مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 6

...دىن...غىچە (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1503
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 7531
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 01:56:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

...دىن...غىچە

مانا ،بىر ئوبدان ئىش تېپىۋالدىم ، شۇ چاغنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ ، ئۆزۈمنى خار قىلىپ خەقنىڭ ئالدىغا بېرىپ كۆرمىگەن ئىشنى كۆردۈم، ئاڭلىمىغان ئاھانەتنى ئاڭلىدىم، ئەمدىلىكچۇ شۇنداق خاتىرجەم بولۇپ قالدىم ،كۈچۈمنى -ئەقلىمنى ئازراق خار قىلىپ قۇيۇۋېدىم ، ئەنە قاراڭ تەلەي ئوبدانلا كەپقالدى، بەلكىم شۇ تاپتا سىزمۇ قىزىقىپ قالغانسىز ، دېسەم غەيرى ئويلاپ قالماڭ، ئۆتكەندە بىر مەزگىل يانچۇقۇمنىڭ ھىجىيىپ قالغانلىقىدىن  خەۋىرىڭىز بار،شۇ چاغلاردا يانچۇقۇمنىڭ پۇلسىز قېلىشىدىن سەت قورقۇپ يۈرەتتىم، ئەلۋەتتە ئوغۇل بالا بولغانكىن بەزى چاغلاردا ئۇ ئىش ،بۇ ئىش دەپ يانچۇقنىڭ ئەستىرىنى ئۆرۈپ قالىدىكەنمىز ،نېمە ئامال ،نەچچە قېتىم ئاشۇنداق يانچۇقۇمنىڭ ھىجايغانلىقىدىن خەقنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىمنى مەنتەڭ قىلىۋالدىم ،پۇل بولسا ساپساق ،پۇل بولمىسا ....ھەي شۇ چاغلاردا بەلكىم نەچچە ئوقۇرمەن ياش تۇرۇپلا كاللىسىدىن كېتىپتۇ دەپ ئويلاپمۇ قېلىشقانلا، نەچچە ئايدەك شۇنداق ئۆتىۋەردى، ماڭىغۇ مەيلى لېكىن ما ئاتا-ئانامنىڭ ئەل جامائەت ئارىسىدا يۈزى شالاققىدە چۈشۈپ كەتتى ئەمەسمۇ؟ كۈندە ئوخشاش گەپلەر ، كېيىنچە بۇ ئىش ماڭا بارا-بارا ھار كەپقالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيان ئويلا بۇيان ئويلا ئاخىرى بىر ئامال تېپىپ چىقتىم ، دەپ بېرەيمۇ؟ ئۇ ئامال ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى تىكىپلا قۇتۇلدۇم ، شۇنىڭدىن كېيىن پۇلنى پايپىقىمنىڭ  ئىچىگە، تىقىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرىۋالدىم، ھەر قانچە بولسىمۇ پايپىقىم ھىجىيىپ قالماس ، بۇنىڭ بىلەن  خېلى ئازادە بولۇپ يەنە خىزمەت دەپ نەچچە باشلىقلارنىڭ قېشىغا باردىم .توۋا دېمىسەم بىكار، ھازىرقى باشلىقلار گال ئازابىنى بەكلا تارتىدىكەن ئەمەسمۇ، شۇڭا ھەرقېتىم باشلىقلارنىڭ قېشىدىن قايىتقىنىمدا ، ئۇلارنىڭ ھالىغا قاراپ ئۇفسىراپ قالىمەن،بىچارە باشلىقلار،بىز ئۈچۈن جاپا تارتىپ گېلىنى ئاغرىتىپ يۈرىدىكەن ئەمەسمۇ؟ئەلۋەتتە يەنىلا ئوخشاش بىر قېتىملىق يوقلاشتىكى مۇنۇ ئىشلار پەقەت يادىمدىن چىقمايدۇ ، بىر قېتىم باشلىقنىڭ ئۆيىگە كىرگەن چاغلىرىم ئىدى، ئۇ باشلىق باشقىسھىغا قارىغاندا سەل غەلىتە، ئويىگە قۇرۇق قول بارسا مۇئامىلىسى ناچار زەللە كۆتۈرۈپ بارسە سەل ياخشى ،ئەممازە ئۇ باشلىقنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىقىنى دېمەيسىلە،بارغان كۈنۈملا كاپپىدە يانچۇقۇمغا ئېتىلىپ كەلمەمدۇ.تارتە-تارت يانچۇقلىرىمنى سۆكۈپ ئەستىرىنى ئۇيان -بۇيان قىلىۋەتتى، بىردەمدىن كېيىن نېمە بولغانلىقىمنى ئۇقمايمەن باشلىق بىلەن يانچۇق ئاختۇرۇشتا بەسلىشىپ كېتىپتىمەن ، باشلىقنىڭ ئۆيىدىكىلەر ھەيران بولۇپ مېنى تۇسۇۋالدى، ئەمما مەن ھىچ  توختايدىغاندەك ئەمەس، بەلىكم ئۇزاق مۇددەت يانچۇقۇمنى ھىجايىتمىغانلىقىمدىنمۇ شۇكۈنى بىر ھىجىيىپ قاپتىكەن زادى توختىتالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى بولماي تۆر ئادەم پۇت قۇلۇمدىن كۆتۈرۈپ سىرىتقا تاشلىۋەتتى، ھېلىمۇ ياخشى تاشلىۋەتكەن يەردە ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بىرە ئىككى كوي پارچە پۇل پەيدا بۇلۇپ قالدى ، غالجىرلىقىمدا پۇلنى ئېلىپ يانچۇقۇمغا سېلىۋاپتىم ، بايىقى يانچۇق ئاختۇرۇشقا بولغان تەشنالىقىم بارا-بارا پەسكويغا چۈشتى ، شۇنىڭدى بۇيان باشلەق بار ئىشىككە قارىمايدىغان بولدۇم ، بەلكىم مېنى يەنە قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى خىيالىنى قىلىپ ئولتۇرغاندۇ دەپ قالغانسىز ، ياق ،ئەمەلىيەتتە مەن بىرە ھۈنەرنىڭ پېشىنى تۇتاي دەپ دادامغا دادىللىق بىلەن ئېغىز ئاچتىم ، داداممۇ مېنىڭ مۇشۇ گېپىمگە تەشنا بولغان چېغى، چىكەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ نېمە ئۆگەنگىم بارلىقىنى بىلىپ يۇلۇمنى تېپىشقا شارائىت ھازىرلاپ بەردى ..............
شۇنىڭ بىلەن يېرىم يىللىق تىرىشىش بىلەن شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ھەل قىلىۋالدىم ،ئەلۋەتتە داداممۇ  مەن ئۈچۈن تولا يول ماڭغانىدى،بولمىسا كىنىشكا ئالغان بىلەن بىر يىلغىچە ئىشلەتكىلى بولمايدىغان گەپكەن ،ئۇنى-بۇنى قىلىپ يۈرۈپ قوڭامغا ماشىنىدىن بىرسى چىقىپ قالدى، شۇ چاغلىرىمدىكى خوشاللىقنى دېمەيلا قۇياي، نەگە بارساق شوپۇر لازىم ،ئۇنداق ئىش قىلىدىغان ئادەم لازىم دەپ ئېلان ...كىيىن چۈشىنىپ يەتتىمكى زادى بىلىمى ،ھۈنىرى بولسا بىز خەقنى ئەمەس ،خەق بىزنى ئىزدەپ كېلىدىغان زامانكەن ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئىزدەپ كەلگەنلەرگە كىبىرىمنى مۇنداقلا كۆرسىتىۋىدىم ، ئۇلار ۋاي دېيىشىپ كەتمەسما،شەرتىنى شالاققىدە ئوتتۇرغا قويدۇم ، ئۇلارمۇ ماڭا ئېنىق پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ ئەتىدىن باشلاپ ئىشلىشىمنى ئۆتۈندى ، مەنمۇ ئۇلارغا رازىلىق بىلدۈرۈپ لايىقىدا يولغا سالدىم ، بىر يىل ھەيدەپتىمەن ، قۇلۇممۇ پۇل كۆرۈشكە باشلىدى ، كىيىنچە ئۆزەممۇ بىر ماشىنا ئېلىپ خەققە بېقىنماي ياشاپ باقمايمەنمۇ دېگەننى ئويلاپ ، پېشىمنى قېقىپلا كېتىپ قالدىم، خېلى ھۇسۇل ئاپتىمەن بۇ بىر يىلدا ،تاكسىدى بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ شەھەر مەركىزىدە تاكسى شوپۇرى بولدۇم. كۈنلىرىم شۇنچە خوشال بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇپمۇ قالغانىدىم ،كىم بىلسۇن ئىشلار شۇنچە بېلەن كېتىۋاتسا  ھىچنىمە بولمايدۇ دەپ غەمسىزلىكنى باشلىۋالدىم ، بىر كۈنى قانداق قىلىپ ئەيتاۋۇر قىزىل چىراقنى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىپتىمەن ،ئاپلا !ما ئىشنى كۆرمەمدىغان چاراس قىلغان نۇر كۆزۈمگە غىل-پاللا چېلقىپ قالغانىدى ،ئۇنىڭغىچە مەنمۇ بوپتىلا ساقچى بولمىغانكىن دەپ ئويلاپ مېڭىۋىرەي دەپ تۇرۇشۇمغا نەلەردىن پەيدا بولدىكى بىر ساقچى يېنىمدا ھىجىيىپ تۇرماسمۇ، ئۇ گەپ قىلىشىمنى كۈتمەيلا،قىزىل چىراقنى بېسىپ ئۆتكەن، 200كويدىن300كويغىچە جەرىمانە دەپلا قولۇمغا بىر تالۇننى تۇتقۇزۇپ قويدى ،تالونغا قاراپ تېڭىرقاپ قاپتىمەن ، ساقچى مېنىڭ دەرھال پۇلنى بېرىشىمنى بولمىسا نۇمۇر تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ پۇل چىقىرىشقا قىستىماسما، ئەمما مەن زادى قانچە پۇل بېرىشمنى ئۇقالماي قالدىم  مۇشۇ غىچەدىن گىچەنىڭ ئارىسىدىكى قانچىلىك پۇلنى جەرىمانىگە بېرەمەن ، بولدىلا دەپ 250كوي تاشلاپ ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا، نەگە ماڭدىڭ دەپ چاقارماسمۇ، ئاچچىغىم سەت كېلىپ قالدى، باياتىن بېرى ھۆرمىتىنى قىلىپ سىزلەپ قويسام ، ئەمدى پۇل ئېلىۋېلىپلا سەنلەپ يۈرگىنىنى دەپ ئويلىغىنىمچە ، كەتكىلى دەپ ۋارقىرىغىنىمچە ماشىنامنى ئوتئالدۇردۇم، بىراق ئۇ ماڭا جەرىمانىنى تۇلۇق بەر دەپ ئېسىلىۋالدى .
-قىزىق نەرسىكىنا بۇ ، مانچە پۇلدىن مانچە پۇلغىچە دەپ يۈرىدىكەن باياتىن  250كوي تاشلاپ بەردىمغۇ، ئەجەبا ھەمىسىنى ئېلىشىڭ كېرەكمىتى.
ئاچچىغىم كېلىپ سەل قايناپ قالغانىدىم .
-ئۇنداق دېگۈچە يا مانچە پۇل ،يا ئانچە پۇل دەپ مۇقىم قىلىپ قويماي .
-تولا سۆزلىمە، يەنە 100كويدىن 200كويغىچە جەرىمانە ، يولدا ماشىنىنى ئۇزاق توختىتىپ قاتناش راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزدۈڭ.
-نېمە؟
كاللامدىن ئىس چىكەتتى،توۋا مۇشۇنداقمۇ،ئۇششۇق كىشىلەر باركەن دېسە ، ئۆزى توختىتىپ گەپ باشلاپ قۇيۇپ، خەپ دېدىم ئىچىمدە ،150 كوينى تاشلاپ بېرىپ ماڭاي دەپ تۇرسام ،يەنە سۆزلىمەسما
-قىزىل چىراغ، 200-300كويغىچە ،قاتناش راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش 200-100غىچە ، دەل بېرىلى پۇلنى ،بولمىسا تالۇن يېزىپ نۇمۇر تارتىدىغان ئىشلار چىقىپ قالمىسۇن يەنە .
بۈگۈن مېنى نەس باسقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ماشىنامغا قارىسام ئاران 50كوي باركەن ، مۇشۇنى بەرسەم بولا دەپ ئويلىسام زادى 500كوينى نەق بېرىسە دەپ تۇرىۋالدى، ئادەملەر ئەتراپىمىزغا بارغانچە ئولۇشۇپ باراتتى، ئۇ ئاخىرى بولماي يانچۇقۇمغا قول ئۇزاتتى، ئىش چاتاق دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە .مەن يانچۇقلۇرۇمنى تىكىۋەتكەن ئەمەسمىدىم ،ھېلىقى باشلىق بىلەن يانچۇق كولاش جېڭى قىلغاندىن تارتىپ زادى ھەممە يانچۇقۇمنى تىكىپلاۋېتىشكە بەل باغلىغانىدىم .
جەرت قىلغان ئاۋاز بىلەن يانچۇقلار بىر-بىرلەپ سۆكۈلۈشكە باشلىدى ،ئەمدىلىك مىنۇت ئىچىدە  بولىدىغان ئىشلار كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى، يانچۇقۇم تازا ھىجىيىشقا باشلايدۇ ، كوچىدا سەتلىشىپ خەقنىڭ يانچۇ........
-ۋوي ما ساقچىغا قاراڭلار!
كىمنىڭدۇر ۋارقىرىشىدىن ئېسىمنى يىغىپ يېنىمغا قارسام ساقچى يوق ، قاىسام ئۇ يولنىڭ ئوتتۇرسىغا چىقىپ ھەممە يانچۇقلىرىنىڭ ئەستىرىنى ئىتنىڭ تىلدەك ساڭگىلتىپ قۇيۇپتۇ ، كۈلكەمنى زورىغا بېسىپ ماشانىمنى ئوتالدۇردۇم دە ئۇ يەردىن غىپپىدە قاچتىم ..............
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتتى ،يانچۇقۇمنى تىكىۋالمىساممۇ ، ھىچبىر ھىجىيىۋالىدىغان ئىشلارمۇ يوق ، ئۇف!خۇداغا شۈكرى دېگىنىمچە كوچىغا چىقتىم ، قارىسام ھېلىقى ساقچى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىنى سالپايتىپ قوماندانلىق قىلغىلى تۇرۇپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن نىمىشقىكىن قاتناش ساقچىسىنى كۆرسەم سەل يىتىرقايدىغان بولۇپ قالدىم، بەزى چاغلاردا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ ئۇ بىچارىگە  50كوينىڭ مەرىدىن كەچكەن بولس، زادى مۇشۇ غىچەنىڭ ئارىسىغا بىر سىر يۇشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن  ، بىچارە ساقچىمۇ شۇنى ئېنىقلايمەن دەپ ئاشۇنداق كۈنگە قالدى ، بىر ھېساپتا ساراڭ بولىۋالغانمۇ ياخشىكەن. ھەي!  قاچانمۇ يوقىلارمۇشۇ <<...دىن ...غىچە>>.


https://uyghur-archive.com/misranim/thread-93452-1-1.html
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-92811-1-1.html
ئەسەرنىڭ باش بۆلەكلىرى

                     مەنبەسى: ئەپچىلەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-11 02:46 PM  


كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7268
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 04:34:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ha ha ha muxuning bilan tugamdu ya yana bamu? kiziklikidin taza kuluptiman!

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1503
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 7531
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 05:18:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
naildin يوللىغان ۋاقتى  2012-12-11 08:34 PM
ha ha ha muxuning bilan tugamdu ya yana bamu? kiziklikidin taza kuluptiman!

مەنمۇ ئۇقمايمەن ، بەلكىم باغلاپ تەسەۋۇر قىلىپ يەنە يېزىپ چىقىشىم مۇمكىن ، يازماسلىقىممۇ مۇمكىن

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80792
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3402
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 07:57:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى...نەچچە كۇندىن ياقى سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئىزدەپ يۇرۇپ ئوقۇيدىغان بۇپ قالغان ئىدىم.بۇگۇن يەنە بىر يېڭلىقىڭىزنى ئۇقۇغۇنۇمدىن خۇش بولدۇم.

خەق نىمە قىلسا قىلسۇن.مەن ئۆزەم خالىغاننى قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82687
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3215
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 12:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپچىلەم ئەپەندىمممممممممم،ما ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى تىكىۋەتكەن ئىشلىرى بولماپتۇ دەيمەۋا،ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى تىكىۋەتسىلە تاپقان  پۇلنى نەگە سالىدىلا، يانچۇققا پۇل ساممايدىغان خۇيلىرى بامىتىيا!~!~~!!~!(چاقچاق)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3973
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 398 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 04:53:58 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Bak kizzik yeziliptu

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3973
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 398 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 04:55:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Bak kizzik yeziliptu

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش