مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 50447|ئىنكاس: 470

يۈرىكىمدە باشقا ئوت بار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 03:49:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                         يۈرىكىمدە باشقا ئوت بار



  دوستلار، قەلبىمدە بىر نازۇك تىۋىش بار، كۈندە مۇھەببەت دەپ نالە قىلىدىغان؛ يۈرىكىمدە بىرئارمان بار، ئەتە ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا ئۈندەپ، جىم تۇرغۇزمايدىغان؛ۋۇجۇدۇمدا بىر ھەسرەت بار، قېرىنداشلىرىمنىڭ ھالىدىن يەتكۈچە تەشۋىشلىنىدىغان؛ كىچىلىرىمدە بىر ھىكىمەت بار، تەپەككۇر دېڭىزىدا ئۈزۈپ يۈرۈپ ئۇخلاتمايدىغان؛ھاياتىمدا بىر مەنا بار، ئەزىزلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئەرزىيدىغان…

  بۇگۇندىن باشلاپ < يۈرىكىمدە باشقا ئوت بار> ناملىق بۇ ئەسىرىم دىققىتىڭلاردا بولىدۇ، ئەسەرنىڭ ھەجىمى كۆپرەك،  ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ تۇرىمەن. ئايىغى چىقماس داۋامى بار ئەسەرلەردىن زىرىككەنسىلەرمۇ ئەمدى، ئەڭ ياخشىسى، زىرىكىپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى مېنىڭ ئەسەرنىڭ ھەممىنى بىراقلا يېزىپ يوللىغىدەك شارائىتىم يوق،  ئەمسە باشلاپ كەتتىم.


                                              مۇقەددىمە


ھەممە ئادەمنىڭ ئەڭ غەمسىز، ئەڭ تاتلىق، ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز چاغلىرى بولىدۇ، بەزىلەر ئۆزىىڭ بالىلىق چاغلىرىنى شىرىن-ھېسلارغا چۈمگەن ھالدا ئەسلەپ كەتسە، بەزىلەر پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە، شاس-خۇراملىق بىلەن قىيا-چىيا قىلىشىپ ئۆتكۈزگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئەسلەيدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن خەۋىرىنى ئاڭلىغان كۈنىنى داۋاملىق  سېغىنىش ئىچىدە تىلغا ئېلىشىدۇ، مەن بەكرەك تەلەيلىكمۇ قانداق، شۇنداق تاتلىق بالىلىق ئەسلىمىلىرىم، ئانامنىڭ كەينىدە پىلتىڭلاپ يۈرۈپ، ئانام بىلەن  ئامراق ئوغلىقىم ئۈچۈن ئوت ئېلىشلىرىم، ئىلىپپەنى تۈگىتىپ، ساۋادىم چىققان كۈنى دادامنىڭ مىھرى بىلەن پىشانەمگە سۆيۈپ قويغىنىغا قارىغاندا، ئېلىپ بەرگەن خوراز كەمپۈتنى بەكرەك ئەسلەيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىم،تورمۇزىنىڭ تايىنى يوق ئەسكى ۋېلسىپىتنى ئۇچقاندەك سۈرۈپ كوچىنى بىر ئېلىپ، قىز-ئوغۇللار دەپ ئايرىماي، بىر-بىرىمىزنى قوغلىشىپ ئويناپ يۈرۈيدىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتلىرىمىز...

مەن ھەقىقەتەن بەخىتلىك، بالىلىقىم، ئۆسمۈر چاغلىرىمنى دائىم، ھەر ۋاقىت تەنلىرىم يايراپ تۇرۇپ سېغىنىمەن، ئەسلەيمەن،ھازىر  كونىراپ كەتكەنلىكتىن  ئۆرۈلۈپ چۈشەيلا دەپ قالغان ئەسكى تاملىقلاردا قورقماي مۈكۈ-مۈكۈلەڭ ئوينالايدىغان بالىلار بولماسلىقى مۇمكىن، لىكىن ئۇ چاغلاردا بەكلا يۈرەكلىك ئىدۇقكى، ھەتتا، بىلەكتەك توملۇقتىكى دەرەخلەرگە چىقىۋىلىپ، ئۇنىڭغا پاقىدەك چاپلىشىۋىلىپ، لىڭشىتىپ ئوينىساق، قورققىنىدىن چىرايى تاترىپ كەتكەن چوڭلار، خۇدا ئۆزەڭ ساقلىغىن، دەپ ياقىلىرىنى چىشلىشەتتى. چوڭلارنىڭ ئورۇنسىز ئەنسىرەشلىرى بىز ئۈچۈن يەنە تاماشا بۇلاتتى،-دە، تېخىمۇ ھەددىمىزدىن ئېشىپ،ئېغىزلىرىمىزنى مايماق قىلىپ، ئۇلارنى دوراپ تىرىكتۈرۈپ،ئۆزىمىزنى قوغلاتقۇزاتتۇق.

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان چاغلىرىم ئىدى، بىر قېتىم مەن ئىككى ئاغىنەم بىلەن مەكتەپتىن يانغاچ بىر باغنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ ئالما ئوغۇرلاۋاتساق، باغنىڭ ئىگىسى بىلىپ قېلىپ بىزنى قوغلاپ كەتتى، بىز دوپپىمىزنىڭ چۈشۈپ قېلىشىغا قارىماي پىتراڭشىپ قېچىشقا باشلىدۇق، شۇ چاغدا ئادەم ئېتى بار ھەرقانداق مەخلۇق بىزگە يېتىشەلمەسلىكى تۇرغانلا گەپ ئىدى، بىراق ئىت دېگەن تۆت پۇتلۇق جانۋار تۇلا قوغلاپ ھېچبىر ھالىمىزنى قويمىدى، ئاخىر ئۈچەيلەن كىيىملىرىمىز تىتىلغان ھالدا ئىتقا تەسلىم بولدۇق. قويدەك يوغان، قۇلاقلىرى دىڭ، شۇ ۋاقىتتا بىز تۆت كۆز دەپ ئاتىۋالىدىغان بۆرە ئىت، ئىگىسى كەلگۈچە بىزگە مىقتەك قادىلىپ تۇردى، بىز قورقۇپ ئىشتىمىزغا چىقىرىۋىتىشكە تاس قالغان بولساقمۇ رەھىمسىز باغۋەن ئۈچىمىزنى ئالدىمىزغا سېلىپ،مەكتەپكە ئېلىپ كەلدى ھەم سىنىپ مۇدىرىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى،سىنىپ مۇدىرىمىز ئايال كىشى بولغاچقا، بىزنىڭ بىچارە ھالىتىمىزنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ قانداق، باغۋەننى چىرايلىق گەپلەر بىلەن يولغا سېلىۋىتىپ،بىزنى ئىشخانىسىغا باشلاپ كىرىپ، ئاۋۋال تەر، تۇپا بىلەن قاپقارا بولۇپ كەتكەن يۈز-قوللىرىمىزنى يۇيۇشىمىزغا ياردەملەشتى، ئاندىن ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن يىرتىلىپ كەتكەن كۆينەكلىرىمىزنى ياماپ بەردى، ئىت تاتىلىۋەتكەن يارىلىرىمىزغا  كىرسىندەك بۇرايدىغان بىر دورىنى سۈرتتى، ئەڭ ئاخىرىدا:

-      باللىرىم، سىلەر ھەرگىزمۇ ئوغرىلىق قىلمىدىڭلار، ئازراق شوخلۇق قىلىپ قۇيۇپسىلەر، شۇ، لېكىن شوخلۇق قىلىدىغان سورۇننى خاتا تاللاپسىلەر، بولدى سىلەرگە ئارتۇق گەپ قىلماي، بۇ قاملاشمىغان شوخلۇقىڭلارغا قارتا، يېتەرلىك جازاسىنى تارتىپ بولدۇڭلار، بۇنىىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىسىلەرغۇ،-ھە  ماڭا ۋەدە بېرىڭلار، ئۇماق باللىرىم!

-      بىز بېشىمىزنى لىڭشىتتۇق، سىنىپ مۇدىرىمىز بىر-بىرلەپ پىشانىمىزگە سۈيۈپ قويۇپ بىزنى ئۇزۇتۇپ قويدى.

سىنىپ مۇدىرىمىز بىزنى ئۇرغان، تىللىغان بولسا قانداق بولاتتىكىن،تاڭ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ بىزگە ئانىمىزدەك مىھرىبانلىق كۆرسىتىشى، پىشانىمىزگە نۇقۇشنىڭ ئورنىدا ،ئىللىق نەپەسلىرى بىلەن سۆيۈشلىرى بىزنى تاياق يىگەندىنمۇ، ئاچچىق تىل ئاڭلىغاندىمۇ ئارتۇق خىجىل قىلىۋەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئەدەبسىزلىككە ياتىدىغان بىر ئېغىز گەپ قىلىشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدۇق.

قاچانلاردا رۇمان ئوقۇشقا كىرىشىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بەك كۆپ رومان ئوقۇغانلىقىم سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئۆزەمنى باشقا ساۋاقداشلىرىمغا قارىغاندا نەچچە ياش چوڭدەك ھېس قىلىدىغان، قىز ساۋاقداشلىرىمغا ئىلگىرىكىدەك غەرەزسىز قارىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ چاغلاردا سىنىپىمىزدىكى قىزلار رەڭ تۈزەشكە باشلىغان بولۇپ،  ئاللاقاچان ئوغوللارغا  سىرلىق قاراشنى ئۈگىنۋالغان، نۇرغۇن قىزلار بىر يەرگە توپلىشىۋىلىپ، ئوغوللارنى باھالايدىغان، سەل چىرايلىق قىزلارنى، سىنىپمىزدىكى دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا چاپلاپ ئوينايدىغان قىلىقنى چىقىرىۋالغان ئىدى. سىنىپىمىزنىڭ ئۈگىنىش باشلىقى، مېھرىگۈل ئىسىملىك قاراقۇمچاق، ئوماققىنە بىر قىز بولۇپ، سىنىپىمىزدىكى ئەڭ ئەلاچى قىزلارنىڭ بىرى ئىدى، ئۇقۇتقۇچى سورىغان سۇئاللارغا كىچىككىنە قوللىرىنى ئوينىتىپ، ئىنچىكە قاشلىرىنى ئېتىپ، بىر جاۋاپ بەرگىلى تۇرسا، ئۇنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىدىن ھەتتا ئوقۇتقۇچىمۇ زوقلانغانلىقىنى يوشۇرۇپ قالالماي، ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىپ كېتەتتى.مەردان ئىسىملىك سىنىپ باشلىقىمىز شوخ، ئويۇنچى بولغان بىلەن كۆپ قىسىم ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە چىققىلى بولمايدىغان چوققا دەپ قارىلىدىغان ماتىماتكا، فىزىكا دېگەن پەنلەرگە ئالامەت ئۇستا ئىدى، بولمىسا ئۇمۇ بىزدەك دېھقان بالىسى ئىدى، ئۇ كىمدىن ئۇدۇم ئالغانكىن،تاڭ، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارمۇ تەرلەپ-تەپچىرەپ تۇتۇپ ئاران ئىشلەيدىغان بەزى قىيىن مەسىلىەرنى ئوقۇتقۇچىدىن بۇرۇن يىشىپ بولاتتى. قىزلار ئۇنىڭ بوي-بەستى بىلەن شوخلىقىغا قىزىقسا، ئوغۇللار ئۇنىڭ ئاپتۇماتتەك ئىشلەيدىغان كاللىسىغا ھەۋەس قىلاتتۇق، ھەتتا سىنىپمىزدىكى بەزى ئوغۇللار مەرداندىن ئەقىللىقراق  بولۇپ چۈشەپ كېتىشەتتى. كېيىنكى كۈنلەردە سىنىپىمىزدىكى بەزى قىزلارنىڭ مېھرىگۈلنى مەردانغا چاپلاپ چاقچاق قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ قېلىپ، ئىچىم زەھەر يەۋالغاندەك ئېچىشىپ كەتتى...


داۋامى بار.

مەنبەسى : ئۆزەم

ئەسكەرتىش ئەسەرلىرىمنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ( روزىمۇھەممەت ئىرپان)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 05:26 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sarvinazim + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9378
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8976
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 1916 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 06:42:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋالىڭىز. ئاللاھ ئۇزى سىزگە مەدەتكار بولسۇن قىرىندىشىم.
ئەمدى ئەسەرلىرڭىزنى سەككىز كۆزىمىز بىلەن كۈتىدىغان كۈن يانا باشلاندى

دەۋر تەقەززاسى - سىزنىڭ تارىخ بۈلىشىڭىزنى ئەمەس ، بەلكى تارىخ يارىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ!!!!!!!1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7418
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1930 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 07:11:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قاچانمۇ چىقار ئەمدى؟  باشتىلا ئاخىرى يوقلىغىنى بىلگەن بولسام ئۇقۇمايلا قۇياتتىم.

ھەممىسى چىققاندا بىراقلا ئۇقۇيتتۇم.

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 07:29:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(1)
مەن سىنىپتىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولمىساممۇ، ھەر ھالدا، پات-پات ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سىنىپىمىزدىكى دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى بارماق بىلەن سانىغان چاغدا ئون بارماقنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالالايتىم.ئۇ چاغلاردا تەبىئىي پەنلەردە ‹ياشىسۇن ئاتمىش!› دېگەن سۆزلەر مودا بولغان بولۇپ، مەن ئۇ مودا سۆزلەرنىڭ سادىق ئىجراچىسى ئىدىم، ئەمەلىيەتتە ئۇ پەنلەردىن ئاتمىش ئالماقمۇ ئانچە ئاسان ئەمەس ئىدى. ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىق پەنلەردە لاپ گەپ ئەمەس سىنىپتىلا ئەمەس، پۈتۈن مەكتەپتە مېنى بېسىپ چۈشكۈدەك ئادەم تېپىلمايتى. ئادەتتە ئىمتىھان ماقالىلىرىدە تولۇق نومۇر ئالالمىسام، چىقىپ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جىدەل قىلىشقا يارايتىم. مېھرىگۈل تەبئىي پەنلەردە مەندىن خېلىلا ياخشى ئىدى، ئۇ قىزمۇ ماڭا ئوخشاشلا رومان ئوقۇشقا ھېرسمەن ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا مەكتىپىمىزنىڭ كۈتۈپخانىسىدىكى كىتاپ ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيدىغانلار جىق ئەمەس ئىدى، كۆپلىگەن رومان كىتاپلارنىڭ كەينىگە چاپلانغان ئارىيەت ئېلىش كارتىسىدا ئالدى بىلەن مېنىڭ ئىسمىم، ئۇنىڭ كەينىدىلا مېھرىگۈلنىڭ ئىسمىنى كۆزگە چېلىقتۇرغىلى بولاتتى. ئۇنى مەردانغا چاپلاپ چاقچاق قىلىدىغان ئىشلار پەيدا بولغاندىن كېيىن، مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىكى كىتابلارنى بىرمۇ بىر ئىزدەپ، مېھرىگۈل مەندىن ئاۋۋال ئارىيەتكە ئېلىپ، ئارىيەت ئالغانلىقى توغرىسىدا ئىمزا قويغان، رۇمان ۋە باشقا كىتابلارنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇيدىغان، ھەتتا ئارىيەت كارتىسىدىكى مېھرىگۈلنىڭ ئىسمى يېزىلغان يېرىگە سائەتلەپ قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭدىن باشقا داۋاملىق مەرداننىڭ كەينىدە يۈرۈيدىغان، ئۇنىڭ مېھرىگۈل بىلەن  يالغۇز ئۇچرىشىپ قېلىشىغا پۇرسەت بەرمەيدىغان بولۇۋالدىم. مەردان ئەزەلدىن ئوچۇق مىجەز، چىقىشقاق بولغاچقا، مېنى تىزلا دوستلار قاتارىدا كۆرۈپ، مەن بىلەن پاراڭلىشىدىغان، ئانچە-مۇنچە چاقچاقلارنى قىلىپ قويىدىغان بولۇپ قالدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزەممۇ بىلىپ بىلمەي مەردان بىلەن يېقىن ئاغىنىلەردىن بولۇپ قالدىم. باشقىلار ئىككىمىزنىڭ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغانلىقىمىزدىن ھەيران بولۇشتى، چۈنكى مەن ئىچ مىجەز، كەمسۆز  ئىدىم، مەردان بولسا، قىزىقىش دائىرىسى كەڭ، پائالىيەتچان يىگىت ئىدى. بىر كۈنى مەردان قوشنا مەكتەپتىكى ئاغىنىلىرى بىلەن تاغقا چىقماقچى بولغانلىقىنى، خالىسام مېنىڭمۇ بىللە بېرىشىمنى ئېيتتى. مەن تاغقا چىقىشنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمىسەممۇ، بىز دوسىت بولغاندىن بىرى مەرداننىڭ ماڭا قويغان تۇنجى تەكلىپى بولغاچقا، رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدىم. شۇنىڭ بىلەن شەنبە كۈنى مەن تەنتەربىيە دەرىسىدە كېيىدىغان كىيىملىرىمنى كېيىپ، ۋېلسىپىتقا مىنىپ، مەردان بىلەن دېيىشكەن يەرگە كەلدىم، ئۇ يەردە مېنى مەرداندىن باشقا يەنە ئۈچ قىز، ئىككى ئوغۇل بالا ساقلاپ تۇراتتى.
-        ئەسسالامۇئەلەيكۈم؟
-        ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
مەن ئوغۇللار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم، ئەسلى سىنىپتىكى قىزلار بىلەن كۆرۈشكەندەك بۇ قىزلار بىلەنمۇ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى ئويلىغان بولساممۇ جۇرئەت قىلالماي، ئۇلار بىلەن ئاغزاكى سالاملاشتىم. مەردان ئاۋۋال مېنى ئۇلارغا تونۇشتۇردى، ئاندىن ئۇلارنى ماڭا بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەرداننىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆرەش دەپ تونۇشتۇرغان ئىگىز، ئورۇق، ئاق سېرىق بالا ئۈرۈمچىكى بىر كەسپى تېخنىكۇم مەكتەپتە ئاشپەزلىك كەسپىدە ئوقۇپ كەلگەن بولۇپ ھازىر بىر ئاشخانىدا ئاشپەزلىك قىلىدىكەن، ئوتتۇرا بوي، يۈزىدە تارتۇق ئىزى بار ئابلىكىم ئىسىملىك يەنە بىر بالا ھازىر خەنزۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە بىز بىلەن بىر قاراردا ئوقۇيدىكەن. مۇنەۋۋەر ئىسملىك كۈلۈپلا تۇرىدىغان، يۈزى ئاناردەك قىزىل، زىلۋا قىز بولسا، شەھرىمىزدىكى يەنە بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىز بىلەن بىر قاراردا ئوقۇيدىكەن، بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان، سەل ھاكاۋۋۇرراق كۆرۈنىدىغان،بويلىرىمۇ ئىگىز، شادا پاچاق ئاينۇر ۋە مەرزىيە ئىسىملىك ئىككى قىز شەھرىمىزدىكى تىببى مەكتەپتە سېستىرالىق كەسپىدە ئوقۇيدىغان بولۇپ، كىلەر يىلى بىز ئالى مەكتەپكە ئېمتىھان بەرگەندە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، جەمىيەتكە چىقىدىكەن، مەردان ئۇزۇنغا سوزۇلغان دوستلارنى تونۇشتۇرۇش نۇتۇقىنى تۆۋەندىكىدەك چۈشۈردى.
-سىلەر ئەنۋەرنىڭ بۇ تۇرىقىغا قاراپ، ئۇنى ئادەتتىكى ئادەم چاغلاپ قالماڭلار، ئۇ بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يازغان رومانلارنى دېگۈدەك ئوقۇپ بولدى، ئۇنىڭ كىتاپ ئوقۇش خاتىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىلا يىغسا، بىر رومان چىقىدۇ، ھەي مۇنەۋۋەر، بۈگۈنكى تاغقا چىقىش پائالىيىتى مەخسۇس سىز ئۈچۈنلا ئورۇنلاشتۇرۇلدى،جۇمۇ، سىزمۇ كەلگۈسىدە يازغۇچى بولماقچى ئىدىڭىزغۇ، مانا بۈگۈن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئەنۋەر بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىڭ، كەلگۈسىدە كەسپى جەھەتتىن بىر-بىرىڭلارغا جىق لازىم بولىسىلەر.
  مەرداننىڭ پەخىرلىنىش ئارلاشقان ماختىشى مېنى سەل خىجىل قىلىپ قويدى.
-قاراڭلار، قىزلار ئەنۋەرنىڭ يۈزى قىزلارنىڭكىدەكلا تۆۋەنمۇ نېمە، يۈزلىرى مۇنەۋۋەرنىڭكىگە ئوخشاش قىزىرىپ كەتتى. ئابلىكىم بىر چاقچاق قىلىۋىدى، كۆپچىلىكتىكى تارتىنىشلار بىردىنلا يوقاپ، ئابلىكىمنىڭ چاقچىقىغا جور بولۇشتى.
-مانا تۇنۇپ-تۇنۇشمايلا بۇ ئىككىسىگە ئىسسىق ئۆتۈشكە باشلىدى.
-ئەنۋەرنىڭ يۈزى مۇنەۋۋەرنىڭ يۈزىدىن نۇسخا ئالغانمۇ نېمە؟
-تاغدىن چۈشكىچە ئىككىسى باشقا ئىش تېپىۋالامدۇ تېخى.
-ھەر ئىككىسى ئەدىب بولغاندىن كىيىن تاغنىڭ ئۇچىغا چىققاندا ئىلھامى تۇتۇپ، بەس-بەستە شېئىر-قوشاق يېزىشىپ كەتمىسىلا بولاتتىغۇ.
-ئاپلا، ئۇلار ھېچبىر قەلەم-دەپتەر ئېلىۋالغاندەك ئەمەس.
-بۇ ئاسانغۇ، ئەنۋەر شاققىنە بارمىقىنى چىشلەيدۇ-دە، بارماقلىرىنى قەلەم قىلىپ، مۇنەۋۋەرنىڭ ئىتەكلىرىنى قەغەز قىلىپ، شېئىر يازسىلا بولىدىغۇ.
-ئەمسە مۇنەۋۋەر ئەنۋەرنىڭ نەخ يۈرىكىگىلا يازسا بولغۇدەك.
- ھا،ھا،ھا،
-ھى،ھى،ھى...
ئىككى قىز، ئۈچ ئوغۇل كەينى-كەينىدىن مۇنەۋۋەر ئىككىمىزنى كەلتۈرۈپ چاقچاققا كۆمۈۋەتتى. بىچارە قىز ماڭا ئوخشاشلا تىلغا باي بولمىسا كېرەك. ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، توختىماي كۈلۈپلا ماڭدى. بىز تاغقا يېىقنلاشقاندا قىزلارنىڭ قولىدىكى سومكىلارغا قاچىلانغان يىمەكلىكلەرنى ئوغۇللار كۆتۈرۈۋالدۇق، كۆرەش بوينىغا ئېسىۋالغان ئارغامچىنى چىقىرىپ، ھەممىمىزنىڭ بىلىنى تاڭدى ھەم ئۆزى يول باشلاپ ئالدىدا ماڭدى. تۆت ئوغۇل،ئۈچ قىزنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ ماڭدۇق.ئىگىزلىگەنسىرى ئالدىمىزدا تۆگە لوكىسىدەك تاغ بەللىرى پەيدا بولۇپ قالاتتى. بىز بىر-بىرىمىزنى يۆلىشىپ، بىر قەدەم بىرقەدەمدىن ئالغا ئىلگىرلەۋاتاتتۇق، تۇيۇقسىز كۆرەش توختاپ قالدى ۋە ئالدىمىزدا يول قالمىدى، ئۆتكەندە ماڭغان يولدىن ئېزىپ كەتكەن ئوخشايمەن،دېدى. كەينىمىزگە قارىدۇق، ئەتراپنىڭ ھەممە يېرى قاقاس تاغ بولۇپ، ئەتراپ قەبرىستانلىقتەك جىمجىت ئىدى. قىزلارنى ئازراق سۈر باسقان بولسا كېرەك، كەينىمىزگە يانايلىچۇ، دەپ ئوغۇللارغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى. قىزلارنىڭ يالۋۇرۇشلارغا جاۋابەن، مەردان جاۋاپ بەردى.
-كەينىمىزدىكى يول ئۈچەيدەك تار ئىكەن، بىز باشقا يول تاپمىساق، بۇ يول بىلەن قايتقىلى بولمايدۇ.
-يەنە يېرىم سائەتتەك ماڭساق، ئالدىمىزدىكى قاپتالدا مەيداندەك كەڭرى يەر بار ئىدى، بىز ئۆتكەندە تاغقا چىققاندا، شۇ مەيداندا ئولتۇرۇپ دالا تامىقى يېگەن، بالىلار بىلەن ئولتۇرۇپ سائەتلەپ پاراڭلاشقان ئىدۇق. قاراڭلار بالىلار، مۇشۇ ئىككى مېتىردەك ئۈزۈكچىلىكتىن ئۆتۈپ كەتسەكلا ، ئۇنىڭدىن نېرىسى ئانچە تىك ئەمەس ئىكەن، بولمىسا مەن ئاۋۋال ئۆتۈپ، زاپاس ئارغامچىنى ئاۋۇ دەمبەلگە باغلاي، باشقىلار ئاشۇ ئارغامچىغا يامىشىپ، قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسۇن.
مەن كۆرەش ئىككى مېتىر دېگەن ئۈزۈكچىلىكنىڭ ئاز دېگەندىمۇ تۆت مېتىر كېلىدىغانلىقىنى، كۆرەشنىڭ ئۇ تەرەپكە ئۆتۈشىنىڭ بىر تەۋەككۇلچىلىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە‹ كۆرەش، قاراملىق قىلما، خەتەرلىك ئىكەن، بىز ھىلىمۇ تاغقا بەك ئىچكىرلەپ كەتتۇق. يۇقىرىلاپ چىقىۋەرسەك، قايتماق تەس بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تاغقا چىقىشتىن، چۈشمەك تەس دەپ ئاڭلىغان ئىدىم› دېدىم. قورقۇپ تۇرغان قىزلار مېنى قوللىدى، كۆرەشمۇ ئامالسىز  تەكلىپىمگە قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى، ئەمدى قايتىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. كۆپچىلىك بىلەن جايىمىزدىلا ئولتۇرۇپ مەسىلىھەتلىشىشكە باشلىدۇق.

داۋامى بار.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ئۆزەڭنى سۆي!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50331
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2011-8-3
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 08:41:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرنى ئىتىك يوللاسىز بەك قىزقىپ قالدىم

پەقەت ئۆزەڭنى سۆي ئاندىن باشقىلارنىڭ سۆيشىگە ئىرشەلەيسەن.....................
loituma بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:48:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 12:05:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(2)
ئۈچ تەرىپىمىز ھاڭ، قايتار يولىمىز بىر ئادەم پاتقۇدەك ئارغامچىدەك يىلانسىمان يول، ئاددىسى يەتتە ئادەمنىڭ بىراقلا كەينىگە ئۆرۈلۈشىمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ. بىز ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر ئامال تاپتۇق، يەنى زاپاس ئارغامچا ئارقىلىق ئاۋۋال بىرىمىزنى پەسكە چۈشۈردۇق، ئاندىن يەنە بىرىمىزنى، شۇنداق قىلىپ ئون مىتىر ئون مىتىردىن كەينىمىزگە چىكىنىپ نەچچە سائەت ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئاخىرى بىخەتەر يەرگە كېلىۋىلىپ، ئۇھ، دېدۇق. ھەممىمىزنىڭ ھالى خاراپ ئىدى، بولۇپمۇ قىزلار قورقۇپ كەتكەنلىكىدىن چىرايلىرى ئاقىرىپ، بەدەنلىرى ھېلىمۇ سۇس تىتىرەپ تۇراتتى.
بىر ئاز ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن، كۈرەش كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالغاچ كەلگەن سەۋزە، پەمىدۇر، لازا، يۇمغاقسۈت قاتارلىق سەي-كۆكتاتلاردىن سوغۇق سەي تەييارلىدى، مەردان ئىككىمىز داستىخان سالدۇق، ئابلىكىم قىزلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بەردى. سوغۇق سەي بەكلا ئوخشىغان بولغاچقا، قىزلار ئۆزلىرىنىڭ ھېرىپ-چارچاپ، قورقۇپ ھالىدىن كەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، لەۋلىرىنى تامشىپ تۇرۇپ، سوغۇق سەي يېيىشتى، ئوغۇللار كۆپرەك سامسا، كاۋاپلارغا ھۇجۇم قىلىشتۇق. كۆپچىلىك تاماقتىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشىپ، بايامقى قورقۇنچلۇق دەقىقىلەر توغرۇلۇق پاراڭلىشىشقا باشلىدى.
مۇنەۋۋەر: ئۇھ، بايام ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇق دەپ بەك قورققان ئىدىم، ھىلىمۇ يەيدىغان رىسقىمىز بار ئىكەن، ھايات قالدۇق.
ئابلىكىم: بىر چاغدا قارىسام، ئاينۇرنىڭ پۇتى شۇنداق تىترەپ كىتىۋاتىدۇ، مەرزىيەنىڭ ھالى تېخىمۇ بوش، ھەدەپ بىر نېمىلەرنى پىچىرلىغىلى تۇرۇپتۇ، ئەمدى، ئېيتىڭا، مەرزىيە، شۇ ۋاقىتتا نېمە دەپ پىچىرلىغان ئىدىڭىز؟
مەرزىيە: كىچىك ۋاقتىمدا مۇمامماڭا ، بالام خەتەرگە ئۇچرىساڭ، ئاللانى سېغىنىپ، ئايەت ئوقۇساڭ، ئاللا ئىگەمنىڭ ئۆزى ساڭا ئاسانلىق بېرىدۇ، دەيتى، بايام ئەھۋالىمىز بەك خەتەرلىك ئىدى، شۇڭا چىن دىلىم بىلەن ئاللانى ياد ئىتىپ،دۇئا قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالدۇق.
ئابلىكىم: ئاڭلىمىغانلا گەپ ئىكەن، مەردان، سەنمۇ بايام تاس قالدىڭ جۇمۇ.
مەردان: پۇتۇم سىيرىلىپ كەتكەن ئىدى، ئەگەر ئەنۋەر تۇتۇۋالمىغان بولسا،بەلكىم ھەممىمىڭلارنى ھاڭغا سۆرەپ كەتكەن بولاتتىم، مېنىڭ ئەڭ خۇشال بولغان ئىشىم، كۈرەشنىڭ زاپاس ئارغامچا ئېلىۋالغانلىقى، ئەگەر زاپاس ئارغامچا بولمىسا ئىشىمىز تەس ئىكەن.
ئەنۋەر: تاغقا چىقىشنى ئويۇن چاغلاپ قاپتۇق جۇمۇ، ئاسان ئىش ئەمەسكەن.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرىنى دېيىشكەچ، تاغدىن چۈشۈشكە باشلىدى، ئەمدىلىكتە يەككە-يەككە ماڭغىلى بولىدىغان يەرلەرگە كەلگەچكە كۆپچىلىك كۆڭلى خالىغان ئادەم بىلەن پاراڭلىشىپ مېڭىشقا باشلىدى. ئەنۋەر مۇنەۋۋەرنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى كۆرۈپ سەل قەدىمىنى ئاستىلاتتى.
-مۇنەۋۋەر ھېرىپ قالدىڭىزمۇ، تازا ماڭالمايۋاتىسىزغۇ؟
-بايام خەتەرلىك ھالەتتە چىكىنىۋاتقاندا پۇتۇم بىر تاشقا تېگىپ كەتكەن، خېلى قاتتىق تەگكەن بولسا كېرەك، سەل ئاغرىۋاتىدۇ.
-بولمىسا، ئايغىڭىزنى سېلىڭە، كۆرۈپ باقاي.
-بولدى، بەرداشلىق بېرەلەيمەن، ئۆيگە بارغاندا بىر گەپ بولار، شۇ چاغدا قاراپ باقارمەن.
-مەيلى ئەمسە.
-ئەنۋەر بايام بالىلارنىڭ چاقچاقلىرىغا ئاچچىقىڭىز كەلدىمۇ؟
-ياقەي، قانداق دەيسىز؟
-بىز ئالتەيلەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ ناھايىتى ياخشى دوستلاردىن، بىربىرىمىزگە دېمەيدىغان گىپىمىز يوق، ئارىمىزدا مەردان ئەڭ شوخ ھەم ئەقىللىق. ئاينۇر بىلەن مەرزىيە، سەل ھاكاۋۇردەك كۆرۈنگەن بىلەن شۇنداق كۆڭلى ياخشى، ئابلىكىم كۈرەشنىڭ دوستى ئىكەن، گەرچە بىر مەكتەپتە ئوقۇمىساقمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق.
-مەن بىر ئىشقا ھەيرانمەن، سىلەرغۇ بۇرۇندىن بىلىشىدىغان يېقىن دوستلار ئىكەنسىلەر، مەردان نېمىشىقا، مېنى ئاراڭلارغا قىستۇرىۋالغاندۇ، مەن بۈگۈن بەكلا ئوڭايسىزلاندىم، مەردان ئاغىنىلەر بىلەن تاغقا چىقىمىز دېگەن،  قىزلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن.
-سىزنى كۆرمىگەن بىلەن ئۇزۇندىن بىرى سىزنى بىلىمىز، مەردان  مەكتەپتىكى ئەڭ ياخشى دوستۇم،دەپ دائىم گىپىڭىزنى قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ سىزنى بەك  چوڭقۇر پىكىر قىلىدۇ،دەپ بەكلا ھۆرمەت قىلىدۇ، تېخى سىزنىڭ ‹شىنجاڭ ياشلىرى› ژورنىلىدا ئەسەر ئىلەن قىلغانلىقىڭىزنىمۇ ئېيتىپ بەردى.
-ئۇنداقتا، مەردان بۇ ئىشنى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن،-دە؟
-شۇنداق دىسىەكمۇ بولىدۇ، ئۇ سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىۋەرگەن ئىدى، ھەممىمىزنىڭ سىز بىلەن تونۇشقىمىز كەلدى، سىز بىز ئويلىغاندىنمۇ كەمتەر ئىكەنسىز.
-بەكلا ماختىۋىتتىڭىز، سىزنىمۇ دوستلىرىڭىز ئاجايىپ ھېسىياتلىق قىز، ئەدەبىياتقا ھېرىسمەن دېيىشىدىكەنغۇ ؟
-ئۇ دەرىجىدە ئەمەس، ئەمما كىتاپ ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىمەن. بىر كىتابنى قولۇمغا ئالسام، ئوقۇپ بولغۇچە قولۇمدىن چۈشۈرگۈم كەلمەيدۇ.
-سىز قايسى كىتابلارنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىز؟
-‹ئىز› ، ‹ئويغانغان زىمىن›، ‹قاينام ئۆركىشى› ۋە ‹بالدۇر ئويغانغان ئادەم› رومانلىرىنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن، ئۇ كىتابلارنى پۇل يىغىپ سېتىۋالغان ئىدىم، بىكار بولساملا، ئاشۇ كىتابلارنىڭ بىرىنى ئوقۇيمەن، سىزچۇ؟
-سىزگە ئوخشاش تارىخى رومانلارنىمۇ ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا زوردۇن سابىرنىڭ رومانلىرى ۋە پوۋسىتلىرى مېنى بەكلا قىزىقتۇرىدۇ.
-سىز زوردۇن سابىرنىڭ قايسى تەرىپىنى بەكرەك ياقتۇرىسىز؟
-ئۇنىڭ ئەتراپلىق بىلىمى مېنى ناھايىتى قايىل قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مول بىلملىرىنى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىگە ۋە پىرسۇناژلىرىغا سىڭدۈرىۋىتىشكە بەكلا ماھىىر.
مۇنەۋۋەر بىلەن شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتۇق، لىكىن باشقىلار تاغدىن چۈشۈپ بولۇپ، بىزنىڭ يولىمىزغا قاراپلا قالغان ئىكەن، بىز پارىڭىمىزنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇق. بىز بالىلارنىڭ يېنىغا كېلىشىمىزگە ئۇلار بىز تالاپلا كەتتى.
-بۈگۈنكى ئىش ئەنۋەر بىلەن مۇنەۋۋەرنىڭ بوپتۇ،ئىككىڭلار چىقىشىپ قالمىغانسىلەر.
-قايتىپ كەلگۈچە ئاتايىن كەينىدە قالغىنىغا قارىغاندا، بۇ ئىككىسىدە چوقۇم بىر گەپ بار.
-ئەنۋەر جېنى بار گەپتىن ئىككىنى قىلىپلا مۇنەۋۋەرنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان گەپ.
-مۇنەۋۋەرمۇ نەسىر ئوقۇغاندەك ھېسياتلىق گەپتىن ئىككى ئېغىزلا گەپ قىلسا، ئەنۋەرمۇ ۋاي ئاچا دەپ كەتكەندۇ.
-ھەي، بالىلار بولدى قىلىڭلار، مۇنەۋۋەر خېنىمنىڭ چىرايى تۇتۇلۇشقا باشلىدى، ھىلى باكار، بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلمىسۇن يەنە.
-مۇنەۋۋەرنىڭ چىرايىغا قاراپ ئەنۋەرنىڭ قاپىقى چۈشۈپ كەتتى.
مۇشۇنداق چاقچاق گەپلەرنى قىلىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشتۇق، مەن ناھايىتى خەتەرلىك ھەم كۆڭۈللۈك ئۆتكەن، بىراقلا بىرقانچە دوستلار بىلەن تونۇشۇپ قالغان بۇ كۇندىن شۇنداق رازى بولغان ئىدىم.
بۇ قېتىمقى ساياھەتتىن كېيىن مەردان ئىككىمىز تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كەتتۇق، مەۋسۇملۇق ئىمتىھانلار يېقىنلىشىپ قالغاچقا قىزلارنىڭ مېھرىگۈلنى مەردانغا چاپلاپ چاقچاق قىلىشلىرىغىمۇ ۋاقتى چىقمىدى. مەن ۋاقتىنچە خاتىرجەم بولۇپ قالدىم، ئىمتىھانلار تۈگەپ تەتىل قويۇپ بىرىشكە ئاز قالغاندا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە يەنە ئارامىمنى بۇزۇشقا باشلىدى.
داۋامى بار.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 09:41:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xawki0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-26 06:42 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋالىڭىز. ئاللاھ ئۇزى سىز ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئاللا خالىسا،  ئەسەرنىڭ داۋامنى بەك تەقەززا قىلماي يوللاپ تۇرىمەن، لېكىن بۇ ئەسەر بەك ئۇزۇن، ئىھتىمال 100 قىسىمغا يېتىپ قېلىشى مۇمكىن، كۈندە ئىككى قىسىمدىن يوللىساممۇ ئىككى ئايدا ئاران يوللاپ بولۇشىم مۇمكىن. ئاخىرىغىچە ئىز بېسىپ ئوقۇشقا غەيرىتىڭىز يەتمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمەن.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 763
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11811
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 5318 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 10:30:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
100 قىسىم دەيسىزغۇ ؟100 قىسىملىق ئەسەرنى كاللىڭزىنىڭ نەرىگىمۇ سىغدۇرغانسىز ؟ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىز بەك ياخشى ئوخشايدۇ جۇمۇ ئەمىسە ئاپىرىن سىزگە .

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 10:48:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(3)
ئەتە تەتىل بولىدۇ، دېگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن سىنىپىمزدىكى ئون نەچچە قىز-ئوغۇل مەكتىپىمىزدىن ئالتە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئۇرايىمجان ئىسىملىك ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئۆيىگە قوغۇن يىگىلى باردۇق. ئارىمىزدا مەردانمۇ. مېھرىگۈلمۇ بار ئىدى. يول يىراق بولغاچقا ۋېلسىپىتلىك بېرىشقا توغرا كېلەتتى. بەزى قىزلاردا ۋېلسىپىت بولمغاچقا، ئۇلارنى ئوغوللار ۋېلسىپىتىنىڭ كەينىگە ئېلىپ مېڭىشقا توغرا كەلدى، مېنىڭ ۋېلسىپتىم سەل كونا بولغان بىلەن، تورمۇزلىرى ياخشى، يەڭگىل ۋېلسىپىت ئىدى، مېنىڭ مېھرىگۈلنى ئېلىۋالغۇم بار ئىدى، بىراق قىزلار چۇقىرىشىپ يۈرۈپ، ئۇنى مەرداننىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ قويۇشتى. بۇ ئىشقا ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ، ئامالسىز رازىيە ئىسىملىك باشقا ساۋاقدىشىمنى ئېلىپ يۈرۈپ كەتتىم. ئۇرايىمجاننىڭ ئۆيىگە بارغۇچە نەچچە ساي، مەھەللىلەردىن ئۆتۈشكە توغرا كىلەتتى. مەن مېھرىگۈلغا ئۆزەمنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ۋېلسىپىتنى بولۇشىغا ھەيدىدىم. مېنىڭ غەرىزىمنى بىلىپ قالغان بەزى ساۋاقداشلىرىم، سۈرئەتنى تىزلىتىپ مېنى قوغلاشقا باشلىدى، ئەلۋەتتە مەردانمۇ بوش كەلمەي، مېنى ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلدى، ئەمدى ئويۇن چىڭىغا چىققان ئىدى، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان، ئەمما يېڭىلىپ قالسا يۈز كېتىدىغان بۇ مۇسابىقىگە جاننى تىكىشكە توغرا كەلگەن ئىدى. ۋېلسىپىتلەر بىر-بىرىگە يول بەرمەي قۇيۇندەك تىز ئۇچۇۋاتاتتى. قىزلار قورققىنىدىن چىر-چىر چىرقىراپ. ئوغۇللارغا ئاستا ھەيدەڭلار دەپ يالۋۇرىشاتتى. بىز ئۇلارنىڭ نالە قىلىشلىرىغا پەرۋا قىلماي، پىدالنى كۈچ بىلەن تېپەتتۇق. بىر چاغدا قارىسام، رازىيە دۈمبەمدىن چىڭ قۇچاقلىۋاپتۇ، مەن بۇ ئىشنى مېھرىگۈلنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئاچچىقىم بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا رازىيەگە ۋارقىرىدىم.
-قۇچاقلىۋالماڭ، ۋەلسىپىت ھەيدەشكە قولايسىز بولىدىكەن، ۋېلسىپىتنىڭ ئىگىرىنى چىڭ تۇتۇۋىلىڭ.
-قورقىدىكەنمەن، ئاستا ھەيدەڭ، ماقۇل دەڭ!
-ياق، مەن ھەممىنى يەڭمىسەم بولمايدۇ.
شۇ ئارىدا مەردان ئالدىمغا ئۆتۈپ كەتتى. مېھرىگۈلنىڭ چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ توختىماي، مەردان، غەيرەت قىلىڭ، باشقىلار يېتىشىۋالايلا دەپ قالدى، تىز، دەپ ۋارقىراپ. ھەدەپ مەردانغا مەدەت بېرىۋاتاتتى. مېھرىگۈلنىڭ مەردانغا باشقىچە قىزغىنلىقىدىن ئاچچىقلىنىپ ئۆتۈم يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئاچچىقىمنى پۇتىمغا يىغىپ ۋېلسىپىت پىدالىنى تېخىمۇ كۈچ بىلەن تىپىشكە باشلىدىم، ھىلىمۇ ياخشى مەرداننىڭ ۋېلسىپىتى ئايالچە ۋېلسىپىت بولۇپ، چاقى مېنىڭ ۋېلسىپىتىمدىن كىچىك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا مەرداننى كەينىمگە تاشلىۋەتتىم، رازىيە قورقۇپ تۇرسىمۇ، مېنىڭ غەيرىتىمگە ئاپرىن ئوقۇپ، يارايسىز، ئەنۋەر، دەپ ماختىدى.
بىر سائەتتەك داۋاملاشقان قوغلاشما مۇسابىقىدە ئاخىرى ئۇتۇپ چىقتىم، مەردان كەينىمدىن ئۇلىشىپلا يېتىپ كەلدى، ئالدى-كەينى 10 مىنۇتتا ھەممە بالىلار كېلىپ بولدى.
-ئەنۋەر ئايرۇپىلاندەك ئۇچىدىكەنغۇ، يېنىمىزدىن شامالدەك ئۆتۈپ كەتتى.
-مەردانمۇ بوش كەلمىدى، بىراق يەنىلا ئەنۋەرگە ئۇتتۇرۇپ قويدى.
-ئەسلى ئەنۋەرگە رازىيە پايدا قىلدى، كەينىدە سۈرەتتەك چىرايلىق قىز بولغاندىكىن، شۇنداق كۈچلىنىپ كەتكەن گەپ.
-ۋاي، گىپىنى قىلماڭلار، ئەنۋەرگە ئاستا، ھەيدەڭ دەپ يالۋۇرساممۇ، ئۇنامدىغان، قورقۇپ، يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دېدى.
-بىر چاغدا مېھرىگۈل ئىككىمىز ئەنۋەرگە يېتىشىۋالغان ئىدۇق، قارىسام رازىيە ئەنۋەرنى كەينىدىن چىڭ قۇچاقلىۋاپتۇ، ھا،ھا،ھا...
-ئەنۋەرنىڭ شامالدەك ئۇچقىنى بىكار ئەمەس ئىكەن،-دە.
-ئەنۋەر بىرەر يېڭىلىق يوقتۇ؟
-ئەنۋەر رازىيە بەلەن قىز جۇمۇ.
ساۋاقداشلىرىمنىڭ چاقچاققا يۆلەپ قىلغان چاقچاقلىرى مېنىڭ سەپرايىمنى ئۆرلىتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چاقچاقلارنىڭ ھەممىسىنى مېھرىگۈل كۈلگىنىچە ئاڭلاپ تۇرغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قۇپاللىق بىلەن ماڭا چاقچاق قىلغانلارنى سىلكىۋەتتىم.
-باشقا ئىشىڭلار يوقمۇ، نېمە مەن بىلەنلا قالىسىلەر، يەنە كىم مەن توغرۇلۇق چاقچاق قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىمەن جۇمۇ.
مەن شۇنداق دەپلا ئۇلاردىن نەچچە مېتىر يىراقلىققا كېتىپ، قۇرۇق ئۆستەڭگە قاراپ تۇرۇۋالدىم. بۇ مەھەللىدە سۇ قىس بولسا كېرەك، ئۆستەڭگە سۇ كەلمىگىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولغان بولسا، كىرەك، ئۇستەڭنىڭ ئىچىدە توپا ئۆرلەپ تۇراتتى، ئۆستەڭ قىرىغا تىكىلگەن سۆگەت، تېرەك، جىگدە قاتارلىق دەل-دەرەخلەرمۇ سۇسىزلىنىپ بەكلا كۆرۈمسىز بولۇپ قالغان ئىدى.
بىز ئۇدۇللا قوغۇنلۇققا باردۇق، ئۇرايىمجاننىڭ دادىسى بەكلا ئىشچان باغۋەن بولسا كېرەك. ئۈچ-تۆت مو كەلگۈدەك يەردىكى قوغۇنلۇق شۇنداق رەتلىك، پىلەكلەرمۇ تال-تال ئىدى. يازلىق بىشەكشىنلار پىشىپ ۋايىغا يەتكەن چاغلار بولغاچقىمىكىن، قوغۇنلۇقتىن بىشەكشىننىڭ ئۆتكۈر شىرىن پۇرىقى ئەتراپقا تاراپ، شۆلگەيلىرىمىزنى ئېقىتىۋەتتى.
-باللىرىم، مەن ئۆز قولۇم بىلەن بىشەكشىن ئۈزۈپ بېرەي، سىلەر، ياخشى پىشقانلىرىنى تاللاپ بولالمايسىلەر، ھازىر ھاۋا شۇنداق ئىسسىق، ئامما قوغۇننى تۇتۇپ بېقىڭلار،گەمىدە ساقلىغاندەك مۇزدەك تۇرغىنىنى، مانا بۇ بىشەكشىننىڭ ساغلاملىقىنى بىلدۈرىدۇ، ھە، ئۇرايىمجان دوستلىېىڭ بىلەن ماۋۇ بىشەكشىىننى ساتما ئالدىغا توشۇ، ھە راسىت، ئاناڭغا نان ئالغاچ كەل دېيىشنى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن.
ھەربىرىمىز بىردىن بىشەكشىننى ئېلىپ ساتما بويىغا قايتىپ كەلدۇق، ساتما ناھايتى چوڭ بىر قاغا جىگدىنىڭ يېنىدا بولغاچقا، ئۇنىڭ سايىسىدە خېلىلا سالقىن ئىدى. ئۇرايىمجاننىڭ دادىسى قىزىق گەپلەرنى قىلغاچ بىزگە قوغۇن پىچىپ بېرىشكە باشلىدى، بىز لەۋلىرىمىزنى تامشىپ تۇرۇپ، قوغۇن يىيىشكە باشلىدۇق، مۇزدەك، شىرىن قوغۇن بىزنىڭ تەشنالىقىمىزنى بېسىپلا قالماي، يەنە مېنىڭ بايامقى جىددى كەيپىياتىمنى خېلىلا پەسكويغا چۈشۈردى، مەن مېھرىگۈلغا قارىدىم، ئۇ قىزلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ھوزۇرلنىپ قوغۇن يەۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئاۋايلاپ قوغۇن يىيىشلىرى، ناننى ئۇششاق پارچىلاپ، نازۇك ھەركەت بىلەن ئېغىزىغا سېلىشلىرى، بىر چىشلەم قوغۇن يىگەندىن كېيىن ئاغزىنى قول ياغلىقى بىلەن سۈرتۈشلىرى ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرەتتى. مەن ئۇنىڭغا بەك تىكلىپ قاراپ كەتكەن بولسام كېرەك، بالىلار يەنە ماڭا چاقچاق قىلالماي تۇرالمىدى.
-ئەنۋەر ئۇخلاپ قالمىغانسەن؟
-دىققەت قىل، ئاغزىڭغا چىۋىن چۈشۈپ قالمىسۇن.
-تاتلىق قوغۇننى يەپ ئىلھام كەلگەن بولسا، ئىچىڭدىلا شىئېر يېزىشقا چۈشۈپ كەتمىگەنسەن.
- خىيالىڭغا رازىيە كىرىۋالمىغاندۇ، يەنە.
ئۇلارنىڭ رازىيەنى ئارلاشتۇرۇپ قىلغان چاقچىقى يەنە ئاچچىقىمنى كەلتۈردى.
-بۈگۈن ئەجەپ مەن بىلەنلا قالدىڭلار، باشقا گەپ قىلساق قانداق.
مېنىڭ كەيپىياتىمنىڭ ئۆزگۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرگەن مەردان دەرھال گەپ تىمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.
-تاغا بۇ قوغۇنلارنى نېمە بىلەن باقتىڭىز؟
سايلىقتىن ئاق يانتاق تېپىپ ئەكەلدىم، شورلۇقسىمان بوز يەرلەردىن كۆك يانتاق تېپىپ كېلىپ، پىلەك تارتىشقا باشلىغاندا ھەربىر يىلتىزنىڭ ئاستىغا يانتاق باستىم. قوغۇن ئۈچۈنيانتاق ھەرقانداق قىغدىن ئەۋزەل. بىرىنچىدىن، كىسەل تەگمەيدۇ، ئىككىنچىدىن قوغۇن تاتلىق پىشىدۇ، ئۈچىنچىدىن يەرنى بوشىتىدۇ، قوغۇن تۈگكەندىن كىيىن چامغۇر تېرىسا، چامغۇرمۇ ئوخشايدۇ.
- بىشەكشىندىن بازارغىمۇ ئەكىرگەنسىز.
- بازار يىراق، ئەكىرىشكە ئەپسىز، ئەمما ياخشى مالغا خېرىدار كۆپ دېگەندەك، باققاللار ئۆزى كىلىپ ئېلىپ كېتىشىدۇ.
-ئەمسە ئۇلارغا ئەرزانلا بىرىدىكەنسىز-دە؟
-خۇدانىڭ زىمىنىدىن چىققان بولغاندىكىن، مەيلى ئەمەسمۇ.
بىز ئۇرايىمجاننىڭ قوغۇنلىقىدىن يېنىپ، ئەتراپنى بىرەر قۇر ئايلىنىپ قايتتۇق. مەن ئوخشاشلا رازىيەنى ئېلىپ قايتتىم، باشقىلارمۇ ئوخشاش كىم بىلەن كەلگەن بولسا، شۇنىڭ بىلەن قايتىشتى. بۈەۈن مەن ئۈچۈن كۆڭۈلسىز بىر كۈن بولغان ئىدى، مېھرىگۈلنىڭ مەردانغا شۇنداق يېقىنچىلىق قىلىپ كېتىشى جېنىمغا تەگكەن ئىدى. ئەمما قايتش جەريانىدا رازىيەدىن بىر قىممەتلىك خەۋەرگە ئېرىشتىم، يەنى، 10 كۈندىن كىيىن مېھرىگۈلنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولىدىكەن، مەن مېھرىگۈلگە تۇغۇلغان سوۋغىسى تەييارلاشنى ئويلىدىم. بىراق يانچۇقتا تۈزۈكرەك پۇل يوق، دەرھال پۇل تېپىشىم كېرەك بولدى.
داۋامى بار.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش