ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. توردىشىمىز ۋە قېرىندىشىمىز ئاپتاپ يوللىغان
مەجۈن يىيىشنى قەتئى تۇسايلى! دىگەن تىمىدىكى ئىنكاسلاردىن كۆپچىلىكنىڭ تىمىدا دىيىلگەن ‹مەجۈن› ئۇقىمىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىللىكىنى ھىس قىلدىم. دىمىسىمۇ بۇ تىمىنى بۇرۇن يازغاندا ‹مەجۈن› سۈكۈش بىلەن بوپ كىتىپ مەجۈن ئۇقىمىنىڭ تەبىرىنى ياخشى بەرمەي قاپتىمەن. بۇ تۈمەن كىشى كۈرىدىغان ۋە پايدىلىنىدىغان مۇنبەر. خاتا چۈشەنچە بوپ قالسا نۇرغۇن ھالال نىيەتلىك تىۋىپلىرىمىزمۇ زىيان تارتىپ قالغۇدەك شۇنىڭ ئۈچۈن مەجۈن ۋە ‹مەجۈن› توغرىسىدا قىسقىچە ئىزھات بىرىشنى توغرا تاپتىم.
مەجۈن نامى ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى دورا ياسالمىللىرى ئىچىدە ئاساسى ئۇرۇننى ئىگەللەيدىغان بىرخىل دورا ياسالمىسى بۇلۇپ نۇسقا تەركىبىدىكى دورىلارنى ئۆلچەملىك لايىقلاشتۇرغاندىن كىيىن يۇمشاق سۇقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن كۈپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىندىغان دورا ياسالمىسىنىڭ نامى. مەسىلەنگە سىز قېتىغان نانى يۇمشاق سۇقۇپ ھەسەل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ مەجۈنى نان دەپ ئىسىم قويسىڭىز بۇلىۋىرىدۇ. بىراق بۇ سىز تەييار قىلغان مەجۈنى نان مەس قىلمايدۇ، نەس قىلمايدۇ، پەس قىلمايدۇ بەلكىم قۇرساق توقلايدۇ. ئۇنداقتا ئۇنى ‹مەجۈن› دەپ يىمەسلىك كىرەكمۇ؟
ئۇ تىمىدا ئوتۇرغا قۇيۇلغان ‹مەجۈن› ئىزچىل تىرناق ئىچىدە. نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مەجۈنات دورا ياسالمىسى كۆپ مەنمۇ 200 خىل ئەتىراپىدا مەجۈن دورىلارنى ئۇقىمەن. لىكىن ياشلار ئاتىۋالغان مەجۈن باشقا تىمىدا دىيىلگەن ‹مەجۈن› باشقا. تىمىدا دىيىلگەن مەجۈن بولسا مەجۈنى دىلكۇشاد، مەجۈنى مەسىھا مۇكەيىپ ۋە تەركىبى ۋە خۇسۇسىيتى ئۆزگىرىپ كەتكەن مەس قىلىش رۇلى بولغان چۇمادو تەركىپلىك ‹مەجۈن› نى كۆرسىتىدۇ.
ئىنكاسلارغا قارىسام ئاشقازان، يۈرەك ۋە باشقا ئەزالار ئۈچۈن بىرىلگەن مەجۈنات تۈرىدىكى دورىلارنىمۇ تىمىدىكى ‹مەجۈن› بىلەن بىر تاياقتا ھەيدەپ كىتىپتۇق. ئۇنداق قىلمايلى قېرىنداشلار. تىمىنى قايتا - قايتا ئۇقۇپ باقىلى. تىمىدا نىمە سۆزلەندى؟ تىما يازغۇچى ۋە يوللىغۇچىنىڭ مەقسىدى، ئوي پىكىرى نىمە؟ چۈشۈنۈپ باقىلى. ئىلگىرى خاتىرەمدىن كۈچۈرۈپ ‹ئۇيغۇر تىبابەت دورىللىرىنىڭ ئەكىس تەسىرى يوق دىيىش توغرىمۇ؟› دەپ بىر تىما يازغان ئىدىم. تىمىدىكى مەقسەت ئۇيغۇر تىبابەت دورىللىرىنىڭ جايىدا ياسالمىسا ۋە جايىدا ئىشلىتىلمىسە ئەكىس تەسىر بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئىدى. لىكىن نۇرغۇن تورداشلار مىنى تىللاپ كەتكەن. كىيىن قارىسام بۇ بىر ئىلمى ماقالە بۇلۇپ ئۇيغۇر تىبابەت ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان ئىكەن. بۇ يەردىمۇ يەنە ئۇقۇشماسلىق بوپ مەجۈن دورىلارنىڭ ھەممىنى 1 تاياقتا ھەيدىسەك ئۇيغۇر تىبابەت خادىملىرى كىلىپ مىنىڭ ياقامدىن ئالمىسۇن. مەجۈنى داۋائى مىشكى، مەجۈنى ماددىتۇل ھايات، مەجۈنى لوبوبى كەبىر، نەجۈنى لوبوبى سەغىر، مەجۈنى ئامىلە نۇشتارى ........ قاتارلىق مەجۈن دورىللىرىمىز بار. جايىدا ئىشلىتەلىسە ئاسما ئۇكۇلدەك پايدا قىلالايدىغان. بۇنداق دورلارنىمۇ ‹مەجۈن› دەپ قاراپ دورا بەرگەن تىۋىپ ياكى تىۋىبەلەر بىلەن سۇقۇشۇپ يۈمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. شۇنداقلا تىمىدىكى قىسمەن خاتالىق نوخسانلارنى ئەپۇ قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
دەپ:
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت تورىدىن
ئەلسىھەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alsihat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 11:58 AM