بۇ خەۋەرنى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۈندىدار تېزخەۋەرلىرىدىن كۆرگەن ئىدىم. ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئالىملىرى بىرلىشىپ كۋانت نەزەرىيسىدىن پايدىلىنىپ بىرقاتارتەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغانمىش ھەم بەزى تەجرىبە نەتىجىلىرىگە ئېرىشكەنمىش. بۇ تەتقىقاتقا باشلامچى بولغانلارئامېرىكىلىق فىزىك سىتۋارت خامىلوف بىلەن ئەنگىلىيلىك داڭلىق نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى روگ.پىنروز(خاۋكىڭدىن قالسىلا ئەڭ داڭلىق)ئىكەن. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار:
http://csxb.bandao.cn/data/20121101/html/24/content_3.html
«كۋانت ئۇچۇرلىرى بۇزىۋېتىلمەيدۇ،شۇڭا ئۇلار ئالەم ئارىسىغا تارقاپ چېچىلىدۇ...ئەگەر بىمار ئۆلۈپ كەتسە كۋانت ئۇچۇرلىرى ئېنىقسىز مۆھلەت ئىچىدە تەننىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولىدۇ،بۇ روھتۇر».
--------------------------------------------------------------------
ئىسلام ئەقىدىسىدە يارىتىلغۇچى ئىنسانغا نىسبەتەن ئاۋۋال ئادەمنىڭ ھەيكىلى ياسىلىپ،ئاندىن روھ كىرگۈزۈلگەن،دەپ قارىلىدۇ.
ئەمما،خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى كۆرگەندە ۋە تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، روھ كۋانتىنىڭ مەۋجۇتلۇق پارىڭى ۋە روھنىڭ تەندىن بۇرۇنلا ئالەم كۋانتى شەكلىدە مەۋجۇتلۇقى ئايرىم مەسىلە بولۇپ چىقىدۇ. شۇڭا،بۇ خەۋەرگە ئىسلام مۇرىتلىرى چۇڭقۇر ئويلىشىپراق بىرنېمە دېگىنى تۈزۈك. بۇ خەۋەر بۇددا دىنى ۋە ھىندى دىنى قاتارلىق ئىسلامدىن غەيرى دىنلارنىڭ ئەقىدىلىرىنى بەكرەك قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ كۋانت مىخانىكىسى ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ چىقىش نۇقتىسىدا ئاشۇ دىنلارنىڭ سايىسى تاشلىنىپ كېلىۋاتقاندەك ئىدى.
كۋانت مىخانىكىسىنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئارىمىزدىكى نەزەرىيە تەتقىقاتچىسى قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ «ئاق قەغەز مودىلى»دېگەن ئالەم مودىلى قارىشىدىن نۇرغۇن سۇئال تۇغۇلىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئارقا كۆرۈنۈش،قاپلاش،مۇتلەق ھەجىم،...دېگەندەك بىرقاتار يېڭى ئۇقۇملارنى ئۇچراتقان ئىدىم، دەسلەپ قويۇلىدىغان سۇئال:
«كۋانت ئۇچۇرلىرى بۇزىۋېتىلمەيدۇ،شۇڭا ئۇلار ئالەم ئارىسىغا تارقاپ چېچىلىدۇ...ئەگەر بىمار ئۆلۈپ كەتسە كۋانت ئۇچۇرلىرى ئېنىقسىز مۆھلەت ئىچىدە تەننىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولىدۇ،بۇ روھتۇر» بۇ باياندىن ئارقا كۆرۈنۈشنى ئېتىراپ قىلىش كېرەكمۇ-يوق؟دېگەن سۇئال چىقىدۇ. ئېينىشتىيىن ئالەم قارىشىغىمۇ شۇ سۇئالنى قويغان ئىدى. پىنروزنىڭمۇ بۇ تەتقىقاتقا باشلامچى بولۇشى ۋە خۇلاسىلەرنى خەۋەر قىلىشى ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ كۆنىكىنى چۇۋۇيدىغاندەك قىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-9 10:10 PM