Nawruzay يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 10:59 PM 
راست گەپنى قىلسام مەن بەزىدە ئۇكىلىرىم بىلەن ئولتۇرۇپ ...
بارىكاللا! مېنىڭ بۇ تېمىدا يوشۇرۇن ئىپادىلىمەكچى بولغىنىم قانداقتۇر بۇ كارتوننى سۆكۈش ۋە تىللاش ئەمەس بەلكى سىزنىڭ مۇشۇ گەپلىرىڭىز ئىدى. بالىلارنىڭ كۆرىدىغان، ئاڭلايدىغان نەرسىلىرى ئاز دەپ قاقشىماقچىمۇ ئەمەس ئىدىم. قولىمىزدىن كېلىدىغاننى قىلايلى، دېمەكچىدىم.
بەلكىم «مېنىڭ شۇنچە تىرىشىم ھېكايە سۆزلەشلىرىمنى مانا مۇشۇ كارتون فىلىم يوققا چقاردى» دېگەن بۇ سۆزۈم تېمىنى ئوقۇغان كىشىگە مەقسەتنى خاتا بىلدۈرۈپ قويغان چېغى! ئۇستاتلىق قىلىپ «مۇھاكىمنى ئاز يېزىپ، ھېكايە بىلەنلا ئاساسىي مەقسەتنى يوشۇرۇن ئىپادىلەيمەن» دەپ شىلتىڭ ئېتىپ قاماشتۇرالماپتىمەن ئەمەسمۇ؟