مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13316|ئىنكاس: 107

[بوزقىر]پۇخرالارنىڭ ھەر بىر ئېغىز ئۆيى بىر « دىياۋيۈ ئارىلى» دۇر !   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 03:04:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[مىسرانىم،مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە تەۋىسىيە قىلىنغان ئەسەر

پۇخرالارنىڭ ھەر بىر ئېغىز ئۆيى بىر « دىياۋيۈ ئارىلى» دۇر !


لاڭ ياۋيۇەن


بوزقىر تەرجىمىسى


ياپون ساقچىلىرى دىياۋيۈ ئارىلىغا چىقىپ ھەيۋە كۆرسەتكەن كۈنى لىياۋنىڭنىڭ پەنجىڭدىكى خەلق ساقچىلىرى مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشكە قارشى چىققان بىر كەنىت پۇخراسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.بۇ خەۋەرنى تېڭشۈن تورىدىن كۆرۈپ ھەيران قالدىم ھەم ئۆز –ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم : « نېمىشقا بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ ؟ بۇ بەخىتسىزلىككە تولغان جۇڭگوچە چېقىپ-كۆچۈرۈش بولماي نېمە ؟».


تۈنۈگۈن كەچتە سىنا تورىنىڭ « لىياڭ ۋېنداۋ مىكرو بىلوگى » دا « 21-سېنتەبىر سائەت 10 ئەتراپىدا لىياۋنىڭنىڭ پەنجىڭ شەھرى شىڭلوڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت 200دىن ئارتۇق ئادەمنى ئاجرىتىپ، شەھەردىن 20كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇغداي ئېتىزلىقىنى توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن تۈزلەۋاتقاندا يەر ئىگىلىگۈچىلەر بىلەن كەنىت ئاھالىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.توقۇنۇشتا 35ياشلىق كەنىت ئاھالىسى ۋاڭ شىجىيې ساقچىلار تەرىپىدىن  نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋاڭ شىجىيېنىڭ دادىسى ۋە ئاكىسىمۇ ئېغىر يارىلانغان . ساقچىلار نەق مەيداندا قوراللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ  : ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشمىساڭلار يەنە نەچچە ئادەمنى ئېتىۋەتسەكمۇ قانداق قىلالايسىلەر ؟ دەپ ھەيۋە قىلغان. نۆۋەتتە ۋاڭ شىجىيېنىڭ جەسىدى ئېلىپ كېتىلگەن، ئايالى ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان.بۇ تېمىغا ئىنكاس يازماڭلار» دەپ يېزىلغانىدى.


مەن شۇ تېمىغا « مۇبادا بۇ ئىش راسىت بولسا يەنە قانۇندىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ ؟ » دەپ ئىنكاس يېزىپ قويدۇم.مېنىڭ نەزىرىمدە ، ھازىر جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى پۇخرالار ھەر ۋاقىت قانۇنغا بىر خىل ئۈمىد بىلەن قارايىتتى.ئەشۇ كۈچلۈك، ئادىل قانۇن ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ئۆز ھېمايىسىغا ئېلىشى كېرەك ئىدى.شۇ كۈنى كەچتە بۇ تېما 10مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئۇلانما قىلىپ يوللاندى.نۇرغۇن تورداشلار بەس-بەستە ئىنكاس يېزىپ، پاكىت تەلەپ قىلىشتى.


ئاخىر ، بۈگۈنكى خەۋەرنىڭ راسىتلىقى ئىسپاتلاندى. لىياۋنىڭنىڭ پەنجىڭدىكى يۈزلىگەن ئادەمنىڭ مەجبۇرىي يەر ئىگىلەش جەريانىدا توقۇنۇش پەيدا قىلغانلىقى، توقۇنۇشتا ساقچىلارنىڭ بىر كەنىت پۇخراسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكى راسىت بولۇپ چىقتى. غەلىتە ئىش، ياپونلار  ئارىلىمىزنى ئىگىلىۋالسا ھېچكىمنىڭ گېپى يوقكەن، ئەمما ئۆز ئادەملىرىمىز ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق يېرىنى قوغدىسىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرىلىدىكىنە؟


«شەرقىي شىمال خەۋەرلەر تورى»دا بۇ ھەقتە بىر گچماش خەۋەر بېرىلگەن بولسىمۇ ئەمما، خەۋەردە پەنجىن شەھەرلىك ۋەقەنى تەكشۈرۈش بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ بايانىلا ئاساس قىلىنىپتۇ. پەنجىن ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تەلەپپۇزىدىن قارىغاندا ، كەنىت ئاھالىسى ۋاڭ شىجىيې ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر  چېقىپ-كۆچۈرۈش تۆلىمىگە رازى بولمىغاچقا قۇرۇلۇشقا قوپاللىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ماجرالىشىپ قالغان. ۋاڭ شىجىيې ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قولىغا قاتىللىق قورالىنى ئېلىپ قۇرۇلۇش قىلغۇچىلارغا ھەيۋە قىلغان ھەم ئالدىن تەييارلىۋالغان بېنزىننى قۇرۇلۇش قىلغۇچىلارنىڭ ئۈستى-باشلىرىغا چېچىپ چاقماق بىلەن ئوت ياقماقچى بولغان. ساقچىخانا 110مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاڭ يەن قاتارلىق ئىككى ساقچىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ۋاڭ شىجىيې ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ يېقىنلىشىشىنى قوپاللىق بىلەن توسقان، ھېچقانداق نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغان ھەم زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ ساقچى جاڭ يەننى يارىلاندۇرغان. جاڭ يەن قورالنى چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ ئەمما، ۋاڭ شىجىيېنىڭ دادىسى كەينىگە يانماقتا يوق ئەكسىچە، جاڭ يەننىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ بېرىپ، قورالغا ئېسىلغان.بۇ جەرياندا قورالنىڭ تەپكىسى بېسىلىپ كېتىپ، ۋاڭ زەييۇەننىڭ ئوڭ پۇتىغا ئوق تېگىپ يارىلانغان.بۇ چاغدا ۋاڭ شىجىيې ئۆزىنىڭ كىيىمىگە ئوت يېقىپ جاڭ يەنگە قاراپ ئېتىلغان.ئۈستى-بېشىغا بېنزىن چېچىلغاچقا ئوت تۇتىشىپ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە قالغان جاڭ يەن ۋاڭ شىجىيېغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. ئوق ۋاڭ شىجىيېنىڭ كۆكرىكىگە تېگىپ نەق مەيداندا ئۆلگەن.تەپتىش تارماقلىرى خەلق ساقچىسى جاڭ يەننىڭ ھەركىتىنى  ھۆكۈمەت ئىشىدا نورمالنى يوسۇندىكى  قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىگە ياتىدۇ،قورال ئىشلىتىشكە دائىر ئالاقىدار قانۇنغا ئۇيغۇن، دەپ بېكىتكەن.


«شىنجىڭ گېزىتى»بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە  «نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كەنىت ئاھالىسى»نىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى «ۋاڭ ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرى»دەپ يازسا ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ۋەقەنىڭ « يول ئۈستىدە» بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. «شىنجىڭ گېزىتى» خەۋىرىدە« مەلۇم دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقى 100گە يېقىن ئادەمنى باشلاپ كەلگەن»لىكىنى يازسا ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر « شەھەر مەمۇرىيىتى شىركىتىنىڭ بەش نەپەر خىزمەتچىسى» دەيدۇ. «شىنجىڭ گېزىتى» ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە   « مەلۇم دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقى 100گە يېقىن ئادەمنى باشلاپ كېلىپ، كولاش ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ، ۋاڭ ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرىگە ھەيدەپ بېرىپ،ئېتىزلىقتىكى شالنى تۈزلىۋەتمەكچى بولغان. ئىككى تەرەپ تۆلەم باھاسى ھەققىدە بىرلىككە كېلىپ بولالمىغاچقا ۋاڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىنى قوپاللىق بىلەن توسىقان.بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان» دەپ يازسا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر «زورلۇق كۈچ بىلەن ھۆكۈمەت ئىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان»لىقتىن بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئىشتا ھەر قايسى تەرەپ ئۆزنىڭ دېپىنى چالغان  بولۇپ ، زادى قايسى تەرەپنىڭ گېپىنىڭ چەك باسىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.


ئەمما، بۇ يەردە بىر نۇقتا ئېنىق. ئۇ بولسىمۇ ۋاڭ شىجىيې ئائىلىسىدىكىلەر ئۆزىنىڭ ئۆيى  ۋە تېرىلغۇ يېرىدىكى زىرائەتلىرىنى قوغداپ قالماقچى بولغان. بۇ يەردە شۇنى سوراپ بېقىش لازىمكى، ۋاڭ ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرىنى شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە ئىگىلىگەنمۇ-يوق ؟ يەر ئىگىلەش ھەققىدىكى ھۆججەت نومۇرى قانچە؟ ئۇنى قايسى ئورۇن تەستىقلىغان؟ يەر نېمىگە ئىشلىتىلمەكچى ؟ پىلانغا ئېلىنغان قىزىل سىزىق بارمۇ ؟ يەر ئىگىلەشتىن بۇرۇنقى قانۇنلۇق تۆلەم نەقلەشكەنمۇ- يوق ؟


گوۋۇيۇەننىڭ « دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئىگىلەش ۋە تۆلەم بېرىش نىزامى» دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگۈلەنگەن : ئۆيلەرنى ئىگىلەش ۋە تۆلەم بېرىشتە ھەل قىلغۇچ تەدبىرنىڭ دېمىگراتىك،تەرتىپنىڭ ئادىل، نەتىجىسىنىڭ ئاشكارە بولۇش پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.جامائەت پاراۋانلىقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە شەخىسلەرنىڭ خۇسۇسى ئۆيلىرىنى  ئىگىلەشتە ئىگىلەنگەن ئۆيلەرنىڭ ھەقدارلىرىغا ئادىل تۆلەم بېرىش ئارقىلىق ھەم جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداش ھەم ئىگىلەنگەن ئۆيلەرنىڭ ھەقدارلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.تۆلەم پۇلى نەقلەشكەندىن كېيىن ئاندىن چېقىپ كۆچۈرۈشكە بولىدۇ. يېڭىدىن تۈزۈلگەن «چېقىپ كۆچۈرۈش نىزامى»دا مۇنۇ قانۇنىي مەسئۇلىيەت ئېنىق بەلگۈلەنگەن : «زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى قانۇنسىز يوللار بىلەن سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش يوللىرىنى ئۈزىۋېتىش ۋە قاتناش يوللىرىنى توسۇپ قويۇش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن ئىگىلەنگەن ئۆيلەرنىڭ ھەقدارلىرىنى كۆچۈشكە زورلىغانلار، زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ».ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ « خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئىگىلەش ۋە تۆلەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش دېلولىرىنى بېجىرىشكە دائىر موھىم مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارارى » دىمۇ زورلۇق ۋاستىلار بىلەن كۆچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگۈلەنگەن. بۇ يەردە شۇنى سوراپ بېقىش زۆرۈركى ، پەنجىن يەرلىك ھۆكۈمىتى چېقىپ كۆچۈرۈشكە قانۇن بويىچە ئىش كۆرگەنمۇ-يوق ؟ بۇنىڭدەك ئاددىي بىر پۇخرانىڭ ھەقتەلەپ دەۋاسى ئاخىر بېرىپ،پۇخرالارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ پۇخرالارغا ئوق چىقىرىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋېتىشكىچە ئېلىپ بارغان. بۇ خىل زوراۋانلىق بىلەن ئىگىلەش ھەركىتىدىكى پۇخرالارنىڭ جېنىنى ئەخلەت-چاۋار ئورنىدا كۆرىدىغان قەبىھ قىلمىش پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق؛ پارتىيىنىڭ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» تىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تۈپ مەخسەت ئېڭىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولماي نېمە ؟ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان توقۇنۇش يۈز بەرگەندە خەلق ساقچىلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە مۇقىملىقنى قوغدىشى؛ يەرلىك پارتكوم ،ھۆكۈمەتلەر ۋاقتىدا ئوتتۇرغا چۈشۈپ، ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك ئىدىغۇ ؟ مۇبادا يەر ھۆددىگەرلىرى ، ئۆي ئىگىلىرى يېرىنىڭ ئىگىلىنىپ كېتىشىگە ۋە ئۆيىنىڭ چېقىلىپ كېتىشىگە قوشۇلمىغان ھالەتتىمۇ قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە ھەل قىلىش كېرەككى، ئەكسىچە ، ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چېچىپ زىدىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ھەتتا خەلق ساقچىسىنىڭ خەلققە ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرىۋېتىشىدەك تىراگىدىيەنىڭ يۈز بېرىشىدىن جېنىنىڭ بارىچە ساقلىنىشى كېرەك ئىدىغۇ ؟ بۇنداق پاجىئەلەر پۇخرالارنىڭ يۈرىكىدە توختاپ قالماسمۇ؟ ئەجىبا بۇ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتتە يۈز بېرىدىغان ئىشلارما ؟


نۆۋەتتە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتىن پەيدا قىلىۋاتقان زىدىيەتلەر، تىراگىدىيەلەر، قاباھەتلەر توختىماي يۈز بېرىپ تۇرماقتا. مۇبادا ، بەيدۇغا «چېقىپ كۆچۈرۈش»دېگەن خەتنى كىرگۈزۈپ باسسسىڭىز مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتىن پەيدا بولىۋاتقان بەخىتسىزلىكلەرنى ئوقۇپ ئۈلگۈرتۈپ بولالماي قالىسىز. جېنجۇدىكى مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتە بىر موماينىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋالغانلىقى؛ يۈننەننىڭ چىياۋجىيادىكى بىر كەنىتتە يۈز بەرگەن   مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتە مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشكە قارشى تۇرغان كەنىت ئاھالىلىرىنى ئەمەلدارلارنىڭ قورشاۋغا ئېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكى؛ بېيجىڭنىڭ CBD دىدىكى مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتە تۆت ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، خاربىندىكى مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتە سەككىز ئادەمنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى؛ چاڭداۋ ناھىيىسىدىكى مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتە « ئالۋاستىلارنىڭ كەنىتكە كىرگەنلىكى»؛ خۇنەننىڭ جۇجوۋدىكى مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتە ئۆزىگە ئوت قويىۋالغان كەنىت ئاھالىسىنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى؛ ئەنخۇينىڭ فۇنەندىكى مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتە يۇقۇرغا ئەرىز قىلغان دېھقانلارنى رىجىمگە ئېلىش، تەھدىدت سېلىش، ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ مېيىپ قىلىۋەتكەنلىكىدەك ۋەقەلەر كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالماي ۋەچۆچۈتمەي قالمايدۇ، ئەلبەتتە. تېخى نەچچە كۈن ئاۋال چاڭشادا يۈز بەرگەن «چىيەنيۇنخۇي» ۋەقەسىدە مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىنغان يېرىگە تۆلەم دەۋاسى قىلغان بىر ئەر باستۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەن. مۇشۇ يىللاردا يېرى ، باغ-ۋارانلىرى ۋە ئۆي-زېمىنلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ يۈرەك-باغرى قان-زەرداپقا تولماقتا. ئۇلارنىڭ ئۆز يېرى ، باغ-ۋارانلىرى ۋە ئۆي-زېمىنلىرىنى قوغداپ قېلىش يولىدا ئۆزلىرىنىڭ ئالتۇندەك ھاياتىنى قۇربان قىلىۋاتقانلىقىدەك تىراگىدىيىلەر ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ يۈرىكىنى لەختە قىلماي قالمايدۇ، ئەلبەتتە. شۇڭا، بىز ئەڭ يۇقۇرى ئاۋازىمىز بىلەن ئۇلارغا ياردەم تەلەپ قىلايلى، ئۇلارنىڭ ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ چىققان جاسارىتىگە مەدەت بېرەيلى !


«چىيەنيۇنخۇي» ۋەقەسى ، يىخۇاڭ ۋەقەسىدىكى ئېچىنىشلىق سادالار؛ ساقچى ماشىنىسىنىڭ ۋەھىمىلىك دېۋگاتىل ئاۋازى شۇ تاپتا قۇلاق تۈۋىمدىلا جاراڭلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، تەنلىرىمنى تىترەك بېسىپ شۈركىنىپ كەتمەكتىمەن. نېمىشقا، زادى نېمىشقا مۇشۇنداق قانلىق  مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈش ۋەقەلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۈزمەي يۈز بېرىپ، كىشىنى شۇنچە بىئارام قىلىدۇ ؟ مۇبادا جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىلگىرىكىدەك قانۇن تۈزۈش ئىشلىرى ئارقىدا قالغان ، تايىنىدىغانغا قانۇن بولماسلىق، ئىشلىتىدىغانغا قانۇن بولماسلىق سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەتكىچە مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتەك قالايمىقانچىلىق ھادىسلىرى مەۋجۇت بولسىا، ھەركىم ئۆزى بىلگەننى قىلسا، ئاۋام-پۇخرانىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتى خالىغانچە ئاياغ-ئاستى قىلىنسا  بىر نۆرە ئىدى . ئەمما، ھازىر « نەرسە ھوقۇق قانۇنى» ۋە گوۋۇيۇەننىڭ گوۋۇيۇەننىڭ « دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئىگىلەش ۋە تۆلەم بېرىش نىزامى»نىڭ تۈزۈپ ئېلان قىلىنغىنىغىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالدى. شۇنداق تۇرۇپ نېمىدەپ مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتە توپا ئىتتىرىش، يەر كولاش ماشىنىلىرىنى ئىشقا سېلىش، 100لەپ ئادەملەرنى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرۇش ھەتتا خەلق ساقچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرگۈزىۋېتىشتەك قاباھەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم ئۇنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ ؟


مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتە ئۈزۈلمەي كۆرۈلىۋاتقان تىراگىدىيىلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق سەۋەپكارى يەنىلا ھۆكۈمەت.ھۆكۈمەت دائىم ئۆزىنىڭ نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ۋە ئاۋام-پۇخرا ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك سالاھىيىتىدىن ھالقىپ، بەزىدە مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرگۈچىگە ئايلانسا، بەزىدە مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشنىڭ رېپىرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.چېقىش-چاقماسلىقتىن تارتىپ ، قاچان چېقىشقا، قانداق چېقىشقىچە ئارىلىشىۋېلىۋاتىدۇ.ھۆكۈمەت تارماقلىرى مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈش ماجرالىرىغا بىۋاستە ئارىلىشىپ، تۆلەم ئۆلچىمىنى ئۆز خاھىشى بويىچە بەلگۈلەۋاتىدۇ، ھەتتا مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈلىدىغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تەغدىرىنىمۇ بەلگۈلەپ قويىۋاتىدۇ.ۋەھالەنكى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر دائىم ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئۆي مۈلۈك سودىگەرلىرى بىلەن بولغان «يۇمشاق »مۇناسىۋەتنى ساقلاشقىلا كۈچەۋاتىدۇ.ھۆكۈمەتلەر چېقىپ كۆچۈرۈش ھەركىتىگە بىۋاستە قاتنىشىپ ، قولىدىكى ئاممىۋى ھوقۇقنى گىراژدانلارنىڭ ئىشىغا چاد كېرىۋېلىشقا ئىشلىتىپ، چېقىپ كۆچۈرۈش ۋاستىلىرىنى قالايمىقان سۈيئىستىمال قىلىپ، ھەتتا چېقىپ كۆچۈرۈشنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارىمەن، دەپ زور داغ-دۇغا پەيدا قىلىپ، ساقچى كۈچلىرىنىمۇ يۆتكەپ، ئەڭ ئاخىردا گىراژدانلارنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، بىرىبىرىدىن ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەلەرنى پەيدا قىلىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىۋاتىدۇ.


مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشتە جىن-شاياتونلارنىڭ تاراپ كەتمەسلىكىدىكى سەۋەپ شۇكى، ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، چېقىپ كۆچۈرگۈچى بىلەن چېقىپ كۆچۈرۈلگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەر بولغان دەۋا سوبىيىكتېنىڭ ئورنىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكىدە. چېقىپ كۆچۈرگۈچى ھۆكۈمەتنىڭ چېقىپ كۆچۈرۈش ئىجازىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆزىنى خۇددى خان-پادىشاھنىڭ مۇقەددەس يارلىقىغا ئېرىشكەندەك سېزىپ ، چېقىپ كۆچۈرۈلگۈچى بىلەن مەسلىھەت قىلىشنى ئارتۇقچە ئىش ھېساپلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قانۇننىڭ چېقىپ كۆچۈرۈلگۈچىگە بەرگەن نەرسە ھوقۇقى ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.مەيلى فېۋدال پادىشالىق تۈزۈمىدە بولسۇن ياكى مىنگو دەۋرىدە بولسۇن پۇخرالارنىڭ ئۆيلىرى ئوبدان قوغدالغان تۇرۇپ ھازىرقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ نېمىشقا ئۇنى چاقىمەن دەپلا ئۆز مەيلىچە چېقىۋېتۋېرىدىغانلىقىغا نېمە دېگۈلۈك ؟


پۇخرالارنىڭ ھەر بىر ئېغىز ئۆيى بىر «دىياۋيۈ ئارىلى»غا ئوخشايدۇ.شۇڭا ، خەلق بەرگەن ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ ئۇنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ، ئەلبەتتە.بۇ مەنىدىن بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈلۈۋاتقىنى قانداقتۇر ئۆي ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ قەلبىدۇر ،شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇلتېشىدۇر، خالاس.

مەنبەسى : http://blog.ifeng.com/article/20150855.html


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-26 09:13 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 111 دەلىللەر يېتەرلىك
pasil + 155 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 266   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 10:38:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35062
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4503
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 1789 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 10:45:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىدا نۇرغۇن قانۇن بىلىملەر سۆزلىنىپتۇ.بىز قانۇن ھوقوقىمىزنى قانداق قوغداشنى ئۈگىنىۋالمىساق بولمايدۇ؟!يازمىدىكى ھوكۈمەتنىڭ خەلق تەرەپتە تۇرۇش ياكى تۇرماسلىقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكسرتكىنى ماقالىنىڭ چاقناش نوقتىسىكەن.بوزقىرنىڭ ئىژتىھاتلىق ئەمگىككە رەخمەت.

مۇيۇنچۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2777 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 10:48:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ناھىيىدە ئۆي چېقىشقا رازى بولمىغان پۇخرالارنىڭ ئۆيى مەجبۇرى چېقىۋىتىلدى . يۇقۇرىغا ئەرىز قىلغانلار 15 كۈن قاماقتا يېتىپ چىقتى . قانۇننىڭ كۈچى نىمىدىگەن زور ھە !

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44555
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15776 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 11:07:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەلىتە ئىش ياپۇنلار ئارلىمىزنى ئىگەللىۋالسا ھېچكىمنىڭ گىپى يوقكەن . ئەمما ئۆز ئادەملىرمىز  ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق يىرىنى قوغدىسىمۇ ئىتىپ ئۆلتۈرۈلدىكىنە ؟
_______________________________________________________

بۇ سۇئال ناھايتى ئورۇنلۇق قويلۇپتۇ .....

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 11:18:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىرئەپەندىمنىڭ ئېسىل تەرجىمەئەسىرىگەكۆپرەخمەت.بەك ھۆرمىتىم باربوزقىرئەپەندىمگە.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 11:26:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەدە بىزگە باشلىقنىڭ گىپى ئۆتىدۇ . ئاۋاز توسۇش ئۇسكۈنىسى، يورۇقلۇقنى توختۇتۇش ئۇسكۈنىسى ، يەنە يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش گۈمپىسى ۋە ئەڭ ئەجەللىك يەرنى تۈتۈپ ئۆز يولىدا ماڭغۇزۇش گۇمپىسى بىزنى نىمە دىسە شۇنى قىلدىغان قىلىپ بولدى . لىكىن خەنزۇلار بۇنداق ئەمەس . قايسى بىر خەۋەر يولننىڭ ئوتتىرىغا چىقىلماي قالغان ئۆي . دىگەندەك خەۋەرلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالى . ئەگەر جاھىللىقى تۇتسا بۇ ساراڭلارغا گەپ ئۆتمەيدۇ .
ياپۇنلۇقمۇ بىشىدا مۇرەسسە ئەمەس نىمە سىلىشنى پىلانلاپ بولغان ئادەم ئەمدى يىقىن كىلەلمەيۋاتامدۇ نىمە شۇنداق خەۋەرلەر جىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87251
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 406
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 11:31:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان ئەمەس يىزىپسىز.

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4645
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1214 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 11:40:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىر ئەپەندىمنىڭ تېمىللىرى  ئىشقىلىپ تېمىلارنىڭ ئالدى ئىكەن جۇمۇ . .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4645
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1214 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 11:43:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ بۇ سىياسەت مەركەزدىن شۇندا ياخشى كېلىپ يەرلىككە كەپ بولغۇچە 360 گىرادۇس بۇرلىدىكەن . .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش