|
|
|
|
كوزىچى يار بېشى
ئەزىزانە قەشقەرنىڭ شۇنداق كونا بىر تۇرالغۇ رايۇنى بار،ئۇ تارىختىكى مەشھۇر سېيت نوچى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مەھەللە بولۇپ،ئۇ يەرگە قەدەم باسقان ھەر قانداق كىشى شۇنى تونۇپ يېتەلەيدۇكى،ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى،مىللىي مەدەنىيەت،ئۆرپ-ئادىتى،دىننىي -ئېتىقادى روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.قەشقەر شەھىرىدە نۇرغۇن تار كوچىلار بولغان بولۇپ،تەرەقىياتنىڭ تېزلىشىشى بىلەن نۇرغۇن قەدىمىي ئىمارەتلەر يوقاشقا باشلىدى. قەشقەر شەھىرىدە بىردىنبىر مۇكەممەل ساقلانغان،ئۆي چېقىش ماشىنلىرى يېقىن كەلمىگەن
قەدىمىي مەھەللىنىڭ ئىسمى <<كوزىچى يار بېشى>>بولۇپ،قەدىمقى كېسەك ئۆيلەر-مىللىي بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىسى دېيشىكە تامامەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈزۈلۈپ قېلىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقان،تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي قول -ھۈنەر سەنئىتىنى 21-ئەسىرگىچە تۇتاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۈچ كۇلالچى بار،ئۇلار ئاتا كەسپىدىن قالغان كۇلالچىلىق كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ تا ھازىرغا كەلگۈچە ياشاپ كەلمەكتە.
ئۇ يەردىكى قەدىمقى ئاسار-ئەتىقە كۆرگەزمىخانىسى،نەققاشچىلار،كەشتىچىلەر،كۇلالچىلار ئۆز قول -ھۈنەر سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت خەزىنىسى تارىختىن بۇيان بېيىتىپ كەلگەن.تۆۋەندە مەن يوللايدىغان رەسىملەر ئەزىزانە قەشقەردە تۇرغان چاغلىرىمدا،قەشقەر شەھىرى <<كوزىچى يار بېشى>>نىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى تارتقان كۆرۈنۈشلەر بولۇپ،بۇنى ئايرىم بىر تېما قىلىپ يوللاش مەقسىتىدە كۆڭلۈمدە سان قويۇپ قويغان ئىدىم،بۈگۈن تارتقان رەسىملەرنى رەتلەپ،بۇ قەدىمقى تارىخنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تىرىك مەدەنىيەت نامايەندىسى بولغان <<كوزىچى يار بېشى>>نىڭ كۆرۈنىشىنى مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم:
مەنبە:فوتۇ ئاپراتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-28 04:35 AM
|
|
|
|
|
|