قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا بولغان تەسىرى دىيارىمىزدا «قوش تىل ئوقۇتۇشى» يولغا قويۇلغىلى تەخمىنەن ئون يىل بولۇپ، مائارىپىمىزدا «ساپا مائارىپى»دىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل بولدى، «قوش تىل ئوقۇتۇشى» گەرچە مەلۇم دەرىجىدە يېڭىلىقلار ۋە نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل ئوقۇتۇشنىڭ ھاپىلا-شاپىلا ئېلىپ بېرىلىپ، تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان يوچۇق ۋە كەمچىلىكلەر ئوچۇق كۆرۈنۈشكە باشلىدى، بۇ ماقالىدا ئېيتىلىۋاتقان «قوش تىل ئوقۇتۇشى» مىللىي مەكتەپلەردە يولغا قويۇلغان، ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئۆز تىلىدا، تەبىئىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ياكى مەلۇم رايونلاردىكى، خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇغۇچىلارنى مەلۇم «قوش تىللىق»مەكتەپكە يۆتكەپ ئىمتىھان بەرگۈزۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئانا تىل ئوقۇتۇشى بولسا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بارلىق دەرسلىكلەرنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئالدى بىلەن رايونىمىزدىكى قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش شەكلى، مەلۇم بىر شەھەردىكى ئىككى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2011-يىللىق تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھان تەبىئىي پەن نەتىجىسىنىڭ سېلىشتۇرما گراپىكى ئارقىلىق «قوش تىل ئوقۇتۇشى»نىڭ رايونىمىزدىكى تەسىرى توغرىسىدا تەھلىل ئېلىپ بارىمەن. 1-رايونىمىزدىكى «قوش تىل ئوقۇتۇشى»نىڭ ئېلىپ بېرىلىش شەكلى رايونىمىزدا «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دەسلەپتە مەلۇم رايونلاردا سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىراق سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئوقۇتۇشنىڭ ئاخىرىقى نەتىجىسى تولۇق كۆرۈلمەي تۇرۇپلا، كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىلىپ، ھازىرقى زامان ئوقۇتۇشىمىزدىكى بىر «مودا»غا ئايلاندى. «قوش تىل ئوقۇتۇشى»دەسلىپىدە ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئۆز تىلدا ئوقۇتۇش، تەبىئىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا تەبىئىي پەن دەرسلىرىنى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار، خەنزۇتىلى سەۋىيەسى ياخشىراق بولغان، خەنزۇچە مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مىللىي ئوقۇتقۇچىلار ياكى مىللىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىپ تاپتى، كېيىنچىرەك «مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش» ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، خەنزۇ مەكتەپلەر بىلەن مىللىي مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلدى، يەنە پوسكام ناھىيىسى ۋە مەكىت ناھيىسىدە يېزا مەكتەپلەرنى يىغىپ ياتاقلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، يېڭىچە «قوش تىللىق مەكتەپ»لەر بارلىققا كەلدى. بەزى جايلاردا خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار مەلۇم «قوش تىللىق»مەكتەپلەرگە ۋاقىتلىق يۆتكەپ كېلىنىپ ۋە شۇ دەرىجىدىكى مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىنى بېرىپ،«قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نەتىجىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بەرگەنلىكىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كەڭ تەشۋىق قىلىندى،(بۇنىڭ ئۈچۈن يەكەن بەشكەنت قوشتىل مەكتىپىنى مىسالغا ئېلىش مۇمكىن). باشلانغۇچ قوش تىل سىنىپلارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەر قايسى شەھەرلەردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇش جەريانىدا، «قوش تىل» سۈپىتىدە «ھەپتىدە بىر سائەت ئوقۇيدىغان، ئىمتىھان بەرمىسىمۇ بولىدىغان» ئانا تىل تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدى( ئانا يېزىقىنى تونۇمايدىغان«قوش تىللىق» مىللىي ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ دەلىلى ). بەزى رايونلاردا گەرچە خەنزۇتىلى سەۋىيەسى خېلى يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارالىسىمۇ، بىراق كۆپ قىسىم جايلاردا ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش تۈپەيلىدىن، قوش تىل سىنىپلار تەسىس قىلىنىپ قويۇپ، دەرسلەر ئۆتۈلمىدى، ھەتتاكى ئامال بولماي«قوش تىللىق سنىپ»دېگەن نامنى قويۇپ قويۇپ، ئۆز تىلدا دەرس ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. بىر قىسىم مەكتەپلەردە 70%خەنزۇ تىلىنى قوللىنىش،30%ئۆز تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. 2-مەلۇم شەھەردىكى بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2011.يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەبىئىي پەن نەتىجىسى سېلىشتۇرما گراپىكى
يۇقىرىقى نەتىجىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: بۇ شەھەردىكى ئا ۋە ب مەكتەپنى 2011-يىلى پۈتتۈرگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىك تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بولغان. ئا مەكتەپ ۋە ب مەكتەپ خەنزۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئۇنىۋېرىسال تەبىئىي پەن ئوتتۇرىچە نەتىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان. ئا مەكتەپ ۋە ب مەكتەپنىڭ مىللىي سىنىپ ئوقۇغۇچىلرىنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئۇنىۋېرىسال تەبىئىي پەن ئوتتۇرىچە نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغان. ھەر ئىككى مەكتەپنىڭ قوشتىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئۇنىۋېرىسال تەبىئىي پەن نەتىجىسى ئوتتۇرا سەۋىيەدە بولغان. 3-قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا بولغان تەسىرى 1.قوش تىللىق سىنپلارغا تاللانغان ئوقۇغۇچىلار دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ، يەسلىدىن باشلانغۇچقا، باشلانغۇچتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا، تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش مەزگىلىدە، ماتېماتىكا، خەنزۇتىلى قاتارلىق ئاساسلىق پەنلەردىن ئىمتىھان ئېلىنىپ ئەلا نەتىجىلىكلىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇنداق تاللاش ئوقۇشى ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوشتىل سىنىپلىرىدا ئوقۇشى، ئوقۇشى بىر قەدەر ناچار بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى سىنىپلاردا سۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانا تىل سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ئانا تىل سىنىپلارغا دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا بىر قەدەر زور بېسىم كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن ئانا تىل سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىر مەسىلىگە ئايلاندى، بىر قىسىم جايلاردا خېلى ئالىي مەلۇماتلىق تەتقىقاتچىلارمۇ مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش مېتودى، كەسپىي سەۋىيەسى تۆۋەن، مىللىي ئوقۇغۇچىلار بوشاڭ، ئۆگىنىشكە قىزىقمايدۇ دەپ، ھاماقەتلەرچە خۇلاسە چىقارماقتا. 2.قوش تىل سىنىپلاردا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردا خەنزۇ تىلىدا دەرسنى تولۇق قوبۇل قىلالماسلىق، ئانا تىلدا بولسا ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشى، ئانا تىلنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كېلىپ چىقتى، قوشتىل سىنىپلارغا دەرس بېرىۋاتقان مىللىي ئوقۇتقۇچىلاردا بولسا يات تىلدا ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا بىلىمنى تولۇق يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىك ئەھۋاللىرى پەيدا بولۇپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 3.ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ھەر ئون ئوقۇغۇچىغا بىر ئوقۇتقۇچى توغرا كېلىدىغان بولۇپ، كۆپلىگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار قوش تىل سىنىپلاردا ئوقۇدى، بەزى قوش تىل سىنىپلارغا مىللىي ئوقۇتقۇچىلار، بەزى قوشتىل سىنىپلارغا خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار دەرس بەرگەچكە، مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شىتات مەسىلىسى كۆرۈلدى، يەنى بىر سىنىپتىكى قىرىق نەپەر ئوقۇغۇچىغا خەنزۇ دەرس ئۆتكەن بولسا، دېمەك تۆت نەپەر مىللىي ئوقۇتقۇچى ئاز قوبۇل قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئانا تىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىش پۇرسىتى ئازلاپ باردى. 4.بىر ئۆمرىنى مىللىي مائارىپ ئۈچۈن سەرپ قىلغان مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇنبەردىكى ئورنى تەۋرەپ قالدى، يېشى ئەللىكتىن ئاشقان نۇرغۇن تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلاردا ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرالماسلىق، پېنسىيەگە يېشى توشماسلىق، ئاخىرى ئامالسىز كەسپىي مەكتەپلەرگە ئالماشتۇرۇلۇش، مەكتەپ ئارقا سەپ خىزمەتلىرىنى قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار پەيدا بولدى، يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا ئۇلارنىڭ كېيىنكى خىزمەت ھاياتى كاپالەتكە ئىگە بولمىدى. 5.ئالىي مەكتەپلەردە تىل-ئەدەبىيات كەسىپلىرىدىن باشقا كەسىپلەر پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلىدا دەرس ئوقۇتۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئاخىرىلىشىشىنىڭ، ئانا تىلىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇقەددىمىسى بولماقتا. 6.باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ، ئالىي مەكتەپلەرگىچە بارلىق دەرسلىك كىتاپلار خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىندى، خەنزۇ تىلدىكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى كۆپلەپ نەشىر قىلىنىپ، مىللىي تىل-يېزىقتىكى ماتېرىياللار پەقەت تەرجىمە ماتېرىياللىرى بولۇپ قالدى، ئالىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مىللىي تىل-يېزىقتىكى ماتېرىياللار نەشىر قىلىنمىدى، كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپلەر كۈتۈپخانىلىرىدىكى مىللىي تىل-يېزىقتىكى تەبىئىي پەن كىتاپلىرى يايمىچىلارغا كېرەكسىز قەغەز ئورنىدا سېتىۋېتىلدى. 7.كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار «ياردەم» سىياسىتىنىڭ تۆھپىسىدە، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىككى يىللىق تەربىيىلىنىشكە ماڭدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ھاياتىنىڭ ئىككى يىل كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 8.بىر قىسىم رايونلاردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يىغىۋېتىلىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېھقان ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى، فىزولوگىيەلىك جەھەتتىن يېتىلىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ غەمخورلۇقى، تەلىم-تەربىيىسىدىن، ئېتىقاتىدىن ئايرىلدى، ئۆزىدىكى فىزولوگىيىلىك ئۆزگۈرۈشلەردىن قورقۇنچ ھېس قىلىشتى ۋە ئوپچە تەربىيەنىڭ نەتىجىسىدە، بىلىپ بىلمەي قاراڭغۇلۇققا قاراپ ئىتتىرىلدى. 9.تەبىئىي پەنلەرنى ئانا تىلدا داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولماي قالدى. يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا، قوش تىل ئوقۇتۇشى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ھالاكىتىنىڭ ، مىللىي مائارىپنىڭ يوقىلىشىنىڭ سەۋەبى، مىللىي كىملىكنى، ئۆرپ-ئادەتنى ئانا تىلنى ئۇنتۇشنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قالدى... مەنبە:ئابدۇل 2012-يىل 26-مىزان
|