ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن نەق پۇل ئېلىشتا بىخەتەرلىك جەھەتتە دىققەت قىلىش تېگىشلىك بىرنەچچە نۇقتا ھەققىدە
ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان بانكا كارتىسىنى بىخەتەر جايغا قويۇڭ، ئۇنىڭ قاتلىنىپ، بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ. شەخسىي مەخپىي نومۇرىڭىزنى ئېسىڭىزدە مەھكەم ساقلاڭ. ئەگەر مەخپىي نومۇرنى يېزىپ ساقلاپ قويۇشقا توغرا كەلسە، يازغان مەخپىي نومۇرىڭىزنى ھەرگىز پورتمالىڭىزغا سېلىۋالماڭ ياكى بانكا كارتىسى بىلەن بىرگە قويماڭ. بانكا كارتىسىغا مەخپىي نومۇر ئورنىتىشتا ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى، تۇغۇلغان كۈنىڭىز ياكى تېلېفۇن نومۇرىڭىزغا ئوخشاش باشقىلار ئاسان بىلىۋالىدىغان رەقەم ۋە ھەرىپلەرنى ئىشلەتمەڭ.
كارتا تارقاتقان بانكىنىڭ جىددىي مۇلازىمەت تېلېفۇن نومۇرىنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ، بۇنداق بولغاندا مۇبادا كارتىنى يۈتتۈرۈپ قويسىڭىز، كارتىنىڭ يۈتكەنلىكىنى تېزلىكتە مەلۇم قىلىپ، تولۇقلاپ كارتا بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا قولايلىق بولىدۇ. سىرتقا ساياھەتكە چىققاندا، پەقەت بىرلا بانكا كارتىسىنى ئىشلىتىڭ، ھەمدە ئۇنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئېسىڭىزدە مەھكەم ساقلاڭ. مۇبادا كارتىڭىز يۈتۈپ كەتسە، دەرھال كارتا تارقاتقان بانكىغا ئۇقتۇرۇش قىلىۋېتىڭ.
ھەر قېتىم ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن نەق پۇل ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، كارتىڭىزنى چىقىرىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن نەق پۇل ئالغاندا تالۇننى ئېلىۋېلىپ، ساقلاپ قويۇڭ. بۇ ھەر قېتىملىق پۇل ئېلىشتىن خاتىرە قالدۇرۇشقا، ھېساباتنى سېلىشتۇرۇشقا، بانكا كارتىسىنى باشقىلارنىڭ ئوغۇرلۇقچە ئىشلىتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
تاسسادىپىي ئەھۋاللاردا، ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى بانكا كارتىسىنى يۇتىۋېلىپ، قايتۇرۇپ چىقىرىۋېلىش مۇمكىن بولمىسا، باشقىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەملىشىش تەكلىۋىنى رەت قىلىڭ، چۈنكى بەزى قارا نېيەت كىشىلەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىزنىڭ مەخپىي نومۇرىڭىزنى بېلىۋېلىشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا سىز كارتا تارقاتقان بانكىنىڭ مۇئامىلىدارلار قىزىق لىنىيىلىك تېلېفۇنىغا تېلېفۇن بېرىڭ ياكى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى جايلاشقان ئورۇندىكى تارماق بانكىغا كىرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىڭ.
مەنبەسى : شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى .
http://uygur.xjbs.com.cn/7466/2012/10/17/1350@450035.htm