2012-يىلى11-ئاينىڭ28-كۇنى دۆلەت كېڭىشىدا يەر باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ تۈزۇتۇلگەن سىناق لاھىيىسى قاراردىن ئۆتۇپ،يېزىلاردىكى كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە تۆلەم بېرىش تۇزىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۇزدى.بۇ قېتىمقى ئوزگەرتىلگەن مەزمۇنلاردا يەر تولۇقلىما تۆلەم پۇلىنى يوقىرى كۆتۇرۇش تەكىتلەنگەن بولۇپ، يوقىرى كۆتۇرۇلگەن ئۆلىچىمى بەلكىم ھازىرقى يەر تولىقلىما تۆلەم پۇلىنىڭ 10ھەسسىدىن تۆۋەنرەك بولىشى مۇمكىن.
ھازىرقى يەر تولۇقلىما تۆلىمى ئۆلچىمى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ،نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدىكى سېتىلىۋاتقان يەرلەر ئاساسەن يەر ئېلىشنى مەنبە قىلغان. يەرنىڭ11يىللىق سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن ھەر كۇۋادىرات مېتىرى 944يۇەن،بىراق يەر تولۇقلىما تۆلىمى ئەڭ يوقىرى بولغاندا،تېرىلغۇ يەرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ30ھەسسسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك،بۇنداق بولغاندا 11يىلنىڭ تەخمىنەن 26يۇەن ھەر كۇۋادىرات مېتىر بولىدۇ.بۇ دېھقانلارنىڭ يەرنى ئۆتكۇزۇپ بېرىش جەريانىدىكى پايدىسىنىڭ نىسبىتى3پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ دىگەندىن دېرەك بېرىپ.يەر تولۇقلىما تۆلىمى ئۆلچىمىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.ھازىر يولغا قويىلىۋاتقان كىشى بېشىقا توغرا كېلىدىغان يەر تولۇقلىما تۆلىمى،دېھقانلارنىڭ 6يىللىق كىرىمىگە باراۋەر،11يىلدا مەملىكىتىمىز دېھقانلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يېرىنى2.3مو دىسەك،بۇ 1500كۇۋادىرات مېتېرغا يېقىن كېلىدۇ.ھەر كۇۋادىرات مېتىر يەرنىڭ تۆلىمى26يۇەن دىسەك،ئۇنداقتاتۆلەم تەخمىنەن 40000يۇەن ئەتراپىدا بولىدۇ.بۇ دەل دېھقانلارنىڭ 11يىللىق كېشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى7000يۇەننىڭ 6ھەسسىسىگە يېقىنراق .
يەر تولۇقلىما تۆلىمى ئۆلىچىمىنى10ھەسسە يوقىرى كۆتىرىپ ،دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسىنى يوقىرى كۆتۇرۇش دىگەنلىك،ھازىرقى يەر تولۇقلىما نىسبىتىنى 2.7پىرسەنتتىن 27پىرسەنتكە كوتۇرۇش دىگەنلىك بولۇپ،بۇ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغاتوغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يېرىنىڭ باھاسى400000يۇەنگە كۆتۇرلۇپ،دېھقانلارنىڭ 60يىللىق كىرىمىگە باراۋەر كېلىدۇ دىگەندىن بىشارەت بېرىدۇ.
دېھقانلارنىڭ يېرى قايتۇرۋېلىنغاندىن كېيىن،ئۇلار ئىشلەپچىرىش ۋاستىلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ،شۇڭا ئۇلارغا ئۆمۇرلۇك تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش كېرەك.
http://finance.qq.com/a/20121130/004140.htm
مەنبە : باعداش تورى