|
|
|
|
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتى يازلىق تەنتەربىيە مەيدانىدا مەركەز،ئاپتۇنۇم رايۇن ، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە قاتارلىق ھەردەرىجىلىك پارتىيە -ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىريەرگە جەم بولۇپ مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئون مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرى ،شۇنداقلا بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ ھەرجايلاردا خىزمەت قىلۋاتقان خادىملار بىرلىكتە ئېلمىزنىڭ ئەڭ غەربىي-جەنۇبىغا جايلاشقان تولۇق كۇرۇس تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتى قۇرلغانلقىنىڭ 50يىلىلىقى تەبرىكلەندى .ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ليۇ يەندۇڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ تەبىرىكنامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. پائالىيەت ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇھىم سۆز قىلىپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى ئوقۇ-ئوقۇتۇش،ئىزدىنش ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق ئۇتۇقلىرىغا، نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە بۇندىن كېيىن كۈتىدىغان تىلەكلىرىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر مەكتەپ 1962-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى نامى قەشقەر پداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى بولۇپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىنستىتوتى(ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنۋرىستىتى)،ئۆلكىلىك پداگوگىكا ئالىي تېخىنكومى بىلەن بىر قاتاردا تەستىقلانغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىدى.1978-يىلى ئىنستىتوت قىلپ ئۆزگەرتىلگەن،قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 12-بەش يىللىق يىرىك پىلانىدا مەزكۇر ئىنستىتوت ھەر جەھەتتىن كەڭ كۆلەملك قۇرۇلۇش،ياردەم مەبلغى ئاساسىدا ئىسمى -جىسمىغا لايىق"قەشقەر ئۇنۋىرىستىتى" قىلپ قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرغا قويۇلدى.
خەۋەر مەنبەسى -قەشقەر ئۇچۇر تورى :http://222.80.80.5/Item/20910.aspx
تەرجىمە قىلغۇچى:تەسكىن(مەزكۇر مەكتەپ 2007-يىللىق ئوقۇغۇچىسى )
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا teskin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-16 10:57 PM
|
|
|
|
|
|