مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5437|ئىنكاس: 46

دىيارىمىزدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھۆرمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12379
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1922 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 04:36:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار،تورداشلار.
يانفۇن ئالاقە ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ زۆرۈر ئىھتىياجى بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ زۆرۈر ئىھتىياجلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئايلاندى.دىيارىمىزدا كۆچمە خەۋەرلىشىش،جۇڭگۇ تىلگىرافى ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ شىركەت بولوپ بىزنىڭ ئالاقە ۋە ئۇچۇر جەھەتتىكى ئىھتىياجىمىزنى قامداش شۇنداقلا جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۆتەپ كەلدى ۋە كىلىۋاتىدۇ.يانفۇن ئۇچۇرلىرى ۋە خەۋەرلىرى تىز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ۋە ئومولىشىۋاتىدۇ.ئۇيغۇر يىزىقىمىزنىڭ يانفۇن ئۇچۇرلىرىغا ماس كىلىشى تىخى تولوق ئەمەلگە ئاشمىغان مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا تىلفۇنىمىزغا باش ئاپپاراتتىن كەلگەن ئۆز تىلىمىزدىكى ئۇچۇر ئادەمنىڭ دىلىنى ھەقىقەتەن سۆيۈندۈرىدۇ.
بەزى ئورونسىز كەسىپلەر ئىچىلىپ قىلىپ ياكى ئىچىپ قويوپ،ھەق تۇتۇپ يانچۇقىمىزنى كولاۋاتقان ئەھۋاللار ۋە بۇ جەھەتتىكى بەزى يىتەرسىزلىكلەر،ئۇقۇشماسلىقلارمۇ يوق ئەمەس.يانفۇن ئىشلىتىۋاتقىنىمغا 9 يىل بوپتۇ.بەزىدە ئورونلوق ۋە ئورونسىز تۇتۇلغان ھەقلەرنى باتناپ،قىيداپ تۆلىگەن ۋاقىتلىرىممۇ بولدى ۋە بولىۋاتىدۇ.يىقىنقى مەزگىللەردە نەچچە يىل خىردارلىق قىلغىنىمغا قارىماي تىلفۇنىمدىن ئورونسىز تۇتۇلىۋاتقان ھەقلەر ئىيىغا نەچچە يۈز سومغا يەتتى.بۇ ئىشلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ھىچ ئاقمايۋاتقان ۋاقىتلاردا،بىر ئاي ئىلگىرى جۇڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىسىدىن بىرنى بىجىردىم ۋە ئاساسەن مۇئامىلە قىلىشىپ باقمىغان بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ خىرىدارىغا ئايلاندىم.
بۇ كارتىنى ئىشلىتىۋاتقان دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇزۇن يول،قىسقا يول،رايون سىرتى دىگەندەك ئىشلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى،دۆلىتىمىزنىڭ قايسى يىرىدە بولسۇن ئوخشاشلا تىلىفۇن قۇبۇل قىلىش ھەقسىز،تىلىفۇن ئۇرۇش ھەققىنىڭ 1.5 فۇڭ ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولدۇم.ئىلگىركىدەك باشقا رايونغا بارسام رايون سىرتى،سىرتقا تىلىفۇن ئۇرسام ئۇزۇن يوللوق ھەق دىگەندەك ئىشلاردىن بىراقلا قۇتۇلدۇم.يەنە تىخى ئالاھىدە بىر تەرىپى قارشى تەرەپمۇ مەزكۇر شىركەت ئابونتى بولوپ مەن تىلىفۇن قىلغىنىمدا تىلفۇنى ئىتىك بولسا،تىلىفۇنىنى ئاچقان ھامان ماڭا ئۇچۇر كىلىشى ماڭا ھەقىقەتەن قولاي ۋە ئەپلىك بىلىندى .ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچقۇرۇن تىلفۇنۇمغا كۈندىلىك يىڭى خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار كىلىپ تۇردى.لىكىن ھەممىسى خەنزۇچە.شۇنداق ئۆتۈپ ئۆتكەن ھەپتە بىر ئاي بولغان كۈنلەردە باش ئاپپاراتقا تىلىفۇن قىلىپ ھەق سۈرۈشتە قىلدىم.دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مىنى ئەڭ ھاياجانغا سالغان ئىش يۈز بەردى .تىلىفۇننى قويوپ تۇرۇشۇمغا تىلفۇنۇمغا ئانا تىلىمدا ئۇچۇر كەلدى.كۆزۈمگە ئىشەنمەي نەچچە رەت ئوقودۇم،شۇنداق خۇشال بولوپ كەتتىم.ئازراق ۋاقىت ئۆتۈپ ماڭا باش ئاپپاراتتىن مەخسۇس بەلگىلەپ بىرىلگەن مۇلازىمەتچىنىڭ مەخسۇس تىلفۇنىغا تىلىفۇن قىلىپ رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم.ماڭا كەلگەن ئۇچۇر تۆۋەندىكىدەك ئىدى:‹‹Urmetlik birlaxma hawarlixix abonti yahximusiz ! bu ayning birinqi kunidin bugungiqa aylik aksiz sozlixix minut sanidin ixlitilgini X minut,exip kalgini X minut, ekim mikdaridin ixlitilgini X kb ,exip kalgini X kb ,soratlik sozlixix aksiz minutidin ixlitilgini X minut ,exip kalgini X minut ,kopwastilik aksiz uqur ixlitix akki X M ,exip kalgini 20 M ,yojjatlik aksiz uqur ixlitix akki x T ,exip kalgini x T 。››.
بۇ ئۇچۇردا ئىملا خاتالىقى بار بولسىمۇ ئەمما مەن تولوق چۈشەندىم.خۇددى ئەمدى تىلى چىققان بىر بوۋاق بالىنىڭ چۈرۈك تىللىرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.ئۇچۇرنى قايتا-قايتا ئوقوپ ھەم ھاياجانلاندىم ھەم كۈلۈپ كەتتىم.ئۇيغۇر يىزىقىنى يانفۇن تولوق قوللايدىغان ۋە ئومولاشقان دەۋر تىخى كەلمىدى،ئىنشائاللا ئۇ كۈنلەرمۇ ئۇزۇن قالماس،ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىمىزغا قارىساق ئۇنى چ چ ۋە باشقا جەھەتلەردە ئىشلىتىشنى تىخى ئومولاشتۇرۇپ بولالمىدۇق.تىلفۇن،چ چ ۋە باشقا ئاددىيسى كۆپىنچە توربەت ناملىرىدىن باشلاپ پىنيىنچە بولوپ كەلدى.بىزمۇ ئاساسەن ئورتاق چۈشىنەلىگەچكە ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىدوق.شۇڭا مىنىڭچە يۇقارقىدەك ئۇچۇرنى كۆرگەندە سەن ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى ئىشلەتمەپسەن ياكى ئىملادا خاتالىق باركەن دىگەندەك سۆزنى مۇشۇ ۋاقىتلاردا بىز دىيەلمەيمىز.يەنە كىلىپ ئۇيغۇر پىنيىن يىزىقى ۋە ئىملاسى دىگەندەك سۆزلەر پەيدا بولغىنى يوق.شۇڭا مىنىڭچە ئۇ ئۇچۇردىكى ئىملا خاتالىقلىرىنى مۇشۇ ۋاقىتتا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارىدىم،ئەمما ئاساسى مەقسەت ئانا تىلىمىزدا كەلگەن،بىز چۈشىنەلىگەن ئۇچۇر.
بىر بىر ئاي ئالدىدا X خەۋەرلىشىش شىركىتى زالىغا ھەق تاپشۇرۇش ئۈچۈن كىردىم.لىكىن مەزكۇر رايوندىكى ئادەملەرنىڭ 95% نىڭ ئۇيغۇرلار بولىشى ۋە زالدىكى ھەق تاپشۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەمدە مۇلازىمەتچىلەرنىڭمۇ ئاساسەن تولوق ئۇيغۇر بولىشىغا قارىماي زال ئىچى ۋە مۇلازىمەت ئۈستىلىدىكى تاختايلارنىڭ ھەممىسىدىكى يىزىق پەقەت خەنزۇچىلا ئىدى.بۇ ۋاقىت دەل باغداش مۇنبىرىدىكى توخوتور ئەپەندىنىڭ ‹‹كوئىنلۇن بانكىسىدىن باشلانغان خىياللار››دىگەن يازمىسى ۋە پائالىيەتلىرىنى كۆرگەن ۋاقىت بولغاچقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرگە بۇ رايوندىكىلەر،خىرىدارلىرىڭلار ھەممىسى ئاساسەن ئۇيغۇرلار تۇرسا نىمىشقا پەقەت خەنزۇچىلا يىزىلغان تاختايلارنى چىقاردىڭلار،ئۇيغۇرچىسىنى نىمە دەپ چىقارمىدىڭلار دىدىم.ئۇ يولداش ئۇيغۇرچە خەت ئۇرىدىغان دىتال يوق ھەم ئۇرالمىدوق دىدى.بۇ ئوروندا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇرالماسلىقغا ئىشەنمەيمەن ھەم ئۇيغۇرچە ئۇرىدىغان دىتال توردا ھەقسىز بار دىدىم .ئۇ يولداش خۇشال بولغاندەك ئۇنداقتا سەن بىزگە قىپ بەرگىن بىز شۇنداق قىلايلى دىدى.مەن ماقۇل بولوپ توردىن ئەلكاتىپنى چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قىلىپ چىقىرىپ بەردىم شۇنداق قىلىپ بۇ مۇلازىمەت زالىدىكى تاختايلاردا ئۇيغۇرچە بار بولدى.
ئەمدى ئاساسى گەپكە كەلسەك بىزنىڭ تىلىمىز،دىنىمىز خىرىسقا ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا يانفۇن ئۇچۇر كەسپىنى ئىچىشى بىز ئۇيغۇرلارغا ۋە ئانا تىلىمىزغا قىلىنغان ھۆرمەت،بىزگە قىلىنغان سالامدەك بىلىندى.بۇ بىر تۇنجى باشلىنىش،بەلكىم كىينكى ۋاقىتلاردا ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنىڭمۇ ۋاقتى ۋاقتىدا  ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلنىپ،ئانا تىلىمىزدا قۇبۇل قىلنىشى يىراق ئەمەس.بىزنىڭ ئانا تىلىمىزغا قىلىنغان ھۆرمەت تەبىيكى بىزگە قىلىنغان ھۆرمەت.بۇ نۆۋەتتىكىدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش چاقىرقىغا قۇرۇق شۇئار توۋلاش بىلەن ئەمەس بەلكى ھەقىقىي،ئۆز ئەمەلىيتى بىلەن ئاۋاز قوشقانلىق بولوپلا قالماي ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ تىل-يىزىق سىياسىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئەمەل قىلغانلىق ۋە ئۆز خىرىدارلىرىغا ھەقىقىي ئەلا مۇلازىمەت قىلغانلىق .ئەڭ ئاساسلىقى بۇ تۇنجى باشلىنىشنى ئۇلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا قىلغان سالامى،تىلىمىزغا بىزگە قىلىنغان ھۆرمەت دەپ چۈشەندىم.ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپارساڭ دىگەندەك ئۇلار تىلىمىزنى ،بىزنى قولىدىن كىلىشچە ھۆرمەت قىلغان ئىكەن بۇ ھۆرمەت مىنىڭچە جاۋابسىز قالمايدۇ.ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پائالىيتىنىڭ تىخىمۇ ئىلگىرلىشى ۋە چوڭقورلىشىشىغا،باشقا شىركەتلەرگە قەدەر ئوموملىشىشى،ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پارلاق كەلگۈسىنىڭ تىزراق يىتىپ كىلىشگە تىلەكداشمەن.

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5798
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:11:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە ئۆزى بىلىدۇ ،بۇ بىرلەشمەخەۋەرلىشىنىڭ ئىلانى ياخشى يىزىلىپتۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hekmat110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-5 12:25 PM  


بۇيەرنى بىسىڭ!ئەرەپ تىلى ،ئىنگىلىز تىلى ،فىرانسۇز تىلى ،گىرمان تىلى ،قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن ،

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 129
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1393 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:17:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ماڭا ئوخشاش كۈندە نەچچە قېتىم تىلفۇن قىلىپ قاچانلىققا ئويغۇرچە تور بەت قۇرسىلەر كۆچمە خەۋەرلىشىش  بىلەن تىلگىرافنىڭنىڭ بارئىكەن ...سىلەر  نىمىشقا قۇرمايسىلەر دەپ پىكىر بىرىۋىرىڭلار بىر گەپ بولدۇ.  .ھېچ بولمىغاندا بىزنىڭ قېرىندىشىمىزدىن بىرەرسى بولسىمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىپ قالدۇ ، شۇ بانادا

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24870
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7012
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 2195 سائەت
تىزىم: 2011-1-3
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:18:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat110 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-5 12:11 PM
اللە ئۆزى بىلىدۇ ،بۇ كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ ئىلانى ياخشى ي ...

مۇنبەرنىڭ ئىنكاس يېزىش ۋەزىيپىسى با ئۇخشىمامدا ؟ كۆچمە خەۋەرلىشىشكە بەك ئۆچ ئۇخشايلا  شۇڭا تېمىدىكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش دىگەن گەپ سىلگە كۆچمە دەپ كۆرۈنگەن چىغى

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5798
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:24:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىكىر قىلىش،مەتبۇئاتلاردا كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇش ھوقۇقۇم بار ئاساسى قانۇندا بەلگىلەن،ئۆزلىرى بىكار بولۇپ قالغان بولسلا ئىنكاسنى نەقىل ئالماي (مەجبۇرىيەت بولمىىغاندىن كىيىن) باشقا تىمىلارنى زىيارەت قىلىڭ ئەكەك!

بۇيەرنى بىسىڭ!ئەرەپ تىلى ،ئىنگىلىز تىلى ،فىرانسۇز تىلى ،گىرمان تىلى ،قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81615
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4337
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر ئوبدان ئىش بولاپتۇ،مەيلى بۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ پۇل تىپىشتىكى ئۇسۇلى بولسۇن بولمىسۇن،بۇ بىر ياخشى باشلىنىش.قەشقەردىمۇ بار مىدۇ سىز دىگەن كەسىپلەر ؟مەنمۇ بىر بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىسنى ئىشلىتىپ باقاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7738
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 810 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:27:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى خەۋەر ئىكەن مەنمۇ بىر بارماق تېلفۇن ئالغان 3كۈندە 10 كوي پۇل تۆلدىم نېمە گەپ بۇ دىسەم تورغا چېقىپ كېتىپتۇ، ناخشا ئاڭلاپ سېز كىكىيۇۋ ئېچېپ سېز دەيدۇ مۇنداق ئېشلارنى قىلمىغان تېلفۇن ئۇرۇپ كەلسە ئالمەن دىسەم قايلاپ تۇردۇ شۇنىڭ بىلەن تېلفۇنۇمنىڭ كىرانى چېقىلدى ھەم جىم كەسىپلەرنى تاقاتىم ئەمدى پۇل توشىۋاتىدۇ سېزدىگەن كانى ئېشلىتىپ باقاي ئەمسھە؟

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3513
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:39:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس گەپنى قىلسىام مۇشۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشتىن شۇنداق زىرىكتىم.لىكىن يەنلا ئامال يوقتەكلا قىلدۇ. زادى قايسىسىنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى ، پۇلى ئەرزاندۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76667
يازما سانى: 916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1503
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1080 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:39:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
latin.jpg

بىر چاغلاردا خەت ساندۇقۇمغا كەلگەن يوللانمىكەن، ساقلاپ قويغانتىم،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلنازە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-5 12:42 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84327
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1033
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 438 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:47:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما مەنمۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشش كاتىسى ئىشلىتىمەن ماڭا ھەممىدىن بەك يارىغان يېرى 3g ئېقىم مققدارى كۆپ سۈرئىتى تېز باھاسى باشقىلاردىن ئەرزان  ئىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش