بۇلۇپ ئۆيۈڭ ئالدىغا،
باردىم سەن يوق،ئىشك يېپىقلىق.
شۇ ھالەتنى كۆرگەندىن كېيىن،
باستى مېنى ئېغىر غېرىپلىق.
دېرىزەڭگە قارىدىم ئاستا،
ئۇمۇ ھەتتا تۇرار ئىتىكلىك.
ناخشا ئېيتاي دېدىم ئەمما،مەن-
قىلالمدىم يەنە يىنىكلىك.
ئەگەر ناخشا ئېيتىپلا قالسام،
چىقار رەنجىپ ياندىكى قوشناڭ.
دەيدۇ تېخى ئىگىركىدەكلا،
كەت بۇ يەردىن،يۇقال ئەي ساراڭ.
ياق،مەن ھەرگىز قۇرقۇنچاق ئەمەس،
ئويلاپ سېنى ئارقامغا ياندىم.
سۆزگە سېنى تۇتۇپ بەرگۈم يوق،
لېكىن،سۆزسىز مەن دەرىتكە قالدىم.
شۇنداقتىمۇ يەنە ئويلۇدۇم،
سەن سىرلىقسەن پىنھانغا قاچساڭ.
ئاشىقىڭمەن پەقەتلا سېنىڭ،
ماڭا چىراي ئاچساڭ ،ئاچمىساڭ.
بىر لۈكچەكنىڭ مۇھەببىتى
مەنسىز چىقساڭ سىرىتقا ئەگەر،
ئۇشۇقۇڭنى چاقىمەن چۇقۇم.
پەقەت ئۆيدە ئولتۇرغاندا جىم،
كۆڭۈل قۇشۇڭ بولمايدۇ ئۇچۇم.
ھەم قارىساڭ مەندىن باشقىغا،
كۆزلىرىڭگە تەيياردۇر خەنجەر.
چۈنكى،كۆزدە تۈمەنمىڭ سۆز بار،
ئۇ كۆڭۈلگە باشلايدۇ خەتەر.
ئاۋازىڭمۇ بەك سۈزۈك سېنىڭ،
ئاڭلىمىسۇن مەندىن باشقىلار.
كۆڭۈل دېگەن سۆزدىمۇ ئايان،
ئېيتىلمىسۇن ئەندى ناخشىلار.
تەكرارلايمەن؛باشقىلاردىن سەن،
تۇت يۈزۈڭنى دائىملا پىنھان.
بىلسەڭ،ھايات جىلۋىسى يۈزدە،
قۇزغىمىسۇن ياتلاردا گۈمان.
دېگەنلىرىم ئەمەستۇر چاقچاق،
ئاڭلىدىڭغۇ،كۈلمىگىن زىنھار.
مەن ئەشۇنداق يىغلىتىپ سېنى،
چىن كۆڭلۈمنى قىلىمەن ئىزھار.
چۈشەنمەستىن دېگەنلىرىمنى،
سەن ناۋادا كۆتۈرسەڭ غەليان؛
كېرەك ئەمەس ماڭىمۇ ھايات،
ھەممىسىنى قىلارمەن پايخان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-13 12:04 AM