بارلىقىمنى بىرەي ئابدۇللا ئابدۇرىھىم
كەل قەدىردان قولۇڭنى بەر قەلبىمنى بىرەي،
ھايات شىرىن مۇھەببەتتە مىھرىمنى بىرەي.
تىك ياشىغىن نىسىۋەڭ بار ئايدا-قۇياشتا،
گۈل -بىغىمغدا ھارارەتتىن تەپتىمنى بىرەي.
داسقان سالاي خامىنىڭنى سوقسا جۇد- بوران،
چاي ئىچەيلى بىر چىنىدىن تۇرۇپ يانمۇ-يان.
ئالتە كۈنلۈك قونالغۇ بۇ ھەممىمىز مىھمان،
ئادەملەرگە ئادىمىيلىك قەرزىمنى بىرەي.
گۈل چاڭقىسا مىنى بۇلاق بۇلاق دەپ بىلگىن، قانات قاقساڭ مىنى سۈزۈك ئاسمان دەپ بىلگىن. غەملەنمىگىن مۈشكۈلۈڭدە خاقان دەپ بىلگىن، ئاتەش قوللار ساڭا تاجۇ- تەختىمنى بىرەي.
مىھرى-ۋاپا ئېقىن بولۇپ قالسۇن يۈرەكتە، چىن-سۆيگۈدىن تولسۇن ئالەم گۈلگە-چىچەككە. نىمە يەتسۇن بۇ دۇنيادا باغرى كەڭلىككە، تەڭ كۈلەيلى كىرەك قىلساڭ بەختىمنى بىرەي.
بۇ ناخشا ماڭ بەك تەسىر قىلغاچ تورداشلارنىڭمۇ ئاڭلاپ بىقىشى ئۈچۈن ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. مۇزىكىسىمۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىدىكەن، دىمىسىمۇ بۇ نەچچە كۈنلۈك ئالەم،كۆڭلىمىزنى ئازادە تۇتۇپ بىركۈن بولسىمۇ ئۆكسىمەي ياشىساق،قايغۇ-نەپرەتنى يىراقلارغا قالدۇرۇپ خۇشاللىقىمىزغا تەڭ جۆر بولۇشساق،،، نىمىدىگەن ياخشى! بەزى بىھۇدە ئازارلىشىش بىھاجەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sub_hi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-16 11:46 AM
|