مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1701|ئىنكاس: 30

«قوزا خۇشخۇي» دىن تۇغۇلغان ئويلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4732
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 547 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 12:26:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«قوزا خۇشخۇي» دىن تۇغۇلغان ئويلار


   گەرچە چوڭ بولساممۇ جىيەنلىرىم بىلەن بىللە ئويناشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، ئۇلارمۇ ماڭا شۇنداق چىڭ يېپىشىدۇ. بەزىدە تېخى مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئويۇن تېخىمۇ قىززىپ كېتىدۇ. يوغانلا بىر قىزنىڭ كىچىك بالىلار بىلەن بىللە ئوينىشى ئەيىب ھېسابلىنىشى مۇمكىن. لېكىن نېمە ئامال؟ سۈپۈرگىنى  قولۇمغا ئەمدى ئېلىشىمغا دەرۋازىدا كەپسىزلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ:
   - ئاچام بارمۇ؟  بىللە ئوينايتتۇق ...
مېنى ئىزدەپ كىرگەن بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرىنى  تونۇمايمەن.  بەلكىم ئۇلارمۇ ئىسمىمنى بىلمىسە كېرەك، ھەممىسى پەقەت «ئاچا» دەپلا چاقىرىدۇ... بۇ بالىلارچە قىلىقىم ئەيىب ھېسابلانسا شۇنداق بولۇپ تۇرۇپ تۇرسۇن، چۈنكى گېپىمىزنىڭ مۇھىم يېرى بۇ ئەمەس.
   ھېكايە ئېيتىش بىزنىڭ ئويۇنلىرىمىزنىڭ بىرى. بەزىدە ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ ھېكايە ئوقۇپ بەرسەم بەزىدە جىيەنلىرىم ئۇخلىغىلى ئۇنىمىغاندا بىر ھېكايىنى ئۆزۈم تۇقۇپلا ئالدىرىماي ئوقۇسام ھەرقانچە كەپسىز بالىمۇ بىردەمنىڭ ئىچىدە بۇخاراغا مېڭىپ بولىدۇ. ئەمدى ھېكايەمنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەم، بەزىدە ھايۋانات توغرىسىدىكى بالىلار چۆچەكلىرىنى شۇ ۋاقتىنىڭ ئىچىدە توقۇسام بەزىدە تارىخىمىز، ئەجدادلىرىمىز ھەققىدىكى ئاز-تولا بىلىدىغانلىرىمنى ھېكايە شەكىلدە سۆزلەپ بېرەتتىم.
   بىر كۈنى بالىلار زادى ئۇخلىغىلى ئۇنىماي ئانامنى يامان خاپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن يەنە ھېكايە سۆزلەپ بېرىمەن دەپ، ئۇلارنى گول قىلغان بولدۇم. قايسسىنى سۆزلەپ بەرسەم بولار دەپ، ئولتۇرسام بالىلارنىڭ بىرى:«ھېلقى بۆرىنى...» دەپ قالدى. ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى مەن دائىم سۆزلەپ بېرىدىغان «ئۇغۇزخان» ھېكايىسى ئىدى. بالىلار تېخى كىچىك بولغاچقا پەقەت شۇ يولباشلغۇچى كۆك بۆرىنىلا ئېسىدە تۇتۇۋاپتۇ. بولىدۇ دەپ، ھېكايەمنى باشلىدىم. شۇنداق قىززىپ سۆزلەۋاتاتتىم. توساتتىن بىرى:
   - «قوزا خۇشخۇي» دا ئۇنداق دېمەيدۇ. كۆك بۆرە ئۇنداق بەلەن ئەمەس. ئۇ بەك ئەسكى،- دېدى. مەن:
   - ياق ئۇكام، كۆك بۆرە دېگەن شۇنداق باتۇر، قەيسەر. ئۇ ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان قەھرىمان،- دەپ چۈشەندۈرگەن بولساممۇ ئۇلار زادى قايىل بولمىدى. مەن دائىم ئۇلارغا بۆرىنى ياخشى دەپ، سۆزلەپ بېرىۋاتسام ئۇلار زادى نېمە ئۈچۈن كۆك بۆرىنى ئەسكى دەيدىغاندۇ دېسەم، ئەسلى ئۇلار  كارتون فىلىم «بۆرە بىلەن قوزا»نى ھەر كۈنى كۆرگەچكە شۇنىڭ تەسىرىدىن بۆرىگە ئۆچ بولۇپ قالغان ئىكەن.
    بۇ قارىماققا كىچىك ئىشتەك تۇرسىمۇ لېكىن بالىلارنىڭ بۇ سوئالى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.  كۆك بۆرە بىزنىڭ ئىڭىمىزدە ئەسلى باتۇرلۇق، قەيسەرلىكنىڭ سىمۋۇلى ئىدى. ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم مەسەللەرنى ھېسابغا ئالمىغاندا ئەدەبىياتىمىزدا  كۆك بۆرە ھەققىدىكى ئىجابىي بايانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بىراق ھازىرقى بالىلارنىڭ ئىڭىدە كۆك بۆرە ساختىپەزلىك، ھىيلىگەرلىك، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، ھاماقەتنىڭ ۋەكىلى ئىكەن. مېنىڭ شۇنچە ئويلىنىپ، ئۇلارغا ھېكايە سۆزلەپ تىرىشقانلىرىم شۇ ھەر بىر قىسمى بىر نەچچە مىنۇتلۇقلا كارتون فىلىمنىڭ ئالىدىدا نۆلگە باراۋەر بولدى. مەن تېخى ھايۋانات بولغاچقا بالىلار قىزىقىدۇ، شۇڭا  ئاۋۋال كۆك بۆرىدىن باشلاپ، ئاندىن ئۇلارغا باشقا نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەي دەپ ئويلىغان ئىدىم.
   ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى. ئۇلارغا تاپشۇرۇق ئىشلەتسەم ھەممىنى بەلەن ئىشلەپ كېلىپلا «ئېلىپبە» گە كەلگەندە شۇنداق ھورۇنلۇق قىلىدۇ. «ئۇنداق قىلماڭ، بۇ دېگەن بىزنىڭ تىلىمىز. بۇنى ئۆگىنىش سىز يەسلىدە تۆت يىل ئۆگەنگەن ‹بو، پو، مو، فو...› دىن جىق ئاسان. ساۋادىڭىز چىقسا ھۇجرامدىكى شۇ جىق كىتابلىرىمىنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ تۇرىمەن» دېسەممۇ بۇ كىتابقا بەك قىزىقمىدى.  نېمىشقا ئۇنداق قىلىدىكىن  دېسەم «ئېلىپبە» كىتابتىكى رەسىملەر، تېكىسىتلەر «ئەدەبىيات»(خەنزۇچە) كىتابىدىكىدەك سەرخىل ئەمەسكەن. دېمەك، بالىلار يەسلىدە بۇ كىتاب بىلەن كۆپ ئۇچراشمىغان بولۇپلا قالماستىن يەنە كىتابنىڭ رەڭدارلىقى يېتەرلىك ئەمەسكەن. بۇنىڭغا جىلە بولۇپ ئولتۇرسام ئاچامنىڭ 9 ئايلىق بولغان بوۋىقىنىڭ بىر ئىشىغا قاراپ:« ھە، ھەممىنى قوش تىل مائارىپىغا دۆڭگەپ قويۇپ ئۆزىمىز تىرىشماپتىمىز» دەپ ئويلىدىم. بۇ ئىش مۇنداق بولدى:
    بىر كۈنى چۈشكە يېقىن بۇ بوۋاق بەك قەغىش قىلىپ كەتتى، ئانىسى تېخى ئىشقا كەتكەن. ھېچنىمىگە گول قىلالماي، تورغا چىقىپ «بوۋاقلار قوشىقى» دەپ كىرگۈزسەم دەسلپىدە بىر ئۆردەك توغرىسىدىكى بالىلار ناخشىسى چىقتى. شۇنچە قىلىپمۇ ئۇيغۇرچە ھەم خەنزۇچە تور بەتتىن ھەم سۈزۈك ھەم جاراڭلىق ئېيتىلغان ئۇيغۇرچە ناخشا تاپالمىغاچقا «قېنى قانداق قىلىدۇ» دەپ شۇنى قويدۇم. كىم بىلسۇن، بۇ بالىلار ناخشىسى قويۇلىشى بىلەنلا بالا پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆرۈشكە باشلىدى. شۇنداق بىرىلىپ كۆردىكى توختاپ قالسا خۇددى« تەكرار قوي» دېگەندەك بوش ۋارقىراپ قوياتتى. بىر كەمدە ئانام يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ :« تىڭشىسام يە سىز ئاۋاز چىقارمايسىز ، يە بالا. ئەنسىرەپ كىرىشىم...» دەپ. شۇندىن كېيىن  بالا خاپا قىلسىلا شۇنى قويۇپ بېردىغان بولدۇق ھەم تولا قويۇۋېرىپ ھەممىمىزگە يادا بولۇپ كەتتى.
   نېملا دېگەنبىلەن 9، 10 ئايلىق بوۋاققا ئۆز ئانا تىلى بولمىغان تىلدا كارتون فىلىم، قوشاق دېگەنلەرنى قويۇپ بېرىش ياخشى ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن ئاچامنى «بالاڭنى ئويلىمامسەن؟» دەپ قورقۇتۇپ كىتابخانىغا يۈگۈرتۈپ ئۆزۈم تورغا ياماشتىم لېكىن ھېچ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم. چۈنكى توردا ئۆز تىلىمىزدىكى بالىلار ناخشىسى ساناقلىقلا ئىكەن. ئۇنى قويسام بوۋاق ئىكرانغا قاراپمۇ قويمىدى. دېمەك، ئۇدارى ھەم تېكىستى جەھەتتىن بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ماس كېلىدىغان بالىلار قوشاقلىرىنى تېپىش ھەقىقەتەن تەس ئىدى. ئاچاممۇ كىتابخانىدىن قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ. دېيىشىچە، كىتابخانىدىمۇ تۈزۈك بىر نەرسە يوق ئىكەن. ئۇنىڭغا قايىل بولماي، ئۆزۈم بېرىپ بىر -ئىككى پارچە بالىلار قوشاقلىرى كىتابىنى ئېلىپ كېلىپ ئۇقۇپ بەرسەم بالىلارنىڭ  ھەتتا چوڭىمۇ تىڭشىمىدى.
   ھەي، ئەجەبا بۇ ھېكايە، قوشاق ئېيتىش دېگەنلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتكەندىمۇ، ئۇلارغا ئۆز نەرسىلرىمىزنى ياقتۇرمامدىغاندۇ دېسەم «يۇلتۇزلار» دېگەن ناخشىغا ھەممىسى بەك ئامراق. ھېلىقى بوۋاقمۇ ئۆزىچە ئۇنى ئەللەي ناخشىسى قىلىۋالدى. ئۇنى ئېيىتساقلا بىردەمدە ئۇخلاپ قالىدۇ.
   ئۇزۇن ئويلىنىش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇلارغا ئۆزىمىزچە قوشاق، ناخشا، تېپىشماقلارنى ئۆگىتىمىز، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز، كىچىكىدىن باشلاپ خۇددى خەنزۇ بالىلار تاڭ شېئىرلىرىنى يادلاش بىلەن ئۆز ئەجدادىنى يات ئەتكەندەك ئۇلارمۇ ئاتا-بوۋىسىنى تونۇسۇن دېسەك ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىن، كونكېرىت قىلىپ ئېيىتقاندا كومپىيوتېر قاتارلىقلاردىن ئوبدان پايدىلىنىپ  شۇ  بار نەرسىلىرىمىزنى كارتون فىلىم، سۈرەتلىك قوشاق،  قىسقا بالىلار كىنوسى قىلىپ ئىشلەپ گۆدەكلەر ئۈچۈن سۇنىشىمىز، ئۇلارنى ئۆز تىلىمىزدىكى مول بالىلار «سوۋغا»لىرى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەككەن. بالىلار ئۇيغۇر تىلى ئۆگنىشنى ياقتۇرمايدۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلار قالاق، جانسىز ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى ياقتۇرمايدىكەن، ياراتمايدىكەن. بولمىسا  شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ بالىلار قانىلىغا قارىغاندا، مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسى ۋە خۇنەن تېلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ بالىلار قانىلى، «بىللە ئۆگىنەيلى» پىروگىراممىسىنىڭ خەنزۇچە قوشىقىغا قارىغاندا ئۇيغۇرچە قوشىقىغا بەكرەك مەپتۇن بولارمىدى؟  
   ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، جامائەت!  قولىمىزدىن كېلىدىغانلار، ئىقتىدارىمىز بارلار سەرخىل مۇھەببەت قوشاقلىرى ھەم ناخشا تېكىسىتلىرىنىلا يېزىۋەرمەي يەنە شۇ سەبىي گۆدەكلىرىمىز ئۈچۈنمۇ بىر بەرسە يېزىپ قويايلى، ئىشلەپ قويايلى. ئۇلارنىڭ دۇنياسى تېخىمۇ رەڭدارلىققا، گۈزەللىككە تولسۇن! ساپ قەلبى تېخمۇ  بەكرەك خۇشاللىققا تولسۇن!

   مەنبە: ئۆزۈم

ئاللاھ ۋە ۋىجدانىڭغا خىلاپ بولمىسا تاللىغان يولۇڭدا مېڭىۋەر! خەق نېمە دېسە دەۋەرسۇن.

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1107
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 01:46:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىدا دىيىلگەن بەزەنبىر نوقىتىلار  بۇلۇپمۇ باللار ھەققدىكى ماتىرياللارنىڭ كىتاپخانىلاردا ئاز بولىشى كىشىنى ھەققەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، بۇرۇنقى ئالقانچىلق كىلدىغان باللار ھىكايە كىتابىنىمۇ تاپقىلى بولماس بوپ كەتتى ! ئەجبا بۇنىڭ ھەممىسى قوش تىل مائارىپنىڭ مەھسۇلىمۇ ياكى ئۆزىمىزدىن كەتكەن جايلارمۇ بارمۇ ! بىز زادى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن قانداق ياخشى ئىش قىلىپ بىرەلىدۇق؟ بۇندىن كىيىن قىلىپ بىرەلەيمىزمۇ ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېمپىراتور تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 01:46 AM  


سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ئەسكى خوتەنلىك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59159
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8911
تۆھپە نۇمۇرى: 1382
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-5
ئاخىرقى: 2013-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 02:03:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئانا تىلىمىز يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى،مىنىڭ دۇكىنىمنىڭ ئىسمى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يېزىقلىقتى،نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاھالە كومېتىتى دەمدۇ ،شۇنداق بىر يەرنىڭ ئادەملىرى كېلىپ خەنزۇچىنىمۇ قېتىپ ياز بولمىسا ھەممىنى ئۆچۈرۈپ تاشلا دەيدۇ،ھەقىقەتەن تەتۈرلۈكتە

ئەلنى تاشلىغان،ئەر ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1912
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 02:16:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىەتلىك تېمىكەن، بۇ ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس، خېلى سالمىقى بار ئىش. بولۇپمۇ ھازىرقى جوش تىل دەۋرىدە، بالىلارنى ئۆز تىلىغا جەلىپ قىلالايدىغان تۈرلەر كۆپەيسە، شۇندىلا ئۆز ئاناتىلىمىزنى قوغداپ قېلىشقا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولاتتى. مۇشۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار چىقسا ياخشى ئىدى. ئەسەرنى يەنە سەل ئىخچامراق يېزىپ، ھەممە مۇنبەرلەردە تەشۋىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ، بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىشىغا تىلەكداشمىز.

مەن ئاقىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىدىنمۇ يېڭىلىپ باقمىدىم.
جاھىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىنىمۇ يېڭىپ باقمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2666
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2560 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 08:48:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قاملاشمىغان كارتون جوڭگۇدا ئەڭ قارشى ئېلىنغان كارتون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ، فىلىمدىكى بۆرە غەربكە ، قويلار جوڭگۇغا سىمۋول قىلىنغان ، بالىلىرىمىزنىڭ كارتونغا ئامراق پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ ، ئولتاسا قوپسا ، سومكا چاپان ئاياغدا مۇشۇ قوينىڭ سۈرىتى بولغاچقا مۇشۇنداق ئازدۇرۇپ كەتتى ...

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2666
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2560 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 08:50:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aski0903 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-29 02:03 AM
بىزنىڭ ئانا تىلىمىز يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى،مىن ...

بۇرادەر ، بۇنداق ئېچىنىشلىق گەپ قىلماڭ ، ئۇيغۇر مەۋجۇتلا بولىدىكەن ، تىلى مەۋجۇت بولىدۇ!

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئازاپلىرىم،مېنى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 857
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17178
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9263 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 09:38:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر كىتاپخانلاردا بالىلارغا ئائىت ئۇيغۇرچە قوشاق،چۆچەك كىتاپلار خېلى كۆپىيىپ قالدىغۇ...بىراق توردا بالىلار ناخشىسى ياكى قوشىقى تاپماق تەس بۇلۇپ كەتتى...چۈنكى بالىلار ئۆز يېشىغا ماس ناخشىلارنى ئېيتىسا بەكرەك خۇشال بولماي ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان رەپ ياكى ئاللىقانداق ناخشىلارنى ئېيتىپ بەرسە بەكرەك تىڭشايدىغان بولدۇق....
قارلۇق شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر چۆچەكلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن كارتونلىرى بەك ياخشى...شۇنى بالىلارغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتشىتە ئاساس قىلساق بولىدۇ...كىتاپخانلىردا پىلاستىنكىسىنى تاپقىلى بولىدۇ..
بىر قانچە يىلىدىن بۇيان بالىلار رومانچلىقى خېلى تەرەققىي قىلىدى...ياغاچ قۇلاق ،باتۇر بالا،.....نىڭ خەتەرلىك سەرگۈزۈشتىلرى دېگەندەك كىتاپلارنى جىق كۆردۈم... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چېچەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 09:38 AM  


شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

مېرۇل مەرگەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 10:46:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[img][/img]
ھەي بالىلىق.

20110113_602026.jpg
كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35509
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 6900 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 11:37:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ لاۋزا كارتون دە بۇ! مىم، يىشىيۇلاردەك نەرسىنى ئىشلىسە بولمامدۇ دەيمەن.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3828
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 11:51:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر يەسلىدە ئۇيغۇرچە دەرسىنى پەقەت ئۆتمەيدىكەن ، ساپلا خەنزۇچە بىرنملىەر ،‹‹ قوش تىل ›› دىگەنلىك ، بىرنچى قىلپ ئۆزىمىزنىڭ تىلى ، ئىككىنچى قىلپ باشقا تىل بولسا قوش تىل بولغانلىق بولدۇ ،ھازىرقى يەسلىلەرنىڭ نايناقلىرى خەنزۇچىلا ئوتىدىكەن ، ئاكامنىڭ بالسنىمۇ يەسلىگە بەرگەن ، 1دىن 10غىچە خەنزۇچە ساناشنى ئۈگىتىپتۇ ، ئەمما ئۇيغۇرچە ساناشنى ئۈگەتمەپتۇ ، بەك ئاچچىقىم كەلدى ، ئەملىيەتتە خەنزۇچىنى بىلمسمۇ بولدۇ،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش