ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! كورىيەدىكى مەردان،گۈلمىرە،مەخمۇتجان،راھىلە قاتارلىق دوستلاردىن ئانا يۇرتتىكى بارلىق قېرىنداشلارغا سالام! ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتسەك.بىز شىنجاڭ ئونۋىرستىتى،شىنجاڭ مالىيە ئونۋىرسىتى ۋە شىنجاڭ تىببى ئونۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ،چەتئەلدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ بىلىم ئېلىپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمىز.ئۆگىنىشنىمۇ ئاساسى جەھەتتىن تاماملاپ،بىرىمىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلساق، بىرىمىز كورىيە خەلقئارا سودا ئىشلىرى بىلەن شوغۇنلىنىپ ،يەنە بىرىمىز كورىيەدىكى داڭلىق شەكىل تۈزەش-تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرخانسىدا،بىرىمىز ئونۋىرسال كېسەللىكلەر دوختۇرخانسىدا خىزمەتكە چۈشۈپ ئىشلەۋاتىمىز. بەلكىم بەزى تورداشلىرىمىز بىلىشى مومكىن.بىز بۇلتۇر ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى كورىيەلىكلەرگە تۇنۇتۇش مەقسىتىدە، ‹جۇڭگودىكى خاسىيەتلىك ئادەم› دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر پالۋىنى ئۆمەرجان ئاكىنى كورىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىسى بولغان SBS تېلۋىزىيسىنىڭ ‹STARKING› پروگراممىسىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرغان ئىدۇق.(مۇناسىۋەتلىك تېماhttps://uyghur-archive.com/misranim/thread-63374-1-1.html ) يېقىندا بىز كورىيەدىكى مەدەنىيەت-سەنئەتكە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ-كورىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيتى ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ بەردۇق. تۈرلۈك مۇشاققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى ئازىراق نەتىجىگە ئېرىشتۇق. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار سەنئەت ئۆمەكنىڭ باشلىقى ئەركىن قۇتبىدىن،دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس ئىززەت ئېلىياش قاتارلىق سەنئەتكارلار كورىيە تەرەپنىڭ تەكلىپى بىلەن كورىيەگە كېلىپ، بۇنىڭدىن كىيىنكى شىنجاڭ-كورىيە مەدەنىيەت-سەنئەت ئالماشتۇرۇش پائالىيتى ئۈستىدە پىكىرلەشتى. بۇ جەرياندا ئەركىن قۇتبىدىن ئەپەندى كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ،ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن كورىئانلارنىڭ مەدەنىيەت،ئەدەپ-ئەخلاق جەھەتتە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى،شۇڭا ئۇيغۇرلار كورىئانلارنىڭ كىنو-فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغانلىقى،شۇنداقلا كورىيەگە كەلگەندىن كىيىنكى تۇنجى تەسىراتىمۇ كورىئانلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئىنتايىن مېھماندوست ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. كورىيە سەنئىتى بىلەن ئۇچىراشقاندىن كىيىن، كورىيە خەلق ناخشىسى ‹ئارىراڭ› بىلەن ئۇيغۇر خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىدىمۇ بەزى ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
كورىيە مۇخبىرلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۆرەت
كورىيە ئىنچون كۈندىلىك گېزىتىگە بېرىلگەن خەۋەر
ئۇلار بىر قانچە سەنئەت كېچىلىكلىرىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، بوش ۋاقىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ بىز خىزمەت قىلىۋاتقان دوختۇرخانىلارغا كېلىپ، سالامەتلىك تەكشۈرتتى ۋە بۇ تەكشۇرتۈشلەردىن ئىنتايىن رازى بولغانلىقى، كورىيەنىڭ تىببى ساھەسىدە ئالاھىدە تەرەققى قىلغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. كورىيەدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرغاندىن كىيىن، بىز ئۇلارنى كورىيەنىڭ ساياھەت مەنزىرلىك جايلىرى ۋە داڭلىق كۆڭۈل ئېچىش باغچىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ كەلدۇق. ئۇلار بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ ناھايىتى مەنىلىك ھەم ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېتىشىپ، كىيىنكى ئىشلارنى بىزگە تاپشۇرۇپ قايتىشتى. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيتى توغۇرلۇق مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇرايلى. ئەلۋەتتە بۇندىن كىيىنكى پائالىيەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن يەنە ئۆزلۈكسىز تىرىشىمىز. ئەمدى ئۆز خىزمىتىمىزغا ئائىت ئازىراق سۆزلەپ ئۆتمەكچىمىز: بىز كورىيەدىكى دوختۇرخانىلاردا خىزمەت قىلىش جەريانىدا جۇڭگودىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كېلىپ ،ئۇزۇن يىل داۋالاپ ئۈنۈم كۆرەلمىگەن بىمارلارنىڭ كورىيەدە داۋالىنىپ، شىپا تېپىپ قايتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئۇلارنىڭ كورىيەگە كېلىپ داۋالىنىشىدىكى سەۋەب نىمە؟ بىز ئۆزىمىزنىڭ كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقايلى: 1.دوختۇر-سېستىرالارنىڭ كەسپى سەۋىيسى يۇقىرى. ئادەتتە جۇڭگودا 5-6يىل تىببى ئونۋىرستىتىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دوختۇر بولغان بىلەن، كورىيەدە 16 يىل كەسىپ ئوقۇغاندىن كىيىن دوختۇر بولغىلى بۇلىدۇ.شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ كەسپى سەۋىيسى يۇقىرى بولغان بىلەن بىرگە مۇئاشىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بۇلىدۇ. 2.دوختۇرخانىلارنىڭ تۈرلۈك تەكشۈرۈش،داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە داۋالاش تېخنىكىسى ئىلغار.مۇناسىۋەتلىك سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا، 2003-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا،كورىيەدىكى ئاشقازا راكى،بالىياتقۇ بوينى راكى،جىگەر راكى قاتارلىق بىمارلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى 21.7%80.5%、61.2% بولغان. ھالبۇكى ئامېرىكىنىڭ بۇنداق تەكشۈرۈش نەتىجىسى %25.7، %70.6، %13.1 بۇلۇپ چىققان. بۇ نەتىجە كورىيەنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاشتا ئامېرىكىنىڭ سەۋىيسىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە قان تۇمۇر سېستىمىسىدىكى كېسەللىكلەرنى داۋالاش، شەكىل تۈزۈش، تېرە ئاسىراش، چىش داۋالاش جەھەتلەردە كورىيە خەلقئارادا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيگە يىتىپ بولغان دەپ ئېتىراپ قىلىندى. 3.پاراۋانلىقى تەرەققى قىلغاچقا ،داۋالاش ھەققى سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا خېلى تۆۋەن. دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى ، ساختا دورا يوق..... (جۇڭگودا جاننى قۇتقۇزىدىغان دورىنىڭمۇ ساختىسىنى ياسايدىغان ھېلىقى قېرىنداشلىرىمىزغا نىمە دېگۈلۈك؟؟؟) ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىمىز، يۇرتىمىز شىنجاڭدىمۇ، ھەرخىل ئېغىر كېسەللەرنى ساقايتىش ئۈچۈن خىلمۇ –خىل داۋالاش يولىنى ئىزدەۋاتقان، ئىقتىسادى يار بەرسىمۇ داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرمەيۋاتقان بىمارلار، شەكىل تۈزەشكە مۇھتاج تارتۇق ياكى تۇغما كەمتۈكلۈك قاتارلىق بىمارلار بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىشنى سورايمىز.بىز سىلەرگە پراففىسۇرلار ئارقىلىق مەسلىھەت بېرىپ، ئىقتىسادى شارائىتى يار بەرگەنلەرنىڭ پاسپورت-ۋىزىسىنى ھەقسىز بىجىرىپ،كورىيەگە كېلىپ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق، قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئازىراق كۈچ چىقارماقچىمىز. ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى: 0082-010-9155-6899 0082-010-9304-6899 QQ: 496763152 996906550
|