مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بۇرۇنقى تېمىلىرىنى ئارىلاپ كۆرۈۋېتىپ، 2011-يىلى 13-نويابىر يوللانغان «ئاندىرويىد،نېگىزىدىن ئۇيغۇرچىلاشقان ئەپ» ناملىق تېمىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بۇ تېمىنىڭ بىر يېرىدە مۇنداق دېيىلىپتۇ:
......
كەڭ تورداشلارغا دەيدىغىنىم :
1. مەن يۇمشاق دېتال دەپ ئالسام ئاۋۇ يۇمتال دېگەن ئورۇنغا پاتمايدۇ ۋە سېستىمىنىڭ بارلىق شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ شۇڭا يۇمتال دەپ ئالدىم .
2. ئەپ دەپ ئىنگىلىزچە ئالاي دېسەم ئېنگىلىزچە ئاتالغۇدىن بىرقەدەر ياخشى بولغان يۇمتال دېگەن سۆزگە كۆڭلۈم چۈشتى .
3. يۇمتال دېگەن سۆز مەيلى قىسقارتىشتا خاتالىق بولسۇن ياكى بولمىسۇن مەن ياقتۇرىمەن ، مىنىڭچە يۇمشاق دېتال دېگەن دىن بىرقەدەر ياخشى
شۇنىڭغا ئوخشاش : ئېلخەت ،يۇمتال ...
......
بۇ يېڭى«سۆز» نى كۆرۈپ بىر پەس تۇرۇپ كەتتىم. ئارقىدىنلا :«بۇ قانداق سۆز بولدى ئەمدى؟ بىرەرسىگە دېسە دەماللىققا چۈشەنمىگۈدەك» دەپ ئويلىدىم. ئارقىدىنلا تورلاردا بەس-مۇنازىرە بولغان يېڭى سۆزلەردىن «كەم پۈتەر»(كومپيۇتېر)،«چ چ»(كيۇ كيۇ)،«كوت-كوت»(كيۇ كيۇ)... دېگەندەك سۆزلەرنى ئويلاپ تۇرۇپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ ئاغزىدا يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان سۆزلەر توغرىلىق مەزكۇر ماقالەمدە مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتتۈم. ئالدى بىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «يۇمتال» دېگەن سۆزدىن باشلايمەن.
مېنىڭچە «يۇمتال» دېگەن بۇ ئاتالغۇ تازا قاملاشمىغان. چۈنكى يېڭى سۆز ياساشتىكى بىر ئۆلچەم _ ياسالغان سۆز ئاشۇ ئوبيېكتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇقۇمنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش كېرەك. مەسىلەن: «ئېلخەت» سۆزى «ئېلېكترونلۇق خەت» تىن قىسقىراپ كەلگەن. «ئېلېكترونلۇق خەت» نىڭ ئۇقۇمى «خەت» بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنى خەتنىڭ بىر تۈرى. شۇڭا «ئېلېكترونلۇق» دېگەن سۆز بىر بوغۇمغا قىسقارتىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى مېغىز ئۇقۇم _ «خەت» قىسقارتىلمىغاچقا، يېڭى ياسالغان «ئېلخەت» سۆزى ئۇنىڭدىكى مەنانى ئاساسەن چىقىرىپ بېرەلىگەن. شۇڭا «ئېلخەت» دېگەن بۇ سۆز تېز ئومۇملىشالىغان.
يەنە مەسىلەن: «ئۈندىدار» (ئاۋاز-ئۈن ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغان قورال)، بۇنىڭدىكى مېغىز ئۇقۇم_ ئۈن. چۈنكى ئۇ ئاۋازنى ئاساس قىلىپ ئالاقىلىشىدىغان قورال. دېمەك مۇشۇ ئۈن دېگەن سۆزنى ئاساس قىلغان ھالدا «ئۈنخەت»، «ئۈندىدار»...دېگەندەك قوللىنىلىۋاتىدۇ.
«يۇمتال» دېگەن بۇ سۆزگە كەلسەك، ئەسلىي ئاتىلىشى يۇمشاق دېتال. دېمەك، بۇنىڭدىكى مېغىز ئۇقۇم _ دېتال (يەنى ئۇ _ دېتالنىڭ بىر تۈرى). «يۇمشاق» بىلەن بىرگە بۇنىڭدىكى مېغىز ئۇقۇم بولغان «دېتال»نىمۇ قىسقارتىۋەتسەك، مەنىسى چۈشىنىكسىز بىر سۆز بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى «تال» دېگەن بۇ بوغۇم بىلەن «دېتال»نى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. مىسرانىم مۇنبىرىگە كىرىپ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تېمىگە كىرگەنلەرغۇ بۇ يېڭى ئاتالغۇنى كۆرەر، ئەمما باشقا ئادەمگە «يۇمتال» دېسىڭىز ئۇ بۇ گەپنى چۈشىنەرمۇ؟ بۇ سۆزنى قانچىلىك ئادەم قوبۇل قىلالايدۇ؟
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭى شەيئىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئاتىلىشىمۇ بەس-مۇنازىرە قىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما يېڭى سۆزلۈكنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ئۇنىڭ باشقا تىلدىكى ئەسلىي ئاتىلىشى ئاساس قىلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ۋېكليۇچاتېل، كومپيۇتېر، MP3... دېگەندەك. ئەمما چەتتىن كىرگەن سۆزلەر، بولۇپمۇ ئېنگلىسچە، رۇسچە سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسىغا تازا دېگەندەك چۈشمىگەچكە، ئاتاش قىيىن بولۇشتەك مەسىلىلەر كۆرۈنۈۋاتىدۇ. (مەسىلەن: چوڭلىرىمىز بەزى ئاتالغۇلارنى دېگەندە دۇدۇقلاپ قالىدۇ.) شۇڭا ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسىغا چۈشىدىغان، كەڭ خەلق ئاممىسى چۈشىنەلەيدىغان، ئوبيېكىتنى ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان يېڭى سۆزلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى تۇرمۇشقا قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل بايلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
مەسىلەن:
1. ئۈزچات _ بۇ سۆز خەنزۇچىدىكى 开关 نى ئۇدۇل تەرجىمە قىلىشتىن كەلگەن. ئۇنى ئاستى ئۈستىگە بېسىش ئارقىلىق توكنى ئۈزگىلى ۋە ئۇلىغىلى بولىدۇ. بۇ سۆز «ۋېكليۇچاتېل» غا قارىغاندا ئېيتىشقا قولايلىق ۋە چۈشىنىشلىك.
2. توكسىكىلىت _ يەنى توك بىلەن ماڭىدىغان ئىسكىلىت-جازا. بۇرۇنقى «موتوسىكىلىت» _ ماتور بىلەن ماڭىدىغان ئىسكىلىت-جازا بولغان بولسا، «توكسىكىلىت» _ توك بىلەن ماڭىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، «ديەن دۇڭچې»،«توك موتو» دېگەنگە قارىغاندا ئوبرازلىق چىققان.
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەنىلىك ئىسىملار چىقىش بىلەن تەڭ، بەزى تور ۋاسىتىلىرىدە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتسىزلا يېڭى-يېڭى ئىسىملارنى "كەشىپ" قىلىدىغان، بەزىلىرى ئويۇن-چاقچاق قىلىپ لاۋزىلىشىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.
مەسىلەن:
ۋېيشىننى ھەممە ئادەم ھەرخىل ئاتاپ "مىكرو خەت"، "ئۈنخەت"، "مىكرو ئۇچۇر" ...دېگەندەك تۈرلۈك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتاپ باقتى. "ئۈندىدار" دەپ قېلىپلاشتۇرۇلسىمۇ، بەزىلەر بۇ ئاتالغۇنى تەنقىدلەپ سۆكۈپ بەس مۇنازىرە قوزغىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، قاتناش قورالى BRT نى "بارات تېز"،"باراشىڭ تېز"، كومپيۇتېرنى "كەم پۈتەر"... دەۋالىدىغانلار، كيۇ كيۇنى ئۇيغۇرچە "چ چ" دەپ يازىدىغانلار بار. قاتناش قورالى بىلەن بارات دېگەن ئادەم ئىسمىنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟ ئادەمنىڭ نېمە نەرسىسى كەم بولسا كومپيۇتېر ئارقىلىقلا پۈتەمدۇ؟ QQ دېسىغۇ ئېنگلىسچىدا بىرەر مەنا، ئۇقۇم ئىپەدىلىنەر. ئەمما ئۇيغۇرچىغا تۈپتۈزلا تەرجىمە قىلىپ "چ چ" دېسەك، قانداق مەنا چىقىدۇ؟ دېمەك، يېتەرلىك دەلىل كۆرسەتمەي تۇرۇپلا ئېغىزغا نېمە گەپ كەلسە، قايسى ئىسىمنى ياقتۇرساقلا شۇنى تەشۋىق قىلىپ باشقىلارغا مەجبۇرى تاڭساق بولمايدۇ.
قىسقىسى، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇش بىر ياخشى ئىش. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا بىلىم كېرەك. ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسى، گرامماتىكىسىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، شۇنىڭغا قارىتا ئەمەلىي دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسى قوبۇل قىلالايدىغان يېڭى سۆزلۈكلەرنى ياسىيالىسا، مانا بۇ ئىلمىي بولىدۇ. ئەمما كاللامغا كەلدى دەپ دەلىلسىز ھالدا ئېغىزغا كەلگەننى دەۋەرسەك، بۇ بىر تېتىقسىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ تىل بايلىقى ئاشسۇن، ئەمما ئىلمىيلىكى يوق "ئەخلەت سۆز" لەر ئۇيغۇر سۆزلۈكىنى ئەخلەت قىلمىسۇن!
2012.10.17