سىزمۇ ‹مەجۈن› يەمسىز؟
بۇ تىمىنى يېزىشتىن بۇرۇن يېزىش سەۋەبمنى ئېيتىپ ئۈتەي.
تۈنگۈن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن قەشقەرگە كىرىپ ئايلىنىپ كىتىپ باراتتىم. مەلۇم بىر ئۇيغۇر تىبابەت دورا دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قىزىقىپ كىرىپ باققۇم كەلدى(كەسىپم بولغاندىن كىيىن) ئۇ تىۋىپ غۇجام يېنىمغا كىلىپ ‹تۇمۇر تۇتۇپ باقىلما؟› دەپتى ئۈزەمچە تۇتقۇزۇپ باقاي دەپ ماقۇل بۇلۇشۇم چىرايلىق ياسانغان سۈرئەتتەك سۈزۈك 20-22 ياشلاردىكى 2 قىز كىرىپ كەلدى.
ئادەتتە بىزدەك تىۋىپلارنىڭ
قېشىغا بۇنداق مودا قىزلار كىرىشى ناتايىن ئىدى كىرسىمۇ ‹ سۈرگۈ دورىسى بامۇ؟› دەپ بىزنى ئۈزى قىلغان نىجسلىقنىڭ ئايىغنى يىغۇشتۇرشۇپ گۇنھىغا شىرىك قىلغلى كىلەتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قولاق سېلىشقا باشلىدىم.
قىزلا: ھېلقى دورىڭىزدىن بەرسىڭىز بوپتىكەن.
تىۋىپ: قايسى دورنى دەيلا ‹ مىنى ئاڭلىسۇن دىگەندەك چىڭ ئاۋازدا › يېنىمغا كىپ كىتىپ تۇردىغانلا جىق تۇسا قاسىنى ئىسىمدە ساقلايمەن؟
قىزلار ماڭا بىر قارۋىتىپ بوش ئاۋازدا: مەجۈندىن
تىۋىپ: ھە ماندا دىسە . نەچچىسى لازمتىكى؟
قىزلار: ھازىرچە بىرس بولسۇن ….
…
قىزلار چىكەتكەندىن كىيىن مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماڭدىم. تىۋىپ: تۇمۇنى ئەتە تۇتامتۇق؟ دىدى تەنە ئارلاش.
مەن ئۈزۈمنى بىر قۇر تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن تىۋىپقا ئاغىنە ھەقىقى تىۋىپ 3 ئىشنى قىلمايدۇ. 1- يالغان سۆزلىمەيدۇ. 2- مەس قىلغۇچى دورا ياسىمايدۇ. 3- ئادەم قەسلىمەيدۇ‹ قۇساقتىكى ھامىلىمۇ ئىچىدە› دىدىم دە دۇكاندىن چىكەتتىم. تورداشلارنىڭ ئىچىدە ياكى يېقىنلىرىڭلادى مەجۈنگە كۈنۈپ قالغانلا بولسا ھۇشنى تېپىۋالسا ھەجەپ ئەمەس دەپ بۇ تىمىنى يازدىم.
مەجۈن دىسەم نۇرغۇن دوسلىرىمىز چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. ياشلار ئارىسىدا مەجۈن دەپ دام ئالغان بۇ ئوقەتنىڭ ئەسلى ئىسمى مەجۈنى دىلكۈشەد بۇلۇپ بۇنىڭ ئۇكۇللىردىن بولغان مەجۈنى بەرشىشا، مەجۈنى مۇبەھىمۇكەيىپ قاتارلىقلارمۇ ياشلار ئارىسىدا مەجۈن دەپ ئاتىلدىغان بۇلۇپ قالدى.
مەجۈن ئەسلى دورا ياسالما تۈرى بۇلۇپ غەرىپ تىبابىتىدىكى تابلىت، كاپسۇل، ئۇكۇل ………. دىگەندەك.
مەن بىلدىغان مەجۈن تۈرىدىكى دورلارمۇ 150 دىن ئاشىدۇ. لىكىن مەس قىلدىغنى يۇقارقى 3 نى بىلمەن.
بولدى ئەمدى نەخ گەپكە كىلىلى:
مەجۈنى دىلكۇشات بولسا ئۇيغۇر تىبابىتىدە يۈرەك كىسىلىگە قارتتا بىرلىدىغان دورا ئىدى.‹ئىلگىرى›
مەجۈنى مەسىھامۇكەيىپ بولسا بەدەننى قۇۋەتلاش، ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش، باھنى قۇۋەتلەش تەسىرى يۇقۇرى دورىلار ئىدى.
لىكىن يېقىندىن بۇيان بۇلارنىڭ خۇرۇچلىرى كەم، باھاسى قىممەت بولۇپ كەتكەنلىكتىن پۇلغا تويماس، ئەقلى ئىشلىمەس تىۋىپلىرىمىز ‹ مەجۈن› نىڭ يېڭى نەشىرىنى ئىلان قىلىپ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى نىشە يېغى، ئەپىيۇن، بەزىرۇلبەنجى… قاتارلىق دورىلارنىڭ ئورنىغا چۇمادو‹تەرجىمە قىلالمدىم›، باش چايقاش كۇمۇلىچى قاتارلىق دورلانى بۇلشىغا قېتىپ تەسىرى بۇرۇنقىدىنمۇ‹ياخشى› بولغان مەجۈننى تەييارلاپ چىقتى. بۇنداق مەجۈننى كۆپ يىگەن كىشى 1- خۇمادايدۇ، 2- نىرىپلا كۈيىدۇ. 3- ئاشقازان بۇزىلىدۇ. بۇ 3 ئەكىس تەسىر سىز يىگەن مەجۈن تەركىبىدىكى چۇمادودىنلا كىلىدۇ. قالغىنى ئۇلۇغ ئاللاقا ئامانەت.
ھەقىقى ياسالغان مەجۈننى تىۋىپلار تۇمۇر تۇتۇپ كىسەل كۆرگەندىن كىيىن كىسەلنىڭ راسلا ئىھتىياجى بولسا ئاندىن بىرىدۇ.
بۇرۇن ئۇستازىم ياسايتى كىيىن ياسىماس بولدى. سەۋەبنى سۇرىسام ‹ بۇرۇن ھالال دەپ كەلگەن لىكىن بىرنەچچە ئالىملاردىن مەسلەت سورسام مەس قىلسا ھارام بۇلىدۇ دىدى شۇڭا ياسىمايلى› دىگەن ئىدى. قالغنىنى تورداشلا كاللاڭلاردا ئويلاپ بېقىڭلا. ئۇنى يىگەن ئادەم بىر كۈن نىمە ئىش قىلغىنىنى بىلمەيدۇ، ئوغوللاردىن ئۈتۈپ ئەمدى قىزلىرىمز يىگىلى تۇرۇپتۇ. بۇ مىنىڭچە ئۇيغۇرلارغا زور بالايى ئاپەت بولغۇدەك.
مۇنبەرداشلا تىمىغا بولغان تەكلىپ پىكىر بولسا بىرىپ تۇرساڭلا. بۇندىن كىيىنكى تىما يوللۇشۇمغا زور تۈرۈتكە بۇلاتتى.
يۇقارقىي تىمىدىكى مەزمۇن ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا ، ئەلسىھەت توردىكى تىۋىپ توردىشىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي مىسرانىمغا يۆتكىدۈم . مەجۈن بىرخىل مىللىي تىبابەتتە ئىشىلتىدىغان دورا بۇنى ھازىر كۆپ قىسىم ياشلىرىمىز يەپ دۇنيانىڭ غىمىي بىلەن كارى يوق يۈرۈيدۇ . مەجۈن ساتقان ، ئىستىمال قىلغان تونۇش بىلىشلىرىمىز بولسا نەسەھەت قىلىپ قويۇڭلار .
مەنبەسى :
http://www.alsihat.com/115.html
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-4 01:45 PM):
بۇنى يىمەيدىغان ئادەم ئاز بولۇشى مۇمكىن . ئەمما كىچىكلەر بەك كۆنىۋاپتۇ .