|
|
|
|
قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستىتوتى تۈمەن دەرياسى بويىدا 1962-يىلى
قەشقەر پىداگوكىكا ئىنستىتوتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەركىزى قەشقەر تۈمەن دەرياسى بويىدا قەد كۆتۈردى.
پىداگوكىكا ئالىي مەكتەپ مائارىپى مىللەت ساپاسىنىڭ ۋە مىللىي مائارىپنىڭ يوقىرى-تۆۋەنلىكنىڭ روشەن بەلگۈسى.بىر مىللەتتە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئۇمۇملىشىشىلا بولۇپ ئۇنىڭ ئالىي مائارىپى بولمىسا ئۇ مىللەت ئالغا باسمىغان،بىر ئىزىدا توختاپ قلاغان مىللەت بۇلۇپ قالىدۇ.دۆلەتنىڭ تەرەقىي قىلىشى مائارىپقا باغلىق.بىر مىللەت مائارىپىنىڭ تەرەقىي قىلىش-قىلماسلىقى شۇ مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى قۇشۇنىنىڭ بۇلۇشىغا،مۇھىمى سۈپەتلىك،ئالىي مەلۇماتلىق ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنىڭ بۇلۇشىغا باغلىق.مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش،ئۇنى دۇنياغا،كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش ئاخىرقى ھېسابتا ئالىي مائارىپ ۋە ئۇنىڭ سۈپىتىگە قارىتىلغان.مىللىي ئالىي مائارىپنى باشقۇرۇش ئالىي مائارىپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيدىغانمبىلىم ئەھلىلىرىنى قەدىرلەپ،ئۇلارنى باشقۇرالايدىغان ئۆتكۈر باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە رەھبەر،تەشكىلاتچىنىڭ بۇلۇشىغا باغلىق.سەيپىدىن ئەزىزى مانا شۇنداق ئالىي مەلۇماتلىق،بىلىمنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان مەرىپەتۋەر دۆلەت ئەربابى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئالىي مائارىپىمىزغا بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىپ،يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا تۇرۇپ،كۆيۈپ-پىشقان تۆھپىكار باغۋەن.
1962-يىلى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قۇشۇنلارنى خىل،مەمۇرى ئورگانلارنى ئىخچام قىلىش فاڭجىنىغا،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم ھەم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن شىنجاڭ ئالىي مەكتەپلىرىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلدى.سابىق شىنجاڭ ئىنستىتوتى،سابىق شىنجاڭ پىداگوكىكا ئىنستىتوتى ۋە سابىق شىنجاڭ تىل ئىنستىتوتى قاتارلىق ئۈچ ئىنستىتوت بىرلەشتۈرۈلۈپ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى››بولدى.قەشقەردە‹‹قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتى››تەسىس قىلىندى.قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ ئورنىنى بېكىتىشتە قەشقەردە تالاش-تارتىش بولۇپ،ھەر قايسى مائارىپ تارماقلىرى ۋە مائارىپچىلار ئوىشىمىغان پىكىر-لاھىيەلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ،بىرلىككە كېلەللەمي،بەزىلەر قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىنى شەھەر مەركىزىگە قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلسا،بەزىلىرى شەھەر ئەتراپىدىكى ‹‹ئاسمىنى كەڭ››ۋادىلارغا قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشتى.بۇخىل پىكىر-لاھىيىلىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىگە يوللىنىپ،يوليۇرۇق سورالغاندا سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزىگە خاس ئۇنۋىرسال تەپەككۇر ئىقتىدارى،مول تەسەۋۇر بىلىم بايلىقىغا تايىنىپ،ئېگىزدە تۇرۇپ،يىراققا نەزەر تاشلاپ ئىنتايىن ئەقىلگە مۇۋاپىق،ھېچكىمنىڭ خىيال-تەسەۋۇرىغا كىرىپ باقمىغان بىر يوليۇرۇقنى بېرىدۇ.يەنى قەشقەر پىداگوكىكا ئىنستوتىنى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىگە بېكىتىشنى،قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننى باشقا ئورۇنغا يۆتكەشنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.بۇ لاھىيە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندىكى ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمەيدۇ.ئۇلار:‹‹قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن ئۇزۇن يىللىق سىفەب مەكتەپ(1935-يىلدىن1962-يىلغىچە ئاز كەم 30يىللىق تارىخقا ئىگە مەرىپەت بۆشۈكى)،قەشقەر مائارىپىنىڭ ئاساسى،ئەگەر قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنى باشقا يەرگە يۆتكىۋىتىپ،ئۇنىڭ ئورنىنى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىتارتىۋالسا،قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىنىڭ مۇبارەك نامى،ئورنى ۋە ئابرۇيىغا تەسىر يېتىدۇ.ئۇنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ.شۇڭا،بىز ھېچ يەرگە كۆچمەيمىز،يېڭى پىداگوگىكا ئىنستىتوتى يېڭى ئورۇن تاپسۇن!››دەپ تۇرۇۋالىدۇ.بۇخىل پىكىر ئېقىم بىر مەھەل جامائەتچىلىك ئىچىدە قوللاشقا ئېرىشىپ،يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ ئىلاجىسىز بۇ كونكرىت مەسىلىنى يەنە رەئىس سەيپىدىن ئەزىزىگە دوكلات قىلىدۇ.رەئىش سەيپىدىن ئەزىزى ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ‹‹قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن ئورنىغا قۇرۇلۇشى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ شان-شەرىپىنى تېخىمۇ يوقىرى كۆتۈرىدۇ،قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتى قەشقەر خەلقى،قەشقەر مائارىپچىلىرى جۈملىدىن قەشقەر قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ زور بەختى،پەخرى،غورۇرى،بۇ ئالىي بىلم يۇرتىنىڭ قەشقەر تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغاق ۋادىسىدا قۇرۇلىشى گۈزەل قەشقەر شەھىرىگە ھۆسن ئۈستىگە ھۆسن قوشىدۇ.چوقۇم شۇنداق بۇلۇشى كېرەك،ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.››دەپ كەسكىن يوليۇرۇق بېرىدۇ.بۇ كەسكىن يوليۇرۇق ئاخىر ھەممەيلەننىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتىدۇ.بىر مەھەل ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندىكى ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغىچىلارمۇ قۇشۇلۇپ،يېڭى ئورنى-سەمەن مېھمانخانىسى يېنىدىكى رەڭلىك مېتال(كاڭۋىي جۈن)ئورنىغا كۆچىدۇ.سابىق شىنجاڭ سىفەن شۆيۈەننىڭ يېرىمى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدە قالدۇرۇلۇپ،يېرىمى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتى بۇلۇپ،1962-يىلى يازدا قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن ئورنىغا كۆچۈپ كېلىدۇ.ئىنستىتوت مۇدىرى ئېزىزوف،تۇردى ئېلى،ئىتىپاق كومىتىتىنىڭ سېكرىتارى(كېيىنكى مۇدىر)چوڭ ھاجىلار بولىدۇ.ئىبراھىم نىياز،ئابدۇسوپور سەئىدى،ئېيسا تايلاق(قىرغىز)،مەھەممەت يۈسۈپ،غاپپار ئاكا،ئابلىمىت ئىسمائىل،ئابلىمىت ئىبراھىم،جاپپار مۇئەللىم،رىشات ياقۇپ،غېنى ھاجى،خەمىت مۇئەللىم،مەھەممەت ئېزىز،جېلىل ئىمىن،ئابدۇكېرەم باقى،رەھىم سايىت،ئىبراھىم خالۋاي،تۇردى مەھەممەت،ھاجى شاۋاز،مىجىت مۇئەللىم،ئەمەت يۈسۈپ،ئوسمان سامساق،سالى مۇئەللىم،تاشخوجايوف،يۈسۈپ قاسىم،مەھەممەت ئەمەت،يۈسۈپجان سابىت...قاتارلىق پىشقان پىداگوگلار ئېزىزوف مۇدىر بىلەن بىللە كېلىدۇ.بۈگۈنگە كەلگۈچە بۇ ئالىي مائارىپ بۆشۈكى 35يىللىق شانلەق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ،جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالىي مائارىپنىڭ چولپىنى،مەرىپەت بېغى بولۇپ قالدى.35يىلدىن بېرى نەچچە 10مىڭلاپ ئۈمىدلىك ئىختىساس ئىگىلىرى،ياراملىق سېتودېنتلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ،شىنجاڭ مائارىپىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشتى.سەيپىدىن ئەزىزى ھەر قېتىم كەلگەندە ئۆزى بېكىتكەن پىداگوگىكا ئالىي بىلىم يۇرتىنى ئالاھىدە يوقلاپ مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ تۇردى.قەشقەر خەلقى ،قەشقەر مائارىپچىلىرى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بۇ ئۆچمەس تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
مەنبە:‹‹تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلادلىرى››دېگەن كىتابتىن ئېلىندى،رەسىملىك بەيدۇ تورىدىن كۆچۈرۈلدى.
دۆلەت رەھبىرى،ئاتاقلىق يازغۇچى،دىرامماتورگ،مىللىي ئارمىيە گېنرال لېيتىناتى سەيپىدىن ئەزىزى. 1915-2003-11-24
|
|
|
|
|
|