مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3797|ئىنكاس: 60

قوش تىللىق ئوقو -ئوقۇتۇش ئىلمي تەرەققىيات يولىدا مىڭىشى لازىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11168
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2964 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 11:37:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور ئىلاۋىسى :يېقىندا >ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئازسانلىق مىللەت يەسلى ۋە ئوتتۇرا ‏-باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىللىق مائارىپىنى 2010-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان تەرەققىيات يىرىك پىلانى) پىكىر ئېلىش نۇسخىسى( ئېلان قىلىندى. بۇ تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن،ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ،قوش تىل مائارىپى تەدرىجي ھالدا ئەمەلىلەشتۇرلىدىكەن.2012 يىلغىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپى ئاساسى جەھەتتىن ئەمەلىلەشتۇرۇلۇپ،2015 يىلىغا بارغاندا ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كۆپ خىللىق قوش تىل مائارىپى ئاساسى جەھەتتىىن ئەمەلىلەشتۇرۇلىدىكەن .2020  يىلىغا بارغاندا ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قوش تىل مائارىپىنى ئومۇميۇزلۇك يۇرگۇزۇش ئىشقا ئاشۇرىلىدىكەن.

      "پىكىر ئېلىش نۇسخىسى " نىڭ ئېلان قىلىنىشى پارتىيە- ھۆكۇمەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بويىچە ئىش بىجىرىشنىڭ كونكېرت نامايەندىسى.

           پارتىيىمىزنىڭ ئىلمي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئاساسى يادرۇسى-ئادەمنى ئاساس قىلىش ،ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا،تەرەققىيات جەريانىدا خەلىققە قانداق تايىنىش كىرەك ؟ ئەلۋەتتە ،خەلىق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ،خەلىق ئاممىسىغا باشتىن ئاخىر ئىشىنىش،تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى پىلانلاشتا خەلىق ئاممىسىدىن مەسلىھەت سوراش، تەرەققىيات جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۇرۇشتە خەلىق ئاممىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ، تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى ئوزگەرتىشتە ئاممىدىن ئەقىل سوراش ،تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى ئەمىلىلەشتۇرۇشتەئاممىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىش ،تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئولچەشتە ئاممىنىڭ باھالىشىغا قويۇش، پۇتكۇل جەمىئىيەت ،پۇتكۇل مىللەتنىڭ ئەقىل-پاراسەت ۋە كۇچ-قۇدرىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مەركەزلەشتۇرۇپ ،ئىشلىرىمىزنى ئەڭ كەڭ ، ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغان ئاممىۋى ئاساسقا ،ئەڭ تېرەن كۇچ-قۇۋۋەت مەنبەسىگە ئىگە قىلىشىمىز لازىم.مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ ،مەن پىكرىمنى توۋەندىكىچە بايان قىلىمەن

قوش تىللىق ئوقو -ئوقۇتۇش ئىشلىرى چوقۇم ئىلمي تەرەققىيات
يولىدا  مىڭىشى لازىم


ئابدۇرېھىم رەھمان تېلماچ


    پارتىيە مەركىزى كومىتىتى  2008 - يىل ئۇختۇرۇش چىقرىپ پۇتۇن مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ساھە-ھەرقايسى كەسىپلەردە ئىلمي تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا ۋە ھەممە ئىشتا ئىلمي تەرەققىيات قارىشى بويىچە ئىش قىلىشقا چاقىردى.بۇ ئىش پارتىيە مەركىزى كومىتىتى 3-ئومومى يىغىنىدىن كىيىن ئوتتۇرىغا قويغان "ئەمىلىيەت-ھەقىقەتنى ئولچەشنىڭ ئولچىمى "دىگەن موھاكىمە تىمىسىدىن كىيىنكى يەنە بىر رىئالنى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلمي تەرەققىيات نەزىرىيىسى . مىنىڭچە ئىلمي تەرەققىيات دىگەنلىك-ھەرقانداق شەيئى ۋەجىسىملارنىڭ ماھىيەتلىك ،ئىچكى تەبىئى قانونىيىتى بويىچە ئىش قىلىش ،تەرەققى قىلىش دىگەنلىك . ئىلمي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئاساسى يادرۇسى-ئادەمنى ئاساس قىلىش بولۇپ ،بۇنىڭدا ماركىسىزىملىق تارىخى ماتىرىيالىزىمنىڭ ئاساسى نەزىرىيەسى،پارتىيىمىزنىڭ جاندىل بىلەن خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىىشتىن ئىبارەت تۇپ مە قسىتى ۋەئىقتىسادي ، ئىجتىمائي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۇرۇشتەك ئاساسى مەقسىتى گەۋدىلەندۇرۇلگەن . ئادەمنى ئاساس قىلىشىقا بولغان تونۇشنى چۇڭقۇرلاشتۇرغاندىلا ،ئاندىن ئىلمي تەرەققىيات قارىشىنى چۇڭقۇر چۇشەنگىلى ۋە ئۇنى ئومۇميۇزلۇك ئىگىلەپ،ئىلمي تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقى رەۋىشتە ئىقتىسادي ۋە ئىجتىمائي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرىگىچە ئىزچىل ئەمىلىلەشتۇرگىلى بولىدۇ .

    ئادەمنى ئاساس قىلىش- كەڭ خە لىق ئاممىسىنىڭ تۇپ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىش دىمەكتۇر .ئادەمنى ئاساس قىلىشتا خەلىقنىڭ تۇپ مەنپەئىتىدە چىڭ تۇرۇشنى چىقىش قىلىپ ،تەرەققىياتنى كوزلەش ،تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۇرۇش ئارقىلىق خەلىقنىڭ كۇنسايىن ئىشىۋاتقان ماددي،مەنىۋى ئېھتىياجىنى ئوزلۇكسىز قاندۇرۇپ ،ئەڭ كەڭ خەلىقنىڭ مەنپەئەتىنى ئوزلۇكسىز ئەمىلىلەشتۇرۇش ،قوغداش ،راۋاجلاندۇرىشىمىز لازىم؛ خەلىقنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشقا تىگىشلىك تۇرلۇك ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل ،ھەققانىيىلىقىنى قوغداپ ،كىشىلەرنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسى ۋە خىلمۇ-خىل ئېھتىياجىىنى قانائەتلەندۇرۇپ ،ئادەمنىڭ قىممىتى ، ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە ئەركىنلىكىگە كوڭۇل بولۇپ ،تۇرمۇش ساپاسى،تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئەھمىيەت بېرىپ،ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئادىمىلىك خەيىرخاھلىقىنى گەۋدىلەندۇرۇپ ،ئادەمنىڭ ئومۇميۇزلۇك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇشىمىز لازىم .ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۇمەتلەر،باشقۇرۇش تارماقلىرى چوقۇم خەلىقنىڭ مەنپەئەتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۇرۈشى ۋە ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىشى،خەلققە تايىنىشى،پارتىيىمىزنىڭ "خەلقتىن ئېلىپ،خەلققە قايتۇرۇش"تىن ئىبارەت ئېسل ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىشىمىز لازىم .

  يۇقىرىدا ئېيتىپ ئوتكىنىمىزدەك ،ئادەمنى ئاساس قىلىش- ئىلمي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يادروسى .مەخسەتكە كەلسەك قوش تىللىق ئوقو- ئوقوتۇشنىڭ ئو بىكتىمۇ ئەلۋەتتە ئادەم، ئادەم بولغاندىمۇ ئەقلى،جىسمانى جەھەتتىن بارغانسىرى ئۆسۇپ-يىتىلىۋاتقان ،ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تىخى تۇلۇق ھازىرلانمىغان ،ھوقۇق- مەنپەئەتى قانون تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان كىچىك بالىلار .قورامىغا يەتمىگەن ئۆسمۇرلەر .شۇڭا قوش تىللىق ئوقو-ئوقۇتۇشتا چوقوم ئىلمي تەرەققىيات قارىشى بويىچە ئىزدىنىشىمىز ،تەتقىق-تەدبىق قىلىپ ئش قىلىشىمىز لازىم .ھازىرقى كىچىك بالىلار ،ئوسمورلەر ئەجدادنى كىيىنكى ئەۋلاتلارغا تۇتاشتۇرىدىغان ،ئەۋلاتنى بۇرۇنقى ئەجدادلارغا ئۇلايدىغان كوۋرۇك ،كەلگۇسىنىڭ خوجايىنلىرى، مىللىتىمىزنىىڭ ئىز باسارلىرى ،ۋەتىنىمىزنىڭ ئىستىقبالى . شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى ،ھازىرقى پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ قوش تىللىق ئوقو- ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا كوڭۇل بولۇش ،شۇ كەلگۇسىنىڭ خوجايىنلىرىغا ،مىللىتىمىزنىڭ ئىز باسارلىرىغا ،ۋەتىنىمىزنىڭ ئىستىقبالىغا كوڭۇل بولۇش ،ئەھمىيەت بىرىش دىگەنلىكتۇر ، رايۇنىمىزدا قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ،قوش تىللىق مائارىپ زادى قانداق ئىلىپ بىرىلىشى كىرەك ؟قوش تىللىق مائارىپنى زادى قانچىنچى سىنىپتىن باشلاپ يولغا قويۇش ئەقىلگە مۇۋاپىق؟دىگەن مەسىلىدىكى تالاش-تارتىشلار ،ئوخشىمىغان پىكىرلەر ۋە ئوخشىمىغان چارە-تەدبىرلەر توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇردى.لېكىن سىستىمىلق تەتقىق قىلىش،كونكېرت رىئال مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزدىنىش-تەدبىقلاش ناھايىتى ئاز بولدى.

  بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئەلۋەتتە ھەرخىل سەۋەپلەر بار .ئەسلىدە قوش تىللىق بولۇش دىگەنلىك - ھەربىر مىللەت ئوز ئانا تىلنى پىششىق بىلىش ئاساسىداخەنزۇ تىلىنى ئۇگىنىش خەنزۇتىلىغا راۋان بولۇشنى كورسىتەتتى، لىكىن ئاساسى قاتلاملاردىكى بەزى جايلاردا قوش تىللىق ئوقو-ئوقۇتۇش ئىشى بۇ پىرىنسىپقا زىت بولۇپ كەلدى، ھەرقايسى جايلارئوز ئالدىغا قائىدە نىزام تۈزىۋىلىپ ئوزى بىلگەنچە ئىش قىلدى .مىسال : قاشتىشى ئۇيغۇر تور بىكىتىدە  2010-يىلى 10 ئاينىڭ 5 كۇنى ئاقبۇلاق ئمزاسىدا يوللانغان" قانداق قىلغاندا،قوش تىل ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئۇنۇملۇك يولغا قويۇپ،سۇپەتنى يۇقىرى كۆتۇرگىلى بولىدۇ؟" دىگەن تىمىدىكى ماقالىدا،قوش تىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىكى چارە-تەدبىرلەرنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان:  2007 يىلى 9 ئايدىن باشلاپ يېڭى ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئانا تىلدىن باشقا،بارلىق پەنلەرنى خەنزۇ مەكتەپنىڭ دەرىسلىكىدىن .ئوقۇتۇش ئېلىپ بىرىش،بىرىنچى يىللىقتىن ئۇچىنچى يىللىققىچە بارلىق پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش،ئۇچىنچى يىللىقتىن باشلاپ ئانا تىل دەرىسلىكىنى ئوقۇتۇش ئېلىپ بىرىلدى" ئۇندىن باشقا ئاساسى قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچى تورداشلاردىن كەلگەن خەۋەردە،بەزى مەكتەپلەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى دەرسكە كىرگۇزمەي،ئۇيغۇرچىنى قىلچە بىلمەيدىغان خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارغا كاتىپلىق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان،بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ،.بۇنداق ئەھۋاللار ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ ۋە ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.بۇنى قانداقمۇ نوۋەتتە پارتىيە ۋە ھۆكۇمەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان " ئانا تىلنى ئاساس قىلىش،ئانا تىلنى پىششىق بىلىش ئاساسىدا خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش "

تىن ئىبارەت قوش تىللىق ئوقۇتۇش دىگىلى بولسۇن؟ مۇھاكىمە قىلىش ،پىكىر ئىلىش دىيىلگەن ئىكەن ، پارتىيىمىز تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بويىچە قوش تىل ئوقۇتۇشنى زادى قاچاندىن باشلاپ يولغا قويوش كىرەك دىگەن مەسىلىدە شەخسەن كوز قارىشىمنى ئوتتورىغا قويۇپ باقاي :

    مىنىڭچە قوش تىللىق ئوقو-ئوقوتۇشنى ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 4-سىنىپىدىن باشلاش كىرەك .يەسلىدىن باشلاپ يولغا قويۇشقا بولمايدۇ.بۇنىڭغا كورسىتىدىغان سەۋەپلىرىم توۋەندىكىچە:

    1 ھەربىر مىللەتنىڭ ئانا تىلى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەڭ بىۋاستە ئۇنۇملۇك خاتىرلىگۇچى قورال بولۇش سۇپىتى بىلەن مىللى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتا بىۋاستە ئاساسى رول ئوينايدۇ .تىلنىڭ ئوزى بىر خىل ئالاھىدە مەدەنىيەت بولۇپ ،مۇئەييەن ئەھمىيىتى جەھەتتە مىللى تىل بولمىسا مىللى مەدەنىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تۇپراقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ ،شۇڭا بالىلار كىچىگدىن باشلاپ ئانا تىل مۇھىتىدا چوڭ بولغاندىلا ئاندىن ئوز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا ،مەدەنىيەت تەركىپلىرى بولغان ئورىپ-ئادەتلىرىگە ،مىللەت ئەنئەنىلىرىگە ئوڭوشلۇق ۋارىسلىق قىلالايدۇ .

   2  ئانا تىل پەقەتلا ئالاقە قورالىلا ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت توشۇغۇچى كارۋان،مىللى ھىسسىياتنىڭ بەلۋېغى،مىللەتنى تونۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى ،ئىنسانلار مەدەنيلىگىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى ، ئۇ بۇ يىل كۇزدە تىرىپ قويسا كىلەر يىلى باھاردا كوكلەپ  چىقىدىغان زىرا ئەت ئەمەس ، ئۇ يوقىلىپ كەتكەن ھامان ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولمايدىغان ئەڭگۇشتەر ،شۇڭا بالىلارغا كىچىگىدىن باشلاپ ئانا تىل تەربىيىسىنى ئىلىپ بىرىش ،سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان مۇھىم تەربىيە مەزمۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر .

   3   ئانا تىل مىللى مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ . مىللى مائارىپنىڭ ئىككى چو ڭ رولى بار ،بىرىنچىسى ئىلمي بىلىم ئۇگىتىدۇ ،ئىككىنچىسى مىللى مەدەنىيەت تارقىتىدۇ . ئۇزاقتىن بۇيان مەكتەپلەر ئىلمي بىلىم ئۇگىتىش رولىغا  بەكرەك ئەھمىيەت بىرىپ كەلدى، لىكىن مىللى مەدەنىيەت تارقىتىش رولىغا سەل قارىلىپ كەلدى .مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا پەرزەنىتلىرىمىىزنى مەلۇم ئوقوش يىلى ئىچىدە ھەم ئىلمي بىلىم ئالالايدىغان ھەم ئوز مىللى مەدەنىيىتىدىن بەھىرلىنەلەيدىغان ئىمكانغا ئىرىشتۇرۇش لازىم .

   4  قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويوشتىن مەخسەت كوپ تىل ئىناقلىقى ئاساسىدىكى تىل ھاياتىنى بەرپا قىلىش . بۇنىڭ ئۇچۇن ئاناتىلنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ،ئىككىنچى تىلنى ئىككىنچى ئورۇندا قويۇش كىرەك ، كوز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتكە بىرىلىپ كىتىش ئىدىيىسىنى تۇگىتىپ ،بالىلارنىڭ تىل ئۇگىنىشىنىڭ ۋە تەپەككۇرىنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە ھورمەت قىلىش كىرەك .

   5 ئوز مىللىتىنىڭ تىل- يىزىقىنى ئۇ گىنىش، قوللىنىش،ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش--"ئاساس قانۇن" ئازسانلىق مىللەت پۇقرالىرىغا بەرگەن تۇپ ھوقۇق . ئوزى پىششىق بىلىدىغان تىل بىلەن ئىدىيىسىنى ئىپادىلەش، تەلىم-تەربىيە قوبۇل قىلىش،خىزمەت ئىشلەش--ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تۈپ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ بىرى . خەلىقئارا جەمىئىيەت بىر ئادەمنىڭ ئانا تىل ھوقۇقىنى تۈپ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىرى قىلىپ،ھەمىشە پۇقرالارنىڭ ئانا تىل ھوقۇقىغا ھورمەت قىلىشنى بىر دولەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئولچەشنىڭ ئولچىمى قىلماقتا. بىرلەشكەن دولەتلەرنىڭ پەن- مۇئارىپ تەشكىلاتىمۇ 1999-يىلى قارار ماقۇللاپ  2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21-كۇنىنى دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلنى خاتىرلەش كۇنى قىلىپ بىكىتتى . بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلىم-پەن،مائارىپ،مەدەنىيەت مەھكىمىسى21-ئەسىر -دىكى ئىختىساس ئىگىلىرىگە قويۇلىدىغان ساپا تەلەپلىرىدىمۇ باشقا تىل قابىلىيىتىنى ئوستۇرۇشنى ئانا تىل قابىلىيىتىنىڭ كەينىدىنلا ئىككىنچى ئورونغا قويغان.بۇ مەھكىمىنىڭ 1965-يىلدىكى59- نۇمۇرلۇق تەكلىپىدە((دەسلەپكى مائارىپ باسقۇچىدا باشقا تىل - ئۇگىنىش تۇپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل ئۇگىنىشىگە مۇتلەق دەخلى يەتكۇزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن ساقلىنىش ۋاستىلىرى جەھەتتە ئەتراپلىق ھازىرلىق بولۇش كىرەك①))دىيىلگەن.ھازىرقى زامان پىداگوگىكىسى ئادەمدە يېتىشتۇرۇش نىشان قىلىنغان ئالتە تۇرلۇك ئىختىدارنى رەتكە تۇرغۇزغاندا،ئانا تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش سەۋىيىسىنى ئوستۇرۇشنى بىرىنچى رەتكە تىزغان باشقا تىل سەۋىيىسىنى ئوستۇرۇشنى ئۇچىنچى رەتكە تىزغان.   

    بىر بالىنىڭ ئانا تىلدا پىششىق بولىشنى كۇچلۇك تەشەببۇس قىلىش بىلەن يەنە ئۇلارنىڭ قوش تىللىق ياكى كۇپ تىللىق بولىشىنى ئاكتىپ قوللايمىز، لىكىن يۇقىردىكى ھەرخىل سەۋەپلەر قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ توتىنچى سىنىپىدىن باشلاپلا ئوقۇتۇش ئىلمى تەرەققىيات قارىشىغا ئۇيغۇن كىلدىغان،كىچىك پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل ھوقۇقىغا ھورمەت قىلدىغان ئەڭ ياخشى چارە.

   پىسخولوگىيىلىك تەتقىقاتلارنىڭ كورسىشىتىچە،بالىلىق مەزگىل ئادەمنىڭ زىھنى تەرەققىياتى ئۇچۇن ئەڭ ياخشى مەزگىل بولۇپ،بالىلاردىكى تەرەققىيات جەريانى باسقۇچلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدىكەن.كونكىرتنى ئىيتقاندا بىر ياشلىق مەزگىل ئاڭلاش ئقتىدارى تەرەققىياتىنىڭ، ئىككى ئۇچ ياش مەزگىل ئىغىز تىل مەشىقىنىڭ،ئۇچ ياش ھەرىكەت ئادىتى شەكىللىنىشنىڭ،توت ياش ئەقلى ئىقتىدار تەرەققىياتنىڭ،بەش ياش بولسا سان چۇشەنچىسىنى ئىگەللەشنىڭ،ئۇچ ~ئالتە ياش خارەكتىر شەكىللىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ئىكەن،. مۇزىكىنى ئۇچ ياشتىن باشلاپ ،چەتئەل تىللىرىنى (ئاساسلىقى ئىغىز تىلىنى) ئون ياشتىن باشلاپ ئۇگەنسە ئەڭ ياخشى بولىدىكەن،.دىمەك بالىلارنىڭ ھەرىكەت ۋە ئەقلى ئىقتىدار تەرەققىياتىدا مەلۇم ھالقىلىق ۋاقىت مەزگىللەر بولىدۇ.بالا خالىغان ۋاقىتتا خالىغان نەرسىنى سىزسا بولىۋىرىدىغان ئاق قەغەز  ئەمەس.بەلكى ئۇ خاس ئاناتومىيەلىك ۋە فىزىئولوگىيەلىك نىرۋا تۇزلىشىگە ئىگەپىروگراممسى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان جانلىق مەۋجۇدات بولۇپ،مەزگىلى ئوتۇپ كەتسە بالا شۇ خىل تەرەققىيات جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ دىگەن سۇز .تىل ئۇگۇنۇشمۇ دەل مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە ئەمەلگە ئاشىدۇ.بىئوپىسخىك جەھەتتىن ئالغاندا تىل بىر خىل مىڭە ھادىسىسى.بالا تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋە تۇغۇلغاندىن كىيىن ئاتا ئانىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چوڭ بولىدۇ .ئۇ سۇزلەشنى بىلمىسىمۇ ،ئانا تىل تاۋۇشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىيەتلىك بىرىكىشلىرى،تاۋۇش چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ خاس ئاناتومىيەلىك تۇزىلىشىدىن ھاسىل بولغان مىللەت تىلىنىڭ تېمبىرى ئانىنىڭ يىقىملىق پەپىلەشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ،بالىنىڭ قەلبىدە يارقىن تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ.بۇ خىل تۇيغۇ ۋاقىتنىڭ ئوتىشى بىلەن بالىنىڭ مىڭىسىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ.بۇ ماھىيەتتە ئانا تىلنى ئۇگۇنۇشنىڭ ھىىسسى جەريانى بولۇپ،ئەقلى تەرەققىيات مۇشۇ جايدىن باشلىنىدۇ.   

  بالا مەكتەپ يىشىغا يەتكەندىن كىيىن ئۇزىمۇ سەزمىگەن ھالدا تەبىئى رەۋىشتە مەكتەپ قوينىغا كىرىپ كىتىدۇ،بۇ ۋاقىتتا مەكتەپ ئانا تىل ئارقىلىق بالىنى .ئۇزىگە رام قىلىپ بالىنىڭ ھىس تۇيغۇسى ئەقلى پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش كىرەك.شۇنداق بولغاندىلا بالىلار مەكتەپ بىلەن ئائىلىنى پەرقسىز ھىس قىلىدىغان ئوقۇشتىن بىزار بولمايدىغان ئائىلىنى ئىللىق ماكان،مەكتەپنى يات دۇنيا دەپ بىلمەيدىغان مەكتەپكە بىرىشقا ئالدىرايدىغان ئويگە كىتىشكە ئالدىرمايدىغان بالا بولىدۇ.بۇنداق بالىلار ھىسيات جەھەتتە تەبىئى نۇرماللىققا ئىگە بولىدۇ دە بۇ خىل ئازادە روھى ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئۇگۇنۇش ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق يۇرۇشۇپ كىتىدۇ.   ئەڭ مۇھىمى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق كىرگەن بالا ئۆز ئانا تىلى ئارقىلىق  توغرا پېداگوگىكىلىق تەربىيىگە ئىگە بولالىسا، كىيىنكى ھاياتىدا قوش تىللىق ئۆگىنىش ئۇچۇن پۇختا ئاساس سالغان بولىدۇ.


تەكىتلەش زورور دەپ قارايدىغىنىم شۇكى ،ئىلمي تەرەققىيات دىگەنلىك ،ھەر قانداق شەيئى ۋە جىسىمنىڭ ماھىيەتلىك ئىچكى تەبىئى قانونىيىتى ئارقىلىق ئىش قىلىش ۋەتەرەققى قىلىش دىگەنلىك بولغاچقا ،قوش تىللىق ئوقو-ئوقوتۇش ئىشلىرىنى يولغا قويغاندا، بىز چوقوم شۇ قوش تىللىق ئوقو-ئوقوتۇشنىڭ ئوبىكتى بولغان ،ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانى جەھەتتە ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان،ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تىخى تولۇق شەكىللەنمىگەن  ھوقۇق-مەنپەتى قانون تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان سەبى،ئوسمۇر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىچكى قانونىيىتى بويىچە ئىش كورىشىمىز لازىم ئەلۋەتتە. ئاتاغلىق رۇس پېداگوكى ك.دئۇشىنىسكى ئانا تىلنى(ئەڭ ياخشى خەلق ئوقۇتقۇچىسى ) دەپ تەرىپلىگەن .قەدىمكى ئۆتمۈشتە كىتابمۇ، مەكتەپمۇ بولمىغان چاغدا،ئانا تىل ياش ئەۋلاتلارنى ئۆز جىسمىدىكى قانونىيەت بويىچە تەربىيەلەپ ئۆستۈرگەن ،ئۇلارغا بىلىم-ئىلىم ئۈگەتكەن ،ئانا تىل بۇ ۋەزىپىنى ھازىرمۇ ئادا قىلىۋاتىدۇ ،بۇنىڭدىن كېيىنمۇ چوقوم ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ .مانا بۇ ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ كۆمۈلمەس بۈيۈك تۆھپىسى .

ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك،سەبى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئىچكى ماھىيەتلىك تەبىئى قانونىيىتى  ئارقىلىق ئىش كۆرمەي ،يەسلى مائارىپىدىن باشلاپ قوش تىللىق ئوقو-ئوقوتۇشنى يولغا قويغاندا،توۋەندىكىدەك توسالغۇلار يۈز بېرىپ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ.

1 تەپەككۇر توسالغۇسى.

تەپەككۈر دىگەن نىمە ؟ (1) ئادەم مېڭىسىنىڭ رىئاللىقنى ئوموملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى،ئوبىكتىپ ۋەقەلىك ھەققىدىكى چۈشەنچە، تەسەۋۋۇر.

(2)پىكىر يۈرگۈزۈش،مۇھاكىمە قىلىش،ئويلاش ،خىيال قىلىش دىگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ .دىمەك تەپەككۈر-پىكىر قىلماق ،ئويلىماق دېمەكتۇر.

[[تىل]]--تەبىئىيەنى فىزىئۇلۇگىيەلىك جەھەتتىن ئادەم ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ئاغزىدىكى بىر ئەزاسى ،ئۇندىن باشقا [ئاۋاز}،{ئۈن} دىگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ .ئىجتىمائي جەھەتتە تىل پەقەت ئالاقە قورالىلا ئەمەس،ئۇ يەنىلا مەدەنىيەت توشۇغۇچى،مىللى ھىسسىياتنىڭ بەلۋېغى ،مىللەتنى تونۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى.ئنسانلارمەدەنىيىلىكىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى.

ياكوپ گىرىم مۇنداق دەيدۇ :بىر مىللەتنىڭ تىلى ئوز نوۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدۇر ،بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئۇستىخان-سوڭەك،قەبرە ،كېپەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇجانلىق بىر پاكىت باركى،ئۇ بولسىمۇ تىلدۇر.


تىل تەتقىقاتچىلىغىدا تىل-تەپەككۇرنىڭ قورالى چۇنكى تىلسىز كىشىلىك جەمىئەت بولمىغاندەك ،تەپەككۇرسىز تىلنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ . تىل تەپەككۇر نىڭ قورالى بۇلۇپلا قالماي ،تەپەككۇر بارلىققا كىلىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر ،تىل-ئەقىلنىڭ ئەينىگى،تەپەككۇرنىڭ ئاپپاراتىدۇر .تىل-تەرەققياتنىڭ بىر خىل ئىجتىمائي ھادىسىيىسى ،تەپەككۇر ئوخشاشلا ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگۇلىرىنىڭ بىرى.ئىنسانلارتەپەككۇرىنى پەقەت تىل ئارقىلىق ئىپادڭلەيدۇ مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن پەرىقلىنىدىغان ئەڭ تۇپكى ئالامەتلىرى .مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا تىل دىگەن سوزلەپ تۇرغان تەپەككۇر ،تەپەككۇر دىگەن ئۇنسىز تىلدۇر . تىل مىللى خاسلىق بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ ،مەدەنىيەت پەرقىنى تۇزىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن تىل، ئىدىيە،ئېتىقاتلارمىللى تەپەككۇر شەكلى سۇپىتىدە ئۇزاق زامانلار داۋامىدا گىن بەلگىسى بوپ قالىدىكەن . بىز(ئۇيغۇرلار)تەپەككۇر قىلغاندا ئەلۋەتتە ئوزىمىزنىڭ لىكسىكىمىزدىن ،گىرامماتىكىلىق تەرتىپلەردىن ،مۇرفولۇگىيەلىك سوز ياساش قوشۇمچىلىرىدىن ئايرىلالمايمىز بۇ بىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىز ،بۇ بىزنىڭ مىللەت گىنمىز ، بۇ بىزنىڭ تىل تەپەككۇر يولىمىز ،ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ لىكسىكىسى (سوزلۇكلىرى)،گىرامماتىكىسى ،سوز ياساش قوشومچىلىرى بىر بىرىگە تۇپتىن ئوخشىمايدۇ ،ئىككى مىللەتنىڭ مۇشۇنداق ئوزىگەخاس تىل قۇرۇلمىسى ،تىل تەپەككۇرى بۇ ئىككى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزى .بىز تەپەككۇر قىلغاندا ئەڭ ئەقەللىسىئ ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى بويىچە ئىگە-ئىنىقلىغۇچى تولدۇرغۇچى-ھالەت- خەۋەر تەرتىۋى بويىچە تەپەككۇر قىلىمىز لىكىن خەنزۇ تىلى بويىچە تەپەككۇر قىلغاندا بۇنداق جۇملە تەرتىۋىگەھەرگىز چۇشمەيدۇ ،سەبى پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ 3ياشقا توشقان ۋاختى ئوز ئانا تىلنى ئۇگىنىدىغان ئالتۇن دەۋرى ھەم يەسلىگە كىرىدىغان ۋاختى.ئۇلار ئوز ئانا تىلنى ئەمدىلا ئۇگىنەي دىگەندە ئۇلارغا خەنزۇ تىلىنى ئۇ گىتىش ئۇلاردا دەرھال تەپەككۇر توسالغۇسىنى كەلتۇرۇپ چىقرىدۇ--دە،ئۇلار يا ئوز ئانا تىلىنى ياخشى ئۇگىنەلمەيدۇ يا خەنزۇچىنى ياخشى ئۇگىنەلمەيدۇ ،بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى كاللىسى ئىشلەيدىغان ھەرقانداق ئادەم تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ ،ھورمەتكە سازاۋەر،پىشقەدەم پېداگۇك مەھمۇت ئىلياس ئىدىقۇتلۇق ئوخشاشمىغان مىللەتلەرنىڭ تىل تەپەككۇرىنىڭ پەرقى توغرىسىدا مىسال كورسىتىپ مۇنداق يازىدۇ:{تىل مىللەتنىڭ ئوزىگە ئوخشاش شۇنداق خاسلىققا ئىگە ئىكەنكى ،بەزىدە بۇ خاسلىق زىيادەئۇزگىچىلىككە ئىگە بولغانلىقتىن،بىر مىللەت تىلىدىكى مەلۇم بىر ئۇقۇمنى باشقا بىر تىل ئاسانلىقچە ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ .ئۇيغۇر تىلىدىكى((داستىخان))دىگەن سوزنى ئېلىپ ئېيىتساق،تاماق ۋاختىدا شىرەگە ،نەزىر-چىراغ،توي-توكۇنلەردەپالاز،كىگىز،گىلەمنىڭ ئۇستىگە،دىھقان ئايال ئېرىگە يىمەكلىك ئاپارغاندا ئوت-چوپ ياكى داق يەرنىڭ ئوزىگە بىۋاستە سېلىنىدىغان،ئادەتتىكىچاغلاردانان قاتارلىق قۇرۇق يىمەكلىكلەر يوگەپ قويىلىدىغان بۇ بىر پارچە رەخىت داستىخاننىڭ يەنە باشقا قوللىنىشلىرى بارلىقىنى بىلىمىز. ((داستىخىنى چوڭ))دىگەن ئىبارىنىڭ مېھماندارچىلىققا ئەھمىيەت بىرىدىغان ئادەمنى،((ئالدىلىرىغا داستىخان سالاي))دىگەن ئىبارىدىن سوزلىگۇچىنىڭ مېھمان قىلىپ كۇتۇۋىلىش ئويى بارلىقىنى،((داستىخىنىمىزغورىگىل بوپ قالدى))دىگەن جۇملىنىڭ ((ياخشى كۇتۇۋالالمىدىم)) دىگەن مەنىسى بارلىقىنى ،((داستىخان قىلىپ بارىمەن)) ياكى((داستىخان كىرگۇزمەكچى)) دىگەن ئىبارىلەرنىڭ تۇققان،قۇلۇم-قوشنىلار ئارىسىدىكى ئادەمگەرچىلىك-يوقلاش ئىشلىرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز .مانا مۇشۇ ((داستىخان)) نى باشقا بىر مىللەت تىلىدا بارلىق مەنىلىرى بىلەن تۇلۇق ئىپادە قىلىش توغرا كەلسە ،ئۇنىڭغا مۇناسىپ بىر سوزنى تېپىش ،ئەگەرسىزخەنزۇ تىلى ياكى ياپون ۋەباشقا بىرەر تىل مۇتىخەسىسى بولسىڭىز ،ئۇنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسانغا چۇشمەيدىغانلىقىنى ،ھەتتا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىسىز . ئۇيغۇر بالا ئوز ئانا تىلدىكى بۇ ((داستىخان))دىگەن سوزنى ئۇگەنگەندە ،ئۇ بىر پارچە رەخىتنىلا ئەمەس ،ئوز مىللىتىنىڭ غىزالىنىش تۇرمۇش ئادىتى،مېھماندارچىلىق،كىشىلىك مۇناسىۋەت ، بىرىش-كىلىش يۇسۇنلىرىنى چۇشىنىۋالىدۇ.

يەسلى يىشىدىكى بىر خەنزۇ بالىنى يەسلىدەئۇيغۇرچە ئۇگىنىشكە قىستىساق ، ئۇ بالا بۇنىڭ ئۇچۇن قانچىلىك بىلىم، ھىس-تۇيغۇ ،پىكىر ،لوگىكىنى بىلىشكە توغرا كىلەر؟ يەسلى يىشىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىنى ئوخشاشلا خەنزۇچە ئۇگىنىشكە زورلىساق ، ئۇ بالا بۇنىڭ ئۇچۇن قانچىلىك بىلىم، ھىس--تۇيغۇ ،پىكىر، لوگىكىنى بىلىشكە توغرا كىلەر؟خەنزۇ يولداشلاردا مۇنداق بىر ئېدىيۇم بار:پىچاقنى ئوزەڭگەسال ،ئاغرىمىسا كىشىگە. خۇلاسە شۇكى ،تىل --سوزلەپ تۇرغۇچى تەپەككۇر ،تەپەككۇر--ئۇنسىز تىلدۇر تىل بىلەن تەپەككۇر قان بىلەن گوشتەك بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ ،تەپەككۇر توسالغۇغا ئۇچرىسا تىل ئۇگىنىشمۇ ئوخشاشلا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ ،تەدبىر- چارىمىزنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىق سەۋەبى بىلەن ياخشى نىيەتلىرىمىز يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ

2.پىسخىك توسالغۇ.

ساغلاملىق--پىسخىك ساغلاملىق ،جىسمانى ساغلاملىق ،ۋە ئىجتىمائي ئىقتىدارنىڭ مۇكەممەللىكىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ .پىسخىك ساغلاملىق ئىنسانلارنىڭ ساغلام ياشاپ، ئۇزۇن ئومور كوررۇشىدە ھەل قىلغۇچ شەرىتۋە مۇھىم كاپالەت ھىساپلىنىدۇ . ئادەم جىسمانى ساغلاملىقنى ساقلاپلا قالماي ،تېخىمۇ مۇھىمى پىسخىكىلىك ساغلاملىقنى ساقلىيالىغاندىلا ، ھەقىقى ساغلام ھىساپلىنىدۇ .

  ئادەملەردىكى پىسخىك تەڭپۇڭلۇق ئادەمنىڭ مەلۇم ئىېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلغان چىغىدىكى پىسخىك ھالىتىدىن ئىبارەت بولۇپ ،ئادەمنىڭ پىسخىك زىددىيىتىنىڭ تونۇش ۋەھىسسىيات جەھەتتە ھەل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ،ئادەم بىلەن مۇھىتنىڭ ماسلاشقانلىغىدىكى بىر خىل ئىنكاس .   

   قوش تىللىق ئوقو- ئوقوتۇش ئىشلىرىنىڭ ھازىرقى ئەمىلى ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى بالىلاردا كورۇلگەن تەپەككۇر توسالغۇسى زەنجىرسىمان تەسىرقوزغاپ ،بالىلارداپىسخىكىلىك زىددىيەتلەرنى قوزغىماقتا .بۇنىڭ تېپىك ئىپادىلىرى :تېڭىرقاش ،جىددىلىشىش ،قورقوش ،غەزەپلىنىش ،قورۇنۇش ،ياتسىراش ،جىمىغۇرلۇق ، ئوقوشتىن بىزار بولۇش ھەتتا ئوقوشتىن ،مەكتەپتىن قىچىش قاتارلىق بولۇپ،نۆۋەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۇزمەكتە  .

3.جىسمانى توسالغۇ

جىسمانى ساغلاملىق ئادەملەر سالامەتلىكىنىڭ مۇھىم شەرتى ۋە كاپالىتى.

ئادەملەر ئۇزىنىڭ پىسخىكىسىنى دائىم تەمكىن ،مۇتىدىل ھالەتتە ساقلىيالىغاندىلا نۇرغۇن جىسمانىي كىسەللىكلىكلەرنىڭ يۇز بىرىشىدىن ساقلانغىلى ،ياكى يۇز بىرىشنى ئارقىغا سۇرگىلى بولىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قوش تىللىق ئوقۇتۇش شارائىتىىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا يۇقىرىدا سۇزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك پىسخىك كىسەللىكلەرنىڭ يۇز بىرىشى ئۆز نۇۋىتىدە بالىلاردا جىسمانى توسالغۇلارنى-كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ .مىجەز خۇلق بىر ئادەمنىڭ پۇتكۇل روھې قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ. مىجەز خۇلىقنىڭ ئۆزگىرىشى ئەمدىلا ئاغزىدىن ئانىسىنڭ سۇتى كەتمىگەن بالىلاردا پىسخىك زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىپ،جىسمانى كىسەللىككە ئىلىپ بارىدۇ .بىر مۇنبەردىشىم ئاتەش ماكاندىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىگە يوللىغان ماقالىسىدە شىنجاڭ گىزىتىدىن مۇنداق بىر ھىكمەتنى سۆزلىگەن يەنى (چەتئەل تىلى ئۈگىنىش-ئادەمنىڭ مىجەز خۇلقىنى ئۆزگەرتىدۇ.) خەنزۇ تىلى گەرچە چەتئەل تىلى بولمىسىمۇ،لىكىن ئۇ بىر مىللەتنىڭ تىلى ،بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئەمەس.مۇشۇ ھىكمەتلىك سۆزدىن قارىغاندا زادى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۈگۇنىشتە بولۇپمۇ سەبئ ئۆسمۇر بالىلارغا نىسبەتەن تىل ئۇگۈنۇشنىڭ مۇۋاپىق ۋاختىنى ئىگەللىمەسلىك سەبى ئۆسمۇر بالىلارغا يامان ئاقىۋەت ئىلىپ كىلىدۇ.

    خۇلاسە شۇكى تەپەككۇر توسالغۇسى زەنجىرسىمان تەسىر قۇزغاپ پىسخىك كىسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.پىسخىك توسالغۇمۇ جىسمانى كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلالايدۇ.جىسمانى كىسەللىكلەرمۇ پىسخىك توسالغۇلارنى پەيدا قىلالايدۇ.بۇنى تەكىتلەشتىن مەخسىدىم شۇكى بۇ ئامىللارنىڭ <<ئايلانما سەۋەپ-نەتىجە>>مۇناسىۋىتىدە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۇرۇش.يۇقىردا سۆزلەنگەن ئۇچ چوڭ توسالغۇنىڭ ئىلىپ كىلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرىنى داۋاملىق ئىزدىنىشىمىز تەتقىق قىلىشىمىز لازىم.

-2008 يىلى خەيكو شەھىرىدە ئىچىلغان مەملىكەتلىك مىللى تىل يىزىق خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:مىللى تىل يىزىق خىزمىتى - دۆلتىمىزنىڭ ھەر دەرىجەلىك خەلق ھۆكۇمەتلىرىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت،قانۇن -نىزاملىرىنى ئاساس قىلىپ،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تىل-يىزىق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۇرۇپ،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل -يىزىق باشقۇرۇش جەھەتتىكى تۈرلۇك پائالىيەتلىرىدە ماركىسىزىملىق مىللى تىل يىزىق باراۋەرلىكى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يىزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتىكى ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۇرۇش--------دۆلىتىمىزنىڭ مىللى تىل يىزىق خىزمىتىنىڭ تۈپ يىتەكچى ئىدىيىسى.

بىز پارتىيىنىڭ بۇ تۇپ يىتەكچى ئىدىيسىنى قىبلىنامە قىلىپ،ئىلمى تەرەققىيات قارىشنى قوش تىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا يىتەكچى قىلىپ،ئەمەلىي ئەھۋالنى ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،كۆپ تىل ئىناقلىقى ئاساسىدىكى تىل ھاياتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز لازىم.   


بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىنى جوڭگو كومىنىستىڭ پارتىيىسىنىڭ باش سىكرىتارى، جوڭخۇا خەلق جەمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى يولداش خۇجنتاۋ مەركەز ئاچقان ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇنۇ سوزى بىلەن تاماملايمەن.

           " بىز ھەرقايسى مىللەتلەر تارىختا .ئەنئەنە ،تىل- مەدەنىيەت،ئۆرپ- ئادەت،پىسخولوگىيىلىك تونۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەرەققى قىلىپ شەكىللەندۇرگەن پەرقلەرنى توغرا چۇشىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشىمىز،ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا سەل قارىماسلىقىمىز،شۇنداقلا ئۇلارنى مەجبۇرلاش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكىمىز لازىم“②


    ① جوڭ چىچىۋەن: شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى ئۇيغۇرچە 2003 يىل 7.8. قوشما سانىدىن ئېلىندى.

     ②جوڭگو مىللەتلىرى ژورنىلىنىڭ 2008 يىللىق 5 سانىدىن ئېلىندى.


                                              ئاپتۇر: قاغىلىق تاشيول باش ئوچاستىكا پىنسىيونىرى


مەنبە:«شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى» ژورنىلى 2011-يىلى1-سانى

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=11027&page=1&extra=#pid32867


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bilgeyar + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2041
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 03:40:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1441
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1278 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 05:14:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچە گەپ قىسا چۈشەنمەي  بەزدەك قاراپلا تۇرغان ئۇيغۇر بالسنى كۆرگەنمەن، بۇ قوش تىللىق مائارپنىڭ پايدسمۇ (تاق)تىللىق مائارپنىڭ؟؟؟

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 848
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6111
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 06:16:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بۇ توغرىسىدا پاراڭ بولسىلا زادى غەزىپىم تۇتىدۇ - دە ؟!

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2041
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 06:32:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8426
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2411 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 09:21:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى قوشتىللىق مائارىپ ئەينى يىللاردىكى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەشكە ئوخشايدۇ.

ئەگەر دۇنياغا قا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7236
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8563
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 5207 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2012-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 09:30:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا باللاردا ئوقۇتشتىن زىرىكىش ،قىچىش ئالامەتلىرى كۆپ ...بالىلار يا خەنزۇچىنى ھەزىم قىلالمىغان يا  ئانا تىلىنى........ 6- يىللىققا چىققان ئوغۇچىلارنىڭ ئانا تىلدىن ساۋادى چىقمىغانلىرى نۇرغۇن ....بۇرۇن ئۇنداق باللارنى دۆت دەپ ئاتايتۇق ...ئەمدىچۇ ؟  باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار خەنزۇچە بىلگەن بىلەن ئۇلاردا باللارغا بەرگۇيدەك بىلىم ياكى مىتوت يوق ..........تاپشۇرۇقنىڭ جىقلىقى .........شۇ بىز باللارنى زورلاپ ئۇگەتمەكتىن باشقا ئامال يوق ،،،،،بۇ دىگەن  دەۋرىنىڭ تەلىۋى ،،،،،،،،،،،،

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 640
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5274
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 10:46:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا تىلنى ئۆگىنش شەرەپلىك ئىش.
ئۆزتىلىنى ئۇنتۇش جىنايەت

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11168
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2964 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 10:48:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«قوش تىللىق» ئوقۇتۇش تەدرىجى ئىزغا چۈشىدۇ

http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=9846

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-24 10:49 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10621
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2253 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 10:53:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ تولۇقسىزدىن باشلاپ قوش تىلدا ئوقۇغان ،خەنچىنىمۇ ،ئۇيغۇرچىنىمۇ بىر ئوبدان ئېلىپ كېتىپ بارىمەن .يەسلىيدىن باشلاپ قوش تىلنى يولغا قويۇشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش