تالانتلىق ناخشىچى،ئىمىن نىياز ئەپەندىگە سالام!
ھۆرمەتلىك ئىمىن نىياز ئەپەندى،ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟يېقىندا ئۆتكۈزگە-ن ناخشا كېچىلىكىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولدىمۇ؟ئەلبەتتە شۇنداق بولىشىغا تىلەكداشمىز.سىز بىلەن ئۇقۇشىۋالىدىغان كىچىككىنە بىر ئىش
مۇناسىۋىتى بىلەن سىزگە سالام يوللاش زورۈر بولۇپ قالدى.توغرا
چۈشەنگەيسىز،ئاڭلىسام سىز بۇ قېتىمقى ناخشا كېچىلىكىڭىزدە نۇرغۇنلىغان نادىر
ناخشىلىرىڭىز قاتارىدا ‹‹ ئىشچاننى سۆيدۈم›› ناملىق ناخشنى يەنىلا
ياخشى ئوقۇپ جان كىرگۈزۋېتىپسىز.يەكەندىكى ۋاختىڭىزدىمۇ مۇشۇ ناخشىنى شۇنداق ياخشى ئوقۇپ ئەل قەلبىدىن تېخىمۇ چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدىڭىز.مەن بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى يازغۇچى ئابدۇۋەلى راخمان بولىمەن.ئەمما ئۆرۈمچىدىن ماڭا كەلگەن خەۋەرلەردىن قارىغاندا بۇ ناخشىنڭ تېكىستىنى يازغۇچى‹‹ ئۆمەرجان ئىسمايىل››دەپ دەپتەرگە يېزىپ بىرىپسىز.بۇ ئىشتا سىزنى بەك ئېيىپلاپ كېتەلمەيمەن.چۈنكى بۇ ناخشىنى ياخشى ئېيتقان بىلەن ئاپتۇرىنى سىزمۇ بىلەلمىگەن.بۇ ئىش ماڭا ئاياقتىكى قېتىقتەك ئايان.مەن بۇناخشا تېكىستىنى 1986-يىلى 1-ئايدا يېزىپ ئۆزبېك خەلق ئاھاڭلىرىدىن مەزكور ئاھاڭنى رەتلەپ سېلىپ ئۆمىكىمىزنىڭ ناخشىچىسى غېنى رامانغا ئۈگەتكەن،غېنى رامان مەزكور ناخشىنى ئۇزۇن مەزگىل سەھنىلەردە ئورۇنلاپ تاماشىبىنلەرنىڭ قەلبىگەسىڭدۈرۋەتكەن.مەن دەل مۇشۇ مەزگىللەردە كەلپىن ناھىلىك
سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى ئىدىم.مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۆمىكىمىزدىكى ناخشىچىلارنىڭ ناخشىللىرىنى لىنتىغا ئېلىپ ئۆمەكتە ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلاشنى مۇددىئا قىلىپ پۈتۈن ناخشىچىلارنىڭ
ناخشىسىنى لىنتىغا ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇردۇم.(مۇشۇ ئارخىپ لىنتىلار ھازىرمۇ بار) ئۇ ۋاقىتلاردا يۈەنشىڭ دەي دىگەنلەرمۇ تېخى بىز بار تەرەپلەرگەيىتىپ كەلمىگەن ۋاخلار ئىدى.رەتلەپ بولۇنغان دەيلەرنى بىزنىڭ شۇ
چاغدىكى مىخاينېك بىردىن-ئىككىدىن يېقىن-يۇرۇقلىرىغا،ئەل-ئاغىنىلىرىگە كۆچۈرۈپ بىرىپتۇ،بىزمۇ بوپتۇ كەلپىن ئۆمەكنىڭ ناخشىلىرى جەمئىيەتكە تارىسا نىمە بوپتۇ،دەپ كۆچۈرۈپ تارقىتىشنى چەكلەپمۇ
كەتمىدۇق.بۇ دەيلەر ئەتراپقا كەڭ كۆلەمدە تارقاپ كەتتى.شۇنىسى ئەپسۇسلىنارلىقكى بۇ دەيگە ناخشا ئورۇنلۇغۇچىنىڭ ئىسمىنى،نە ئورۇننىڭ ئىسمىنى، ئىجادىيەتچىنىڭ ئىسمىنى دەپ قويماپتۇق.غېنى راماننىڭ ۋە باشقا ناخشىچىلىرىمىزنىڭ ئۈزىنى ياكى ئاۋازىنى تونۇيدىغانلار‹ كەلپىن سەنئەت ئۆمەك ناخشىچىلىرىنىڭ ناخشىسى،ماۋۇ رابىيەم،ماۋۇ غېنى›دەپ بىلىپ ئاڭلاشتى.بىلمىگەنلەرنىڭ گاھىللىرى قازاقىستاندىن،بەزىللىرى ئۆبېكىستاندىن كىرگەن دەي دىيشىپ ئاڭلاپ يۈرۈۋەردى.شۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتىدا ناخشىچىلىرىمىزناخشىلارنى ھەقىقەتەن ياخشى ئوقۇغان ئىدى.مانا مۇشۇ‹سۆيدۈم›دىگەن ناخشىمۇ بۇ قارا دەيلەردە بار ئىدى.شۇ زاماندا سىز مۇشۇ ناخشىنى ئوقۇدىڭىز يەكەننىڭ سەھنىسىدە زىلزىلە قوزغاش بىلەن بىللە رادىئو-تىلىۋۇزۇرلاردا تارقاتتىڭىز ،بىز كەلپىن ئىچىدە ۋاقىراپ يۈرگىنىمىز بىلەن سىز بۇ ناخشىنى جاھانغا تاراتتىڭىز،سىز ئارقىلىق مۇشۇ ناخشىنىڭ خەلق قەلبىگە تېخىمۇ سىڭىپ كەتكەنلىكىدىن شەخسەن مەنمۇ ئىنتايىن پەخىرلەندىم.بىراق تېلىۋۇزۇرئېكرانىدا،سەھنىلەردە بۇ ناخشا ياڭرىغاندا‹‹ئاپتۇرى›› دىگەن خەت ئورنى بوش قالدى،بۇ پەقەت سىزنىڭ تېكىست ئاپتۇرىنى بىلەلمەسلىكىڭىزدىن شۇنداق بولۇپ قالدى.شۇڭامەن سىز يەكەن سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەۋاتقان شۇ زاماندا بۇ ئىشنى ئېنىق ئەسكەرتىپ خەت يېزىپ يەكەن ناھيىلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ
باشلىقىغا تەگسۇن،دەپ پوچتىدىن سالدىم،تاھازىرغىچە بۇ خەتنىڭ ھېچبىر جاۋابى كەلمىدى.(ئىسىمدە قېلىشىچە شۇ خەتنىڭ ئارگىنالى ماتىرياللىرىم ئىچىدە ھېلىمۇ بار)بىر خىيالىمدا بۇلار قۇلاقنى يۇپۇرۋالدىمۇدەپمۇئويلۇدۇم،يەنە بىر خىيالىمدا پوچتىدىن تەگمەي قالغان ئوخشايدۇ،دەپمۇ ئويلۇدۇم.نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىلەلمەي ئاپتۇرنىڭ ئىسمى بوش قالغان چېغى دىسەم مانا بۈگۈنكى كۈندە بۇ ناخشا
تىكىستىنىڭ ئاپتۇرى‹‹ ئۆمەرجان ئىسمايىل››بوپ قاپتۇ.مۇشۇ ئىشنى ئۆمەرجان ئىسمايىل ئاڭلىسا نىمە دەپ قالغاندۇ،دەپ ئويلاۋاتىمەن.بۇ بىر كىچىككىنە ئىش،شۇنداق بولسىمۇ ئىشنىڭ ھەق بولغىنى ياخشى.مىنڭچە بۇ ئىش ئەسەر ھوقۇقى تالاش-تارتىشىغا ئايلىنىپ قالمىسا.سىزنىڭ تېلىپۇن نومىرىڭىزنى جىق سۈرۈشتە قىلىپ تاپالماي قالدىم،تېلىپۇندىلا ئىزاھات بىرىپ ئۆز ئارا ئۇقۇشۇۋالايلى دەپ ئويلىغان
ئىدىم،توردىمۇ سىز بارمۇ-يوق؟ئۇقمايمەن،بولمىسىڭىزمۇ بېرەر يېقىنلىرىڭىز بولسا يەتكۈزۈپ گەپ ئۇقۇشىۋالارمىز دەپ توردا يېزىشقا مەجبۇربولدۇم.خەير،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق،تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.بۇ ئۇقۇشماسلىققا قارىتا جاۋابىڭىزغا تەشنامەن.
تېلىپۇنۇم:13899222854
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-5 12:00 AM