مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 0997zumrat

بىزگە قانداق قىزلار كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركەت سۆزدىن غالىپ كېلىدۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36749
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9228
تۆھپە نۇمۇرى: 1660
توردا: 10303 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 09:25:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە قانداق قىزلار كىرەك ؟
ئابدۇلئەھەت ئابدۇرشىت بەرقى
بىزگە قانداق قىزلار كېرەك ؟ دىگەن بۇ سۇئال ئادەمنى سەل قىينايدۇ . چۇنكى ،نۇرغۇن ئادەم مەن دىگەن نوختىدىن پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئۇلار ماڭا قانداق قىز كىرەك دىگەن سۇئالغا ئانچە قىينالماي جاۋاپ بىرەلەيدۇيۇ، بىز دىگەن سۇئال ئالدىدا تىڭىرقاپ قالىدۇ . چۈنكى، شۇ مەن نىڭ قىممەت قارىشى كۆپچىلىككە ۋەكىللىك قىلالامدۇ ؟ ۋە ياكى مەن نىڭ قىممەت قارىشى بىلەن باشقىلارنىڭ قىممەت قارىشى ئوتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرىقلەر بارمۇ ؟
بۈگۈ ن قىممەت قاراشلىرىمىز تۇراقسىز بىر دەۋىردە ياشاۋاتىمىز، قىسقىغىنە بىر مەزگىل ئىچىدە قىممەت قاراشلىرىمىز نەچچە قېتىم ئۆزگۈرۈپ بولدى . بۈگۈ ن ئايرىم ئۈچ خىل قىممەت قارىغا ۋەكىللىك قىلىپ ياشايدىغان بىر ئا ئلە كىشىلىرىنى ئۇچرىتىش تەس ئەمەس . مىسالى بوۋىسى بىر خىل قىممەت قارىشى ئىچىدە ياشىسا، دادىسى يەنە بىر خىل قىممەت قارىشى ئىچىدە ياشايدۇ، ئۆ زى يەنە بىر خىل قىممەت قارىشىنىڭ ھەلەكچىلىگىدە، بەلكىم بىر قانچە ياشقا كىرىپ قالغان ئوغلى يەنە بىر خىل قىممەت قارىشىغا ئىگە بولۇپ چوڭ بولۇشى مۇمكىن . بۇلار بىر ئائلە كىشىلىرى بولغانلىغى ئۈچۈن، بۇ پەرىقلىق قىممەت قاراشلىرى بەزىدە زىدىيەتلىشىپ قالىدۇ، لېكىن بۇ زىدىيەت قاراشلار ئارا يۈز بەرگەنلىگى ئۈچۈن، مەلۇم نوختىدا ئۆز ئارا مۇرەسسە قىلىپ تەڭ مەۋجۇت بۇلۇشنىڭ ئامالى ھەققىدە ئىزدىنىدۇ ۋە تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ . بەزىلەر بۇ ئىشنى نورماللىق، ياش، دەۋىر پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دە پ قارايدۇ . ۋارىسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۈچ ئەۋلات كىشىنىڭ ئۈچ خىل قىممەت قارىشىدا ياشىشى ئادەمدە بۇ قوۋم كىشىلىرىدە ۋارىسلىق قىلىدىغان، بىر نەچچە ئەۋلادنى مۇستەككەم باغلاپ تۇرىدىغان، قوۋمىنى مۇشۇ خىل مۇناسىۋەت ئارقىلىق كۈچكە ئىگە قىلىدىغان نەرسىلەر يوقمۇ نىمە ؟ دىگەن گۇماننى پەيدا قىلىدۇ . ۋاھالەنكى، مەسىلىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى بۇ ئەمەس . ئالدىنقى بىر ئەۋلات كىشىلەر بىلەن كېيىنكى بىر ئەۋلات كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرى پەرىقلىنىپ قالماستىن بىر دەۋىردە ياشاۋاتقان بىر ئەۋلات كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرىمۇ پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ، بىر مىللەتتىن بولغان تەڭتۇش بىرنەچچە ئادەم بىر يەرەگەكەلگەندە ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى نوختىسىدىن چاك چېكىدىن بۆسىلىپ، پارچىلىنىپ كەتكەنلىەىنى بايقايسىز . بىر ئۈستەللىك زىياپەتتە بىر نەچچە خىل قىممەت قارىشىنىڭ تەڭ ئوتۇرغا چىقىشى ئۈرۈمچىدەك بىر چوڭ شەھەردە نور مال ھادىسىگە ئايلانغان . بەزىلەر بۇ مەسىلىنى مەدىنىيەتلەرنىڭ ئورتاقلىغى ياكى قىممەت قاراشلىنىڭ تەڭ گۈللىنىشى، دەپ قارايدۇ . دىمەك، مۇشۇ خىل ئۇبۇكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىزدە مەن نوختىسىدىن پىكىر قىلماق ئۇڭاي، بىز نۇقتىسىدىن پىكىر قىلماق تەس . چۈنكى، سىزنىڭ قىممەت قارىشىڭىز باشقىلارغا يېقىپ كىتىشى ناتايىن . ھەتتا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بىر ئادەنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قىممەت قاراشلىنىڭ زىدىيەتلىكلىكى . سىز بىر ئادەمنىڭ قىلىۋاتقان ھەركەتلىرىدىن بىر نەچچە خىل قىممەت قارىشىنىڭ، يەتتا ئۆز ئارا زىدىيەتلىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئەكىس ساداسىنى تېپىپ ھەيران قالىسىز، بۇنداق زىدىيەتلىك قىممەت قاراشلىرى بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا قانداق مۇرەسسە بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغاندۇ ؟ دەپ چۈچىمەي تۇرالمايسىز .بەزىلەر قىزلارنىڭ ئۇچۇق يۇرۇق .ئۆزى بىلەن سورۇنلاردا تەڭ ئۆلتۇرۇپ ،تەڭ ئىچىشىپ بىرەلەيدىغان ياكى كانداقتۇر ئىشلارنى مەرىتلىك بىلەن بىللە قىلالايدىۈان بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ .ياكى ماڭا شۇنداق قىزلار كىرەك دەپ ئويلايدۇ ،ياكا شەيتانى مەىسىتىگە يىتىش ئۆچۇن ئەنە شۇنداق قىممەت قارشىنى بازارغا سالىدۇ .ئەمما شۇنداق قىزلارنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئادەم ئايالىنىڭ ،قىزىنىڭ ،سىڭنىسىنىڭ شۇنداق قىز بوپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلماسلىغى مۇمكىن .قىسقىسى ھەر بىرئادەمنىڭ ئۆزىگە قانداق قىز لازىملىغى ھەققىدە ئۆزىگە خاس قاراشلىرى بار بولىشى مۇمكىن .ئانىنىڭ قىزىغا قويغان تەلىۋى بىلەن ،ئاتىنىڭ ،ئاكىنىڭ،.ئاچىنىڭ ،ئۇستازنىڭ ،جەمىيەت ئەرباپلىرىنىڭ تەلىپى ئوتتۇرىسىدا ،مۇناسىۋەتلىق قارمۇ قارشى ئككى قۇتۇپدا تۇرۇۋاتقان ئەر ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەلۇم پەرىقلەرنىڭ بارلىغى ئىنىق .
ئۇنداقتا بىزگە قانداق قىزلار كىرەك ؟بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىش ئۇچۇن ئەڭ ئاۋال قىز ياكى ئاياللارنىڭ ھاياتتا تۇتىدىغان ئۆرنىنى ئىنىقلىۋېلىپ ،قىز –ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنىق تەبىر بىرىشىمىز كىرەك .«ئاياللار بىر قولىدا بۇشۇكنى تەۋرەتسە ،يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ »
  ئىنىقكى ،ئاياللارنىڭ ساپاسى بىۋاستە دۇنيانىڭ ساپاسىنىغا تەسىز كورسىتىدۇ. ئاياللار مەسىلىسىنى ھەل قىلمىغان ،ئاياللىرىنىڭ چىھرىنى بەخىت خاتىرجەملىك ئارقىلىق نۇرلاندۇرالمىغان مىللەت ،ئەل ،مەنگۇ قەت كوتۇرەلمەيدۇ . ئاياللىرىنىڭ ،جۇملىدىن ئانىلىرىنىڭ ،قىزلىرىنىڭ بەختىگە كاپالەتلىك قىلالمىغان ئاجىز ئەرلەرنىڭ تەشكىللىنىشىدىكى جەمىيەت قاراڭغۇ ،زەئىپ ھالاكەتكە يۇزلىنىۋاتقان جەمىيەتتۇر.
مەشھۇر ئالىم جامائەت ئەرباپى ئابدۇقادىر داموللام ئەزىزى (1862-1924)« نەسىھەتى ئامما » دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق يازىدۇ : « كىچىك بالىلار ،نادان ،ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدىكى چاغدا يامان ئىللەت ۋە بىلىمسىز لىككە گىرىپتار بولسا ،كىچىكلىكىدە ئادەتلەنگەن بۇ ئىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ناھايىتى جاپالىقتۇر .ئەگەر ئانىسى بىلىملىك ۋە قەبىليەتلىك بولسا، پەرزەنتىگە ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيە قىلار، ئىسلامىيەتكىمۇ زىيان ئەمەس . بۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا كامالەتكە يەتمىكىمۇ ئاسان بولىدۇ .»(« ئۇيغۇر كىلاستىك ئەدىبىيا تارىخى» ،4- قىسىم ،شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى ،1995-يىلى نەشرى )
يۇقىرقى بايانلاردىن كۇرۇش مۇمكىنكى ،قىز ئاياللار ئەڭ ئاۋال بىر ئانا .ئانىنىڭ ئۇلۇغلىغى ھەققىدە تەرىپلەر نۇرغۇن « ئانىنىڭ بىر قىتىملىق سۇتى ھەققگە، يەتتە رەت ئاپارماق ھاقەت مەككىگە » ( ئابدىرىيىم زۇنۇن ) ھەر قانداق بىر قىز، ئانا بولىدۇ .ئايال كىشى بىر مۇنبەت زىمىن ،ئۇنىڭدىن پۇتۇن دۇنيا كۆكلەيدۇ . قىز ئاياللارنى بۇ سالاھىيە ت نوخىتىسىدىن كۇزەتكەندە ،بىز ئۇنىڭ ئۇيۇنچى ،ئېچەرمەن ئىدىيىسى «ئېچىلىپ»كەتكەن بولۇشىنى خالىمايمىز .ئانىدىن كۇتىدىغان سۇپىتىمىز مىھرىبانلىق ، كەڭ قۇساقلىق ،پەرزەنىتكە بولغان تەڭداشسىز مۇھاببەت .ھەر قانداق بىر ئادەم ئانىنىڭ ۋۇجۇدىغا تۇرەلگەندىن باشلاپ ئانىنىڭ تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلىشقا باشلايدۇ ، ئانىنىڭ روھىيىتىدىكى ھەر قانداق نەرسە قان ئارقىلىق بالىنىڭ ۋۇجۇدىغا كۆچۆدۇ. ئانا تەبىئى ھالدا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى بوپ قالىدۇ .مانا بىز مۇشۇنى تۇنۇغاندىن كىيىن بىز بىر قىزغا ئادەتتىكى بىر ئادەم سۇپىتىدە ئەمەس بىر ئانا ،بىر مۇنبەت تۇپراق ،ئۇستاز سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا تىگىشلىك ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ يىتىمىز .ناۋادا ئابدۇقادىر داموللام ئىيىتقاندەك ،ئاياللار ساۋاتسىز ،ئەخلاقسىز يامان خۇلۇقلۇق بولسا ،ئەلبەتتە پەرزەنىتلىرىمىز كىچىك ۋاخىتىدىنلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ .ئانىدىكى ئىللەت بالىغا يۇقىدۇ .بىر قىز قابىليەتلىك بىلىملىك بولسچۇ ؟ ئەلبەتتە بۇنىڭ نەتىجىسى بىزگە مەلۇم . كاللىسى جايىدا ھەرقانداق ئادەم بۇ نەتىجىنى قىياس قىلالايدۇ.ئۇنداقتا بىزگە بىلىملىك قىز كىرەك .بىلىم-بىلىش دىمەكتۇر ،بىلىشنىڭ ماھىيىتى دۇنيانى ،دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى ،ھەقنى ھەقنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش دىمەكتۇر .بىلىملىك قىز دۇنياغا نىمىشقا كەلگەنلىگىنى مەۋجۇت بۇلۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئەڭ توغرا ھەقىقەتنىڭ روھىغا يىقىن بىلەلىگۇچى دىگەنلىكتۇر . بىزگە ئەخلەقلىق قىز كىرەك .ئەخلاق بىر كەڭ كاتىگۇرىيە ،ئىنسانلار ئەگىشىۋاتقان قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئۆخشىماسلىغىغا ئاساسەن ئەخلاقتىمۇ پەرىق بولىدۇ .ئەخلاققا ئاساسەن كىلىپ چىققان تۇرمۇش قاراشلىرىمۇ پەرىقلىق بولىدۇ .ئەخلاققا ئاساسەن كىلىپ چىققان تۇرمۇش قاراشلىرىمۇ پەرىقلىق بولىدۇ .ئۇنداقتا قىزلىرىمىز قانداق ئەخلاققا ئىگە بولىشى كىرەك ؟ شەرم –ھايا –ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆركىلىرىدىن بىرى ،شەرىم ھايالىق بولۇش كىرەك .ئىپارخان ،تۇمارىس ، نۇزۇگۇم ،ئاماننىساخان ،رىزۋانگۇل ،سەنەم ،لەيلى ،شىرىن نوختىسىدىن ئېىيتقاندا ،ئۆز ئەركى ئۇچۇن كۆرەش قىلىشقا جۇرئەت قىلالايدىغان ،مۇھاببەتنىڭ پاكلىقىنى ھاياتىدىن ئۇستۇن بىلىدىغان ( مۇھاببەتبىڭ پاكلىقىنى ئۇرۇقنىڭ پاكلىقى ،ئۇرۇقنىڭ پاكلىقى ،ئۇرۇقنىڭ پاكلىقى ئەۋلاتنىڭ روھنىڭ پاكلىقىنىڭ بىشارىتى ،مۇھاببەتكە ھارام ۋە ناپاكلىق ئارلاشسىچۇ ؟ئەلۋەتتە ئۇ ئۆلىدۇ ياكى سۇپەت ئۆزگۇرىدۇ .بۇ ئۇرۇقنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ بىشارىتى ئەمەسمۇ ؟ شۇ ئارقىلىق مۇھاببەتنىڭ قىممىتىىگە ھەسسىلەپ قىممەت قۇشالايدىغان بولۇشى ،ھەقىقەتنىڭ پەرۋانىسى بولۇشى كىرەك .بۇ خىل سۇپەتلەر قىزلىرىمىزنىڭ ئانىلىق ئۇلۇغلىغىنى ،مەشۇقلۇق سۇيۇملۇكلىكىنى ،ئىنسانىلىق قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ . دىيانەتلىك ،تىرىشچان پاكىز ...بولىشى كىرەك ،بىزگە ھازىرلىغان قىزلار كىرەك .
ئۇنداقتا دىيانەت دىگەن نىمە ؟
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتىنىڭ 548-بىتىدە ،دىيانەت –كىشىلەردە بۇلۇشقا تىگىشلىك ۋىجدان ،ئىنساپ، ئىشەنىچ ،پاكلىق » دەپ ئىزاھلىنىدۇ .قىزلىرىمىزنىڭ ۋىجدانلىق ،ئىنساپلىق ،ئىشەنچىلىك ،پاك بولۇشى بىزنىڭ بەختىمىز ،تەلىيىمىز .چۇنكى ،بىزگە قانداق قىزلارنىڭ كىرەكلىگى مۇشۇ قىزلاردىن يەنە بىر قىتىم ئاشكارلاندى .دىيانەتلىك خۇتۇن ئىلىش –ئەۋلاتلارنى دىيانەتلىك ئانىغا ئىگە قىلىش دىيانەتلىك ،ماھىيەتتە ،بۇ دىيانەتلىك ئەۋلادقا ئىگە بولۇش ،دىگەنلىك .
«تالاي ئابرويلۇق قىزىل يۇزلۇك ئەر ،
خۇتۇنلار تۇپەيلى ئۆزى بولدى يەر .»
مانا بۇ بۇيۇكمۇتەپەككۇر يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ قىز –ئاياللار ھەققىدىكى ئىخچان كۆز قارشى ، ئۇيغۇرلاردا « ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن ،يەر قىلغان مۇ خۇتۇن » دىگەن گەپ بار. دىمەك ،ئاياللارنىڭ ساپاسى بىۋاستە ھالدا ئائىلىگە ئەرلەرگە تاقىلىدۇ .ئەخلاقلىق نۇمۇسچان ،دىيانەتلىك ،گۇزەل ،بىلىملىك قىز –ئاياللار ئائلىنىڭ ،ئەرلەرنىڭ بەختىلا ئامەس ،بەلكى دۇنيانىڭ بەختى، ئىنسانىيەتنىڭ بەختى .
بۇگۇنكى دۇنيا ھەر خىل ئازدۇرغۇچى ئىدىيىلەر بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ،ئاياللار جاپاكەشلىگى ،ئاجىزلىغى ئاق كۆڭۇللىگى تۇپەيلىدىن بۇ ئىدىيىلەرنىڭ بۇ ئىدىيىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ ئۇڭاي ئۇچرايدۇ . جەمىيەتنى ئۆز پايدىسى ئۇچۇن ئۆزگەرىتمەكچى بولغان سىئاسىئونلاردىن ساخىتىپەزلەرگە قەدر ھەممىسى جەمىيەتنىڭ ئاڭ كىچىكلىتىلگەن بىرلىگى ، بۇ جەمىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك مۇستەقىل تەركىۋى شۇنداقلا تەركىپلىگۇچىسى بولغان ئائىلە ئارقىلىق جەمىيەتنى ئۆز پايدىسىغا ئۆزگەرتىش نىشانىغا يىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ .ئائىلىگە تەسىر كۆرسىتىش ،ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ قورغاننى ئىشغال قىلىش ئۇچۇن قورغاننىڭ مەركىزى بولغان ئايال كىشىدىن ئىش باشلايدۇ .ھەتتا بىر دوۋلەت يەنە بىر دۆۋلەتنى ئاجىزلاشتۇرۇش سۇيقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن تۇنجى ھۇجۇمنى زەھەرخەندىكىك بىلەن ،ئاياللارغا قارىتىشى ،ئاياللارنىڭ قىممەت قارشىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئائىلىنى بىر مۇكەممەل بىر مەكتەپ ،قورغاندىن تەرەققىيات نىشانى يوق مانقۇرۇتلار ئۇۋېسىغا ئايلاندۇرۋېتىشى مۇمكىن ؛يەنە ئاياللاردىكى ساپاسىزلىق ئارقىلىق ئەۋلاتلارنىڭ ئەڭ مۇھۇم تەربىيىسى بولغان دەسلاپكى باسقۇچتىكى ئائىلىۋى تەربىيىبى بەربات قىلىشى مۇمكىن . شۇنىڭ بىلەن ئانىدىن ئىبەرەت مۇنبەت تۇپراق زەئىپلىشىپ ئەڭ ئىسىل زىرائەت ،كوكتات ،مىۋىلەر ئۇسۇپ چىقىز ئورنىغا زىيانلىق نەرسىلەر ئۇنۇپ چىقىشى مۇمكىن ،بۇ تارىخ تالاي قېتىم ئىسپاتلانغان ھەقىقەت .
ئابدۇقادىر داموللام شۇ سەۋەپتىن «قىز ئاياللارنى ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپرەك تەربىلەش » كىرەكلىگىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ،لىكىن ئابدۇقادىر دامولىنىڭ ئەۋلادى بولغان بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قارشىمىز غەلىتە . نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە قىز ئاياللارنىڭ ئوقۇشقا مەبلەغ سىلىشقا ئەرزىمەيدۇ ياكى ئۇلارغا مەبلەغ سىلىشتىن توۋەن تۇرۇدۇ . ئۇلارغا بىر قىزنىڭ ئانا بۇلۇپ بالىلارنىڭ دەسلاپكى ئۇستازى بولىدىغانلىقى ، ئاياللارنىڭ ساپاسىنىڭ بىۋاستە ھالدا جەمىيەتنىڭ ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىھەقىقەت بۇلۇپ تۇيۇلمىسا كىرەك .
ئالى مەكتەپنى پۇتۇۇرگەن قىزلارنىڭ ئۇغۇللارغا قارىغاندا خىزمەت ئۇرۇنلىرىنىڭ قارشى ئىلىشقا ئىرىشەلمەسلىگى ھەقىقەتەن بىر پاجىئە...جەمىيەت ھەر خىللىرىنىڭ كەلگۇسى ئانىلارغا چىقىش يۇلى بىرىشتە بىخىللىق قىلىشى بىر ئەلنىڭ نادانلىغىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسپاتى .
بىزگە قانداق قىزلارنىڭ كىرەك لىگىنى بىلىش ئۇچۇن قولىنىشقا بولىدىغان يەنە باشقا ئۇسۇل بىزگە كىرەك ئەمەس قىزلارنىڭ قانداقلىغىنى ئايرىپ چىقىش .لىكىن بىز دىگگن ئۇقۇمنىڭ تايانچى چۇقۇم ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ،ھەقىقەتكە ئەڭ يىقىن ئەخلاق بولۇشى كىرەك . بىزگە كىرىگى كۆڭۇل ئىچىشىمىز ئۇچۇن ئارزۇلىنىدىغان قىزلار ئەمەس ،توي قىلىشىمىز ،بالىلىرىمىزنىڭ ئانىسى قىلىنىشى ئۇچۇن ئارزۇلىنىدىغان قىزلاردۇر . بىز لاياقەتلىك ئانا –دىيانەتلىك مەشۇق گۇزەل پاكىز ،مىھرىبان ،بىلىملىك ئاچا- سىڭىللارغا موھتاج .

تەۋەرۈك كىتابلار دۇنياسى
http://kitabim.taobao.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83443
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1158
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2014-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 09:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزى ئۈچۈن توغرا گەپ قىلسا ئاڭلايدىغان قىزلار كېرەك....

دىل ئازارى،خۇدا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4825
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11379
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 1152 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 09:32:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
poyuz يوللىغان ۋاقتى  2012-10-19 08:36 PM
مەيلى قانداق ياخشى نىيەت بىلەن يېزىڭ،  پەقەت غەيۋەتلا  ...

پويىز باكانغۇ ماۋۇ مۇنبەردە،،مە ن تېخى ئافرىقىغا ساياھەتكە كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1912
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 09:40:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
DIL-YIRIM يوللىغان ۋاقتى  2012-10-19 09:32 PM
پويىز باكانغۇ ماۋۇ مۇنبەردە،،مە ن تېخى ئافرىقىغا ساي ...

بۇرۇن مۇنبەردە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئافرىقىغا كەتكەن دەپلا ئويلايدىكەنسىزدە
ئېسىڭىزگە ئافرىقا بەك كېلىدىكەن دىسە

مەن ئاقىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىدىنمۇ يېڭىلىپ باقمىدىم.
جاھىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىنىمۇ يېڭىپ باقمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 10:11:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 11:06:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ھىسيات بىلەن ئەمەس ئەقىل بىلەن ئىش قىلدىغان قىزلار كېرەك.

مەنمۇ مۇشۇنداق ئويلايمەن ھەم شۇنداق بولسامكەن دەيمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەۋېر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-19 11:09 PM  


بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86030
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 239
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-10-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 11:15:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
poyuz يوللىغان ۋاقتى  2012-10-19 08:36 PM
مەيلى قانداق ياخشى نىيەت بىلەن يېزىڭ،  پەقەت غەيۋەتلا  ...

سىزگىمۇ رەھمەت،تېمىنى ئۆزىڭىزگە تەدبىقلاپ ياخشى چۈشەنگەندەك قىلىسىز. ئەمدى سىزمۇ كېرەك بوپ قالارسىز. تورداشلارنىڭ ‹‹غەيۋەت››ىگە بەك قۇلاق سالغايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23101
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6246
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 11:18:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىز تىرىشايلى قىزلار گەلگسىدىكى بىزنىڭ باللىرىمىزنىڭ ئانىسى...................

مەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1912
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 01:58:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0997zumrat يوللىغان ۋاقتى  2012-10-19 11:15 PM
سىزگىمۇ رەھمەت،تېمىنى ئۆزىڭىزگە تەدبىقلاپ ياخشى چۈش ...

ۋاي سىزگىمۇ رەخمەت، ماڭا تەدبىقلاپ، پال ئاچقان بولسىڭىز، جاۋابى شۇكى، ئەپسۇس پالىڭىز توغرا چىقماي قالدىدە، قارغۇلارچە ئاچقان پال توغرا چىقىۋەرمەيدۇ ئەمەسمۇ، تېمىڭىزغا ياخشى ئىنكاس يازمىغانلارغا كىيدۈرىدىغان بۆكلىرىڭىزمۇ تەييار ئىكەن، ئۆزىڭىز كىيىۋېرىڭ بولدى، باشقىلارغا زولاپ كىيگۈزىمەن دىمەي.
سىز تېمىدا بىزگە ياخشى قىزلار كېرەك دەپ يېزىپ كەتكىنىڭىز بىلەن، بۇ تورچىلىقتا غەيۋەت تېمىسى تىزىپ بەرگەن بولىسىز خالاس، بۇنىسى ئېنىققۇ، بارلىق ياخشى قىزلارنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، خۇددى بۇ جاھاندا  ياخشى قىز قالمىغاندەك، ھەممىسىگە بوپ بېرىدىغانلار يوق ئەمەسقۇ، مانا سىزمۇ كۆزى ئوچۇق كور، بەدنامچىكەنسىز، قارشى ئىنكاس چۈشكەنگە بىردەمدە قارا سۈرتكەنگە چۈشتىڭىز. سىزنىڭچە ئىچىدىغان چېكىدىغانلار توردا يۈرىدىكەندە.
مۇشۇ تېما يازىدىغانلار بەزىلەر ئىچىدە،  قايسى ئىشلارنى جىقراق بېشىدىن كەچۈرگەن بولسا، شۇ توغرۇلۇق بەك بىر نەرسە يېزىپ، ۋەزخانىلىق قىلىدۇ دەيدۇ.(موللىنىڭ دىگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما دىگەندەكچۇ)
بۇ مۇنبەردە ھىلىمۇ قىزلارنى سۆككەن تېمىلار ئازمۇ؟؟؟  سىزنىڭچە ھەممە قىزلار شۇنداقمۇ؟؟؟ مەيلى قانچىلىك ياخشى نىيەتتە يېزىپ كېتىڭ، بۇ توردىكىلەرنىڭ ھەممە قىزلارنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغىنى ئېنىققۇ؟؟؟
شۇڭا مەن قىزلارنى يامان كۆرسۈتىدىغان تېمىلار ياقتۇرمايمەن، ياقتۇرمىغىنىم ئۈچۈنلا ماڭا قالپاق كىيدۈرىمەن دىگىنىڭىز نىمىنى چۈشەندۈرەر-ھە؟؟؟ يازغان تېمىڭىزنىڭ پايدىسى مۇشۇمۇ؟
ھەممىمىزنىڭ ئانىسى، ئاچا-سىڭىللىرى قىز، پەقەت ئائىلىدىكى قېرىنداشلار ئارا مېھىر-مۇھەببەت، كۆيۈنۈشلەرلا، ئۆز يېقىنلىرىنى يامان يولغا مېڭىشتىن توسىيالايدۇ،
يامان يولغا كىرىپ قالغانلارنى شۇ دادىلىق مېھىر-مۇھەببەت، ئانىلىق مېھىر-مۇھەببەت، ئاكىلىق مېھىر-مۇھەببەت ئۆزارا توغرا چۈشۈنۈش، مەدەت بېرىش، قوللاش، خاتالىقىنى تونۇشىغا ياردەم بېرىپ ، قولىنى تارتىش ئارقىلىقلا يامان يولدىكىلەرنى ياخشى يولغا باشلىغىلى بولىدۇ.
توردا بۇنداق تېما يېزىش پەقەت، قىزلارغا يەنە بىر قالپاق كىيدۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس،
ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق قىزلار بولسا، شۇ يولدىن قايتۇرىمىز دەيدىكەنسىلەر، بۇنى ھەر بىر ئائىلىدىن باشلىشى كېرەكقۇ!!!
ھەر بىر ئائىلە، ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى قوغدىيالىسا، ھەممە ئىشنىڭ توغرا -خاتاسىنى بىلەلىگىدەك، ئىمان -ئېتىقادلىك، بىلىملىك، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولالىسا،   مۇشۇنداق نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردىن قۇرۇلغان بىر جەمىيەت سىزنىڭچە يەنە قالايمىقان بولارمۇ؟؟؟!!!
شۇڭا بىر ئائىلە بىر دۆلەت دەيدىكەن، بىز شۇ كىچىك دۆلىتىمىزنى چىڭ باشقۇرايلى، نىمە مەسىلىلەر ھەل بولمايدىكىن قېنى؟؟؟!!!!
مۇشۇنداق قىزلار نامىغا داغ كەلتۈرىدىغان تېمىلار، بۇ ھەرگىزمۇ ئالدىنى ئېلىش ئەمەس، بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرۈپ، كەڭ تەشۋىق قىلىش، قىزلارنى ھەممىنى قىلىدىغانغا چىقىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شۇڭا قىزلارنى سۆكىدىغان سازايى قىلىدىغان تېمىلار يوللانمىغىنى ياخشى، چۈنكى شۇ قىزلار كەلگۈسىمىزنىڭ ئانىلىرى. ئۇلارنى توردا ئەمەس، ئائىلىدە مېھرى مۇھەببەت بىلەن ياخشى يولغا باشلاشنى بىلىۋالايلى!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   poyuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-20 02:25 AM  


مەن ئاقىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىدىنمۇ يېڭىلىپ باقمىدىم.
جاھىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىنىمۇ يېڭىپ باقمىدىم.

يۈرۈكۈم ئورنىغا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38747
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3472
تۆھپە نۇمۇرى: 95
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2012-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 03:39:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيە ئالايلى ، ھەم تەربىيە قىلايلى.....

تۆنۆگۈن ئۆتمۈش ،بۈگۈن ھاياتلىق، ئەتە شىرىن چۈش .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش