|
|
|
|
يۈرىكىمدە باشقا ئوت بار (2-بۆلۈمى)
مۇقەددىمە
مارىيە ئۈچ يىللىق توختامنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خوجايىننىڭ ‹يەنە ئىشلەپ قېلىڭ، مائاشىڭىزنى سىز رازى بولغىدەك دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ بېرەي› دەپ يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ پىسەنت قىلماي ‹يۇرتۇم› بىلەن خوشلاشماقچى بولدى.ئۇ ئۈچ يىلدىن بىرى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك، پۈتۈن جاھان مۇشۇ ‹يۇرتۇم› دېگەندەكلا ياشىغان ئىدى، ئۇ ئۈچ يىلدىن بىرى خوجايىننىڭ پۇت-قۇلى بولۇپ، تىز تاماقخانىنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى بىر قوللۇق ئىشلەشتىن باشقا يەنە، خۇجايىن ئۈچۈن بىر نەچچە تايانچ مالىيە خادىمى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن ئىدى. مارىيە بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاشپەز ئۇستاملارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، 20 خىلغا يېقىن ئىسىىق-سوغۇق سەي، پىچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشتەك نۇرغۇنلىغان ھۈنەرلەرنى ئۈگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇ بۇ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر چىقىش يولى تېپىپ بېرىدىغانلىقىغا تاغدەك ئىشىنەتتى .
مانا ئەمدى ئۈچ يىلدىن بىرى ھەممە جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىپ ئۇچۇرما بولۇش ئالدىدا تۇرغان بۇ ناتىۋان قىز ‹يۇرتۇم›نىڭ ئالىي دەرىجىلىك ياتىقىدا ئاخىرقى كىچىنى خىيال بىلەن يالغۇز ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.
نىمىشىقكىن تاڭ، ئۈچ يىلدىن بىرى ئۇنىڭ خىيال ئىكرانىدا پەقەت كۆرەشلا بار ئىدى، ئۇنىڭ بىر كۆزى ئۈرۈمچىدە بولسا، يەنە بىر كۆزى جەنۇپتا-كۆرەشنىڭ يېنىدا ئىدى، ئۇنىڭ بىر قۇلىقى ‹يۇرتۇم› ئۈچۈن ئىشلىسە، يەنە بىر قۇلىقى كۆرەشنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى جاپا- مۇشەققەتلىرى،شۇنداقلا ئائىلە-نىكاھ ئىشلىرىنى تىڭتىڭلاش بىلەن ئۆتكەن ئىدى.
‹‹ كۆرەش ھەقىقتەتەن ئىسىل يىگىت، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىش ئالدىدا مەندەك بەخىتسىز قىزنىڭ يەنە كوچىدا قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، توختام ۋاقتى توشقىچە مېنى ئىشتىن بوشىتىۋەتمەسلىك، بۇ ئالىي ياتاقنى مەندىن تارتىۋالماسلىق ھەققىدە خۇجايىندىن ۋەدە ئالدى.››
‹‹ ئۆز ۋاقتىدا مەرداننىڭ كەينىگە كىرىۋالمىغان بولساممۇ بوپتىكەن، ھەممىسى مېنىڭ ھاماقەتلىكىم، شۇ چاغدا ئەجەپمۇ دۆت ئىكەنمەن، مەردانسىزمۇ گۈلدەك ياشىغىلى بولدىكەنغۇ مانا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش نېمە دېگەن راھەت-ھە؟››
‹‹ ھەي، مېھرىگۈل، ھەي مېھرىگۈل! ئەگەر بالام چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا، بۇ چاغقىچە تىلىمۇ چىقىپ بولاتتى، ئۇ‹ ئاپا، ئاپا› دەپ مېنى چاقىرسا، بۇنچە يالغۇزلۇق تارتماس بولغىيتىم، بىچارە بالامنىڭ بۇنچىلىك قەدرىنىڭ ئۆتۈلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام كاشكى!››
‹‹ كۆرەش، نەدىسەن، سېنىڭ مەرزىيە بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشىڭ مېنىڭ ئۇزۇندىن بىرى توختام سۇدەك تىنچ تۇرغان كۆڭلۈمنىڭ ئارامىنى بۇزدى، يېرىم يىلدىن بۇيان تولا ئويلىنىپ ئاخىرى يەنە بىر قېتىم تەلەي سىناپ بېقىش قارارىغا كەلدىم، ئاللا خالىسا ئەتىلا سېنىڭ يېنىڭغا قاراپ ئۇچىمەن، سەن بۇ كۈنلەردە دوستلىرىڭ بىلەن قوشۇلۇپ كاتتا ئادەم بولۇپ كەتتىڭ، مېنى قارشى ئالارسەنمۇ؟ مەرزىيە ساڭا بېرەلمىگەن بەخىتنى مەن بېرەلەرمەنمۇ؟ ھەي،تازا ئىشەنچىم يوق...››
مارىيە مۇشۇنداق باش-ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن ئۇخلاپ قالدى.
داۋامى بار.
مەنبە: ئۆزۈم (روزىمۇھەممەت ئىرپان)
ئەسكەرتىش:بۇ تېمىنىڭ داۋامى ئىنكاس شەكلىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ تېما ھەم ئالدىنقى قېتىمقى بۆلۈمىنىڭ ئايرىم ئۇلىنىش بېتى چىقىرىپ قويۇلدى.قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن تېمىنى باشتىن -ئاياق كۆرمەكچى بولغان دوستلارنىڭ تۆۋەندە قالدۇرۇپ قويغان ئۇلىنىش بويىنچە كىرسە، ئاپتۇرنىڭ يۇقۇرقى تېمىسىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى بىۋاستە كۆرەلەيدۇ.
شورۇق:‹‹يۈرىكىمدە باشقا ئوت بار››1-بۆلۈم
شورۇق:‹‹يۈرۈكىمدە باشقا ئوت بار››2-بۆلۈم
-باشقۇرغۇچىدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-14 09:59 PM
|
|
|
|
|
|