يانچۇقۇم ھىجىيىپ قاپتۇ
بىردەمدىن كېيىن ئېسىمنى يىغىپ يەنە خىيالغا چۆكۈشكە باشلىدىم، بايا بولۇپ ئۆتۈلگەن ئىشنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئەتراپىمدا ماڭا ياندىشىپ ماڭغانلاردىنمۇ ئەيمىنىپ تۇراتتىم.
-ھەي!قانداق ئىش بۇ، بىچارە ئاقساقال دادام مېنىڭ خۇش خەۋىرىمنى ئۆيدە كۈتۈپ تۇرىدۇ ، بارساملا مەندىن نەتىجىسىنى سورايدۇ ھەقاچان.بولا ئىش بولغانكىن ئېنىقىنى دادامغا دەرمەن شۇ.
شۇلارنى ئويلاپ تۇيۇقسىز ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ماڭا قاراپ پىخىلدىشىپ كۈلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم ، ئېسىمدە يوقلا ماڭا قاراپ ھىجىيىپ تۇرغان ئىككى بالىنى قوغلاپ سۈرۈپ كېتىپتىمەن ،نىمىشقىكىن ئۇقمايمەن ، بىر نەرسەم كامدەكلا قىلاتتى ، كىشىلەرمۇ مېنىڭ بۇ قىلىقلىرىمنى كۆرۈپ مېنىڭدىن قېچىپ مېڭىشقا تەمشەلدى، بىراق مېنىڭ ئەسەبىيلىكىم بارغانچە كۈچىيىۋاتاتتى،ئۇشتۇمتۇتلا يېنىمغا كەلگەن بىرسىنى كاپپىدە تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم،ئۆزەممۇ ھەيران شۇ كىشىنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرغاندىن تارتىپ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئالغۇچە بولغان جەرياندا ھىچبىر ئىشلار مېنىڭ كونتىروللىقىمغا ئۆتەي دېمەيتى ،شۇنداق ئىزتىراپلار ئىچىدە ئۇ كىشىنىڭ يان چۇقىدىن بىر ھەمياننى سۇغۇرۇپ ئالدىمدە ئىچىدىكى پۇللارنى يانچۇقۇمغا سېلىشقا باشلىدىم . ئەمدىلىك ھەممە ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندەك بەخىرامان ئالدىمغا كېتىۋەردىم.توساتتىن بىرىنىڭ قولۇمنى تاتقانلىقىنى سېزىپ ئارقامغا قارىسام ،ھېلىقى ھەمياننىڭ ئېگىسى مەڭدەپ قالغان قىياپەتتە ماڭا قاراپ تۇراتتى، چىرايىغا قارىسام ئۇ كىشى شۇنچە مۆمىن كىشى كۆرۈندى، خىجىلچىلىقتا پورتىمالنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردىم ،ئۇف دېدىم ئىچىمدە مەندىن ئاستا-ئاستا يىراقلاپ كېتىۋاتقان كىشىگە قاراپ ، قېنى قىزىق ئادەم بولغان بولسا شۇ يەردىلا ئۇرۇپ ماكچايتىۋىتە بولغىيتى .باياتىنقى ئىشلار كىنو لىنتىسىدەك كاللامدىن غىل-پاللا ئۆتۈشكە باشلىدى،
-ئەجەپ قاملاشمىغان ئىش قىلىپ قويدۇم دېسە، نىمە بولغاندىمەن ،توۋا!نىمىدەپ باشقىلارنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ يۇرىمەن ،جىن چاپلىشىپ قالدىمۇ يا،ما ئەتراپىمدىكى كىشىلەرمۇ ماڭا ئەجەپ مەسخىرە ئارىلاش قارايدىيا، توختا ..........
ئۆزەممۇ ئۇقمايلا يېنىمدىنلا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىىر قىزنىڭ يۇمشاق قولىنى كاپپىدە تۇتتۇم .چاڭڭىدە تەكەن بىر شاپلاق مېنى دەقىقە ئىچىدە سەگىتكەن بولسىمۇ لېكىن دەماللىققا ئۇ قىزنىڭ قولىنى قويىۋەتمىدىم ، شۇ تاپتا پۈتكۈل ئەسيادىم ئۇ قىزنىڭ قولىدىكى سومكىدا ئىدى، قىز توساتتىنلا ۋارقىراشقا باشلىدى ..........
قاياقلاردىندۇر پەيدا بولدىكى توساتتىنلا بىر يىگىت كېلىپ گالاچچىدە بىرنى سالماسما، ئىككى چىشىم توروككىدە يەرگە چۈشتى، ،بەلكىم يىگىتمۇ ئۆزىنىڭ ئويلىماي ئاتقان مۇشتىدىن سەل ئەپسۇزلىنىپ قالغان بولسا كېرەك ، يەردىكى چىشىمغا قاراپ ئۇمۇ بايىقى كىشىدەك مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى، ئەتراپتا كىشىلەر بارغانچە جىقىيىشقا باشلىدى، ئۇلار ئەمدى چىقىدىغان تاماشانى كۈتۈپ تۇرغان بولسا كېرەك بىر نېمىلەرنى دەپ كۇسۇرلىشاتتى،ئەمما مېنىڭ ئەس-يادىم يەنىلا شۇ قىزنىڭ قولىدىكى سومكىسىدا قالغانىدى، جان ئاچچىغىمدا بىرنى تارتىپتىكەنمەن،سومكىنىڭ بېغى قىزنىڭ قولىدا ئۆزى مېنىڭ قۇلۇمغا چىقىپ قالدى، ھاپىلا-شاپىلا سومكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم، ئەلۋەتتە يەنىلا پۇل ئىزدەشنى مەقسەت قىلغانىدىم . بىردەمدىلا پۇللارنى ئېلىپ سومكىنى تاشلاپ ئالدىمغا مېڭىشقا باشلىدىم، بىرسىنىڭ ھەي دەپ قاتتىق ۋارقىرىشى بىلەن توختاپ قالدىم ، قارىسام مىنىڭ چىشىمنى ئۇچۇرىۋەتكەن يىگىت ماڭا دەشمىيىپ قاراپ تۇرۇپتۇ ، توساتتىن ئېسىمنى تاپقاندەك قىلدىمدە ، يانچۇقۇمدىكى بايا مەن ئېلىۋالغان پۇللارنى يىگىتنىڭ قولىغا چاڭگاللىتىپ ئىزادىن كىرىدىغان تۈشۈك تاپقىلى يۈگرەپ ئۇئادەملەر تورىدىن ئايرىلىپ كەتتىم.
-كۈپكۈندۈزدە، نىمە سەتىچلىك بۇ ، ئەجەپ بىر قىسىم بولۇپ قېلىۋاتىمەن يا ، خەقلەرنىڭ ھەممىسى ساراڭ دەپ ئويلاپ قالدىدە ئادەمنى ، ئىسىت يۈزۈم،ئىسىت يۈزۈم ...تۇنۇش-بىلىشلىرىممۇ قانداق ئويلاپ قالغاندۇ، توۋا!ئەجەپ تېگىگە يىتەلمدىمغا بۇ ئىشنىڭ ،نىمىدەپ ئالجىپ قالغاندەك بىراۋنىڭ يانچۇق-سومكىلىرىنى ئاختۇرۇپ تۈرىمەن ،مانا ھازىر ساق بولمىسا تېزراق ئۆيگە قايتىپ مەھەللىمىزدىكى ھېلىقى باخشىغا ئۇقۇتۇپ باقايمۇ يا...
شۇلارنى ئويلاپ ئۆزەمگە ئىچكى كۆزۈم بىلەن بىر قۇر قارىۋەتتىم ، نورمال تۇرمامدىمەن ،ئۆزەمچە تىرىكىپ ئالدىمغا مېڭىۋەردىم، نېمە بولغانلىقىنى ئۇقمايمەن ، يېنىمدىنلا ئۆتىۋاتقان بىر ئاقساقالنىڭ قولىنى ھايتتتيىدە تۇتۇۋېلىپ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ كېتىپتىمەن ، ئېھتىمال ئۇ ئاقساقال نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان بولسا كېرەك ، چىرايىمغا قاراپ قېتىپلا قالدى ،خەپ دەپ قالدىم بوۋاينىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرىۋاتقان ئاشۇ دەقىقىلەردە ، يەنە باشلاندىدە تەلۋىلىكىم ، لېكىن كىيىنكى ئىشلار ھىچبىر رايىمغا باقاي دېمەيتى ، ئۇ بوۋايمۇ مەن يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ قۇرۇغداپ قويغىچە سۈكۈت ئىچىدە تۇردى ، بىردەمدىلا ئۇ ئاقساقالنىڭ پۇلىنى ئېلىۋېلىپ يولۇمغا راۋان بولدۇم،قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمەيمەن بىرسنىڭ قۇلۇمنى تارتىپ ماڭغىنىنى سېزىپ ئۆزەمنى ئۇنىڭ تارتىشىغا قۇيۇپ مېڭىپ كېتىپتىمەن ، بىردەمدىن كېيىن ئېسىمنى يېغىپ قارىسام مېنىڭ قولۇمنى تارتىپ ماڭغان ئادەم مېنىڭ دادام ئىكەن ،توساتتىنلا تېخى بايىلا كوچىدىكى ئاقساقالنىڭ يانچۇقىنى كولىغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى،
-ئەستاغپۇرۇللا،ئەجىبا مەن، كوچىدىلا دادامنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ يۈردۇمما؟يۈز-ئابروينى بەك چوڭ ىلىدىغان دادام ئەھلى-جامائەت ئەتراپىدا قانچە خىجىل بولغاندۇ ھە!...
ئۆيگە كىرىپلا دادام ماڭا تىكىلىپ قاراپ ئۆز جايىدا ئولتۇردى، دادام مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى، كۆزۈمنى يۇمۇپلا باشلىقنىڭ ئۆيىگە بارغان جەرياندن باشلاپ ھەممىنى دادامغا دېدىم، شۇ تاپتا دادامنىڭ ئالدىدا بىر گۇناھكاردەكلا بولۇپ قالغانىدىم،توساتتىن دادام يانچۇقۇمنى ئىشارەت قىلدى، بۇ ماڭا باياتىن مېنى بۇلغان پۇلنى چىقار دېگىنى ئىدى.ئاستا بېرىپ پۇلنى ئۈستەل ئۈستىگە قويدۇم، دادا شەرەت قىلغاندىن كېيىن ئارقامغا يېنىپ قولۇمنى ھەربىيلەردەك دېققەت تۈسىدە تۇتۇپ دادامنىڭ تەنىسىنى ئاڭلاشقا تەييار بولۇپ تۇردۇم، ئۇشتۇمتۇتلا ئىككى يان يانچۇقۇمنىڭ ئاستا مىدىرلاۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدىم ،مۇنداق قارىسام ، يانچۇقلىرىم ئاستا-ئاستا تېشىغا ئۆرۈلگىلى تۇرۇپتۇ، ھەيرانلىق ئىچىدە ئارقا يانچۇقلىرىمنى تۇتۇپ باقتىم ، ئۇلارمۇ ئۆرىلىش باسقۇچىدا تۇرمامدۇ، بىر ئىشنى پەملىگەندەك بولدۇم، داداممۇ ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەن بولسا كېرەك ، ئۈستەل ئۈستىدىكى پۇلنى غاچچىدە ئۆرۈلۈپ قالغان تۆت يانچۇقۇمغا قىستۇرۇپ قويدى ...
بىردەمدىن كېيىن ھۇشۇمنى تېپىپ باياقى ئىش توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە باشلىدىم،بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ پوق يىگۈسى كەلگەن باشلىقنىڭ ئۆيىدىن قايىتقاندىن بۇيان توختىماي يۈز بېرىۋاتاتتى، ئېھتىمال باشلىق ھېلىقى چاغدا تەلۋىلىك قىلىپ يانچۇقۇمنى ئاختۇرغان چاغدا؟ ئاپلا ،ئەجىبا باشلىقنىڭ گال ئاغرىقى ماڭا يۇقانمىدۇ؟ ئۆزەمدىن تەشۋىشلىنىشكە باشلىدىم ، بىراق بۇ بىر ھەقىقەت ئىدى، گال ئاغرىقىنىڭ يېڭى ئىپادىسى مەندە يانچۇقۇمنىڭ ئۆرۈلۈپ قېلىشى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى، ئەستا ،يانچۇق ئۆرۈلۈپ قالسا قايسى گپنى دەيدىغان بولغىيتى...............
شۇنىڭدىن كېيىن يانچۇقۇمدىن پۇل ئارىمايدىغان بولۇپ قالدىم ،ئەما كۈنلەرنىڭ بىرىدە گېلى ئاغرىمىغان پارىخور باشلىقنى كۆرگەندە يانچۇقۇمدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا سۈڭگۈتېۋىتىپ يانچۇقۇمنىڭ قۇرۇق قېلىشىدىن قورقاتتىم..........
يازغۇچىغا قارىتا خاتا پوزىتسىيەدە بولماڭ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-92811-1-1.html ئەسەرنىڭ باشلىنىش قىسىمى يۇقىرقى توربەتتە
مەنبەسى: ئەپچىلەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-8 05:28 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-14 04:17 AM):
ئاخىرقى قىسىمى
https://uyghur-archive.com/misranim/forum.ph ... p;page=1#pid1390447