مەن دوستۇمدىن كۆزگە كۆرۈنگەن ياش پۇتبول ماھىرى بارىنىڭ كوماندىسىدىن چېكىندۈرۈلگەنلىكى توغرىلىق خەۋەر بېرىلگەنلىكى، بۇ توغرىسىدا كۇلۇب باياناتى ۋە بارىينىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدە مەلۇم زىت پىكىرلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،
www.yol.la ئىزدەش تورىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ كۆرگەنىدىم. ئانا تۇپراق تورىدا «جازاغا ئۇچرىدى» دېيىلگەندىن باشقا ئەلكۈيى ۋە نۇر تورىدا «ھەيدەلدى» دەپ ئېلىنىپتۇ. دېمەكچى بولغىنىم، تىلىمىزدا مەنىداش سۆزلەر كۆپ، ئۇلارنى ئىشلىتىشتىكى پەرق لوگىكا ئىلمىغا ئاساسلىنىدۇ.
بەزىلەرنى «ئۆلدى»، «بېشىنى يېدى» دەپ ئۇلارغا بولغان ئاچچىق نەپرىتىمىزنى بىلدۈرسەك، بەزىلەرنى «قۇربان بولدى»، «ۋاپات بولدى»، «ئۇ ئالەمگە كەتتى»، «كۆز يۇمدى»، «ۋاقتسىز ئايرىلدى» دېيىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى، سىغىنىشىمىزنى، قىيماسلىق ھىسسىياتىمىزنى ئىپادىلەيمىز.
تور خەۋىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنغان بولۇشى تەبىئىي، تەرجىمىدە ئەسلىگە سادىق بولۇشمۇ مۇھىم پىرىنسىپ، لېكىن شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بارىينىڭ خەلقمىزنىڭ بولۇپمۇ كەڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆزىدىكى چولپان، بىز ئۈچۈن بىر يۇقىرى ئىناۋەت تىكلىگۈچى ئەزىمەت ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بولسىمۇ، «جازالاندى»، «جازاغا ئۇچرىدى»، «چېكىندۈرۈلدى»، بولسا «كوماندىدىن ئايرىلىدىغان بولدى» دېگەندەك ھېسداشلىق ھىسسىياتى ئىپادىلەنگەن سۆزلەرنى ئىشلەتسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىم.
كۇلۇبنىڭ چېكىندۈرۈش قارارىدىمۇ 关于对运动员巴力予以除名的处罚决定 دەپتۇ، بۇنىڭدىكى 除名 سۆزى قانداقتۇر «قوغلاش، ھەيدەش» دېگەن مەنىنى بەرمەيدىغۇ، دەيمەن. تورداشلارنىڭ توردىكى بەزى ئاساسى يوق گەپلەرگە ئىشىنىپ يۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-4 03:15 PM