مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8194|ئىنكاس: 71

ئۇيغۇر پالۋان ئۆمەرجان كورىيەدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇھەببەت ۋە ھېسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15942
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9231
تۆھپە نۇمۇرى: 746
توردا: 1090 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 09:34:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا يۇرتتىكى بارلىق قېرىنداشلار. كورىيەدە ئوقۇۋاتقان مەخمۇتجان،مەردان ،راھىلە، گۈلمىرە قاتارلىق دوستلاردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!
بەلكىم مۆجىزە كۈچكە ئىگە بولغان ئۇيغۇر پالۋان ئۆمەرجان ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مومكىن. بىز ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ كىشىنى كورىيەگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ قالتىس ماھارىتىنى كورىيە SBS تېلۋزىيەسى STARKING پروگراممىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلانى كورىيەگە تۇنۇشتۇرۇشنى ئويلىشىپ كەلگەنىدۇق. بەلكىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  بۇ پروگراممىنى كۆرگەنلەر بەك ئاز بۇلۇشى مومكىن. لېكىن كورىيەنىڭ بۇ پروگراممىسى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدىغان ، ھەتتا ئامىرىكىدىمۇ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان داڭلىق پروگرامما بۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى داڭلىق شەخىسلەر،  تالانت ئىگىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ئولارنىڭ ماھارىتى نەق مەيداندا كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداقلا  كورىيەدىكى داڭلىق ناخشىچىلار،كىنو ئارتىسلىرى سەھىنىنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، بۇ پروگراممىنىڭ كۆڭۈللۈك ئىشلىنىشىگە ياردەمدە بۇلىدۇ.STARKING سۆزىگە قاراپمۇ بۇ پروگراممىنىڭ چولپانلار پروگراممىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىڭىزغۇ-دەيمەن.
    گەپنىڭ ئۆزىگە قايتايلى. يېقىندا توردىن  ئۆمەرجان ئاكىنىڭ خۇنەن تېلۋىزىيەسى ‹كىم قەھرىمان›پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتكەن فىلىمىنى كۆرۈپ، بۇ كىشىنى كورىيەگە ئېلىپ كېلىش ئىستىكىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەتىسىلا  كورلا تېلۋىزىيە ئىستانىسىدا ئىشلەيدىغان ھەدىمىزنىڭ ياردىمىدە ئۆمەرجان ئاكىنىڭ تېلغۇن نۇمۇرىنى تاپتۇق. ئۆمەرجان ئاكىغا تېلفۇندا بۇ ئوي پىكرىمىزنى ئېتساق ، خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق. توردىن ئۆمەرجان ئاكىنىڭ ماھارەت كۆرسەتكەن فىلىمىلىرىنى چۈشۈرپ تەھرىرىلەپ، تەرجىمھالىنى يېزىپ SBS تېلۋزىيەسىگە يوللىدۇق. بۇ كىچىككىنە ئىشلارمۇ ئاسانغا توختىمىدى. ئۇلارغا تاپشۇرىدىغان ماتىرىياللارنىڭ ھەرخىل تەلەپ -چەكلىمىلىرى شۇنچە كۆپكەن. ئۈچ-تۆت ھەپتە مۇشۇ ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ، ئاخىرى SBS نىڭ تەكلىپنامىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆمەرجان ئاكىغا ئەۋەتتۇق. بىر ھەپتىدىن كىيىن كورىيەنىڭ بېيجىڭدىكى كونسۇلخانىسى ئۆمەرجان ئاكىغا ۋىزا بەردى. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆمەرجان ئاكا كورىيەگە يىتىپ كەلدى.  
          ئايرودىرومدىكى ئىشلار بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتتى. ئۆمەرجان ئاكىنى كۈتىۋېلىشقا بىز بىلەن بىرگە ،كورىيە SBS تېلۋزىيەسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن  باشقا يەنە بىر قانچە كورىيە پارلامىنت ئەزالىرى بۇلۇپ ئىككى گۇرۇپپا كىشىلەر  كەلگەنىكەن. شۇ چاغدا بىلدۇقكى ئۆمەرجان ئاكا مۇنداقلا سەييارە ماھارەت كۆرسەتكۈچى بولماستىن ، ئۇنىڭ يەنە جۇڭگو مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزىنىڭ ئالاھىدە خادىمى، جۇڭگو مودا-سەنئەت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مىللى مائارىپ كېڭەشمىسىنىڭ ئىش بىجىرگۈچىسى، جۇڭگو خەيرى-ساخاۋەت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى دېگەندەك ئالاھىدە سالاھىتى بار ئىكەن. مەسلىھەتلىشى ئارقىلىق تۇنجى كۈنى پارلامىنت ۋەكىللىرى ئۆمەرجان ئاكىنى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى.ئەتىسىدىن باشلاپ SBS تېلۋزىيەسىنىڭ ۋەكللىرى ئۆمەرجان ئاكىنى باشقا مېھمانخانىغا ئېلىپ كەتتى. شۇ كۈنى ئۆمەرجان ئاكا SBS تېلۋزىيەسىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتكەندىن كىيىن ،  سىنغا ئېلىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىككى كۈن جەريانىدا ئۆمەرجان ئاكىنى كورىيەنىڭ مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلدۇردۇق. بۇ جەرياندا ئۆمەرجان ئاكا كورىيەدىكى تۈركىيە ، پاكىستان قاتارلىق مۇسۇلمان ئاشخانسىنىڭ نان-كاۋاپلىرىدىن باشقا ھېچقانداق تاماق يىمىدى. . . . . .
       10-ئاينىڭ 17-كۈنى STARKING پروگراممىسى سىنغا ئېلىندى. ئۆمەرجان ئاكىغا سەھنىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەش تەكلىپىنى بەرگەن بولساقمۇ، تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان مەخسۇس تەرجىمان يوق. شۇنداقلا ئىستانىسىنىڭ مەخسۇس تەرجىمانىدىن باشقىلارنىڭ سەھنىدە تەرجىمە قىلىشىغا روخسەت قىلىنمايدىكەن. شۇڭا ئۆمەرجان ئاكا سەھنىدە خەنزۇچە سۆزلىدى. (خەنزۇچە تەرجىمان بولغاچقا). ئۆمەرجان ئاكا ئۆزىنى ۋە مىللىتىنى تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن قالتىس ماھارەتلىرىنى كەينى-كەينىدىن كۆرسىتىپ ، سەھنىدىكى چولپانلار ۋە تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتتى.ھەتتا سەھنىدىكى بەزى چولپانلار ئۆمەرجان ئاكىنىڭ تاش چاققان ھالىتىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ، بىر-بىرىنىڭ كەينىگە مۆكىنىۋېىلىشتى. ئاخىرىدا ئۆمەرجان ئاكىنىڭ ماھارەت كۆرسەتكەندىن قىلغان كىرىمىنى يەنىلا جەمئىيەتتىكى قىينچىلىقى بارلارغا ئىئانە قىلىدىغان سۆزى ۋە گۈلدۈراس ئالقىشلار بىلەن سىن ئېلىش تاماملاندى.
      10  -ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆمەرجان ئاكا ماھارەت كۆرسەتكەن پروگرامما تېلۋىزوردا تارقىتىلدى.مىق يىگەن كۆرۈنۈش كېسىۋېتىلىنىپتۇ. تېلۋىزوردا قۇيۇلغاندىن كىيىن رېژىسورغا تېلفۇن قىلىپ سەۋەبىنى سورىساق،  ئۇ كۆرۈنۈشنى تارقاتساق، دوختۇرخانىغا بىمار توشۇپ كېتىدۇ دەپ جاۋاپ بەردى.ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە كېسىۋىتلگەن كۆرۈنۈشلەرمۇخېلى باركەن. بىز پروگرامما گۇرۇپپىسىدىن بىزگە ئەۋەتىپ بەرگەن پلاستىنكىسىنى قايتا رەتلەپ،پەقەت ئۆمەرجان ئاكىنىڭ كۆرۈنۈشى بار قىسمىنى كېسىپ ئېلىپ تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق. مەۋسۈملۈك ئىمتىھان يېقىنلىشىپ قالغاچقا ،ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن جەرياننى تەرجىمە قىلماي ،مۇھىم گەپ-سۆز ۋە كورىيەچە خەتلەرنىلا ئىخچاملاپ تەرجىمە قىلدۇق.
      تۆۋەندە بىز ئۆمەرجان ئاكا  ۋە بىر قىسىم كورىيە چولپانلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۆرەتلەر:
    






  
  
  

  
  
      
  
  
   
      
  
     ئۆمەرجان ئاكا قاتناشقان كورىيە STARKING  پروگراممىسى:
  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Xaparang + 100 بەكلا خۈش بولدۇم ، .........

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئېنگىلىزتىلى ئۈ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22920
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3718
تۆھپە نۇمۇرى: 661
توردا: 2041 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:22:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا كۆرىدىغانغا بىر نەرسە چىقتى.رەسىملەر چىقماپتۇ،رەسىملەرنى بلوگباسقا يوللاپسىز،بەزىدە بلوگباس رەسىملەرنى سىرىتقا ئۇلاشقا چەكلىگەن.بولمىسا رەسىملەرنى ماۋۇ بوشلۇققا يوللاڭ:

http://photobucket.com/

ئېنگىلىزتىلى ئۈگىنەمسىز؟www.tilhumar.biz

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:45:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆمەرجان پالۋاننىڭ ھۈنەرلىرىنى مەن كىچىكىمدە كۆرگەن، بەك تالانتلىق

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:49:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆمەرجان پالۋاننىڭ ماھارىتىنى مەن كىچىكىمدە كۆرگەن ، بەك تالانتلىق

gunahmu بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:51:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38661
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4167
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 752 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2012-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:51:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئادەمنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام، سەھنىدە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىمگە رۇخسەت قىلمىساڭلار، سەھنىگە چىقمايمەن دىگەن تەلەپنى قويغان بولاتتىم.

★ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز.!★

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8440
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9134
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1747 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 11:11:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇمجو كەلمەپتۇ -دە ...

مېھىر-مۇھاببەت بولمىسا بېكار!!!!!!!!

ھامان بىر كۈن ئۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34632
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4402
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 837 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2014-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 11:12:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ، مەنمۇ مىق يەپ باقاي . قانداق بولىدىكىن ؟ ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ .

غاپيل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17027
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9468
تۆھپە نۇمۇرى: 723
توردا: 4717 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 11:16:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ،ئاللانىڭ مۆجىزىلىرىدە

ئۆزىڭىزنىڭ بۇدۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىز لابىلىپ ئۆتۈپ كەتمەڭ

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 11:17:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
umarjan hakiki palwan ,u shquanda yar tawriganda  1.500000yani ) bir yerim milyun yuan iana kilgan

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش