|
|
|
|
ئون يىل قىما ئاتتىم مەن، يامۇڭگۇزمۇ چىقمىدى. رەڭگىم سېرىق ساماندەك، كۈن خاتىرجەم ئۆتمىدى. تەمىناتنى ئالاتتىم، تاۋكاغىلا چاپاتتىم. ھەممىڭ چىقە!دونى دەپ، تۇرۇق ئېلىپ ئاتاتتىم. سىيا چۇشمەي چۇ چۇشۇپ، ئۇتتۇراتىم ۋەجىمىنى، تۆت تەڭگە يوق يېنمىدا، كىمگە ئېيتاي دەدىمىنى. جەزىخۇغا ئېلىنىپ، يوقاتتىم مەن قەدىمىنى. بىرەي دەسەم پۇلۇم يوق، دادام بەردى قەرزىمىنى. ئۇتۋالغاندايەپ-ئېچىپ، ئاغىنەممۇ كۆپەيگەن. پۇل خەجلىگەن ئاغىنەم، بەگىن دىسەم ھۆرپەيگەن. خوتۇن توسسا ئالدىمىنى، قولغا ئالدىم تاياقىنى. دورىمىسۇن بىر ئېنسان، مەندەك ئەسكى ساياقىنى. تەڭتۇشۇمنىڭ قوڭىدا، ئېسل پىكاپ پاپىدا تۇرمۇش قېلىپ كەينىدە، ئويلاپ قالىمەن گاھىدا. ئىسسىق ئۆيۇم با مىنىڭ، خوتۇنۇمۇ مىھىرىبان. توزتىۋەتتى ئۆيۇمىنى، قىما دىگەن دۆ-چايان. باللىرىمنى باقسام مەن، ھالال ئىشلەپ تاپسام مەن. ئاللا بىرەر رىسقىمىنى، يامان يولدىن يانسام مەن. بىر يىل بولدى بامىدىم، چىرايىمغا قان تولدى. خېلى گىديىپ قالدىم مەن، يانچۇقۇمدا پۇل بولدى. خوتۇن بىلەن ئەپ ئۆتتۇم، بىرگە تىرشىپ-تىرماشتىم. ئىناقلىقنىڭ دەردىدە، چىڭگىلىكتەك چىمارشتىم... ئىبارەت بولسۇن خالايىق، قىماردىگەن بىر چولدۇر. ئەگەشكەننىڭ جېنغاۋاي، باشقابالا-پىت غولدۇر. ئابدۇكېرىممۇ راس دەيدۇ، قاسىمكاممۇ ئەگىتىپ. قىمانى بىز تاشلايلى!، كاللىمىزنى سەگىتىپ.
|
|
|
|
|
|