|
|
|
|
سامادىن ساقىدى يۇلتۇز
(مۇسۇبەت خەۋىرى)
شىنجاڭ بوكسچىلىقىدىكى بەرپاچى ئۇستاز، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تونۇلغان داڭلىق مەشقاۋۇل، خەلقىمىزنى 20 يىلدىن بۇيان تەكرار ھاياجانغا چۆمدۈرۈپ كەلگەن قەيسەر ئەزىمەت ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ يۈرىكى 10 – ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 0 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە 54 يېشىدا سوقۇشتىن توختىدى. ئانا دىيارىمىزنىڭ مىسكىن ئاسمىنىدىكى بىر نۇرانە يۇلتۇز ساما بويلاپ ساقىدى، تەڭرىتاغنىڭ قارلىق چوققىلىرىدىكى بىر قامەتلىك شەمشاد قاراسلاپ سۇندى،قاراقۇرۇم تاغلىرىدىكى بىر قىران بۈركۈتنىڭ قانىتى سۇنۇپ چوڭقۇر ھاڭغا غۇلاپ چۈشتى، تارىم بوستانلىقىدىكى بىر ھەيۋەتلىك توغراق گۈرىسلەپ ئۆرۈلدى، ئىلى تاغلىرىدىكى بىر باتۇر بۆرە مەڭگۈلۈك غايىپ بولدى،ئالتاي يايلاقلىرىدىكى چاپچىپ تۇرغان بىر ئارغىماق قاتتىق كىشنەپ يىقىلدى.ئېچىنىشلىق ماتەم خەۋىرى ھەممە يەرنى قاپلىدى. قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان مۆتىۋەر بوۋاي دۇئاغا قول كۆتۈردى، خوتەن دىيارىدىكى سالاپەتلىك تىۋىپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى، غۇلجىلىق سازەندىنىڭ تەمبۇرىنىڭ تارى ئۈزۈلدى، ئۈرۈمچىدىكى بىر سەگەك زىيالى چوڭقۇر ئويغا غەرق بولدى. شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكى ئابدۈشۈكۈر مىجىت، ئابدۇراخمان ئابدۇرېشىت، نىجات ھۈسەن، ئەكرەم ئىسھاق،ئەكرەم بارات،ئەكبەر يۈسۈپ، مەمەتتۇرسۇن چوڭ، نەبى سەيدۇللا، زىبىبۇللا مەمەت، زەي يىخۇ، پەرھات ئابدۇكېرىم قاتارلىق 50 تەك قەيسەر ئوغلان يارىلانغان شىردەك ھۆركىرەپ نالە قىلدى. قازاقىستاندىكى قانات ئىسلام ئېسىنى يوقىتىپ قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدى. بۇ گويا «ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ؟! پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ؟! ۋاپاسىز دۇنيا قالدىمۇ؟! ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر!!!» دېگەندەك ئېچىنىشلىق ئىش بولدى.
ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ئەپەندى بۇ يىل 9 – ئايدا بايقالغان ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنى بېيجىڭدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بولسىمۇ، كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچتا بايقالغاچقا، داۋالاش ئۈنۈملۈك بولماي، قايتىپ كېلىپ ئۆيىدە ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا كۈتۈنۈش خاراكتېرىدە داۋالانغان. نىجىس كېسەل بارغانسېرى ئەدەب ئاخىرى بۇ ئەزىمەتنى جېنىدىن جۇدا قىلدى. بۇ مۇسىبەت بىز ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر ئۆلۈم خەۋىرى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل خەلقىمىزنى قايغۇغا سالىدىغان، يوقىتىش خاراكتېرلىك بىر ئېغىر مىللىي مۇسىبەتتۇر. چۈنكى ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ئەپەندى قەلبىمىزدىكى مىللىي قەھرىمەن ئىدى. بوكس ساھەسىدىكى مۆتىۋەر سەركەردە ئىدى. ئۇ كۆپنى كۆرگەن، چېنىققان، مول تەجرىبىگە ئىگە پاراسەتلىك سەركە سۈپىتىدە بوكس كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەرنى يېتەكلەپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىدە ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ – كىچىك بوكس مۇسابىقىلىرىدە سالاپەتلىك قىياپەتتە پەيدا بولۇپ، رەقىبلىرىنى ۋەھىمىدە قوياتتى. شاگىرتلىرىنى غەلىبە - ئۇتۇقلارغا ئېرىشتۈرەتتى.
ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ئەپەندى 1958 – يىلى 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تۇغۇلغان، 1983 – يىلى شىئەن تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەنتەربىيە كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدا ئىشلىگەن. 1994 – يىلى شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان، ئۇ دۆلەتلىك ئالىي دەرىجىلىك مەشقاۋۇل ۋە دۆلەتلىك كوماندىنىڭ مەشقاۋۇلى، 1998 – يىلى دۆلەت كادىرلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئۇنىڭغا «مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سېپىدىكى ئىلغار شەخس» دەپ نام بەرگەن. 2000 – يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىس بولغان. 2006 – يىلى جۇڭگو بوكس جەمئىيىتى ئۇنىڭغا ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى بەرگەن. 2008 – يىلى گوۋۇيۈەن «بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىدىكى مۇھىم تۆھپىكار مۇكاپاتى» نى بەرگەن. شۇ يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسى» شەرەپكە نائىل بولغان. 2009 – يىلى مەملىكەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىلغار خىزمەتچى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار شەخس دېگەن ناملارغا ئېرىشتى. تۆۋەندە ئابلىكىم ئابدۇرېشت ئەپەندىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا ئالاقىدار بىر قىسىم سۈرەتلەر بېرىلدى:
_ (يالقۇن روزى خەۋىرى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yalqunrozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-23 04:32 AM
|
|
|
|
|
|