بانكا كارتىسى ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەدبىرلەر
مۇھەممەد تۇراپ
بانكا كارتىسى پۇل ئامانەت كارتىسى ۋە ئىناۋەتلىك كارتا، دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. پۇل ئامانەت كارتىسىدا ئاۋۋال پۇل قويۇپ، ئاندىن ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئۇ پۇل قويۇش، پۇل ئېلىش ۋە چىقىم راسچوتى قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، پۇلنى قالدۇقتىن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلغىلى بولمايدۇ. ئىناۋەتلىك كارتىدا پۇل ئامانەت كارتىسىنىڭ ئىقتىدارى بولغاندىن سىرت، كارتىدىكى پۇلغا قەرەلسىز ئامانەت پۇل ئۆسۈم نورمىسى بويىچە ئۆسۈم بېرىلىدۇ، بانكا كارتا ئىگىسىگە مەلۇم ئىناۋەت سومما چەكلىمىسى بەلگىلەپ بېرىلىدۇ، كارتا ئىگىسى ئىناۋەت سومما چەكلىمىسى ئىچىدە ئاۋۋال ئىستېمال قىلىپ ئاندىن پۇل قايتۇرىدۇ، ئەمما قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن مەزگىلنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلەيدۇ.
ئېلىمىزدە بانكا كارتىسى كەسپىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، بانكا كارتىسى ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بولدى. ئەمما بانكا كارتىسى ئىستېمالچىلارنىڭ چىقىم راسچوت ئېھتىياجىغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، بەزىلەرنىڭ ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. شۇڭا بانكا كارتىسى ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئورۇنسىز زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. بانكا كارتىسى بىلەن پىششىق تونۇشۇڭ. كارتا بېجىرگەن بانكىنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونى، شۇ بانكىنىڭ تور بېكىتى، بانكا بەلگىلەپ بەرگەن ئىناۋەتلىك سومما ئۆلچىمى ۋە يېقىنقى مەزگىللىك ئىستېمال ئەھۋالىڭىزنى بىلىپ تۇرۇڭ، ئەگەر گۇمانلىق ئەھۋالنى بايقىسىڭىز كارتا تارقاتقان بانكىنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىڭ ياكى بانكا تىجارەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈڭ. باشقىلارغا كىملىك نومۇرىڭىز ۋە بانكا كارتا نومۇرىڭىزنى ئاشكارىلىماڭ.
2. قىسقا ئۇچۇر كەسپىنى بېجىرىڭ. بانكا كارتىسى بېجىرگەندە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەرلەندۈرۈش كەسپىنى ئاچقۇزۇپ، يان تېلېفون نومۇرىڭىز ئۆزگەرگەندە بانكىنى ئۆزگەرگەن ئالاقىلىشىش نومۇرىڭىز بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەڭ.
3. بانكا كارتىسى بىلەن كىملىكنى بىللە ساقلىماڭ. كىملىك بىلەن بانكا كارتىسى تەڭلا يىتتۈپ كەتسە مەبلەغنىڭ زىيانغا ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا بانكا كارتىسى بىلەن كىملىكنى بىللە ساقلىماسلىق كېرەك. ناۋادا بانكا كارتىسى ۋە كىملىك يىتتۈپ كەتسە ياكى ئوغرىلانسا دەرھال بانكىغا مەلۇم قىلسىڭىز كۈتۈلمىگەن زىياندىن ساقلىنالايسىز.
4. بانكا كارتىسىدىن ئىستېمال قىلغاندا ئالاھىدە ھوشيار بولۇڭ. كۆپ ساندىكى بانكا كارتىسى ئالدامچىلىقى ئىستېمال ھالقىسىدا كۆرۈلىدۇ. نۆۋەتتە ئېلىمىزدە بانكىلار بىرلەشمىسىنىڭ پوسىجىلىرى ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، كارتا سىيرىشتىن بۇرۇن بۇ پوسىجىنىڭ بانكا بىرلەشمىسىنىڭ پوسىجىسى ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئاندىن پۇل تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ پۇل سىيرىش قېتىم سانىغا، ئەتراپتا گۇمانلىق ئادەملەرنىڭ بار - يوقلۇقىغا دىققەت قىلىپ، مەخپىي نومۇر ۋە كارتىنىڭ يىتتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تاپشۇرۇپ ئالغان كارتىنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ كارتىسى ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، بانكا تارقاتقان قىسقا ئۇچۇرغا ئاساسەن پۇل قالدۇقىنى تەكشۈرۈڭ.
5. ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇدىن پۇل ئالغاندا ئەتراپقا دىققەت قىلىڭ. ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇدىن پۇل ئالغاندا ئەتراپتا گۇمانلىق ئادەملەرنىڭ بار - يوقلۇقىغا دىققەت قىلىپ، مەخپىي نومۇر كىرگۈزگەندە قولىڭىز بىلەن توسۇۋېلىڭ. پۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن پۇل ئېلىش قەغىزىنى خالىغانچە تاشلىۋېتىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ پۇل ئېلىش قەغىزىدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ بانكا كارتىڭىزنى تەقلىد قىلىپ ياسىتىۋېلىشىدىن ساقلىنىڭ.
6. بانكا ئەۋەتكەن ھېساب تالونىنى ياخشى ساقلاڭ. بانكا كارتىڭىزدىكى پۇلنىڭ قالدۇقى بىلەن بانكا ئەۋەتكەن ھېساب سېلىشتۇرۇش تالونىدىكى پۇل قالدۇقىنى سېلىشتۇرۇڭ، ئەگەر مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئىستېمال ئەھۋالى بايقالسا، دەرھال بانكا بىلەن ئالاقىلىشىپ، بانكا كارتىڭىزنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسىلىشى ياكى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.
7. يان تېلېفوندىكى قىسقا ئۇچۇلارغا يېنىكلىك بىلەن ئىشىنىپ قالماڭ. ئەگەر يېقىنقى مەزگىلدە كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلمىسىڭىز، ھېسابتىكى ئىستېمالىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرىغا ئىشەنمەڭ ھەم قىسقا ئۇچۇردىكى مەسلىھەت بېرىش تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلماڭ، ئەگەر گۇمانلانسىڭىز قىسقا ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن بانكىنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونى ياكى تىجارەت زالىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ.
8. تور بانكىسىغا چىققاندا ئېھتىيات قىلىڭ. تور بانكىسىغا چىقىشتىن بۇرۇن، كومپيۇتېرىڭىزغا ۋىرۇس تازىلىغۇچى دېتال، تور بانكىسىنى كونترول قىلىدىغان بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسى قاچىلاڭ، تور بانكا بېكىتىگە چىقىدىغاندا، شۇ تور بېكەتنىڭ تور بانكىسىنىڭ بېكىتى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن چىقىڭ.
9. بانكىلارنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونىنى بىلىۋېلىڭ. بانكا بىلەن ئالاقىلىشىشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بانكىلارنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونىنى بىلىۋېلىڭ. سودا - سانائەت بانكىسى 95588؛ يېزا ئىگىلىك بانكىسى 95599؛ جۇڭگو بانكىسى 95566؛ قۇرۇلۇش بانكىسى 95533؛ قاتناش بانكىسى 95559؛ سودىگەر چاقىرىش بانكىسى 95555؛ خۇاشيا بانكىسى95577؛ پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى 95528؛ گۈللەندۈرۈش بانكىسى 95561؛ شەرقىي ئاسىيا بانكىسى 8008303811؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا بانكىسى 96518؛ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپ بىرلەشمىسى 0991-2356708؛ پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى 95580.
مەنبە : جۇڭگو رادىئو تورى شىنجاڭ تارماق تورى
http://www.radioxj.com/n16278c25.aspx