مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8146|ئىنكاس: 81

ئىمىن نىيازدىن مىسرانىمدىكىلەرگە سالام   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86340
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 06:40:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىمىننىياز ھۈسەيىن-(( ھايات ناۋاسى)) ھەققىدە


06.jpg


ئىلاۋە:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك دوسىتلار،ئەزىزىلەر! ئانا تىلىمىز،سەنئىتىمىز ئۈچۈن كۆڭۇل بۆلگەن مىسرانىمدىكى دوستلار!


07.jpg


مەزكۈر تېمىنى يېزىشىمغا مۇنبرىمىز ئەزاسى ھەققانىينىڭ مەزكۈر تېمىسى سەۋەب بولدى،شۇ سەۋەب قىزىمنىڭ ياردىمىدە بۇ خېتىمنى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرشۈم...


ھەققانىي ئاكىمىزنىڭ تېما ئادىرىسى:  https://uyghur-archive.com/misranim/thread-88624-1-1.html



خوش ئەمدى گېپىمگە كېلەي .

011.jpg


ئىنتىرنىت بىلەن تونۇشلۇقۇم ئانچە قويۇق ئەمەس،مۇنداقچە ئىيتقاندا ئىنتىرنىتنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن،تالاش-تارتىش،خاپىلىقلار بولۇپ تۇرىدىكەن. مۇنازىرىلىشىپ،سۆھبەتلىشىپ تۇرغان گەپ قىلىشمىغاندىن ئەلا.بەزى ئىشلار ئاشۇنداق مۇنازىرە سەۋەبلىك ھەل بولۇپ كىتىشىمۇ مۇمكىن.ھۆرمەتلىك ھەققانىي ئەپەندى ،تورىدا 20نەچچە يىلدىن بىرى ئايدىڭ بولماي كەلگەن تىكىسىت ئاپتۇرلۇق مەسلىسى چىرايلىق پاراڭلىشىپ ھەل بولدى،مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم. ھەققانىي ئەپەندىنىڭمۇ كۆڭلىدىكى تۇمانمۇ تارقاپ كەتتى دەپ ئويلايمەن.سەنئەت ساھاسىدىكى ئاپتۇرلۇق مەسسىللىرىنىڭ تور،خەت،تېلفۇن ۋە ياكى بىۋاسىتە ئۇچۈرۈشۇپ،بىر چىرايلىق سۆزلىشىش ئارقىلىق تۈزۈتۈلۈپ كىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.مۇشۇ يازمامنىڭ ئېلان قىلىنىشغا تۈرتكە بولغان ئابدۇۋەلى راھمان ھەققانىي ئەپەندىمگە رەھمەت ئىيتىمەن.بۇ ئاددىي يازمامنىڭ بىرەر كۆڭۇلسىزلىككە تۇتۇرۇق بولۇپ قىلىشنى،ئويلىمىغان دوستلارنىڭ كۆڭۇلسىزلىككە ئۇچىراپ كېىتىشىنى خالمايمەن.يازمامدا ئاساسلىقى ((ھايات ناۋاسى)) كېچىلىكى ئۈستىدە توختىلىمەن.


08.jpg


گەپنى باشتىن باشلاي.تارىختا سەلتەنەتلىك پادىشاھلىق،خانلىقلارنىڭ پايتەختى بولغان ۋە غىرىبانە يەركەنىت دەپ نام ئالغان ياركەنىت شەھىرىنىڭ ئىگەچى بازىرىدا   دىھقان ھەم نەغمىچى ئائىلىسدە دۇنياغا كەپتىكەنمەن.ئەقلىمگە كەلسەم ئۆيمىزدە ئىككى تال قوزۇقتا دۇتتار تۇز قويۇلۇپ تۇراتتىكەن. ئىلىپ تىرىڭشىتاي،ئويناي دىسەم قولۇم يەتمەيتى.ھىلمۇ ئېسىمدە مەھەللىدە مەشرەپ،نەغمە- ناۋا،باراۋەت ،ئوغلاق تارتىش،قۇچقار سوقۇشتۇرۇش،ئىت تالاشتۇرۇش قاتارلىق مەدەنىي پائالىيەتلەر  ئۆتكۇزۇلدىكەنتۇق.گۇدەك قەلبىم تۇغۇلۇپلا ناخشا-قۇشاق،مۇزىكا ئىچىدە ئەللەيلىنىپتىكەن .دادام يىگىت بېشى ئىكەنتۇق.دادام مەھەللىدىكى دىھقان نەغمىكەشلەر بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇشۇپ توي-تۇكۇن ،مەشرەپ ئوينايدىكەنتۇق.نەگە بارسا مەنمۇ قەرغىشلىق قىلىپ ئەگشىۋالاتتىم ياكى دادام ئىلىۋالاتتى.

02.jpg


نەدە مەشرەپ،مۇقاملار بولسىلا مەكتەپكە بارماي يۈگۈرۈپ باراتتىم. 8-9 ياشلاردىن تارتىپ نەغمىچىلەرنىڭ دىپىنى،دۇتتارنى كۆتۇرۇپ يۈرۈشىكە باشلاپتىكەنمەن.ناخشا،مۇقامنىڭ ئوتى بەلكىم ئاشۇ ياشلىرىمدا تۇتاشقان بولسا كىرەك.  12-13يېشىمدىن باشلاپ توي-تۆكۇنلەردە شۇ چوڭلار قاتارىدا بەزىدە داپ،دۇتار بىلەن تەڭكەش قىلاتتىم. تېكىستىنى تولۇق بىلمسەممۇ  بىللە توۋلايتىم.بۇ يەردە ۋۇجۇدۇمغا سەنئەت ئوتىنى تۇنجى ئۇستازىم ئاقكۆڭۇل دادام.. مەن قاتارىغا قىتلاي دىگەندە دادامنىڭ يېشىمۇ بىر يەرگە بارغان ئىكەندۇق.

01.jpg



.دادام ھازىرمۇ ھايات(102ياشتا)،دادام مەشرەپ-باراۋەت ئۆتكۇزۇلسە تەكلىپ قىلىنىدۇ،كۈچ ماداردىن قالغاچقا شوخلۇق قىلالمىسىمۇ ھىلھەم ساز قولىدىن چۇشكىنى يوق.كۆڭلى تارتىپ قالسا تىرىڭشىتىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىردۇ.مەن نىمىشقا سەنئەتكە،ناخشا مۇزىكىغا قىزىپ قالغان،كىيىنكى كۈنلەردە سەنئەتكارغا ئايلىنىپ قالدىم دېگەندە شۇ مەدەنىي مۇھىت،قان ۋە شۇ ۋاقىتلاردىكى سەنئەتكار يەنى نەغمىكەش-ھاپىزلارغا خەلىقنىڭ-ئاۋامنىڭ كۆرسىتىدىغان ئىززەت-ھۆرمىتىمۇ سەۋەب بولغان ئىكەن. يۇرت،مەھەللەردە توي-تۆكۈن بولۇپ قالسا ئات،مەپە ئەۋەتىپ تەكلىپ قىلاتتى.تاماقنىڭ ئوبدىنى بىلەن كۈتۇۋالاتتى.زەللە بىلەن ئۇزتاتتى،پۇل قۇياتتى.بۇنداق ئىلتىپاتلار سەنئەتچى بولمەنغۇ دېگەن ئىزگۇ نىيەتنى سالغان بولۇشى ئىھتىمال.شۇ كەپسىز،شوخ ۋاقىتلىرىمدا ئەل-جامائەتنىڭ نەزىرىگە ئىلىنىپ قاپتىكەنمەن. بىرەر تويغا بارساق ما يەرگە كىلىڭ،ماۋۇ پولو گۆشنى يەڭ... دىسە مەنمۇ خۇددى چوڭ نەغمەكەشلەردەك ھىس قىلىپ خۇش بۇلۇپ كىتەتتىم.چوڭلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بولغۇچە داپ،راۋاب،تەمبۇر،دۇتارلىرنى سۇرتۇپ ئىلىپ قولىغا تۇتاتتىم.ئۇلارمۇ مېنى قۇلقى يۇمشاق،ئاۋازى چۇشىدۇ،ھۇشى بار دەپ داڭلاپ بەرسە راسىت ئوخشايدۇ دەپ تىخىمۇ يىقىن تۇرۇپ قىتىرقىنىپ،ئازماي تەڭڭەش قىلاتتىم.14ياش ۋاقتىمغا كەلگەندە رەسمىي سەپكە قىتىلىپتىكەنمەن.

05.jpg



ئىگەچى ئوتتۇرا مەكتەبتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇلار نەگە بارسا مەكتەپكە مەپە ئەۋەتتىپ مېنى ئېلىۋالىدىغان بولدى. ئۇلار دادام بىلەن تەڭ ياكى چوڭلار ئىدى.شۇ ۋاقىتلاردا ئىمىنجان يۇسۇپنىڭ ناخشسىنى رادىيۇدىن ئاڭلاپ ئۆگۇنۇپ(( يېزام گۈلشەنگە ئايلاندى)) نى مەكتەپتە،تويلاردا،مەشرەپلەردە مۇستەقىل ئوقۇغان.بىزنىڭ ئوقۇيدىغىنمىز بىزنىڭ يۇرتقا خاس بولغان يەرلىك ئاھاڭلار،ناخشا قوشاقلا...كىيىن چوڭ بولغاندا داداملار ئوقۇغان،مەن ئۆگەنگەن ئاشۇ مۇقاملار مەكىت دولان مۇقاملىردىن پەرىقلىندىغانلىقىنى بىلىپ يىتىپ ((قارسۇ سەنەملىرى)) نامىدا رەتلەپ چىقتىم.سۆزلىسەك گەپ ئۇزۇن،قىسقارتاي،ئەمدى يىقىندا ئۆتكۇزۇلگەن ((ھايات ناۋاسى)) كېچىلىكى ھەققىدە توختىلاي.كېچىلىك ئۆتكۇزۇشتىكى مەقسىدىم ھەرگىز ئۆزۈمنى كۆز –كۆز قىلىش ئەمەس.بەلكى بىر سەنئەتكارغا نىسبەتەن ئۆزى ياخشى كۆرگەن كەسىپكە ئوتتەك بىر مەسئۇليەت بولۇشى كېرەك.خەلقىمنىڭ نېنى يەپتىمەن،ۋاقتى،شارائىتى كەلگەندە شۇنىڭغا يۈز كىلىشىم ۋە بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۆزەمدىكى چوڭ بىر  مەسئۇليەت دەپ بىلىپ  بۇ كېچىلىكنى ئورۇنلاشتۇردۇم..باشقىلار نىمە ئويلايدۇ بىلمەيمەن،  مەندە ئاشۇنداق بىر مەسئۇليەت ۋەجىدىن كېچىلىكىنى ئۆتكۇزەلىدىم. يەركەندىكى ۋاقىتتا بېشىمغا بەزى ئىشلار كەلدى،ئەگرى-توقايلىقلار بولدى.كىيىن يەنە تىك تۇرالىدىم.


03.jpg


رەھبەرلىك،دوسڭتلارنىڭ قوللىىشىدا 1999 يىلى8.ئايدا ((زەرەپشان كۈيچىسى –ئىمىن نىياز ھۈسەين ناخشا كېچىلىكى )) بىر كېچىلىك ئۆتكۇزگەنتىم.ئۇ كېچىلىكمۇ شۇ ۋاقىتلاردا ياخشى بولغان ئىدى.2005.يىلى سەنئەت مەكتەپنى تاماملاپ مۇقامغا خىزمەتكە كىرشكەندە سابىق ئۆمەك باشلىقىمىز مەمتىمىن مۇھەممەتئەلى ماڭا كېچىلىك ئۆتكۇزسەڭلا قۇللايمەن دېگەن ئىدى.بۇ قېتىمقى كېچىلىككە ھىسابتا 2009-يىللاردىن باشلاپ كىرشكەن دېيىشكە بولىدۇ.تۆت-بەش يىلدىن بىرى ئەسەر تاللاش،ئۆگۈنۈش،ئوقۇش بىلەن بولدۇم.كېچىلىك ئۇچۇن خىلى مادار بولمىسا بولمايدۇ،ئىقتىسادىي مەسلە سەۋەپلىك 8ئايدەك ھىچ ئىش قىلالمىغان ۋاقىتلارمۇ بولغان ئىدى.مەندە بار دەسىمىي-ئىجرا ئىتىش،ئىجاد قىلىش ئىكەن.داستىخنىمنى ئاچسام خەلقىمىزگە ياقدىغان ئەسەرلىرىمۇ چىققىلى تۇردى.


04.jpg



بىراق،قاتنىشىدىغان ئارتىس،ئۇنگە ئىلىش،بىزەش،رىجىسۇر قاتار ىقلارنى ئويلاپ يەنە بېشىم قاتتى.تۇرۇپ بولدى قىلاي دېدىم.ناخشىلىرىمنى مەشرەپ ياكى تەكلىپ قىلىنغان كېچىلىكلەردە ئوقۇپ تۇگۈتەي دېگەندە دوسىتلار كېچىلىك قىلمەن دەۋاتقانتىڭلار،قىلمىدىڭلار دەپ سالدى.قىيىنچىلىقمنى  دېيەلمەي قالدىم.مېنىڭ تۇرۇپ قالغانلىقىمدىن خەۋەر تاپقان يەركەن ناھيەلىك پارتكۇم،خەلق ھۆكۇمىىتى،يۇرتۇمدىكى دوسىتلار،ئەل-ئاغىينىلەر،مېنى قوللىغىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم قاراپ تۇرماي ئىككى قىتىمغا بۆلۇپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ بەردى..!رەپىتىس،ئۇنگە ئېلىشقا باشلىغاندىمۇ يىقىن-يورۇقلارنىڭ،دوسىتلارنىڭ كۆڭلى ئۈزۇلۇپ قالمىدى.باشتا 28 پارچە ئەسەر تەييار قىلغانتىم.قاراب بىقىپ 10 پارچىنى چىقىرۋىتىپ قايتىدىن يەنە ئەسەر تاللاپ قايتا ئوقۇپ ئۈنگە ئالدۇق.بەزلىرىلىرنى قايتىدىن يازدۇردۇم.كېچىلىككە تاللانغان ئەسەرلەر ئاساسلىقى-يۇرت،ئانا،دىھقان،بالا-پەرزەنىت،مۇھەببەت،ئەسلىمە،راۋاب قۇشقى،دولان سەنمى،يەرلىك ئاھاڭلار ۋە ئۇيغۇر ئون ئىكى مۇقامىدىن تەركىپ تاپتى.كېچىلىك رەھبەرلەرنىڭ،قېرىنداشلىرىمنىڭ قۇللىشى،يۇرت-مەھەلىنىڭ دۇئاسى بىلەن ھەر ھالدا ئۇتۇقلۇق بولدى دەپ ئويلايمەن.يۇرتۇم يەركەندىن 400 گە يىقىن ھەر ساھەدىكىلەر ئارلىقنى يىراق كۆرمەي كېلىپ رەڭ قۇشتى ۋە كېچىلىكنى تېخىمۇ جانلاندۇردى...ئۇلارغا تەشەككۇر ،رەھمەت ئىيتىمەن.


012.jpg



ئەمدى يەكەندىكى ۋاقىتلىرىمنى ئازراق ئەسلىسەم؛17-18يېىشىمدا(1988.يىلى) يەكەن ئۆمەككە قۇبۇل قىلىندىم.شۇ يېشىمدا ((ئىشچاننى سۆيدۇم))دېگەن ناخشىنى ئوقۇپ يۇرۇپ 1990.يىلغا كەلگەندە نۇزۇر سەنئەت كېچلىكىگە بەرگەن ئىدىم.بۇ ناخشىنى خەلق ياقتۇرۇپ ئاڭلىدى ۋە مېنى قوللىدى.ئۆمەك رەھبەرلىرى ئويلۇشۇپ سەن راۋاب چالغاچ ناخشا مۇزىكاڭنى رەتلىسەڭ،ناخشا ئوقۇش بىلەن شۇغۇللانساڭ بولغۇدەك دېيىشتى.. .شۇنىڭ بىلەن قەشقەردىكى ئابدۇكىرىم تۇرسۇننىڭ يىنىغا بىرىپ راۋاپ قوشاقلىرنى ئۆگەندىم.داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتسى يولۋاسخان ئاكىدىن مەدداھلىقىنىمۇ ئۆگەندىم.يەركەن ياكى جەنۇپ،شىمال تەرەپلەردە ئويۇن قويساق ئاشۇ ناخشىنىلا راۋاب بىلەن ئوقۇيدىغان بولدۇم.كىشلەر (رەنانى سۆيدۇم دېگەن ناخشىنى ئوقۇپ بەرسۇن )دەيدىغان بولدى،تەلەپ قىلىشدىغان بولدى.سەھنىلەردە ئابدۇرىشىت توختى داپ بىلەن تەڭكەش قىلسا راۋاب بىلەن بايا دېگەن ناخشىنى ھەم بىر نەچچە راۋاپ قوشقىنى ئوقۇيتىم ..ۋاقتىنچە ئاشۇ سەھىنىدىن ئايرىلىش   ئىجات قىلىش،تاۋلىنىش،پىشىپ يىتىلىشمگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى.جەميەتتە گەپ –سۆزلەر ئاۋۇپ تۇرغاندا يەركەن ناھيەلىك مەدەنيەت ئىدارىسى بىر كېچىلىك قىلىشىمنى ئويلاشتى..مەنمۇ بار كۈچۇم بىلەن كىرشىپ تىزلا ۋاقىتتا 20ناخشا تەييارلاپ  كېچىلىكىنى تاماملىغان.(( ئەسسالام يەركەن،سالام يۇرتۇم،جان بالام،ھاراق ھەققىدە مۇخەممەس....)) لار ئىدى.بۇ قىتىمدىمۇ بەزى ناخشىلارنى قايتا ئوقۇپ،ئۈنگە ئالدىم.شۇ ۋاقىتتا خەلقىم،ئەل-جامائەت بىلەن قايتا كۆرۇشكىنىم ئۇچۇن كۆز ياش قىلغانتىم.ھەم خۇش بولغان.

013.jpg



كىيىن سەنئەت مەكتەبتە ئوقۇش،مۇقامدا خىزمەت قىلىش سەۋەبىدىن ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئوتۇپ ۋاقىتى سائىتى كىلىپ قاپتىكەن،خاتىرجەم بۇ قىتىمقى كېچىلىكىنى ئۆتكۇزۋالدىم.ئۆزۇمنى ئۆزۇمنى مۇئەييەنلەشتۇرسەم،ماختىسام بۇ ئىنىسانچىلىققا توغرا كەلمەي قالىدۇ.1-قىتىمقىدىن بۇ قىتىقىمنىڭ ئالاھىدىكىنى ئۇنداق-بۇنداق دەپ كەتسەم ياراشمايدۇ.پەرقى ئىجادىي ئەسەرلەر كۆپ بولدى.ئىجاديەتنى خەلقىم دەرھال قۇبۇل قىلالماي قالامۇ دەپ ئويلىغانتىم.ھەر نىمە بولسا قوبۇل كۆردى.ئىجادىي ئەسەر بولمىسا قانداقمۇ سەنئىتمىز راۋاج تاپسۇن؟مەرھۇم ئۇستاز،كومپىزىتۇر ھىكىم ھەسەنگە مەرسىيە دېگەن بىر ناخشىغا 28مىڭ سوم چىقىم بولدى،ھىكىم ھەسەندەك سەنئەتكارنى ئەسلەشكە ئۇنچىلىك پۇل كەتسە ئەرزىيتى.مېنى قوللاشقا سەرپ ئىتىلگەن پۇل جايغا ئىشلىتىلدى .مەن بىر دىھقان ئوغلى.دىھقاننى كۈيلەش مېنىڭ بىر سەنئەت يولۇمدىكى بىر يول...

014.jpg



نېمە بولدى يۈرۈگۈم ساڭا دىگەن تىكىست قولۇمغا چۇشۇپ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە تۇيۇقسىز بىردە ئىلھام كېلىپ بىردەمدىلا پۇتتۇردۇم.پۇتتۇرۇپ بولۇپ چىلىۋىتىپ مەنمۇ يېغلاپ كەتتىم.كەسىپداشلارمۇ بۇ ناخشىغا يۇقۇرى باھا بەردى.كېچىلكىتە ئورۇنلانغاندىمۇ تاماشىبىنلار ئۆزىگە،قەلبىگە سەپ سالغان بولۇشى مۇمكىن.يەنە بىر ئىجادىيەت بار.مۇشۇ يېىشىمغىچە نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۇرۇپتىمەن.دائىم دوسىتلارغا ئىغىرچىلىقىم چۇشۇپتۇ.دوسىتلىرىم باش تارتماي مېنى قوللاپ كەپتۇ.شۇڭا دوستلىرىمغا ۋىجدانى قەرزىداردەك ھىس قىلىمەن.ئۇلارغا باشقا ئىش قىلىپ بېرەلمەيدىكەنمەن.پەقەت قولۇمدىن ناخشا ئوقۇش كىلدىكەن.كېچىلىككە ئاز قالغاندا شائىر ھاجى مۇختەر بۇغراغا دوستلۇق ھەققىدە بىر تىكىست يېزىپ بىرشىنى ئىلتىماس قىلدىم.مۇختەركام ئاشۇ سەھنىدە ئورۇنلانغان تىكىسىتنى قۇلۇمغا تۇتقۇزدى،خۇشلۇقۇمدا ساۋاقدىشىم،مۇزىكانىت،كومپىزىتور ئابلەت ئابلىكىمگە مۇزىكىسنى ئىشلەشكە تېكىستىنى تاپشۇرۇپ بەردىم.ئابلەت ئابلىكىم ئەستايىدىل مۇزىسىكىسنى ئىشلەپ كېچىلىك باشلىنىشقا ھەپتە قالغاندا ناھايىتى يېقىشلىق قىلىپ،كۆڭلۈمدىكىدەك قىلىپ پۇتتۇردى.كېچىلىكتە بۇ ناخشىنى دوستلار بىلەن بىللە ئوقۇدۇم دېسەممۇ بولىدۇ.دوسىتلىرىمۇ خۇرسەن بولۇشتى.بېشىمغا كەلگەن مۇشكۇلنى ئازايتقان،جاپايىمنى تارتقان دوسىتلىرىمغا رەھمەت ئوقۇۋىلىپ سەل-پەل ھاردۇقۇممۇ چىقتى.


015.jpg




((ھايات ناۋاسى)) كېچىلىكىدە يەنە بىر ناخشىنى قىزىم بىلەن ئورۇنلىدىم.بۇنى ئورۇنلاشتكى سەۋەب-مېنىڭ خۇدايىم بەرگەن ئۈچ قىزىم بار،ئۇلارنىڭ بەختىنى تىلەيمەن.نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار قىزلىرنىڭ بەختىنى ئويلايدۇ.بۇ ناخشا ئارقىلىق بارلىق ئۇيغۇر قىزلىرنىڭ بەختىنى ،تەقدىرنى ئويلۇدۇم.بۇ تىكىست ھەققىدە شائىر ئىنىم راھمانجان ئاۋۇت جىق كۈچىدى.ھەتتا ئۇ مېنىڭ تىكىستىمدىن ياخشىراق تىكىسىت بار ئىكەن دەپ بىر شائىرنىڭ تىكىستىنى سۈندى.ئۇ ئىنىم بەزى بىر مەسلىھەت،پىكىرلەرنىمۇ بىرىپ ساداقىتىنى،دوسىتلىقىنى بىلدۇرۇپ خۇش قىلدى.


016.jpg



كەلگۇسىمىزنى،سەنئىتىمىزنى، سەنئەت يولىدا ئىزدىنۋاتقان ياشلارنى ئويلاشقاندا،مۇھىمى غۇرۇرىمىزنى ئويلاشقاندا  بۇ كېچىلىكتە ئاۋازىدا ئازراق قىيىپ كېتەي،تىكىستىنى ئۇنتۇپ قالاي ئۆزۇمگە بەرگەن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم دەپ ئويلايمەن يەنى نەق مەيداندا ئورۇنلاشقا كۇچۇدۇم ھەم شۇنداق قىلالىدىم.مېنىڭ ئوركىستىردا تۇنجى ناخشا ئوقۇشۇم-دەل بۇ قېتىمقى كېچىلىك.


دەرىژۇر،ئۇستازىم ئابدۇراھمان ئايۇپ ئاكا بۇ كېچىلىكنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن زور تۆھپىلەرنى قوشتى.ئۇنىڭ ماڭا سىڭدۇرگەن ئەجىرگە كۆپ تەشەككۇر بولغاي. ئوركىسىتىردا ئەسەر ئورۇنلىماق قىيىن،بۇنى شۇنى باشتىن كەچۇرگەن ئادەم بىلىدۇ.ئوركىسىتىر ئۇچۇن بىر ئەسەرنى  رەپتىس قىلىش،رەسىمىي ئورۇنلاش ئۇچۇن زور بەدەللەر كېتىدۇ... باشتا دېگەندەك بۇ قېتىمقى كېچىلىكنىڭ ئوڭۇشلۇق ئوتكۇزلىشى كۆپ تەرەبنىڭ ئورتاق كۈۇشى،باش قۇشۇشى بىلەن رۇياپقا چىقتى،بولۇپمۇ يەركەن ناھيەلىك پارتكۇم،خەلىق ھۆكۇمىتى،دىلنار ئابدۇللا فوندى جەمىيتى  ،ئۆز ئائىلەم-ئايالىم،تۇققانلار،يقىن دوسىتلار،يۇرتداشلىرىم ،لىللا شىركىتى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان قېرىنداشلىرىم قىسقىسى يۇرتداشلىرىم ئالاھىدە ياردەم قىلدى،

09.jpg




پۇل ھەققىدە كۆپ گەپ قىلىپ باش ئاغىرتقۇم يوق.خۇداغا شۇكرى،پىلاستىنكا چىققاندا سەزگۇر خەلقىمىز لىللا باھا بېرەلەيدۇ.يۇقۇرقىلار مېنىڭ ھەققانىي ئەپەندى بىلەن تېلېفۇندا سۆزلەشكەندىن كېين كېچلىك ۋە ئۆزۇم توغرىسىدا ئاز-تولا بىرنەسە دېگىنىم خالاس.خاتا يەرلەر بولسا كەچۇرۇم سورايمەن.قىسقىسى،ئەمدى قىرىق بەش ياشقا ئۇلۇشپتىمەن.خۇدا ۋاقتى –سائىتىنى بېرىپتىكەن،كېچىكلىكنىمۇ بىر ئوبدان ئۆتكۇزۋاپتىمەن.مېنى بىقىپ چوڭ قىلغان يۇرتۇم يەركەندە،ئىگەچى يېزىسىدا مۇشۇ قىتىم تەييارلىغان ئەسەرلەر بىلەن ھەم مۇقام توۋلاپ چوڭ بولغاندىكىن مۇقامنىمۇ قۇشۇپ ئانا يۇرتۇم يەركەندە بىر كېچىلىك ئوتكۇزۇش ئارمىنىم قالدى.مانا ھازىر شۇ تەنتەك،شوخ ۋاقىتلاردا چوڭ نەغمىكەش-ھاپىزلارنىڭ كەينىگە كىرىۋىلىپ ئۆگەنگەن،ئۆگۈنۈپ قالغان مۇقاملار شاراپىتى بىلەن مۇقام سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەپ باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ ئويۇن قۇيۇپ يۇرۇپتىمەن.بىر نەرسە بىلەن ھەپىلەشسە،ئۇنى چىن دىلدىن سۆيسە ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ ۋىسالىغا يەتمەي قالمايدىكەن.سەنئەت يولىدا ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلارغا دەيدىغىنىم-چىن،ھەققى سەنئەتكار بولۇش ئۇچۇن ئىزدىنىش،يەرلىك ئەسەرلەرنى قىزىش،قايتا سەھنىگە ئىلىپ چىقىش،بىرەر بىر ئالاھىدىلكىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگۇنۇش لازىم.


010.jpg



ماڭا كۆڭۇل بۆلگەن بارلىق قېرىنداشلارغا،كەسىپداشلارغا،بالىلىرىمنىڭ ئانىسىغا،ھەمدەمدە بولغان چوڭ-كېچىكلەرگە يەنە بىر قىتىم تەشەككۇرلەر ئېيتىمەن،ھەممىزنى ئامان قىلغاي ھەم سالامەتچىلىك يار بولغاي!

ئاللاھ خالىسا پۇرسەتلەر بولسا سەھنىدە ۋە ياخشى كۈنلەردە ھەممىڭلار بىلەن قۇچاقچىلىشىپ دىدارلىشىش نىسىپ بولغاي. مېھرىبان ئاللاھدىن ھەممىڭلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن !


ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20068
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7426 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 06:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارشى ئالىمىز ئىمىن نىياز ئاكا ..
سىزدەك ئەلنى سۆيگەن ، ئەل سۆيگەن سەنئەتكارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن . ياخشىلارغا ياخشىلار يار يۆلەك سىزنى داۋاملىق سەھنىدە كۆرۈش بىز ئۈچۈن خۇشاللىق .  .  
ئىىشلىرىڭىز رونان تاپسۇن .     سىزنىڭ مىللەتنىڭ دەردىگە يىتىدىغان ناخشىلارنى كۆپلەپ مەيدانغا ئەكىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن . ئىملا خاتالىقى خىلى باركەن مۇمكىن بولسا باشقۇرغۇچىلار تۈزتىۋەتسە ، تورداشلار ئەيىپكە بۇيرىمىسا ..  

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

يۈرەك ۋىلىقلاپ كۈلدى

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 705
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1101 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 06:58:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  ئىمىن نىياز ئاكا ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگىمۇ بولسۇن!
سىزنى مىسرانىمدا كۆرۇپ بەكمۇ خوش بولدۇم ، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
تۈنجى كېلىشىڭىزدىلا ئېسىل ،نادىر تېمىدىن بىرنى ئىلىپ كەپسىز 。
بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىزنى  ئېسىل تېمىلىرىڭىز بىلەن ئۈچىراشتۇرۇپ تۇرشىڭىزغا تىلەكداشمەن ...ئامان بولۇڭ!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-21 07:17 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 06:58:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارشى ئالىمىز

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 731
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3782
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 07:00:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،مىسرانىمغا كىرگىنىڭىزگە مەرھابا

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22432
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6727 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 07:06:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئاكىمىزنىڭ ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ ماڭا .  يۇرتۇم دېگەن ناخشىسنى ئاڭلىساممۇ يەنە ئاڭلىغىم كىلىدۇ.

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5650
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 07:07:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلغاي!!!

خارلانماسلىقنىڭ يولى ـ خارلىماسلىق

ئىملا دەۋاگەرى!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6834
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 823 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 07:10:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-21 06:50 PM
قارشى ئالىمىز ئىمىن نىياز ئاكا ..
سىزدەك ئەلنى سۆيگەن ، ...


ئىملا خاتالىقى سىزنىڭ نەچچە قۇر ئىنكاسىڭىزدىمۇ ئاز ئەمەسكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nimjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-21 07:10 PM  


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20068
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7426 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 07:12:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Nimjan يوللىغان ۋاقتى  2012-10-21 07:10 PM
ئىملا خاتالىقى سىزنىڭ نەچچە قۇر ئىنكاسىڭىزدىمۇ ئاز ئ ...

ئەپەندىم ھىلىمۇ ئۆزرە قويۇپ قويغۇنۇم . مۇشۇ ئىنكاسنى نەقىل ئالغۇچە كۆڭلىڭىزدىكى گەپنى دسىڭىز بولمامدا ،   

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

دىل ئازارى،خۇدا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4825
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11380
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 1120 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 07:14:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمىننىياز ئاكمىزنىڭ سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىدىن شۇنداق خوش بولدۇم ،بۇ كىچىلكنى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا كۆپ جاپا تارتىپىسىز  ،جاپا تارىتقانغا چۇشلۇق ئۈنۈمىنى كۆرۈپسىز،،سزنىڭ  ناخشلىرىڭىزنى چوڭ -كىچىك ھەممەيلەن بەكلا ياقتۇرۇپ ئاڭلايمىز‹بولۇپمۇ مەن  رەنانى سۆيدۈم ،ئەسسالام يەركەن دىگەن ناخشلىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇرىمەن،راۋاپ دىگەننى پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن چالىسىز ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋازىڭزنىڭ زىللىقى ،ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دىگەندەك› ،بولسا داۋاملىق تىرىشىپ خەكقىمىزگە مول ئىجادىي كۈيلەرنى سوۋغا قىلشىڭىزنى ئۈمىدى قىلمىز،
ئۇلۇغ اللاھ تېنىڭىزنى سالامەت بۇندىن كىيىنىكى ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلغاي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش