شۇڭا ئەگەر شۇنداق كىشىلەر سىزنى مەلۇم سىز ئەڭ قىزىقىدىغان تەرەپتىن رازىلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلغان بولسا، ئۇنىڭ باشقا جەھەتلىرىگە ئارتۇقچە تەلەپ قويۇپ كەتمەڭ، ئۇنىڭ خىيالىڭىزدىكدەك مۇكەممەل ئادەم بولۇشىنى تەلەپ قىلماڭ، ئەگەر شۇنداق ئويىڭىز بولسا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە قاراڭ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ ھەممە نۇقتىدىن تەڭ مۇكەممەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.
بۇ پىكىرگە تامامەن قوشۇلىمەن .
بىر ئادەمنى يامان دىسەك يامان يېرى چىقېۋىرىدۇ . شۇڭا ئارتۇقچىلىقىنىمۇ كۆرۈش كېرەك .
مۇنبەرداشلاردىن نەچچىمىز شۇ بارىدەك شان - شۆھرەتكە ئېرىشەلىدۇق ؟
ئەگەر بارى يەنىلا شۇ پوتبۇل كۇلۇبىدا توپ تەپكەن ،ئۈزلۈكسىز شان - شەرەپلەرگە ئېرىشىۋەرگەن بولسا بەلكىم ئۇنىڭ كۆڭۈلنى غەش قىلدىغان بۇنداق ھېكايىلىرىمۇ چىقماس بولغىيتتى .
ھەمىمىز قېرىنداش بولغاندىكىن ئۇنى تىللىماي رىغبەتلەندۈرەيلى ، ئىلھاملاندۇرايلى ، كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيلى . يەنە بىر كۈنلەر كېلىپ بارى يەنە شەرەپ قۇچۇپ تور ، تېلۋېزورلاردىكى قىززىق نۇقتا بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.