مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4689|ئىنكاس: 47

پۇل خاتا ئۇرۇلدى،قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 878
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13942
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7245 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 02:50:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
باياتىن بىر تۇققىنىمىز تېلفۇن قىپتۇ ، دېيىشىچە ئۈرۈمچىدىكى بىر دۇككاندىن مال ئالماقچى ئىكەنتۇق. (ئۇ دۇككاندىن  مال ئېلىۋاتقىلى خېلى بولغان ئىكەن) دۇككاندارنىڭ كارتىسىغا پۇل سېلىپ بەرمەكچى بولۇپ تېلفۇن قىلىپ قايسى كارتىغا سېلىشىنى سوراپتۇ. دۇككاندار ئۇچۇر ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرمەكچى بوپتۇ. ئۇ تۇققىنىمىز تېلفۇننى قويۇپ ئازراق بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قىسقا ئۇچۇر كەپتۇ، قىسقا ئۇچۇردا پۇلنى مۇشۇ كارتىغا سېلىشىنى ئېيتقان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇققىنىمىز بېرىپ پۇلنى سېلىپ تۇرىشىغا مال ئېلىۋاتقان دۇككانداردىن قىسقا ئۇچۇر كېلىپتۇ قىسقا ئۇچۇردا بانكا كارتا نومۇرى ۋە ئىسمى بار ئىكەن. كەينىدىن ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلسا پۇل كىرمىگەنلىكىنى ئېيىتىپتۇ... تەكشۈرسەك باشتىكى كارتا ۋە تېلفۇن نومۇر ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ ئىكەن. باشتا قىسقا ئۇچۇر كەلگەن تېلفۇنغا تېلفۇن قىلساق ئېتىك، بانكا ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسەك پۇل سالغان كارتىمۇ ھېساۋاتنى ئېتىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىپ قويدۇق.
چۈشەنمىگىنىم قىسقا ئۇچۇرنى ئەۋەتكەن ئالدامچى قانداق بولۇپ بىزنىڭ پۇل سالىدىغانلىقىمىزنى بېلىپ قالدى ؟ ئۇلار پەقەت تېلفۇن ئارقىلىقلا سۆزلەشكەن ھېچقانداق قىسقا ئۇچۇر يېزىشمىغان، بىراق تېلفۇندىكى دېئالوگ خەنزۇچە بولغان، چۈنكى قارشى تەرەپ خەنزۇ...  سالغان پۇل خېلى كۆپ ئېدى.
سورايدىغىنىم  بىز يەنە قانداق قىلساق بولىدۇ؟
  يەنە تورداشلارنىڭ بۇ خىل ئالدامچىلىقتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-1 04:08 PM  


ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 601
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 03:59:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە شۇ دۇكاندار بىلەن ئالدامچىلار بىردەك ھېس قىلدىم.

دۇكاندارنىڭ تېلېفون خاتىرسىنى سۈرۈشتە قىلىپ باقسىڭىز قانداق، ئۇنىڭ تېلېفون خاتىرسىدە ئالدامچىلارنىڭ تېلېفون نۇمۇرى تەۋەلىكىدىكى رايۇنلارغا ئۇرۇلغان تېلېفون خاتىرسى بارمۇ-يوق؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MiRul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-1 04:00 PM  


كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 878
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13942
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7245 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 04:00:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MiRul يوللىغان ۋاقتى  2012-11-1 03:59 PM
مېنىڭچە شۇ دۇكاندار بىلەن ئالدامچىلار بىردەك ھېس قىلد ...


ئۇلاردىن مال ئېلىۋاتقىلى 2-3 يىل بولغان ، ھېچقاچان بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان ئىدى...
بولىدۇ  بۇنىمۇ ئويلىشىپ باقايلى ، رەھمەت سىزگە ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   narkos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-1 04:01 PM  


ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

جاپا ئىچىدە ھالاۋەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 1042
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9170
تۆھپە نۇمۇرى: 753
توردا: 4879 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 04:01:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچىمۇ شۇنداق . تەپىسلاتىنى تېخىدىنمۇ سۈرۈتىرىڭە ، بۇرۇنقى شۇ كارتىغا پۇل سالغانمۇ قانداق .كىملەر پۇل سالغان . دېگەندەك تەپسىلى تەكشۇرسە بولىدۇ .

ئەجىرگە تۇشلۇق نەتىجە چىقىدۇ .

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 601
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 04:01:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلېفون خاتىرسىنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىڭ.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17735
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 04:13:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدامچىلار يوللىغان ئۇچۇر بىلەن ھەقىقىي سودا قىلغۇچى يوللىغان ئۇچۇر  بىللە  كېلىپتۇ  .  شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بىرىدۇ   .
بانكا تەرەپ بۇ ئىشقا مەسئۇل بولمايدۇ   .   ساقچى تەرەپ  بۇ ئىش ئۈچۈن ھەركەت قىلمايدۇ   .
ئەشۇ ئالدامچىلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇتۇلۇپ  ، ئىخرار قىلسا  ، قايتۇرغۇدەك  پۇل بولسا  ، سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنى قايتۇرۇپ ئېلىشتىن  ئۈمۈت  بار   .
ئالدامچىلار تۇتۇلۇپ پۇل بولمىسا   ،  زىياننىڭ بولغىنى بولغان   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17735
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 04:19:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلاردا  ، ئالدامچىلار تور بانكىسى كەسپىنى ئاچقان بولۇدۇ  ، باشقىلار يوللىغان پۇلنى  ، كارتا ھەم  تور بانكىسى ئارقىلىق ئاللىقاچان ئېلىپ بولدى  .
تېلىپۇن خاتىرىسى  ، ئۇچۇر      ، پۇل سېلىش ، بانكا كارتىسى  ،   بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۈرۈشتۈرگەننىڭ پايدىسى  يوق  .
سىلەر ساقچىغا ئەنزە مەلۇم قىلىپسىلەر  ، ئەمدى  ،  سىلەرنىڭ قىلىدىغىنىڭلار  ،  خەلق  ساقچىلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن قىلغان خىزمەت نەتىجىسىنى  كۈتۈش   ............................



قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14916
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6087 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 04:24:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ماڭىمۇ دادا مەن ھازىر ساقچىدا ما ساقچىغا پۇل سىلىپ بىرىڭلار ، چىققاندىن كىيىن  بىرگەپ بولسۇن ، يەنە پۇل ما كارتىغا سىلىڭ دەيدىغاندەك ئۇچۇر كىلىدۇ . لىكىن مەن قەتئىي ئىشەنمەيمەن .
  قارىغاندا مۇشۇنداق ئالدامچى ئۇچۇرنىڭ قۇربانى بولغان ئوخشايسىلەر .

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17735
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 04:27:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
              بانكا كارتىسى ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەدبىرلەر

           مۇھەممەد تۇراپ


بانكا كارتىسى پۇل ئامانەت كارتىسى ۋە ئىناۋەتلىك كارتا، دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. پۇل ئامانەت كارتىسىدا ئاۋۋال پۇل قويۇپ، ئاندىن ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئۇ پۇل قويۇش، پۇل ئېلىش ۋە چىقىم راسچوتى قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، پۇلنى قالدۇقتىن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلغىلى بولمايدۇ. ئىناۋەتلىك كارتىدا پۇل ئامانەت كارتىسىنىڭ ئىقتىدارى بولغاندىن سىرت، كارتىدىكى پۇلغا قەرەلسىز ئامانەت پۇل ئۆسۈم نورمىسى بويىچە ئۆسۈم بېرىلىدۇ، بانكا كارتا ئىگىسىگە مەلۇم ئىناۋەت سومما چەكلىمىسى بەلگىلەپ بېرىلىدۇ، كارتا ئىگىسى ئىناۋەت سومما چەكلىمىسى ئىچىدە ئاۋۋال ئىستېمال قىلىپ ئاندىن پۇل قايتۇرىدۇ، ئەمما قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن مەزگىلنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلەيدۇ.

ئېلىمىزدە بانكا كارتىسى كەسپىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، بانكا كارتىسى ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان  بولدى. ئەمما بانكا كارتىسى ئىستېمالچىلارنىڭ چىقىم راسچوت ئېھتىياجىغا  قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، بەزىلەرنىڭ ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. شۇڭا بانكا كارتىسى ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئورۇنسىز زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. بانكا كارتىسى بىلەن پىششىق تونۇشۇڭ. كارتا بېجىرگەن بانكىنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونى، شۇ بانكىنىڭ تور بېكىتى، بانكا بەلگىلەپ بەرگەن ئىناۋەتلىك سومما ئۆلچىمى ۋە يېقىنقى مەزگىللىك ئىستېمال ئەھۋالىڭىزنى بىلىپ تۇرۇڭ، ئەگەر گۇمانلىق ئەھۋالنى بايقىسىڭىز كارتا تارقاتقان بانكىنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىڭ ياكى بانكا تىجارەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈڭ. باشقىلارغا كىملىك نومۇرىڭىز ۋە بانكا كارتا نومۇرىڭىزنى ئاشكارىلىماڭ.

2. قىسقا ئۇچۇر  كەسپىنى بېجىرىڭ. بانكا كارتىسى بېجىرگەندە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەرلەندۈرۈش كەسپىنى ئاچقۇزۇپ، يان تېلېفون نومۇرىڭىز ئۆزگەرگەندە بانكىنى ئۆزگەرگەن ئالاقىلىشىش نومۇرىڭىز بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەڭ.

3. بانكا كارتىسى بىلەن كىملىكنى بىللە ساقلىماڭ. كىملىك بىلەن بانكا كارتىسى تەڭلا يىتتۈپ كەتسە مەبلەغنىڭ زىيانغا ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا بانكا كارتىسى بىلەن كىملىكنى بىللە ساقلىماسلىق كېرەك. ناۋادا بانكا كارتىسى ۋە كىملىك يىتتۈپ كەتسە ياكى ئوغرىلانسا دەرھال بانكىغا مەلۇم قىلسىڭىز كۈتۈلمىگەن زىياندىن ساقلىنالايسىز.

4. بانكا كارتىسىدىن ئىستېمال قىلغاندا ئالاھىدە ھوشيار بولۇڭ. كۆپ ساندىكى بانكا كارتىسى ئالدامچىلىقى ئىستېمال ھالقىسىدا كۆرۈلىدۇ. نۆۋەتتە ئېلىمىزدە بانكىلار بىرلەشمىسىنىڭ پوسىجىلىرى ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، كارتا سىيرىشتىن بۇرۇن بۇ پوسىجىنىڭ بانكا بىرلەشمىسىنىڭ پوسىجىسى ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئاندىن  پۇل تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ پۇل سىيرىش قېتىم سانىغا، ئەتراپتا گۇمانلىق ئادەملەرنىڭ بار - يوقلۇقىغا دىققەت قىلىپ، مەخپىي نومۇر ۋە كارتىنىڭ يىتتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تاپشۇرۇپ ئالغان كارتىنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ كارتىسى ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، بانكا  تارقاتقان قىسقا ئۇچۇرغا ئاساسەن پۇل قالدۇقىنى تەكشۈرۈڭ.

5. ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇدىن پۇل ئالغاندا ئەتراپقا دىققەت قىلىڭ. ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇدىن پۇل ئالغاندا ئەتراپتا گۇمانلىق ئادەملەرنىڭ بار - يوقلۇقىغا دىققەت قىلىپ، مەخپىي نومۇر كىرگۈزگەندە قولىڭىز بىلەن توسۇۋېلىڭ. پۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن پۇل ئېلىش قەغىزىنى خالىغانچە تاشلىۋېتىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ پۇل ئېلىش قەغىزىدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ بانكا كارتىڭىزنى تەقلىد قىلىپ ياسىتىۋېلىشىدىن ساقلىنىڭ.

6.  بانكا ئەۋەتكەن ھېساب تالونىنى ياخشى ساقلاڭ. بانكا كارتىڭىزدىكى پۇلنىڭ  قالدۇقى بىلەن بانكا ئەۋەتكەن ھېساب سېلىشتۇرۇش تالونىدىكى پۇل قالدۇقىنى سېلىشتۇرۇڭ، ئەگەر مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئىستېمال ئەھۋالى بايقالسا، دەرھال بانكا بىلەن ئالاقىلىشىپ، بانكا كارتىڭىزنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسىلىشى ياكى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

7. يان تېلېفوندىكى قىسقا ئۇچۇلارغا يېنىكلىك بىلەن ئىشىنىپ قالماڭ. ئەگەر يېقىنقى مەزگىلدە كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلمىسىڭىز، ھېسابتىكى ئىستېمالىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرىغا ئىشەنمەڭ ھەم قىسقا ئۇچۇردىكى مەسلىھەت بېرىش تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلماڭ، ئەگەر گۇمانلانسىڭىز قىسقا ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن بانكىنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونى ياكى تىجارەت زالىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ.

8. تور بانكىسىغا چىققاندا ئېھتىيات قىلىڭ. تور بانكىسىغا چىقىشتىن بۇرۇن، كومپيۇتېرىڭىزغا ۋىرۇس تازىلىغۇچى دېتال، تور بانكىسىنى كونترول قىلىدىغان بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسى قاچىلاڭ، تور بانكا بېكىتىگە چىقىدىغاندا، شۇ تور بېكەتنىڭ تور بانكىسىنىڭ بېكىتى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن چىقىڭ.

9. بانكىلارنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونىنى  بىلىۋېلىڭ. بانكا بىلەن ئالاقىلىشىشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن،  بانكىلارنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن  ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونىنى بىلىۋېلىڭ. سودا -  سانائەت بانكىسى 95588؛ يېزا ئىگىلىك بانكىسى 95599؛ جۇڭگو بانكىسى 95566؛ قۇرۇلۇش بانكىسى 95533؛ قاتناش بانكىسى 95559؛ سودىگەر چاقىرىش بانكىسى 95555؛ خۇاشيا بانكىسى95577؛ پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى 95528؛ گۈللەندۈرۈش بانكىسى 95561؛ شەرقىي ئاسىيا بانكىسى  8008303811؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا بانكىسى 96518؛ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپ بىرلەشمىسى 0991-2356708؛ پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى 95580.




https://uyghur-archive.com/misranim/thread-85937-1-1.html



قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13188
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 05:10:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش