مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 110170|ئىنكاس: 318

ئـۈرۈمچىدە يەنە بىر كـاتتا ئىش بولدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 39
مۇنبەر پۇلى : 15925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7621 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 02:49:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



<<قۇتادغۇ بىلىك>>نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى




2012- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا كاتتا بىر تەبرىكلەش پائالىيىتى
ئۆتكۈزۈلدى. بۇ شاھانە ئەسەر قۇتادغۇ بىلىكنىڭ ئاۋازلىق نۇسخسىنىڭ تارقىتىلىش شەرىپىگە ئېلىپ  بېرىلىۋاتقان كاتتا مەرىكە ئىدى. خەلق سارىيىنىڭ ھەيۋەتلىك زالىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغان، ھەتتا نۇرغۇن يىغىن قاتناشچىلىرى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىغان بولسىمۇ يىغىننىڭ ھاياجانلىق دەملىرىنىڭ تەسىرىدىن ئۇلار چارچىغاندەك ئەمەس ئىدى.

«قۇتادغۇ بىلىك» دۇنياغا كېلىپ مىڭ يىللاردىن كېيىن، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، دۇنيا ئىلىم ساھەسى ئۇنىڭغا قايتىدىن دىققىتىنى قاراتقان بولۇپ، مەمىلىكىتىمىزدە «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتى يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭلا باشلانغان. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش، رەتلەش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش سالمىقىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، مەمىلىكىتىمىزدىكى «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. 1984-يىلى 5-ئايدا مەزكۇر كىتاب ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئىنىستىتۇتىنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 1986-يىلىغا كەلگەندە خاۋ گۈەنجۇڭ، جاڭ خۇڭچاۋ، لىيۇ بىڭ قاتارلىقلارنىڭ جاپالىق ئەجرى بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ئىشلىنىپ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 1991-يىلى يەنە مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە نەسرىي يەشمىسى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، ئۇنىڭ ئاۋامغا يۈزلىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خەلقىمىزنىڭ توغرا قىممەت قاراش بىلەن تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش شۇنداقلا مەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى بېيىتىش مەقسىتىدە بۇ قېتىم ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى 1991-يىلى نەشر قىلىنغان نەسرىي يەشمىسىگە ئاساسەن، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ 17سائەتتىن ئارتۇق ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تەييارلاپ، مىللەتلەرنەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇردى.

ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن كۆرە مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىش مەقسىتىدە قىلىنغان مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ئەمگەكنىڭ ئىگىسى بولغان ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ خىل خالىسانە روھى دەل ئۇلارنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئىلمۇ ئىرپان» ئەقىدىسىدىن كەلگەن. خۇددى «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ «ئىنسان بالىسىنىڭ قىممىتى ئىلىم ۋە پەزىلەتتە» دېگىنىدەك، «ئىلىم-ئىرپان» بىلەن قىممىتىمىزنى نامايان قىلىشنى ئۆزىگە غايە قىلغان ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى دەل مۇشۇ دەقىقىدە تۇنجى قەدەمنى باسقان ئىدى. ئۇنىڭ تۇنجى قەدىمى ئۆزىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدىكى تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق لۇغىتى بىلەن باشلانغان بولسا، بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ 9 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتالغان سوۋغىسى شاھانە ئەسىرىمىز «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى خەلقىمىزگە سۇنۇش بىلەن نەتىجىلەندى.


ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى 2003-يىلىدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، ياپونچە، تۈركچە، رۇسچىدىن ئىبارەت توققۇز تىل بويىچە ئېلېكتىرۇنلۇق لۇغەتلەرنى ئىشلەپ دىيارىمىزنىڭ پەن-مائارىپ، لۇغەتچىلىك ۋە ماركا ساھەسىدە گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.


2008-يىلى ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى قازاق تىلىدىكى ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنى ئىشلەپ چىقىپ 150 تىن ئارتۇق قازاق ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قاتنىشىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىلەن تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ۋە قىزغىن قارشى ئېلىنىشقا مۇيەسسەر بولدى. 2008-يىلى بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقىغا ئاتاپ، بۈيۈك ئەسەر "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك" نىڭ 4 تىللىق نۇسخىسىنى ئىرپان لۇغىتىگە كىرگۈزۈپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك" تىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 2009-يىلى شىركەت يەنە ئانا تىلىمىزدىكى تۇنجى "لۇغەتلىك يانفون" ئىشلەپ بازارغا سالدى. 2010-يىلىغا كەلگەندە بولسا «ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى»نى ئىشلەپ، سىستېما ۋە تىلى ئۇيغۇرچە بولغان ھەم ئانا تىللىق ھەم لۇغەتلىك كومپيۇتىرنى بازارغا سېلىپ، دىيارىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى. 2010-يىلى شىركەت يەنە قىرغىزچە ئېلېكتىرۇنلۇق لۇغەت ئىشلەپ، ئاتۇشتا قىرغىز رەھبەرلەر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى شۇنداقلا قىرغىز قېرىنداشلارنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.
«ئىلمۇ ئىرپان» تارقىتىشنى يادرولۇق غايە قىلغان «ئىرپان» چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ يولدىكى تىرىشچانلىقلىرى كۈنسېرى ئېشىپ بارسا باردىكى، ھەرگىز سۇسلاپ قالمىدى. 2011-يىلىغا كەلگەندە، شىركەتنىڭ يەسلى مائارىپىمىزغا، جۈملىدىن بىزنىڭ ئەڭ قەدىردانلىرىمىز بولغان پەرزەنتلىرىمىزگە بولغان ئەقىدە كۆچىتى مېۋە بېرىپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىدىغان، كىچىكىدىن ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان چەكمە ئوقۇتقۇلۇق ئېلىپبەنى ئىشلەپ بازارغا سالدى.

ئېلېكتىرون سانائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ رايونىمىزدىكى ئىلىم تەلەپكارلىرىنى تېخىمۇ قۇلايلىق ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن 2012-يىلى 1-ئايدا ھەم لۇغەت، ھەم دەرسلىك، ھەم ئوقۇ ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك يانداشما ماتېرىياللار جۇغلانغان "ئىرپان ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى"نى ئىشلەپ بازارغا سالدى.


دۇنيادا ھالال كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ، ئەمما ھەممىدىن ئۇلۇغى «ئىلىم-ئىرپان تارقىتىش ۋە قەلبلەرنى يورۇتۇش كەسپىدۇر». مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ كەسىپنى ئۆزىگە ئىگىلىك ۋە غايە قىلغان «ئىرپان» شىركىتىنىڭ ئەمەلىي تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسدە، «ئىرپان» دېگەن بۇ سىمۋوللۇق نام جۇڭگودىكى كۈچلۈك ماركىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
2006-يىلى «ئىرپان» ماركىسى جۇڭخۇا ئېلېكتىرۇن كارخانىلىرىنىڭ ئىچىدىكى يوشۇرۇن كۈچى زور 300 كارخانىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.


2008- يىلى يەنە «ئىرپان» ماركىسى "غەربىي دىياردىكى داڭلىق ئېلېكتىرون ماركىسى" غا، 2009-يىلى "جۇڭخۇا ئېلېكتىرون كارخانىلىرى ئىچىدىكى 10 چوڭ ئىختىراۋى ماركا"، 2010-يىلى "جۇڭخۇا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ماركا"، 2011-يىلى "2011-يىلدىكى جۇڭخۇا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قىممىتى بىرىنچى ئورۇندىكى ماركا" دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولۇپ، مىللىتىمىزنىڭ جۇڭگو چوڭ ئائىلىسىدىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى ئۆزىگە خاس ئورنى ۋە ئوبرازىنى نامايان قىلدى.


مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار غايە ۋە قىممەت قاراشنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى ئىلىمنى ئىگىلىككە، ئىگىلىكنى قىممەت قاراشقا زىچ گىرەلەشتۈرۈپ، دىيارىمىزنىڭ تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، سودا، ماركىچىلىق ۋە مەدەنىي مىراسلارنى قېزىش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ساھەلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان رولنى ئارتقۇرماقتا.



قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نەشىرى CD ۋە DVD پىلاستىنكا شەكلىدە بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى ئابدۇقېيۇم ئىمىن ئاۋازىدا 17 سائەت ئۇزۇنلۇقتا. CD پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى 28 يۈەن، DVD پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى كىتاب ۋە بىر دانە قەلەم قوشۇلۇپ 98 يۈەن بولۇپ جايلاردىكى ئىرپان مەھسۇلاتلىرى سېتىش ئورۇنلىرىدا سېتىلىدىكەن.



بۈگۈنكى تارقىتىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قورولتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمتىمىن ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنەلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ سېكىرتارى رازاق تۆمۈر، مىللەتلەر نەشىرياتىنىڭ باشلىقى ئەركىن قادىر، ئاپتونوم رايونلۇق تىل -يېزىق كومىتىتىنىڭ باشلىقى سىدىق مەتسايىت، يۈسۈپ ئەيسا، مىجىت ناسىر قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.


دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە ئېتىراپقا ئېرىشكەن شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىك» شەرق ئەدەبىياتىنىڭ گۈلتاجى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەينى دەۋر سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىلمىي، مەدەنىي، ئەخلاقىي ۋە دىنىي رېئاللىقىدىن خەۋەر بەرگۈچى قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردۇر. ئۇ پىشقان مەدەنىيەت ۋە سەلتەنەتلىك بىر دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى يۈكسەك قىممىتىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا.


يىغىننىڭ بېشىدا پىروفىسسور ئازات سۇلتان ئەپەندى ئۆزىنىڭ پىشقان تەتقىقاتچىغا خاس نۇتقى بىلەن <<قۇتادغۇ بىلىك>> ئەسىرىنىڭ مۇھىملىقى، تارىخىي ئەھمىيىتى، زامانىمىزدىكى رولى توغرىسىدا سۆزلەپ، نۆۋەتتە ئىشلەنگەن ئاۋازلىق نۇسخىسىغا ناھايىتى ياخشى ئىجابىي باھالارنى بېرىپ، يىغىن قاتناشچىلىرىدا ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇردى. يىغىندا يەنە پىروفىسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن ئابدۇقەييۇم ئىمىننىڭ ئاۋاز تالانتىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، ئاۋازلىق نەشرىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنىڭ بۇ كاتتا ئەسەرنى زور ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلغانلىقىنى، قوللىنىشچانلىققا ئىگە قىلغانلىقىنى تەسىرلىك بايان قىلىپ ئۆتتى.


ئوبزورچى، مائارىپ نەشىرىياتىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى يالقۇن روزى، دەرس بايلىقى نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، قۇتادغۇ بىلىكنىڭ ئاۋازلىق نەشرىنىڭ زامانىۋى ئوقۇ - ئوقۇتۇشىمىزدىكى رولىنى جانلىق شەرھىيىلەپ ئۆتتى.


ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئۆزىنىڭ ئۇرغۇلۇق، مېغىزلىق ئاۋازى بىلەن قۇتادغۇ بىلىكتىن ئارىيە ئوقۇپ بېرىپ، يىغىن قاتناشچىلىرىغا تولۇپ - تاشقان ھاياجان ئاتا قىلدى. .


ئىرپان شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا ئىرپان ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، ئىرپان شىركىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتتى.


ئارقىدىن ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ كۆپ مەنزىلىنى قۇتادغۇ بىلىك تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان تەتقىقاتچى مەھمۇد زەيىدى ئەپەندى سۆز قىلىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇتادغۇ بىلىك ناملىق بۇ داستانىدا بۇ كىتاب بەك ئەزىزدۇر، ئۇنى ئوقۇغان ۋە تارقاتقانلار تېخىمۇ ئەزىزدۇر دېيىلگەن. ئابدۇللا ئىرپانلارنىڭ بۇ تۆھپىسى تېخىمۇ مەدھىيىگە لايىقتۇر، دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن يىغىن قاتناشچىلىرىنى قايىللىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈردى.


ئاخىرىدا ئاپتونۇم رايوننىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەيسا ئەپەندى خۇلاسە سۆزى سۆزلەپ، بۆگۈنكى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى قۇتلۇقلىدى، يەنە ئۆزىنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ئۆگۈنۈشلەردە قۇتادغۇ بىلىككە ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆگۈنۈش نوقتىسىدا بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى سۆزلىگەندە يېغىن زالى گۈلدۇراس ئالقىشلارغا تولدى. ھەتتا ئالقىش سادالىرى بېسىقماستىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ ھاياجىنى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ئاخىرىدا يۈسۈپ ئەيسا ئەپەندى قىزىقارلىق قلىپ، مەن دادامغا رەھمەت ئېيتسام بولىدىكەن. بۇ شاھانە ئەسەرنى يازغان بۈيۈك شەخسنىڭ ئىسمىنى ماڭىمۇ ئىسىم قىلىپ قويۇپتۇ. مەن قۇتادغۇ بىلىكنى ئۆزەم ئاڭلاپ، ئۆگنىپلا قالماستىن، بالىلىرىمغىمۇ ئاڭلىتىپ ئۆگىتىمەن، سىلەرمۇ ھەم ئاڭلاش بىلەنلا قالماستىن تارقاتقايسىلەر، دېگەن ئىزگۈ تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

مۇراسىمدىن كۆرۈنۈشلەر:





مۇراسىمغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار


داڭلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي ئۇستاز ،ئالىم مۇھەممەد سالىھ قاراجىم


مىللەتلەر ئۈن- سىن نەشىرياتىدىن دولقۇن قادىر


مېھمانلار سۆز قىلماقتا



تېلۋىزىيە ئىستانسى ۋە رادىئو ئىستانسىدىن مۇنىرە غوپۇر،ھەجەرگۈل ياقۇپ، شەمسىيە ئەبەيدۇللا،رىزۋانگۈل ئابدۇقادىر قاتارلىقلارمۇ يىغىنغا قاتناشتى.


بىر قىسىم كارخانىچىلارمۇ يىغىنغا ئىشتىراك بولدى.


باھادىرنامە رومانى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلانىمۇ يىغىندا...




يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار




ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىقلار سۆز قىلماقتا.


يۈسۈپ خاس ھاجىپ پورتېرتىنى سىزغۇچى ئۇستاز غازى ئەھمەد سۆزىدە پورتېرىت سىزىشتىكى بىر بىرقىسىم ئالاھىدىلىكلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.



ئۇلىنىش ،نۇر ،مىسرانىم ،ئانا تۇپراق قاتارلىق تور بېكەت مەسئۇللىرى

مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، ئۇنىڭدا ئالغا سۈرۈلگەن قىممەتلىك ئىدىيەلەردىن تېخىمۇ كەڭ ئاۋامنى بەھىرلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئىرپان ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى 1991- يىل نەشر قىلىنغان نەسرىي يەشمىسىگە ئاساسەن 17 سائەتلىك ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تەييارلاپ، 2012-يىلى 8-ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇردى. ئەسەر نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ئالىملاردىن تارتىپ، كەڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ بىردەك يۇقىرى باھا بېرىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ۋە تەشەككۈرلىرىگە سازاۋەر بولدى. شۇنىمۇ ئېيتماي بولمايدۇكى، «قۇتادغۇ بىلىك» يەنى «بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم»دىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى، پەخىرلىك بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بەختنى، ئىنسانىي قىممەتنى بىلىمگە باغلىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ قىممەت قاراش «ئىرپان» شىركىتىنىڭ ئەمەلىيىتىدە نامايان بولۇپ، بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ ئەڭ ئاۋاملاشقان نۇسخىسىنىڭ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى مۇتەپەككۇر بوۋىمىزنىڭ روھىنى تېخىمۇ ئەمىن تاپقۇزدى. ئىشىنىمىزكى، «ئىلىم-ئىرپان» روھىنى بوۋىلاردىن زامانىمىزغا ئۇلىغۇچىلار بىلەن ئەتىمىز يەنىمۇ پارلاق!

ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكتىرون شىركىتى
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى
2012- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى


ھازىرغىچە 27 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
13899150756 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
MSR630 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
YALKUN1104 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
uyol + 200 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
SaN_Siz + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
قەدىر + 68 ماختاشقا تېگىشلىك
ALIMJAN580 + 111 ماختاشقا تېگىشلىك
tanha530 + 46 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
diyarm + 99 ماختاشقا تېگىشلىك
hrustal + 39 ئاللا رازى بولسۇن
alimjannn + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
saver728 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
yasinawut + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
XERHAN + 100 ياشا ......
loveuighur + 300 پەخىرلەن ئۇيغۇرۇم !
gomnam + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
kaynam999 + 150 ماختاشقا تېگىشلىك
aklala5555555 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
52arslan + 100 ئېسىل ... مۇشتا يىغى.
wolf007 + 100 ئاپىرىن !!!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 2958   باھا خاتىرىسى

dalaeti بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 03:04:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 03:05:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئۇلۇغ ئىش بوپتۇ !

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
1724749144 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29073
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 03:06:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەخىرلىك ئىش بوپتۇ.شۇنداق سۆيۈنۈپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئۇستاز ئابدۇقىيۇم ئىمىن ئاكىمىزنىڭ جاراڭلىق ،سۈزۈك ئاۋازى بىلەن قۇتادغۇبىلىكتىكى دۇردانىلەرنى ئاڭلىساق تېخىمۇ ئېسىل بولدىكەن.

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 03:06:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  بىر  ياخشى ئەھۋال !    تەبرىكنىڭ ئەڭ  ئېسىلى  بولسۇن !

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87898
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 03:12:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەبرىكلەشكە تىگىشلىك ئىش،مەن بۇنىڭ CD نۇسخىسنى سىتىۋىلىپ ساقلاش كارتامغا يۆتكەپ تىلفۇنۇمنىڭ نائۇشنىكىدا تولۇق بىر قىتىم ئاڭلاپ چىقتىم،ھەم يەنە داۋاملىق ئاڭلايمەن.بەك ياخشىكەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tursuntay + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3020
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5909
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2524 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 03:13:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇققان بولسام مەن  قاتنىشاتتىم ئەمەسمۇ ؟ ياخشى ئىش بوپتۇ  

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11032
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 03:14:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەك خۇش بولدۇم.

ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 03:15:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 03:17:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ھاياجانلىنىپ تۇرۇپتىمەن ، خوشاللىق ، ھاياجان ، پەخىرلىنىش ئىلكىدە نىمە دەپ يېزىشىمنى بىلمەي قالدىم . ئىرپان شىركىتىنىڭ مىللىتىمىزنىڭ شاھانە ئەسىرى بولغان قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسىنى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكىگە ئاپىرىنلار بولسۇن . ئىرپان شىركىتىنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ روناق تاپسۇن .
ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xahroh + 10 ئۇيغۇر بولغىنىڭزغا مۇ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش