ئادەتتىكى ئەزا
ئاھ ،نىچۈن بۇلۇڭدا تاشلاندى كىتاپ دانىشمەن ھېكىمەتنىڭ كۆزىدىن تۆكۈلدى ئۈنچە. چاشقاننىڭ ئاۋازى تۇرار تاراقلاپ . توپا -چاڭ قاپلىغان ئېسىل رومانغا، تەسەللى بەرمىدى ھېچكىم ۋاراقلاپ. بوينىنى قىسىدۇ بىر توپ ھېكايە، كىم ، مىنى كۆرەر دەپ قىلىدۇ خىتاب. تۇتقۇلاپ قويارغا بىرەر قولمۇ يوق، ئاھ نىچۈن بۇلۇڭدا تاشلاندى كىتاپ. شاماللار ھېدىدىن زارلانغان مىسرا، بىمارنىڭ كاتىدا بولدىغۇ بېتاپ . شۇندىمۇ باش ئەگمەي جۇدۇن-چاپقۇنغا، بوراننىڭ قەستىگە كەلدىغۇ چىداپ. ئىنساننىڭ بايلىقى ،دۇردانىسى ئۇ ، ئۆڭمەيدۇ ئاپتاپقا قويسىمۇ قاقلاپ. پەقەتلا يۈرەكتىن ئەيلەيدۇ نالە، كىم مىنى ئوقار دەپ تۇرىدۇ ساقلاپ. ئالتۇندىن قىممەتلىك ئېسىل بۇ گۆھەر، قەدىرسىز قولىدا قويۇلدى باغلاپ. نەزەرسىز كۆزلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدە، سېزىدۇ ئۆزىنى قەدىرسىز چاغلاپ. مەنبە؛ قەلىمىم سەمىمىي ئەسكەرتىش مىنىڭ نامىمدىكى ھەرقانداق بىر ئەسەرنى مىنىڭ رۇخسىتىمسىز باشقا مۇنبەرگە يوللىماڭ !
پاش قىلىش
يىـڭى ئــەزا
koziqak1118 يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 11:49 AM قەلەم كۈچىڭىزگە ئاپىرىن. كىتاپ ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىمىزنى ...
كىتاب دەپ بىر دوستەك بار ئىدى ئەسلى، نەزەرسىز كۆزلەردە يوقالدى نەسلى . يوقالغان ئەسلىدە نەسلىمۇ ئەمەس ، ئوقۇرمەن دوسىتلارنىڭ نەۋباھار پەسلى. -دانىشمەن-
ئاكتىپ ئەزا
تىرىشچان ئەزا
شانلىق يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 10:11 AM كىتابنىڭ قەدرىگە ئۇيغۇر يەتمىگەن ، ئۇيغۇرنىڭ كالتە پە ...
نېمىلەرنى ئويلا
ئۈمىدلىك ئەزا
kalbimnuri يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 11:21 AM ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلۇغ كىـتابلىرىمىز تاشلانمىسلا بۇلات ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ