مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2875|ئىنكاس: 39

بىزگە قانداق قىزلار كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86030
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 239
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-10-13
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 05:04:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىزگە قانداق قىزلار كېرەك


ئانا بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ . شەرىم- ھايالىق، ئەخلاقلىق، پاك دىيانەتلىك بولۇش قەدىمدىن تارتىپ قىز- ئاياللارغا قويغان ئەخلاق ئولچىمىدۇر.
نۆۋەتتە ھاراققا بېرىلىش قىسمەن قىزلىرىمىز ئارىسىدا ئەۋج ئېلىپ ، جەمئىيىتىمىزدە « ئىچەرمەن قىزلار » توپىنى شەكىللەندۈرۈپ قويماقتا.
ئا xx مەلۇم ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەن، ھازىرچە ئىشسىز .
    نىمە سەۋەبتىن ھاراق ئىچىدىغان بولۇپ قالدىڭىز ؟

مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىدىم، كۈنلىرىم بېسىم ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى، نەتىجىدە كەيپىياتىم ياخشى بولمىسىلا ھاراق ئىچىدىغان بولۇپ قالدىم .

ئاتا – ئانىڭىز بۇ ئىشنى بىلەمدۇ؟ ئاتام بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن، ئاكامنىڭ مەن بىلەن كارى يوق. ئانام دەسلىپىدە قاقشىغان، لىكىن قاقشاشلىرى كار قىلمىغاندىن كېيىن گەپ قىلمايدىغان بولىۋالدى .

    ز xx ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەلەۇم ئىدارىنىڭ خىزمەتچىسى. نىمە سەۋەپتىن ھاراق ئىچىدىغان بولۇپ قالدىڭىز؟ مېنى ئۆزى خالاپ ھاراق ئىچەمدىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئىچىپ سالدىم. بىزنىڭ ئىدارىدە خىزمەتداشلار ئولتۇرۇشى بەك كۆپ، ئولتۇرۇشلار ھاراقسىز ئاخىرلاشمايدۇ، بۇنداق سورۇنلارغا بارمىسىڭىز، باشلىق رەنجىيدىغان گەپ، بۇ خىزمەتكە تولىمۇ تەستە ئېرىشكەچكە، شۇڭا ئامالسىزلىقتىن ئىچىمەن. ھاراق ئىچىدىغانلىقىڭىزنى ئاتا-ئانىڭىز بىلەمدۇ؟ ئاتام بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن، ئانامنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن شۇڭا ھاراق ئىچكەن كۈنلەردە ئۇ ئۇخلاپ قالغاندا ئۆيگە كىرىمەن

    نۆۋەتتە جەمىيىتىمىزدىكى قىسمەن قىز- ئاياللىرىمىز ئارىسىدا پەيدا بولغان ھاراققا بېرىلىشتەك بۇ ناچار ئىللەت ھەر قانداق بىر ئادەمنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.

    شىنجاڭ مائارىپ  ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شائىر، يازغۇچى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىت بەرقى بۇ ھەقتە مۇنداق دىدى:

     بىزگە قانداق قىزلار كېرەك ؟ دېگەن بۇ سۇئال ئادەمنى سەل قىينايدۇ، چۈنكى نۇرغۇن ئادەم « مەن » دېگەن نۇقتىدىن پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئۇلار ماڭا قانداق قىز كېرەك؟ دېگەن سۇئالغا قىينالمايلا جاۋاپ بېرەلەيدۇ-يۇ ، « بىزگە » دېگەن سۆز ئالدىدا تېڭىرقاپ قالىدۇ. ھازىر قىممەت قاراشلىرىمىز تۇراقسىز بىر دەۋىردە ياشاۋاتىمىز، بەزىلەر قىزلارنىڭ ئوچۇق- يوۇق، سورۇنلاردا ئۆزى بىلەن تەڭ ئولتۇرالايدىغان، ئىچەلەيدىغان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ياكى ماڭا شۇنداق قىزلار كېرەك، دەپ ئويلايدۇ، ئەمما شۇنداق قىزلارنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلارنىڭ ئايالىنىڭ، قىزىنىڭ ياكى سىڭلىسىنىڭ شۇنداق بولۇپ قېلىشىنى خالىماسلىقى مۇمكىن.

  قىسقىسى، بىر ئانىنىڭ قىزىغا قويغان تەلىپى بىلەن ئاتىنىڭ، ئاكىنىڭ، ئۇستازىنىڭ، جمئىيەت ئەربابلىرىنىڭ قىزلارغا قويغان تەلىپى ئوتتۇرىسىدا ئوخشىماسلىقلاىر بولىدۇ. ئېنىقكى، ئاياللارنىڭ ساپاسى بىۋاستە مىللەتنىڭ ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاياللار مەسىلىسى ھەل بولمىغان، ئاياللارنىڭ چېھرىدە بەخت، خاتىرجەملىك نۇرلىرى چاقنىمىغان مىللەت، ئەل مەڭگۈ قەد كۆتىرەلمەيدۇ.


    ھەر قانداق بىر قىز ئانا بولىدۇ. ئايال كىشى بىر مۇنبەت زېمىن، ئۇنىڭدىن پۈتكۈل دۇنيا كۆكلەيدۇ. قىز – ئاياللارنى بۇ سالاھىيەت نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، بىز ئۇلارنىڭ ئويۇنچى، ئىچەرمەن، ئىدىيەسى « ئېچىلىپ كەتكەن » بولۇشنى خالىمايمىز. ھەر قانداق بىر ئادەم ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىن تۆرەلگەندىن باشلاپ، ئانىنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ.، ئانا روھىيىتىدىكى ھەر قانداق نەرسە قان ئارقىلىق بالىنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىدۇ. ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى . بۇ نۇقتىنى تۇنىغاندىن كېيىن، قىزلارغا ئادەتىكى بىر ئادەم سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىر ئانا، بىر مۇنبەت تۇپراق، .ئۇستاز سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا تېگىىشلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.


   بىزگە زادى قانداق قىزلار  كېرەك؟ بىزگە كۆڭۈل ئېچىشىمىز ئۈچۈن ئارزۇلىنىدىغان قىزلار ئەمەس، بەلكى توي قىلىشىمىز، باللىرىمىشنىڭ ئانىسى قىلىنىشى ئۈچۈن ئارزۇلىنىدىغان ئەخلاقلىق، بىلىملىك، شەرم- ھايالىق، دىيانەتلىك قىزلار كېرەك.

  مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى » 2012 –يىلى 12- سېنتەبىر سانى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-19 05:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85292
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 343
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-9-21
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 05:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەزىدە جەمىيەتتەكىكى مۇشۇنداق پاراڭلارنى ئاڭلاپ قالسام ھەيران بۇلۇپ قالىمەن ، قىزلىرىمىز ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ چەتئەللىكلەرگە ئوخشاپ قېلۋاتىدۇ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 05:33:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10414
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 05:36:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلار ئۈچۈن ئىغىز ئىچىشقا توغرا كەلسە  ئائىلىدە ئاتىسىدىن ئاكىسىن  مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش كىرەك

شاھزاد
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 05:36:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 05:40:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىڭىز گېزىتنى كۆپ كۆرۈپ نەپ ئالغاندىن باشقا، ياخشى تېمىلارنى مۇنبەرگە ئېرىمەي ئۇرۇپ يوللاپ،مۇنبەرداشلارنىڭ نەپ ئېلىشىغا،مۇنبەر ماتىريالىنىڭ تولۇقلىنىشىغا تۆھپە قوشۇۋاتىسىز  ‹‹زۇمرەت0997›› خانىم.بۇ ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم.

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85143
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 06:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېيمىكەن ...........

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 07:30:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا حوتۇنۇمدەك مەسئۇلىيەتچان حانىم كېرەك.ئۈزىدىن باشقىسى كېرەك ئەمەس.

ئادەم بولماق تەس

دىل ئازارى،خۇدا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4825
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11379
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 1152 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 07:32:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە  مىللىي خاسلىقىنى يوقاتمىغان چىرايدىن نۇر يېغىپ تۇرغان ئەقىللىق ،ئىشچان ئۇيغۇر قىزلىرى كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   DIL-YIRIM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-19 07:36 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1912
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 08:36:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى قانداق ياخشى نىيەت بىلەن يېزىڭ،  پەقەت غەيۋەتلا ئەپ كېلەلەيدىغان تېما يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zanjir34 + 10 ئىچىپمۇ قويامسىز نىمە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مەن ئاقىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىدىنمۇ يېڭىلىپ باقمىدىم.
جاھىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىنىمۇ يېڭىپ باقمىدىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش