مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2884|ئىنكاس: 42

ئاچچىق تەقدىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7001
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 11:19:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


124404twiftnf09fxitixf.gif


بۇ ھىكايە ئەمەس بەلكى بىر دوستۇمنىڭ نەۋرە ھەدىسى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۇزگەن كەچۇرمىش،مەن دوستۇمنڭ ھەدىسىنى ياخشى تۇنىغاچقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ياش پەرقىمىز ئانچە چوڭ بولمىغاچقا ،كىيىن ئىككىمىزمۇ يېقىن سىرداش دوسلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق،ئۇ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭ كەچۇرمۇشلىرىنى يېزىپ چىقىمەن دىسەم دوستۇممۇ قوشۇلدى ..............

ئاچچىق تەقدىر


بەرناقىز


تەقدىر دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن،دۇنيادىكى بىز ئىرەن قىلمايدىغان كىچىكىنە سەۋەنلىكمۇ ئادەمنى ئاجايىپ تەقدىر كوچىسىغا باشلاپ كىرىدىكەن.مورىتى كەلگەندە كىشىنى شۇم چاڭگىلىدا خالىغانچە ئوينىتىدىكەن...................
دىلنۇر  ئائىلىسىنىڭ ئەتىۋارلىق بىر قىزى ئىدى،ئاتا- ئانىسى ،بوۋا -مومىلىرى ئۇنى شۇنداق ئەتىۋارلايتتى،ئويدە ھەمىشە ئۇنىڭ دىگىنى ھىساپ ئىدى،ئۇنىڭ سۆزىنى ھېچكىم يىرىمايتتى.لىكىن شۇنچە ئەركە ئۆسكەن بۇ قىزنىڭ مىجەزى  ياخشى چىقىشقاق ئىدى،دوسلىرى بىلەن  ياخشى ئۆتەتتى،مەكتەپتىمۇ ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا خېلى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى،ئۆزى ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ،ئىغىر بېسىق خارەكتىرى،چىقىشقاق مىجەزى،تاتلىق سۆزلىرى بىلەن ئادەمگە شۇنچىلىك يېقىشلىق ئۇماق كۆرۇنەتتى..........
ئۇ تېخنىكۈمنى تۈگۈتۇپ ئۇيىدە خىزمەت كۈتۇپ ئولتۇرىۋاتقان مەزگىلدە تۇيۇقسىز پۇت قوللىرى ئىششىۋالىدىغان بولۇپ قالدى،بەزى كۇنلىرى قاپاقلىرىمۇ  قوشۇپ ئىششىپ كىتەتتى،ئاتا ئانىسى بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسەتتى...
نىمە قىسمەت بۇ؟؟؟؟ دوختۇرلار تەكشۇرۇپ  كۆرۇپ بورەك زەئىپلىكى دەسلەپكى باشللىنىشى ئىكەن دېدى ۋەبالىنىستا يېتىپ داۋالانسا ياخشى بولۇپ كىتتىدىغانلىغىنى ئېيتتى....
بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كىيىن ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقتى لىكىن تازا ياخشى بولۇپ كىتەلمىگەن ئىدى،دائىملا ئەتتىگەن تەرەپتە ھو تۇتۇپ كىتەتتى،خېلى ۋاقىتلارغىچە ناشتا قىلغۇسى كەلمەيتتى ئانىسى ئىشلەيدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ تاماق يىمەي يۇرگىنىنى بىلمەيتتى،بۇنداق بولىشىغا قارىماي ئۇ سەمىرىشكە باشلىدى ،بارا-بارا بۇرۇنقى كىيىملىرى پاتمىدى،ئاتا-ئانىسى بولسا بۇنى قىزىنىڭ ياخشى بولۇپ قېلىشى دەپ ئويلاپ پەرۋا قىلماي يۇردى،ئۇ بولسا ئۇزىنىڭ كۇندىن كۇنگە ئارتىپ كىتىۋاتقان بەدەن ئېغىرلىقىغا قاراپ تېخىمۇ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئۇرۇقلاش ئۈچۈن كۆنلەپ تاماق يىمىدى
ئاخىرى بىر كۇنى ئاتا-ئانىسى يوق ۋاقىتتا ھۇشىدىن كەتتى..................
ھۇشىغا كەلگەندە بولسا ئۆزىنى كىسەل كارۋىتىدا كۆردى ،ئۇنىڭ سول تەرەپ بۆرىكى زەئىپلىشىپ پۇتۇنلەي يىگىلىگەن ئىدى.يەنە بىرسىمۇ زەئىپلەشكەن بولغاچقا زەھەر تازىلىيالماي بەدەننىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرىنىڭ تەمپۇڭلىقى پۇتۇنلەي يوقالغان ئىدى ،دوختۇرلار بورەك ئالماشتۇرمىساڭلار قىزىڭلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدۇ،دەرھال ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئوپراتسىيە قىلىدۇرۇڭلار قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى دېدى،ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ئىدى ،ئوپراتسىيە چىقىمىنى كۆتىرەلەيتتى ،شۇ كۈنى دىلنۇرنى ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلدى.............لىكىن دىلنۇرغا تۇنۇشلىرىدىن ھېچ كىمنىڭ بورىكى ماس كەلمىدى،ئاتا ئانىسىنىڭمۇ تازا بېشى تازا قاتتى ئېلان بىرىپ بورەك تەقدىم قىلغۇچىغا 200000مىڭ يوەن بىرىدىغانلىغىنى ئېيتقان بولسىمۇ ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان بورەك تېپىلمىدى

دىلنۇرنىڭ ئاتا -ئانىسى شۇنداق تىت- تىت بولاتتى،ئەنسىرەيتتى،ئۇلار كىسەل كارۋىتىدا ياتقان قىزىغا قاراپ تۈگۈشۈپ كىتىۋاتاتتى، لىكىن ماس كىلىدىغان بورەكتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى،دىلنۇر بولسا كۈندىن كۈنگە ھالسىزلىنىشقا باشلىدى،بىچچارە ئانىنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرمايتتى،ئاتا بولسا ،بىر تىرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئىدى،بۇ قەدىردانلار بالا دەردىدە گۈلخاندەك يانماقتا  ئىدى................


شۇنداق ئۇمۇتسىز  كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارغا ئۇمۇت چىرىغى يېقىلدى،ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان بورەك تېپىلدى ،تىخىمۇ خوشال قىلىدىغىنى  بورەك تەقدىم قىلغۇچى ھەقسىز تەقدىم قىلماقچى  بولدى.............
ئوپراتسىيە تولىمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى،دىلنارمۇ تىزلا ئەسلىگە كەلدى،ئۇلار يۇرتىغا خۇشال قايتىپ كەلدى.
دىلنار قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىر تەرەپتىن دەم ئېلىپ بىر تەرەپتىن مەمۇرلۇق ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى،ئەزەلدىنلا تىرىشچان بۇ قىز تەڭرى ئۆزىگە ئاتا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ھاياتىنى تېخىمۇ قەدىرلەش ،كۈنلىرىنى بىكار ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى.
بىر كۇنى ئۇ ئويدە ماتىريال كۆرۇپ ئولتىۇراتتى ،ئۆي تېلىفۇنى جىرىڭلاپ كەتتى،تېلفاۇننى ئالغان ئىدى تىلگىراف ئىدارىسىنىڭ مەلۇم بىر تېلىفۇن تورىنى تەشۋىق قىلىپ ئۇرۇلغان تېلىفۇنى ئىكەن،
تېلىفۇندىن  بىر قىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى،
-ياخشىمۇ سىز ،بۇنۇمۇرغا تېلىفۇن قىلسىڭىز دوسلىشىش ،پاراڭلىشىش................................
دەپ بىرمۇنچە تۇنۇشتۇردى،ئۇ قىزىقىپ بۇ نۇمۇرغا تېلفاۇن ئۇرغان ئىدى ،سىستىمىغا ئۇلانغاندىن كىيىن،
-بىر 18ياشلىق قىز دوسىت سىز بىلەن پاراڭلاشماقچى................دەپ ئاۋازلىق ئەسكەرتمە ئاڭلاندى،ئۇ مەقسەتسىزلا قۇبۇل قىلدى،تېلىفۇندىن بىر يىگىتنىڭ،
-ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم.ياخشىمۇ سىز ؟دىگەن تەمكىن ئاۋازى ئاڭلاندى.
-قىزبالا دىگەنتى،سىز ئوغۇل بالا ئىكەنغۇ؟دىدى ئۇ تەمتىرەپ تۇرۇپ.تېلىفۇندىن كۈلكەئاۋازى ئاڭلاندى.
-شۇنداق،قىز بالا دىمىسەم قىزلار قۇبۇل قىلمايدىكەن ئەمەسمۇ؟؟؟ ئىككىسى تەڭلا كۈلىشتى،-سىز بۇ سىستىمىغا بۇرۇنمۇ كىرىپ باققانما؟
-ياق،بۈگۈن تۈنجى كىرىپ بېقىشىم.
-ئەجەپمۇ تەلەيلىك ئىكەنسىز ،كىرىپلا مەندەك ياخشى دوستىن بىرنى تېپىۋالدىڭىز مانا ،ئىسمىم ئەزھەر،تۇنۇشۇپ قالايلى ............تەڭلا كۈلكە كۆتۇرۇلدى،يىگىت بەكلا خۇشچاخچاق ئىدى.ئۇلارنىڭ پارىڭى مانا مۇشۇنداق باشلىنىپ كەتتى،ھەممە قىسمەتمۇ شۇ بىر قېتىملىق تېلىفۇندىن باشلانغان ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار تېلىفۇندا پات-پات كۆرۇشۇپ تۇرىدىغان بولدى،دەسلەپتە ئىككى ئۇچ كۇندە بىر تېلىفۇنلاشتى،كىيىنچە كۈندە،...............ئۇندىن كىيىن كۈندە نەچچە قېتىم تېلىفۇندا  كۆرىشىدىغان بولدى،بىرەر كۈن تېلىفۇن كەلمىسە كۈڭلى شۇنداق يېرىم بولىدىغان بولۇپ قالدى،ئۇلار جەمىئەت،دىن،مىللەت ،كەلگۈسى ئارزۇ -ئارمانلىرى...........................ئىشقىلىپ سۆزلىشىدىغان تىمىسى بەك كۆپ ئىدى،بىر -بىرىگە سۆزلىرى تۇگىمەيتتتى،يىگىتنىڭمۇ ئونۋىرسال بىلىمى خېلىلا مول،ئۆزى چىقىشقاق ئىدى .
بىر كۇنى ئۇنىڭغا تېلىفۇن كەلمىدى،كۈتە-كۈتە كەچمۇ بولدى يەنە سادا يوق كۆڭلى شۇنداق يېرىم بولدى ،كەچلىك تاماقنىمۇ يەپ بولدى ھېچ گەپ يوق،........................ئۇ ئاخىرى كۆمپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كەلدى،لىكىن بىرەر نەرسە ئېچىش خوش ياقماي ئۇنى،بۇنى قىلىپ ئولتۇردى.دەل شۇ چاغدا ئۆي تېلىفۇنى تۇيۇقسىز جرىڭلاپ كەتتى.ئۇ يۈگرەپ بارغىنىچە تېلىفۇننى ئالدى.لىكىن تېلىفۇن ھاممىسىدىن كەلگەن ئىدى ئۇ ھال ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئاپىسىنى چاقىرىپ قويدى......................
نىمە ئىش بولغاندۇ،نىمىشقا تېلىفۇن قىلمايدىغاندۇ؟ .......................ۋاي ئۇ مىنىڭ نىمەمتى بۇنچە تېلىفۇنىنى كۈتۇپ كىتىدىغان ،بولدى قىلاي ئۆزۇمنى بېسىۋالاي.ئۇ شۇنداق ئويلىسىمۇ لىكىن يۇرىگى بۇنىڭغا يول قويمايتتى،ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالدىممۇ يا؟،؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سۇئالىدىن چۈچۈپ كەتتى.
ياق-ياق..........مۇمكىن ئەمەس .بىز بىرەر قېتىم كۆرۇشۇپ باقمىساق ....قانداقلارچە..........ياق بۇ مۇمكىن ئەمەس.........
ئۇ شۇ خىياللار بىلەن ئۆزىنىڭ قانداق چاغدا ئۇيقىغا كەتكەنلىەىنىمۇ سەزمىدى................تۇيۇقسىز توۋلىغان تېلىفۇن ئۇنى ئۇيقىدىن ئويغاتتى..................
、-ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم،
-ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام،قارشى تەرەپتىن ئەزھەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-يوقاپ كەتتىڭىزغۇ؟؟؟نىمىشقىدۇر دىلنۇرنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقاتتى.
-مىنى كۆرگىڭىز كەپتۇ ھە شەيتان قىز؟شۇ  سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ................بىكار بولۇپلا سىزگە تېلىفۇن ئۇرۇشۇم............
-كىمنىڭ سىزنى كۆرگىسى كەپتۇ؟سەل ئەنسىرىدىم شۇ.
-ھە شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق بولمايچۇ؟
-مىنىڭدىن نىمىشقا ئەنسىرەيسىز؟،يا مەن كىچىك بالا بولمىسام،ئۇ كۈلدى دىلنۇرمۇ خىجىللىق ئارلاش كۈلدى،نىمىشقىدۇر ئۇلار بۈگۈن خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلاشتى،ئەتە يەنە خىزمەتكە بارىسىزغۇ دەيمەن،بولدى ئەمدى ئارام ئېلىڭ،دېدى دىلنۇر،گەر چە تېلىفۇننى قويغىلى قىيالمىسىمۇ.............
توختاپ تۇرۇڭ دىلنۇر،تېلىفۇننى قويماڭ،سىزگە دەيدىغان سۆزۇم بار،
-ھە دەڭە ئەمىسە...
-دىلنۇر،نىمىشقىدۇر سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىمىسام ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم،سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم دىلنۇر،بۇ سۆزلەرنى ئەسلى كۆرۈشكەندە دەي دىگەن ،ئۇ ۋاقىتتا جۇرئەت قىلالماسلىقىم مۇمكىن،شۇڭا..............
-تۇيۇقسىز دىيىلگەن بۇ گەپلەردىن ئۇ گاڭگىراپ قالدى.
-ئەزھەر، بۇنداق دىسىڭىز بولمايدۇ،مىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىمىز تېخى كۆرۈ شۇپ باقمىغان تۇرساق.......
-توغرا بىز كۆرۈشۈپ باقمىغان ،لىكىن سىزنىڭ ياخشى بىر قىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن..............
شۇنداق قىلىپ ئۇلار پاڭلىشىپ تاڭنىڭ يۇرىغىنىنى سەزمەي قالدى،ئۇلار بىر -بىرىگە قىيالمىغان ھالدا خوشلاشتى.
چۈشتە ئەزھەر يەنە تېلىفۇن قىلدى،ئەسلى ئاخشام دەي دىگەن گۈلۈم،لىكىن نىمىشقىدۇر دىگۈم كەلمىدى،مەن بۈگۈن كەچ شىركەتنىڭ ئورۇنلاشتۈرشى بىلەن ئۈرۈمچىگە تەجىربە ئۈگۈنۈشكە بارماقچى، ئىمتاھانىڭىزمۇ يېقىنلاپ قالدى،شۇ ۋاقىتتا يېنىڭىزدا بولاممىغىنىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن،ھازىر يېزىدىكى ئۆيۇمگە بېرىپ ئانام بىلەن خوشلۈشۇپ كىلەي-دېدى.
-شۇنداق تىزلا ماڭامسىز؟
-ھە،شۇنداق بولۇپ قالدى،لىكىن كۈندە تېلىفۇندا كۆرۈشۇپ تۇرىمىز.............
ئۇلار مۇشۇنداق قىسقىلا خوشلاشتى.
دىلنۇر ئىمتاھاننى شۇنداق ياخشى بەرگەن ئىدى،ئۇ گەرچە ئوتتىورا تېخنىكۇمنىلا تۈگەتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ كەسپىگە كۆپ ئادەم ئالاتتى،شۇڭلاشقا ئۇ ئىمتاھاندىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتتى..................
ئۇلار ھەر كۈنى كەچ تاڭ ئاتقۇچە مۇڭدىشىپ چىقاتتى،بىر -بىرىنى سېغىنغانلىرىنى سۆزلىشەتتى.
دىلنۇر ئۇزۇن ئۆتمەي ئىشقا چۈشتى،گەرچە يېزا تۇرمۇشىغا كۆنەلمىسۇ،ئۈماق سەبىلەرنىڭ ساددا سۆزلىرى،تاتلىق قىلىقلىرى ئۇنى بەزلەيتتى،كۆڭلى يېرىم بولغان ياكى خوشال بولغان چاغلاردا ئەزھەرگە تېلىفۇن ئۇراتتى....
مانا ھەش پەش دىگۇچە ئۈچ ئايمۇ توشۇپ،ئەزھەرنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولدى،بىر بىرىگە زارىققان،كۈرۈشكە تەشنا بولغان بۇ ئاشىقلارنىڭمۇ كۆرىشىدىغان ۋاقتىغا ئاز قالدى،دىلنۇر بىر تەرەپتىن خوش بولسا،بىر تەرەپتىن سەل ئەندىشىمۇ قىلاتتى،
-ئۇ مىنى يارىتارمۇ؟ ناۋادا ئۇنىڭغا يارىماي قالسام قانداقمۇ قىلارمەن...........ئۇ شۇنداق ئويلايتتى،لىكىن ئۇنى كۆرۇش ئىستىكى دائىم ئۇنى قىينايتتى...............
مانا بۈگۈن بۇ ئىككىسى كۆرۈشمەكچى بولدى،دىلنۇر تەمتىرەپلا قالغان ئىدى،ئۇ چامىدىنىدىكى كىيىملەرنى ھەممىسىنى بىر قۇر كىيىپ چىقتى،ئارىدا ئەزھەر نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلىپ ئۇنى ئالدىراتتى،ئۇ ئاخىرى ئۆيدىن چىقتى..
ئۇ دىيىشكەن جايغا  كەلگەندە ئەزھەر ئاللىبۇرۇن كېلىپ ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى،قولىدا كۆتىرىۋالغا يوغان بىر دەستە ئەتتىرگۈلدىن ئۇنى تۇنىغان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا تېلىفۇننى قولىغا ئالدى...............
يىگىت چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.............
ئۇلار بىرگە تاماق يىيىشتى،ئۇندىن كىيىن ،بىردەم پاراڭلاشتى،ئۇندىن كىيىن دىلنۇرنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويماقچى بولۇپ پىيادە مېڭىشتى،ئەزھەر بەك قاملاشقان سالاپەتلىك ئىدى،دىلنۇر ئۇنىڭ ئالدىدا بەكلا قورۇنۇپ قالغان بولۇپ،گەپ سۆزلىرىمۇ قولاشمايتتى.
ئۇلار خوشلۇشۇپ ئۆيىگە كىرگەندىن كىيىنمۇ ،ئۇنىڭ قاملاشقان سىماھى،ئاپئاق يۇزىگە خويمۇ ياراشقان بۇرۇتلىرى،چوڭ -چوڭ  قوي كۆزلىرى خوشپىچىم ئىگىزگىنە كەلگەن قاممىتى كۆز ئالدىدىن
كەتمىدى.................
-ئۇخلاپ بولدىڭىزما؟ئۇ تېلىفۇننى ئېىلىشىغىلا  شۇنداق دىدى،
-ياق تېخى ،ئۇخلىمىدىم ،ھازىرلا ئۇخلايمەن،
-ھە بوپتۇ،مەنمۇ يېزىغا ماڭدىم ،ئاپام بىلەن كۆرۇشۇپ كىلەي،كەلگەندە كۆرىشەيلى...............
ئۇلار قىسقىلا خوشلۇشۇپ تېلىفۇننى قويىۋېتىشتى،بۇنىڭدىن دىلنۇرنىڭ يۇرىكى بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدى.
كۈنلەر ئۆتمەكتە،ئۇلار ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرىشەتتى،تاماق يەپ بولۇپلا ،دىلنۇرنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتاتتى ،دىلنۇرغا كۆرۈشمىگەن چاغدىكىدەك قىزغىنمۇ ئەمەس ئىدى.
بۇنىڭدىن دىلنۇر ئازاپلىناتتى،ئۇنسىز ياش تۆكەتتى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئەزھەر ئۇنىڭغا كۆرۇشىشنى ئېيتتى،ھەمدە مۇھىم گەپنىڭ بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.
ئۇلار چىرايلىق بىزەلگەن بىر چايخاندا كۆرۇشتى،بىر دەم ئۇيەر بۇ يەردىن پاراڭلاشقاندىن كىيىن،ئەزھەر ئېغىز ئېچىپ قالدى،
-دىلنۇر،بىلىمەن سىز ياخشى قىز،ئىشىنىڭ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،سىزگە ئازار بەرگۇم يوق،چۇنكى سىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىڭىز ماڭا ئايان،لىكىن ئاپام ئىككىمىزنى توي ئىشىغا قوشۇلمايۋاتىدۇ،چۇنكى ئولۇپ كەتكەن تاغىسىغا قىزىنى كىلىن قىلىشقا ۋەدە بىرىپتىكەن..........
دىلنۇرنىڭ قولىغىغا كىيىنكى گەپلەر كىرمىدى،مىڭىسىدە چاخماق چاققاندەك بىر سېزىم بولدى،ئۇ پەقەت ئەزھەرنى ئېغىزى مىدىرلاۋاتقىنىنىلا كۆرەتتى لىكىن نىمە دېگىنىنى ئاڭلىماييتتى،ئۇ شۇ تەرەققىدە قانچىلىك ئولتۇغىنىنى بىلمىدى بىر چاغدا ئىسىگە كەلدى-دە،ئورنىدىن تۇرۇپلا يۇگرەپ ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى.................
ئەزھەر  سىرتقا چىققاندا بولسا،دىلنۇر ماشىنا توسۇپ بولغان ئىدى.
-دىلنۇر،توختاڭ!!! سىزگە دەيدىغان سۆزۇم بار................
-ھەيدەڭ،ئۇشوپىرغا بۇيرۇق بەردى.....ماشىنا يۇرۇپ كەتتى،ئۇ كۆز ياشلىرىنى تۇتىۋالالمايلا قالغان ئىدى،كۆز ياشلار مارجاندەك قۇيىلاتتى،ئاھ خۇدا،تەڭرىنىڭ ئالدىدا نىمە گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغۇيتتىم.ھەممە كېلىشمەسلىكلەر مىنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدىغاندۇ؟؟؟
ئۇ ئۆيگە كېلىپ ئاپىسىنىڭ -نىمە بولدىڭىز قىزىم -دەپ سورىغان سۇئالىغىمۇ جاۋاپ بەرمەي،ئۆزىنى كارۋاتقا ئاتتى،قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تېلىفۇنى سايراپ كەتتى،ئەزھەردىن تېلىفۇن كەلگەن ئىدى،بېسىۋەتتى يەنە ئالغان ئىدى تېلىفۇننى ئىتىۋەتتى.
ئوي تېلفۇنى توۋلىغان ئىدى ،سىمىنى ئېلىۋەتتى،بۇگۇنكى ئىش ئۇنىڭ قاتتىق غورورىغا تەككەن ئىدى،ئەزەلدىنلا ئەركە بۇ قىزغا بۇ ئىش بەكمۇ ئېغىر كەلدى،ئەتىسى شەنبە بولغاچقا ئورنىدىنمۇ تۇرمىدى ،ئانىسى شۇنچە زورلىسىمۇ تاماق يىمىدى..................
ئۇنىڭغا كۇنلەر شۇنچىلىك مەنىسىز ئۆتىۋاتقاندەك بىلىندى.ئەزھەردىن تېلفاۇن كەلسە قەتئى ئالمىدى،دادىسى باشقا شەھەردە شىركەت قۇرغاچقا كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆيگە كىلەلمەيتتى،ئۇ مىھرىبان ئانىسى بىلەن بىللە قالاتتى،قىزنىڭ كۈندىن كۈنگە شۈكلەپ قېلىشلىرى ئانىنىڭ باغرىنى تىلاتتى،بىر كۈنى ئانا قىزىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ نىمە بولغانلىقىنى سورىدى،ئۇ ئۆكسۇپ يىغلاپ تۇرۇپ بولغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى ئانىسىغا ئېيتىپ بەردى،ئانىسىمۇ كۆز ياش قىلدى.
-بولدى قىزىم،بۇ ئىشلار بىلەن ئۆزىڭنى تۇگەشتۇرۋەتمىگىن،دۇنيادا ياخشى يىگىتلەر كۆپ ،ھاياتلىق يەنىلا قىممەتلىك،ئۇنى ئاسرىغىن.............. ئانا ئۇنىڭغا نۇرغۇن ھىكمەتلەرنى چۇشەندۇردى.....ئۇ ئاستا -ئاستا ياخشى بولۇپ كەتتى.لىكىن كۈنلىرى بىرخىل يالغۇزلۇق بۇرۇختۇمۇلۇق ئىچىدە ئۆتىۋاتقاندەك بىلىندى ،ئۇنىڭغا ھېچ ئىش خوش ياقمايتتى،ھەتتا دوسلىرى بىلەنمۇ كەمدىن كەم كۆرىشەتتى ،كۈندۈزلىرى خىزمەت بىلەن ئالدىراش ئۆتسە كەچلىرى يالغۇزلىقتىن غېرىپسىناتتى،شۇندا ق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ۋە ئادەتتە ياخشى ئۆتىدىغان ئېلىيار ئۇنىڭ ئۆيىگە ئادەم كىرگۇزدى،بۇنىڭغا ئۇ ھەيران قالدى ،چۇنكى ئېلىيار ئۇنىڭغا بۇ ئىش توغۇرلۇق  ئېغىز ئاچمىغان ئىدى،لىكىن ئەزھەر بىلەن بولغان ھەممە ئىشلارنى بىلەتتى،ئەزھەرنىڭ يېقىندا تويى بولغىنىنىمۇ بىلەتتى،توي بولغان كۈنى ئۇلار بىللە دەريا ساھىلىغا چىققان،ۋە دەرياغا تاش ئېتىشىپ ئويناپ كەچ بولغاندا قايتقان ئىدى............
-ئۇنىڭ مەقسىتى نىمنىدۇ؟ماڭا ھىسداشلىق قىلماقچىمىدۇ،يا راسلا مىنى ياخشى كۆرەمدىغاندۇ؟؟؟؟
ئۇ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا  بۇ تويغا رازىلىق بەردى،چۇنكى ئۇ ئەزھەردىن ئوچ ئالماقچى بولغان ئىدى،جىددى توي تەييارلىغى قىلىنىپ توي ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۇلدى،دىلنۇرنىڭ دادىسى بۇ ئارزۇلۇق قىزىغا شەھەر مەركىزىدىن بىر يۇرۇش ئوي سېتىۋېلىپ توي سوغىسى قىلدى.لىكىن دىلنۇر قىلچىمۇ خوشال ئەمەس ئىدى،ئۇ ئەزھەرنى ئۇنتۇپ كىتەلمىدى.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئېلىيارمۇ باشتا ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ كىيىن ئۆزىنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىدى،ئۇ قىمارغا كونىۋالغان بولۇپ پات -پات دىلنۇرنى ئۆيىدىن پۇل ئېلىپ كىلىشكە زورلايتتى،لىكىن ئۇ ئۇنىمايتتى،بۇ چاغدا قوي تىرىسىگە ئورىنىۋالغان بورە ئۇنى رەھىمسىزلەرچە ئۇراتتى،ئۇنىڭ كۆزلىگىنى دىلنۇر بولماستىن بەلكى دادىسىنىڭ نۇرغۇن پۇلى،ۋە شىركىتى ئىدى ،بۇنى دىلنۇر بەكمۇ كىچىكىپ ھىس قىلدى،لىكىن ئۇ بۇ ئازاپلىرىنى ھېچكىمگە تىنمايتتى..................

كۈندە مەس كىلىپ دىلنۇر بىلەن ئۇرىشاتتى ،ئەتىسى مەستلىكتىن يىشىلگەندە بولسا-تىزلىنىپ ئۆلتۇرۇپ كەچۇرۇم سورايتتى،ۋە ئىككىنىچى قىمار ئوينىماسلىق،ھاراق ئىچمەسلىك توغىرىسىدا قەسەم ئىچەتتى.........
ئادەملەر نىمانچە ئەپۇچان كېلىدىغاندۇ؟؟؟دىلنار ئۇنى يەنىلا ئەپۇ قىلىۋىتەتتى......
بىرمەزگىل ھەممە ئىشلىرى ياخشى ئۆتۇپ كىتىۋاتقاندەك بىلىندى،كۆپ ئۆتمەي يەنە بۇ ھىلىگەر تۇلكە ئۆزىنى ئاشكارىلىدى،كىچە-كىچىلەپ ئۆيگە پەيدا بولماي قىمار ئوينايتتى،ھاراق ئىچەتتى،دىلنار گەپ قىلسا سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەپ تىللايتتى..............
شۇنداق قىلىپ كۈنلەر بىر -بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى،بىركۇنى ئۇ نەرسە سېتىۋالغىلى بازارغا چىققان ئىدى ،قايتاشىدا ئەزھەر بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدى،ئۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۇپ كەتمەكچى بولغان ئىدى لىكىن  ئەزھەر تىزلا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-ياخشىمۇسىز دىلنۇر؟قانداق ئەھۋالىڭىز؟
-ياخشى ،ئاللاغا شۇكرى،سىزچۇ؟
-مەنمۇ ياخشى،سىزنى توي قىلدى دەپ ئاڭلايمەنغۇ؟
-ھە.....
-تۇرمۇسىڭىز كۆڭۇللۇكتۇ؟
دىلنۇر ئۈندىمىدى،ئۇ كۆزلىرىدىكى ياش تامچىلىرىنى ئارانلا يۇشۇرۇپ تىزلا خوشلاشماقچى بولدى.
-توختاپ تۇرۇڭ،سىزنىڭ تۇرمۇ شىڭىزغا ئارلاشماقچى ئەمەسمەن،بەزى گەپلەرنى ئاڭلىدىم،بەخىتسىز بولسىڭىز بەختىڭىزنى قايتىدىن تېپىشقا ھۇقۇقىڭىز بار،مەنمۇ ياخشى بوللامماي ئايرىلىپ كەتتىمغۇ؟؟؟ئۆزىڭىزنى بۇنچە قىينىماڭ،ئالدىراپ قىلىنغان نىكاھ  مۇستەھكەم بولمايدىكەن......................
-بولدى قىلىڭ،مىنىڭ بەختىم ئاللا بۇرۇن باشقىلار بىلەن كەتكەن..................ئۇشۇسۆزنى دىدى دە،ئىتتىك قەدەملەر بىلەن كىتىپ قالدى............
ئارىدىن بىر قانچە كۈنلەر ئۆتتى ،بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا دىلنۇر ئويلەرنى تازىلىدى،ئۇندىن كىيىن تىلۋۇزۇر كۆرۇپ ئولتۇردى،كۆزى تىلۋۇزۇردا بولغان بىلەن دىققىتى بىلەك يەردە ئىدى،كىچىدىن ئېلىيار ئۆيگە كەلمىدى،ئۇ  خىيال بىلەن ئولتۇرغاندا تېلىفۇنى توۋىلاپ قالدى،بۇ ئەزھەرنىڭ نۇمۇرى ئىدى،ئۇ ئالايمۇ ئالمايمۇ؟ئىككىلىنىش ئىچىدە تېلىفۇننى قولىغا ئالدى.
-ياخشىمۇ سىز؟؟نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
-ياخشى،شۇ ئۆيدە ئولتاردىم.
يولدىشىڭىز يوقما؟
-يوق
-ھە،تۇنۇگۇن كەچ ئۇنى مەن كۆرگەن ئىدىم شۇڭا سورىشىم.
-قەيەردە كۆرگەن ئىدىڭىز؟
-بولدى سورىماڭ،دىلنۇر بىىز كۆرىشەيلى بولامدۇ؟بۇگۇنلا كۆرىشەيلى،سىزگە دەيدىغان گېپىم بار.
-بولدى ،مۇشۇ تېلفاۇندىلا دەڭ.
-بەك جېق گەپ،تېلىفۇندا  دەپ بولاممايمەن،مۇشۇ بىر قېتىم ماقۇل دەپ كىلىڭ،بولامدۇ؟ئۇندىن كىيىم كۆرۇشمىسىڭىزمۇ مەيلى.
-دىلنۇر ئىككىلىنىپ قالدى،باراي دىسە ئۆزى توي قىلىپ بولغان ،ئىرى بار ئايال،بارماي دىسە ئۇنى ياخشى كۆرگەن بولغاچقا ئۇنىڭ نىمە دەيدىغىنىغا بەك قىزىقاتتى.
-مەن ئويلۇنۇپ باقاي...........
-مۇشۇنىڭغىمۇ ئويلىنىش كىتەمدا؟ بوپتۇ،يېرىم سائەتكىچە جاۋابىنى بىرىڭ.
ئۇ ئاخىرى بېرىش نىيىتىگە كېلىپ تېلىفۇننى قولىغا ئالدى..........................
سىرتتا كۆرۇشۇش ئەپسىز بولغاچقا ئۇنىڭ ياتىقىغىلا بارىدىغان بولۇپ كىلىشتى،ئۇ تىزلا ئويدىن چىقتى.
كۇرۇشۇپ بىردەم ئۇنى بۇنى دىيىشكەندىن كىيىن ئەزھەر گەپنى باشلىدى.
دىلنۇر،ئويلاپ باقسام سىزنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن،بۇنى بەكمۇ كىچىكىپ ھىس قىلدىم.ئايالىمغا مىھرىمنى بىرەلمىدىم ،
-بولدى سۆزلىمەڭ.
-ياق دىلنۇر،مىنى سۆزلىگىلى قويۇڭ،بەخىت  قۇشى بېشىدىن ئەگىپ يۇرسە بەخىت ئىزدەپ كەتكەن مەندەك ئەقىلسىزنى ئاخىرقى بىر رەت بولسىمۇ سۆزلىگىلى قويۇڭ..........
-بولدى قىلىڭ ئەزھەر،سىزنىڭ ئايالىڭىز،مىنىڭ ئىرىم بار،بىز ئايرىم ئىككى قۇتۇپتا ياشاۋاتىمىز،ئەمدى ھەر قانچە پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.
-ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ بولامدۇ؟دوستىڭىز رەيھاندىن مەن ھەممىنى ئاڭلىدىم،ئۇ نائەھلىنىڭ سىزنى ئۇرۇپ دوختىرخانىدا ياتقۇزۇپ قويغانلىغىنىمۇ بىلدىم،سىز ئاجىرشىپ كىتىڭ بولامدۇ،بىز قايتىدىن باشلايلى،دۇنيادىكى ئەڭ-ئەڭ بەخىتلىك بىر جۈپلەردىن بولايلى...........ماقۇل دەڭ دىلنۇر،بۇ تەلىۋىمنى ھەرگىز رەت قىلماڭ.
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟سىزنىڭ ئايالىڭىز بار تۇرسا؟
-بىز ئاللىبۇرۇن ئاجىرشىپ بولدۇق،ئەمدى سىزلا قەتئى نىيەتكە كەلسىڭىز،مەڭگۈ ئايرىلمايمىز جېنىم...........
ئۇشۇنداق دىگەچ دىلنۇرنىڭ قوللىرىنى تۇتتى،دىلنۇر قوللىنى ئىتتىك تارتتى.
ئۇنداق قىلماڭ ئەزھەر ،ئۇ ھەر قانچە ئەسكى بولسىمۇ مىنىڭ يولدىشىم ئۇنىڭغا يۇز كىلەممەيدىغان ئىش قىلسام بولمايدۇ ،ئۇ شۇندا دىگەچ ئورنىدىن دەس تۇردى.
-بولدى ،بولدى تۇتمىدىم ئولتىرىڭە،
-مەن قايتاي .ھېلىمۇ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم.
ئۇ شۇنداق دەپ سىرتقا ماڭدى،ئەزھەرمۇ ئارتۇقچە بىر نەرسە دىمەيلا ئۇزۇتۇپ قويدى،يولدا كىتىۋېتىپ ئۇ نۇرغۇن خىياللارنى قىلدى،ئۆزىنى ئەيىپلىدى،-نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشتۇم،مەن ئىرى بار ئايالغۇ؟ئىلگىرى بۇنداق پەسكەشلىكلەرگە شۇنداق نەپرەتلىنەتتىمغۇ؟ياق-ياق بۇ پەسكەشلىك ئەمەس مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ نىمە كۈنلەرنى كۆرمۇدۇم.مەنمۇ ئادەمدەك ياشاشقا ھۇقۇقلۇق ،تېخى 22ياشقا كىردىم بۇندىن كىيىنكى ھاياتىمنى يەنە شۇنداق ئازاپ ئىچىدە ئۆتكۈزۇشكە رازى ئەمەس،ئەزھەر دىدىغۇ بەخىتلىك ياشايمىز دەپ....................ئۇ شۇ خىياللار بىلەن پىيادە مېڭىپ ئۆيىگە كەلگىنىنىمۇ سەزمەي قالدى.ئۆيدە ئېلىيار بار ئىدى،ئۇ ئىشىكتىن كىرىشىگىلا،
-ھە ،قەيەردە پوق دەسسەپ يۇردۇڭ لالما ،ھازىر غىچە تاماق قىلماپسەنغۇ؟
-ئېغىڭىزنى بۇزماڭ ئېلىيار ،ھازىر قىلساممۇ بولىدىغۇ،تېخى كەچمۇ بولۇپ كەتمىدى.
-ئاپاڭغا ئاپىرىپ بېرە ھازىرغىچە ئەتمىگەن تامىقىڭنى،ئىشىم بار ئادەم مەن.
ئۇ شۇنداق دىگىنىچ چاپىنىنى كىيىپ تۇرىشىغا تېلىفۇنى توۋلىدى،-ھە ،ھازىر ماڭدىم سەل ساقلاپ تۇر،قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئۇ ئىنىق ئاڭلىدى بۇ بىر ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئىدى.
-يەنە بىر يەرگە بارامسىز؟
-نىمە كارىڭ،سەت قاراپ تۇرماي پۇلدىن 500كۆي ئاچىقىپ بىرە .
-ئۇيدە ئۇنچىلىك پۇل قالمىدى.
-نىمە دەيسە پاسكىنا،مائاش كارتامنى ساڭا بېرىپ ئەمدى سەندىن تىلەپ خەجلەيدىغان بولدىمما؟
-ئۇنداق سەت گەپ قىلماڭ ،كارتىڭىز مانا،ئۇ سومكىسىدىن كارتىنى ئېلىپ ئېلىيارغا سۇندى كۆزلىرىدىن مارجاندەك ياش تۆكىلەتتى.
-ئەكىلە،ئۇسىلكىپ ئالدىدە ئىشىكنى جاڭڭىدە يېپىپ چىقىپ كەتتى.دىلنۇر،چەكسىز ئازاپ ۋە خورلۇق ئىچىدە سىرىلىپ تۇرغان جايىغا ئولتۇرۇپ قالدى،يىغىدىن كۆزلىرى ئىششىپ كەتكەن ئىدى.
شۇ پەيتتە ئۇنىڭ تېلىفۇنىغا ئۈچۈر كەلدى،ئۈچۈرنى ئەزھەر يازغان ئىدى،-قانداق ئويگە تىچ ئامان باردىڭىزمۇ؟ئۇ بۇ ئۈچۈرنى كۆرۇپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قاتتىق يىغلاپ كەتتى،ۋە ئەزھەرگە تېلىفۇن قىلدى.
-ۋەي،ئۇتېلىفۇن ئۇلانغاندىمۇ يىغىدىن توختىمىغان ئىدى،-نىمە ئىش بولدى تىزرەك  ئېيتىڭە،دىلنۇر يىغلاپ تۇرۇپ بولغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى.
-ۋۇ نائەھلى بولدى يىغلىماڭ،ياخشى ئارام ئېلىڭ،ئۇ  كەلگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئاجىرشىش تەلىۋىنى ئۆتتۇرغا قويۇڭ ،قوشۇلمىسا سوتقا ئەرىز قىلىڭ،ئۇ ماقۇل دىدى ۋە خوشلىشىپ تېلىفۇننى قويىۋەتتى،ئورنىدىن تۇرۇپ نەرسە كىرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ ئانىسىنىڭ ئويىگە كەلدى.قىزنىڭ سۇلغۇن چىرايىدىن بىر نەرسىنى ھىس قىلغان ئانا ئارتۇق گەپ قىلماي ئالدىغا تاماق كەلتۇردى.
-نىمە بولدىڭىز قىزىم ،يەنە ئۇرۇشۇپ قالدىڭلارمۇ؟بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇ ئۆكسۇپ يىغلىغىنىچە ئانىنىڭ بوينىغا ئېسىلدى...............
-مەن چىدىمىدىم ،پەقەتلا چىدىمىدىم ،ئۇ نائەھلى بىلەن ئاجىرشىپ كىتىمەن.ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئاپىسىغا بولغان ئەھۋاللارنى ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى،ئانىمۇ قوشۇلۇپ تارام تارام ياش تۆكتى شۇ ئارلىقتا دادىسىمۇ يىتىپ كەلدى،ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دىلنۇرنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىغىنى بىلدۇردى.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار سۆتتا ئاجراشتى،
سوتتا نۇرغۇن كۆڭۇلسىزلىكلەر يۇز بەردى،بۇنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئۆلتۇرماي،ئىشقىلىپ ئېلىيارنى نامەرىت ھىلىگە تۇلكە ئىەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز،ئۇ يوق گەپلەرنى كۆتۇرۇپ چىقىپ دىلنۇرغا قارا چاپلىغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھاقارەت قىلغان بولسىمۇ،بۇ ئاتا ئانا قىزىنىڭ پاك سەبى قىز ئىكەنلىكىگە تۇلۇق ئىشىنەتتى..............قانداقلا بولمىسۇن بۇ شۇم نىكاھ ئاخىرى ئاياقلىشىپ دىلنۇرنىڭ ئەركىن نەپەس ئالىدىغان كۆنلىرى كەلدى.
ئۇ ئەزھەر بىلەن كۈندە دىگۇدەك كورۇشۇپ تۇراتتى،كۈنلىرى خوشاللىق ئىچىدە ئۆتتى ،بۇ كۇنلەرمۇ ئۇزاققا بارمىدى،ئىككىسىنىڭ توي ئىشىغا ھەر ئىككى تەرەپتىكى چوڭلار قارشى چىقتى،دىلنۇرنىڭ ئاتا ئانىسى قىزىنى شۇنچە ياخشى كۆرسىمۇ ،دادىسى يوق،ئۇنىڭ ئۇستىگە چەت سەھرادىكى نامرات تۇل ئايالغا قىزىنى كىلىن قىلىپ بىرىشنى خالىمايتتى،ئۇنىڭ ئۇستىگە ،ئەزھەر ئوقۇش پۇتتۇرۇپ بىر شەخسى شىركەتتە يالانما خادىم بولۇپ ئىشلەيتتى ئۇ ۋاپادار ئوغۇل بولۇپ ھەر ئايلىق ئىش ھەققىدىن تۇرمۇشىغا يىتەرلىك قىسمىنى ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى ئاپىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزااتتى،ئاپىسى بولسا ئوزىنىڭ تۇققىنىنىڭ قىزىنى قويىۋەتكىنىگە نارازى ئىدى ئەزھەر ئۆيگە بارسىلا ئايالىنى ئەكىلىۋېلىش توغىرسىدا نەسىھەت قىلاتتى ۋەيۇقۇرى يەرگە ئېسىلماسلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى،
بارا بارا دىلنۇرنىڭ ئاپىسى ئىكىسىنىڭ كۆرىشىشىگە قارشى چىقتى،ھەتتا دەم ئېلىش كۈنلىرى ئويگە سۇلاپ قويدى،خىزمىتىنى شەھەرگە يۆتكەپ دادىسى ئۇنى كۆندە ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ - ئەكەلدى،ئۇ كۈنلىرىنى قاتتىق نەزەربەنىت ئاستىدا ئۆتكىزىدىغان بولدى،چۇنكى بۇ ئاتا- ئانا قىزىنىڭ ئىككىنچى قېتىممۇ بەخىتسىز بولۇپ قېلىشىنى خالىمايتتى ،قىزىنىڭ نامرات تۇرمۇش كەچۇرىشىگە تېخىمۇ چىدىمايتتى...
بۇ كۈنلەردە دىلنۇر تېخىمۇ ئازاپلاندى ،ئەزھەرنى سېغىندى ئۇنىڭ بىلەن تېلفاۇندا كۆرۇشۇپ تۇراتتى.كۈنلەر شۇنداق مەنىسىز ئۆتمەكتە.ئۇ نەچچە قېتىم شۇ ئوپراتسىيەدىن چىقىالماي ئۆلۇپ كەتسەمچۇ؟بۇ ئازاپلارنىمۇ كۆرمەس بولغىتتىم دەپ يىغلاپ كىتەتتى.............
ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ ھەممىنى تاشلاپ بۇ شەھەردىن كەتمەكچى  بولۇشتى،تېلىفۇندا قانداق قىلىش ،قەيەرگە بېرىش،بارغاندىن كىيىن نىمە ئىشلارنى قىلىش توغۇرسىدا ئەتراپلىق پىلان تۇزۇشتى ۋە خەيرىلىك بىر ئاخشامدا دىلنۇر تويلۇق زىبۇ -زىننەتلىرى ۋە ئازرارق نەق پۇلنى ئېلىپ ئانىسى ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتە ئۆيدىن چىقتى.ئۇلار دىيىشكەن جايدا كۆرۈشۇپ تاكسى بىلەنلا قوشنا ۋىلايەتكە سەپەرگە ئاتلىنىپ كەتتى.............
ئۇلار ئاجايىپ بىر چۇشۇنىكسىز كەيپىيات ئىچىدە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى،ئەزھەر دىلنۇرنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ ماڭسىمۇ ،لىكىن كەلگۈسى تۇرمۇشى ئۆزىگىمۇ قاراڭغۇ ئىدى ،شۇ تاپتا يات شەھەرگە قاراپ كىتىۋاتىمىز،بىزنى قانداق تەقدىر كۈتىۋالار،نەلەردە تىنەپ تەمتىرەپ يۇرەرمىز،ئاپام بىچچارە قانداقمۇ قىلار.................ئۇ شۇنداق نۇرغۇن ئويلىنىشلارنى قىلسىمۇ دىلنۇردىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوق ئىدى ،كىيىنچە كىچىك بالىدەك ئۇماق مىجەزى بار بۇ سەبى قىزنى ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۇپ قالغان ئىدى..............
ئۇلار مۇرەككەپ ھىسىيات ئىچىدە كۆزلىگەن مەنزىلگە يىتىپ كەلدى ۋە مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتى.ئۇلار يېرىم كىچىگىچە ئولتۇرۇپ كەلگۈسى ھەققىدە پىلان تۈزۈشتى،ئۇيان ئويلىنىپ بۇيان ئويلىنىپ ئۇلار ئاۋاتراق يەردىن دۇكان تېپىپ خەت بېسىپ كۆپەيتىش تەرجىمە قىلىش دۇكىنى ئاچماقچى بولۇشتى،ئەزھەرنىڭ كۆمپىيوتىر تېخنىكىسى يۇقىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە 3خىل تىل بىلگەچكە بۇ ئىشنى چوقۇم ياخشىقىلىپ كىتىشىگە كۆزى يىتەتتى.
ئەتىسى سەھەر ئۇلار دىلنۇر ئېلىپ چىققان ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلەرنى سېتىش ئۈچۈن ماڭدى ئۇ يولبويى بىر خىل بىئاراملىق ئىچىدە ماڭدى بۇلارنى ساتمايلى دىسە ئىككىسىنىڭ قولىدىكى نەق پۇل دۇكان ئېلىشقا يەتمەيتتى ساتايلى دىسە بۇنىڭغا ئوغۇللۇق غورورى يول قويمايتتى ياتاقتىنمۇ دىلنۇر بوينىنى سورىگەندەك قىلىپ ئېلىپ چىققان ئىدى.............
-كەلگۈسىدە چوقۇم ئۇنىڭدىن چىرايلىقنى ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى ئېلىپ بىرىمەن گۈلۈم.
-بولدى قىلىڭە ،مەن ئۇ نەرسىلەرنى تاقاش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن ئېلىپ چىققان،بىلىسىزغۇ مىنىڭ ئۇنداق نەرسىلەرنى ياقتۇرمايدىغىنىمنى...
-ياق بولمايدۇ،ياقتۇرمىساڭمۇ.............
-بولدى قىلىڭە ،كەلدۇق مانا،
ئۇلار ئالتۇن دۇكىنىغا كىردى ،بۇ ئالتۇنلارنىڭ بۇنچە جېق پۇلغا يارايدىغىنىنى ئۇلار ئۆيلاپمۇ باقمىغان ئىدى ،ئالتۇننىڭ باھاسى بەكلا ئۆسكەچكە ئۇلار خېلى جېق پۇلغا ساتقان ئىدى .41مىڭ يۇئەن بۇ ئىككىسى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى.........
شۇنداق قىلىپ ئۇلار تىزلا دۇكان تاپتى لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالدى  دۇكاننى ئاچە مۇنچە بىزىگەندىن كىيىن  تىجارەت باشلىدى ،5-6كۈنگە قالمايلا تىجارىتى خېلى ئېقىشقا باشلىدى ،كىلىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ ئىدى ئىككىسى ئاران يىتىشىپ بولاتتى،بۇنىڭدىن ئۇلار بەك خوشال ئىدى ،قىلچە ھارغىنلىق ھىس قىلمايتتى.

دىلنۇر ئويدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئويىدىكىلەر شۇنبچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدى،دادىسى ئانىسىغا تاپا قىلاتتى ،سەن ئۇلارنى نامرات كۆرمەي تويغا قوشۇلغان بولساڭ بۇ ئىشلارمۇ يۇز بەرمىگەن بولاتتى،ئەمدى ئەل- يۇرۇت ئالدىدا يۇزۇم قالمىدى نىمە كۆرگۇلۇكتۇ -بۇ،دەپ قاقشايتتى ،ئانىمۇ قاتتىق پۇشايمان قىلغان ئىدى لىكىن كىيىنكى پۇشايمان پايدا بەرمىدى،ئىككى ئايدىن بىرى ئۇلارنىڭ ئىز دىرىكى بولمىدى،بۇلارمۇ ئىزدەشنى توختاتمىدى ،تۇنۇش بىلىشلىرىگە بولسا دىلنۇرنى بىلىم ئاشۇرۇشقا چىقىپ كەتتى دەپ يالغا سۆزلەپ قويغان ئىدى.
يىتىمنىڭ ئېغىزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ دىگەن راس گەپ ئوخشايدۇ،ئۇلارنىڭ دۇكىنى تازا روناق تېپىشقا باشلىغاندا نىمىشقۇدۇر ئەزھەر كىچىدە قاتتىق يوتۇلىدىغان ،يوتەلسىلا قان تۇكۇرىدىغا بولىۋالدى،ئۇ بۇ ئەھۋالنى دىلنۇرغا دىمىدى ،دىلنۇر ئۇنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىسىمۇ قان تۇكۈرگىنىنى كۆرمىگەچكە زۇكام ئوخشايدۇ دەپ دورا دۇكىنىدىن دورا ئەكىلىپ بەردى ،دورىنى يىسىمۇ قىلچە ئۈنىمى بولمىدى يەنىلا يۆتەل توختىمىغاندىن كىيىن ئۇنى دوختۇرخانىغا بارايلى دىدى.
-ھېچ گەپ يوق ،ئەنسىرىمەڭ ،بىر نەچچە كۈندىن كىيىن تۇزىلىپ كىتىمەن.
-ياق ،تۇزەلمىدىڭىزغۇ بۇگۇن بارمىسىڭىز بولمايدۇ،مەن خاپا بولۇپ قالىمەن.
-ماقۇل ،ئەتە بارايلى ،تۇنۇگۇن كەلگەن ھېلىقى ھۆججەت بەك مۇھىم ئىكەن،ئىگىسى ئالدىرىتىپ كەتتى شۇنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپلا ئاندىن بارايلى بولامدۇ؟
-ماقۇل ،ئەمىسە گېپىمىز گەپ.
شۇنداق قىلىپ بىر قانچە كۈن ئۆتۇپ كەتتى دىلنۇر كۈندىلا دوختۇرخانىغا بارايلى دەيتتى ،لىكىن ئەزھەر كەينىگە سۇرەتتى ،بۇ دۇكاننى يېڭىدا ئاچقان بولغاچقا تاقاپ قويسا خېرىدار تىزىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى.دىلنۇرمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۇشەندى بولغاي.
-بۇگۈن سىز دوختۇرغا كۆرىنىۋىرىڭ ،دۇكانغا مەن قاراي،بىللە بارايلى دىسەم تاقىۋېتىشكە كۆزىڭىز قىيمىدى.
-يالغۇز يىتىشىپ بولاسىزمۇ؟
-يىتىشىپ بولالايمەن ،يىتىشىپ بولاممىسام ئېلىپ قېلىپ سىز كەلگەندە بىللە قىلىمىز.
-ماقۇل ئەمىسە ،بەك چارچاپ كەتمەڭ.
-بولىدۇ.
ئۇ ئاخىرى دوختۇرغا كۆرۇنگىلى ماڭدى،يولدا ماڭغاچ خۇددى نەپەس يىتىشمەيۋاتقاندەك ھىس قىلدى.....
دوختۇر ئۇنىڭ رەسىمگە ئېلىش نەتىجىسىنى كۆرۇپ چۇچۇپ كەتتى.
-كىم بىلەن بىللە كەلدىڭىز؟
-ئۆزۇم يالغۇز كەلدىم.
-ئويىڭىزدىكىلەرنى چاقىرىڭ.
-بۇ شەھەردە مىنڭ ئۇرۇق تۇققىنىم يوق،مەن بۇ شەھەرگە ئوقىغىلى كەلگەن.
ئۇ دوختۇرنىڭ بۇ سۆزىدىن تۇرۇپ ئەجەپلەنسە ،تۇرۇپ بىر بەخىتسىزلىكنى سىزەتتى.
-قانداق گەپ بولسا ماڭا دەڭ دوختۇر  ،مەن بەرداشلىق بىرەلەيمەن.
دوختۇر ئىچ ئاغرىتىش ھەم ئېچىنىش نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى.
-نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟
-24ياش،
-ھەي ئىسىت بالدۇرلا بايقىسىڭىزچۇ؟ئۆپكە راكىنىڭ ئاخرقى باسقۇچىغا بېرىپ قاپسىز،خېمىيىلىك داۋالاشمۇ كار قىلماسلىغى مۇمكىن،،،
-نىمە ،راس دەۋاتامسىز دوختۇر...........
-قىلچە خاتاسى يوق.
ئۇ ناھايىتى روھسىز ھالدا دوختۇرخانىدىن چىقتى،ئۇ ئۆزىنىڭ تەقدىرىدىن بەكرەك دىلنۇردىن ئەنسىرەۋاتاتتى ،قانداق قىلىش كىرەك ،دوختۇر دىدىغۇ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ بەلكىم ئانچە ئۇزۇن ياشىيالمناسلىقىم مۇمكىن،ئۇ بۇ شەھەردە يىگانە قالسا بولمايدۇ،كىتىشىمىز كىرەك چوقۇم يۇتقا كىتىشىمىز كىرەك.دىلنۇرنى چوقۇم ئاتا ئانىسى كەچۇرىدۇ ،چۇنكى ئاتائانا باغرى پەرزەت ئۈچۈن دەريادەك كەڭ،ئالدى بىلەن دىلنۇرنى يولغا سالاي ئۇندىن كىيىن بۇ يەردىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ مەن ماڭاي...........
ئۇشۇنداق مەسلەھەت بىلەن دۇكانغا كەلدى.
-دوختۇر نىمە دېدى؟
-ھېچگەپ يوق،زۇكامداپ قاپسەن ،دورا يىسەڭ ساقىيىپ كىتىسەن دەيدۇ.ھە-،راس سىز يۇرتقا تىز بارمىسىڭىز بولمىغۇدەك ،چوڭ ئاپىڭىز بەك ئېغىر كىسەلكەن بايا ئانامنى كۆرگۈم كىلىپ تېلىفۇن ئالغان ئويىڭىزدىكىلەر ئانامنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ،مەن ئۇچۇرىنى بىلمەيمەن دەپتىكەن ئالاقىلاشسىلا دەپ قويغان بولسىلا چوڭ ئاپىسى بەك ئېغىر كىسەل ،بىز توي ئىشىغا قوشۇلدۇق تىز يېنىپ كىلىپ چوڭ ئاپىسىنىڭ يۇزىنى كۆرىۋالسۇن دەيدۇ،دېدى.
بۇ ھەم شۇم خەۋەر ھەم خوش خەۋەر ئىدى، ئۇ چوڭ ئاپىسىنى بەك ياخشى كۆرەتتى  ،ئانىسى خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولغاچقا ئۇنى چوڭ ئاپىسى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى.
ئۇ جىددىلەشكەن ھالدا،ئۇنداقتا سىزچۇ ؟
-ھە مەنمۇ بۇ يەردىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپلا بارىمەن،مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ.
-لىكىن تازا مىجەزىڭىز بولمىسا؟بىللە كىتەيلىچۇ؟
-قاراڭ جېنىم،بۇ دۇكانغا نۇرغۇن دەسمى سالدۇق ،سودىسى ياخشى بولغاچقا ئۆتكىزىۋالىدىغان ئادەم چوقۇم چىقىدۇ،ئۆتكۇزۇپ بىرىپ مېڭىپ بولغىچە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا..............
بولدى چۇشەندىم ،بۇگۈنلا ماڭاي.
شۇنداق قىلىپ ئۇ يولغا چىقتى،مېڭىش ئالدىدا لازىم بولۇپ قالار دەپ ئۇلار پۇل يېغىپ ساقلىغان كارتىنى ئۇنىڭغا سۇندى.
-ياق سىزدە قالسۇن مەن ئويگە بارسام پۇل كەتمەيدۇ.
يەنە بىرسى مەندە ئەمەسمۇ ؟قايسىمىزغا لازىم بولسا ئالالايمىز.
شۇنداق قىلىپ دىلنۇر يولغا چىقتى،ئۇ دۇكانغا كىلىپلا دۇكان ئىشىگىگە بۇ دۇكان ئۆتۇنۇپ بىرىلىدۇ دىگەن خەتنى چاپلاپ قويدى.
ئەتىسى سەھەردە ئورنىدىنمۇ تۇرمىغان ئىدى بىر خەنزۇدىن تېلىفۇن كەلدى،ئۇ دۇكاننى راس ئۆتۇنۇپ بىرىدىغان ياكى بەرمەيدىغىنىنى سورىدى.......
ئۇ ئاخىر پۇتۇشۇپ 2ئايلىق ئىجارىسىنى چىقىرىۋېتپ ئىجارە پۇلىنى ۋەدۇكاندىكى ئۇسكىنىلەرنىڭ پۇلىنى ئۆز باھاسى بويىچە بىرىدىغان بولدى،چۇنكى دۇكاننىڭ ئورنى ياخشى ،سودىسىمۇ ئوبدان ئىچىدىكى نەرسىلەرمۇ  يېڭى بولغاچقا ئۇمۇ گەپ قىلماي دىگىنىنىنى بىرىدىغان بولدى ،ئۇلار توختاملىشىپ بولغاندىن كىيىن پۇلنى ئېلىپلا دىلنۇرنىڭ كارتىسىغا سېلىۋېتىپ يىنىك بىر تىندى.دە ئۇدۇل بىكەتكە بېرىپ يۇرتىغا قاراپ يول ئالدى.
دىلنۇر ئۆيىگە كەلدى ،ئانىسى ئۇنى كۆرۇپ ھەيران قالدى ۋە ئېتىلىپ كىلىپ باغرىغا باستى ،دادىسىمۇ كۆز يېشى قىلدى.
-چوڭ ئاپامنىڭ ئەھۋالى قانداق.
-ياخشى.
-ياخشى بولۇپ قالدىما؟كىسەل دەپسىلەركەنغۇ؟
- كىم شۇنداق دەيدۇ ساققۇ؟
دىلنۇر ھەيران قالدى ،ئەزھەرنىڭ ئۆزىنى ئالدايدىغىنىغا ئىشەنمەي دىسىمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ گاڭگىراپلا قالدى ،ئۇ مىنى نىمىشقا ئالداپ يولغا سېلىۋېتىدۇ؟ ئۇنىڭ مەقسىدى نىمىدۇ؟
دىلنۇرنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ ئارتۇقچە گەپ سوز قىلمىدى ،يوقاپ كەتكەن قىزىنىڭ تېپىلغىنىدىن خوش بولوپ ئۇنىڭ دىلىنى ئاغرىتمىدى.
يېرىم كىچە بولۇپ ئۇلار ئۇيقىغا كەتكەندەئەزھەرگە تېلىفۇن قىلدى.ئەزھەر تېلفاۇندا ھەممە ئەھۋالنى ئۇنىڭغا دىدى.دىلنۇر شۇ ھامان ھۇشىدىن كەتتى.سەھەردە ئانىسى كىرىپ چۇچۇپ كەتتى ئۇلار ئۇنى دوختۇرغا ئېلىپ باردى ،دوختۇرلار ئاستاخارەكتىرلىك بورەك يەكلەش،دەپ دىئاگۇنۇز قويدى ،ئۇ شۇنىڭ بىلەن بالىنىستا يېتىپ قالدى.كۈندە دىگۈدەك ئەزھەرگە ئۇچۇر يېزىپ كارتىدىكى پۇلنى ئېلىپ ياخشى داۋالىنىشنى ئېيتاتتى ئۇ ماقۇل بولاتتى ،لىكىن بىر پۇڭغىمۇ چېقىلمايتتى.
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۇپ ئۇنىڭغا بىر ئۇچۇر كەلدى،
كۆكركىم بەك ئاغرىپ كەتتى مەن دوختۇرخانىغا بارمىسام بولمىغىدەك،كارتىدىكى پۇلدىن ئازراق ئىشلىتىپ تۇراي.....
بولىدۇ ھەممىنى ئېلىپ ياخشى داۋالىنىڭ،ئۇ شۇنداق دەپ ئۇچۇر قايتۇردى.
شۇ ئۇچۇر كەلگەنچە ئۇنىڭغا قايتا ئۇچۇر كەلمىدى ،ئۇ ئۇچۇر يازسىمۇ جاۋابى كەلمىدى ،تېلفۇن ئالسىمۇ تېلىفۇنى ئۇلانمىدى،ئۇ بۇنى بىر شۇملۇقنىڭ بىشارىتى دەپ بىلدى ،ئۇ ئانچە مۇنچە ئورنىدىن تۇرالايتتى ئاپىسىغا دوختۇرلارغا شۇنچە يالۋۇرغان بولسىمۇ سىرتقا چىقىشقا ئەزھەرنى كۆرۇشكە يول قويمىدى،ئۇنىڭ كىسىلى ئېغىرلاپ كەتتى دوختۇرلار ئۇرۇمچىگە ئېلىپ چىقىپ قان تازىلىتىشنى  ئېيتتى ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈرۇمچىگە يۆتكەپ كىلىندى ،قان تازىلاپ ئەھۋالدا  خېلى ياخشىلىنىش بولدى .
ئەزھەر .ئۇنىڭدىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى كۆرۇپ تۇرسىمۇ جاۋاپ يازالمايتتى .قوللىرى ھەركەتلىنەلمەيتتى ،دوختۇرخانىدا سۇنئى نەپەسلىنىپلا ياتاتتى ،ئۇنىڭ كۆزىنىڭ مىدىرلىغىنىدىن ھاياتكەن دىمىسە باشقا تەرەپلىرىدىن بىلگىلى بولمايتتى بىچچارە ئانا بېشىدا يىغلاپ ئولتىراتتى.
دىلنۇر ئاخىرقى قېتىم  تېلىفۇن قىلدى ،يەنىلا ئېلىنمىدى،ئۇ چوقۇم بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ دەپ ئويلىدى .دە خاتىرىسىنى ئېلىپ مۇنۇلارنى يازدى.
-قەدىرلىك ئانا ،سۇيۇملۇك دادا مىنى كەچۇرۇڭلار !ئەزھەر بۇ دۇنيادىن كىتىپتۇ ئۇ  مىنى بەك ساقلاپ كەتمىسۇن،مەن ھامان بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىمەن  سىلەرنى ئارتۇقچە چىقىمدار قىلىشنىمۇ  خالىمايمەن ئەزھەرنىمۇ ئارتۇقچە  ساقلىتىشنى خالىمايمەن مەندىن رازى بولۇڭلار !
ئۇ يېزىپ بولۇپ خاتىرىنى ياستۇقىنىڭ قېتىغا ئاۋايلاپ تىقتى ،بالىكۇنغا چىقىپ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا ئۇزاققىچە قارىدى ئۇندىن كىيىن يېنىپ كىرىپ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئاپىسىغا قاراپ،
-كەچۇر ئاپا ،مىنى كەچۇر،ئۇ توپىنىڭ قېتىدا ياتسا مەن يۇمشاق كارۋات ئۇستىدە ياتالمايمەن،دىدى -دە ،تارتما ئىچىدىكى ئاپىسى كۇندە بىر تال يەپ ئۇخلايدىغان بىر قاپ ئويقۇ دورىسىنى ئېلىپ ھەممىنى ئېغىزىغا توكۇپ ئۇستەل ئۇستىدىكى چاينى ئىچىۋەتتى....
ئەتىسى سەھەردە ئانىسى تۇرغاندا ئۇ بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۇلۇك خوشلاشقان ئىدى.ئانىنىڭ قىيا -چىيياسى دوختۇرخانىنى بىر ئالدى...............


خاتىمە


شۇنداق ئۇ كەتتى ،ئۇ كەتكەندە ئەزھەر تېخى ھايات ئىدى ،ھازىر ھاياتمۇ ئەمەسمۇ ،بۇ بىزگە نامەلۇم،ئىشقىلىپ بۇ ئىككى ياشنىڭ مۇھاببىتى تىراگىدىيە بىلەن ئاياغلاشتى ،دىلنار ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە مۇھاببەت داستانى يازدى ئەگەر شۇ باغرى تاش ئاتا -ئانا جاھىللىق قىلمىغان  بولسا بۇ غۇنچە بەلكىم ھاياتىنى بۇنچە تىز ئاخىرلاشتۇرمىغان بولار ئىدى.ئەپسۇس...........مىڭ ئەپسۇس............
                     تامام

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-21 11:26 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 500
مەشھەر + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 510   باھا خاتىرىسى

سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4237 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 11:52:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن بىر كۆرگەن ..بېشىنى ئوقۇپ ئاخىرىنى ئەسلەپ باقتىم ،ئېسىمدە ئۆز ئەيىنى پېتى تۇرۇپتۇ .....تەقدىر دىگەن شۇ ........ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ ھېلىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇردىكەن ...ھەي ئۇنڭدىن ئەزھەر داۋالانغان بولسىمۇ ،بۇ قىز بۇنداق ئازاپتا كەتمەس ئىدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-21 11:53 AM  


ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14457
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5443 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 11:57:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   گەرچە تەسىرلىكرەك بولسىمۇ لېكىن بۇ ئىككىسى بىزنىڭ ئەنئەنىمىزنى بىر تىيىنغا ئالماپتۇ . بەرنا ، سىز ئاۋۇ دىلنۇرنىڭ بەكلا يىقىنى ئىكەنسىزدە قارىغاندا .............قارىسام پۈتۈن زېھنىڭىزنى ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ياخشىغا چىقىرىپ ، ئىرى ئېليارنى قارىلاشقا قاراتقاندەك قىلىسىز .............سىز يازغان ئېلياردەك ئەسكى ئادەملەر ئايالىغا مائاش كارتىسىنى تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ يۈرەرمۇ ؟

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7001
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 12:06:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2012-11-21 11:57 AM
گەرچە تەسىرلىكرەك بولسىمۇ لېكىن بۇ ئىككىسى بىزنىڭ ئە ...

مەن ئۇنىڭ بەكلا يېقىن ى ئەمەس بەلكى يېقىن دوستۇمنىڭ نەۋرە ھەدىسى،مەن پەقەت ئاڭلىغانلىرىمنىلا يازدىم،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئىچىدە ياشىمىغاچقا شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ بىلمەيمەن،بۇ پەقەت تۇرمۇشتىن ئېلىنغان ھىكايە،ئۇ ئاپتۇرنىڭ ئارزۇسى بىلەن بەدئىلىككە كۆتۈرۈلگەن بولىدى،توي قىلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا يەمچۇككە ئىلىندۇرۈش ئۇچۈن شۇنداق قىلغاندۇ دەپ ئويلىمىدىڭىزما؟ھىكايە توقۇلمىلىرى ئەمىلى تۇرمۇشتىن بىر دەرىجە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇدۇ....
بەلكىم ئەسىرىمدە نۇرغۇن يىتەرسىزلىكلەر بولىشى مۇمكىن،يەنە سەمىمىلىك بىلەن كۆرسىتىپ بىرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن،مۇشۇنداق قايچىلار بىلەن پۇتاپ تۇرسا قەلىمىم تېخىمۇ تاكامۇللىشىدۇ ئەمەسمۇ؟
قىممەتلىك پىكرىڭىزدىن سۈيۈندۇم

سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14457
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5443 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 12:24:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«  ،مەن پەقەت ئاڭلىغانلىرىمنىلا يازدىم،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئىچىدە ياشىمىغاچقا شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ بىلمەيمەن،بۇ پەقەت تۇرمۇشتىن ئېلىنغان ھىكايە،ئۇ ئاپتۇرنىڭ ئارزۇسى بىلەن بەدىئىلىككە كۆتۈرۈلگەن بولدى»
  توغرا دىدىڭىز ! يۇقىرىقى جۈملىلەرنى ئالدىدا يازغان بولسىڭىز مەنمۇ بۇ ئىنكاسنى يازماس ئىدىم . ئىشقىلىپ تۇرمۇش ئىشىدا ئاساسەن ھەركىم ئۆزىنىڭكىنى توغرىغا چىقىرىپ سۆزلەيدۇ ، بۇلۇپمۇ ئاياللار . شۇڭا بۇ توغرىدا يازغاندا چۇقۇم مۇشۇ نوقتىنى ئەسكەرتىش كىرەك .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1469
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:00:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى مۇھەببەت مەڭگۈ مۇشۇنداق ۋىسال تاپالماي ئۆتۈپ كېتەرمۇ دەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87065
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 647
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2012-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:06:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تويدىن بۇرۇن مۇھەببەتلەشكەن قىز بالىنىڭ، تويدىن كىيىن ئاشۇنداق چاتىقى چىققىلى، بىر يەرلىرى قىچىشقىلى تۇرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50736
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5094
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:26:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barnakiz886 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-21 12:06 PM
مەن ئۇنىڭ بەكلا يېقىن ى ئەمەس بەلكى يېقىن دوستۇمنىڭ ن ...

ھىكايدىكى باش پىرسۇناژ ئىسمى ئاز بىر قىسىم جايلاردا دىلنار دەپ ئىلىنىپ قاپتۇ ،ھىكايە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ .........

ئوت ئادەمنى ،مۇھەببەت ئالەمنى ئىستىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4023
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:40:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ يۈرىكى ئاغرىيدىغان ئشلاردە بۇ  بىچارە قىز  بەك ئەلەم تارتىپتۇ ،

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4023
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:42:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇقا يوللىغان ۋاقتى  2012-11-21 01:06 PM
تويدىن بۇرۇن مۇھەببەتلەشكەن قىز بالىنىڭ، تويدىن كىيىن ...

نىمىشقا بۇنداق سەت گەپ قىلىسز ، باشقىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈرمىگىىچە ئىشلارنىڭ سەۋەپ ، نەتىجىلىرىگە ئالدىراپ بۇنداق باھا بەرسىڭىز بۇلمايدۇ جۇمۇ .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش