مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13721|ئىنكاس: 90

لوپنوردىكى سىرلىق غايىب بولۇش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10364
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 2695 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:01:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لوپنوردىكى سىرلىق غايىب بولۇش

بايانات:قالايمىقالان ئىنكاس يازماڭ


لوپنۇر كۆلى(Lop Nur),شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنڭ شەرقىي جەنۇبىغا يەنى ،چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەلىكىگە جايلاشقان ،دېڭىز يۈزىىن ئىگىزلىكى 780مېتىر ئەتراپىدا ،يەنى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەڭ پەس جايى ھېسابلىنىدۇ.ئىلگىرى جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ تۇزلۇق كۆل ھېسابلىناتتى .

لوپنۇر كۆلىنىڭ مەنبەسى تارىم دەرياسى ،كۆنچى دەرياسى ،چەرچەن دەرياسى بولۇپ ،1942-يىلىدىكى سۇ كۆلىمى 3000كۋادرات مېىتر كەلگەن ،1970-يىلىدىن كېيىن تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى كىشىلەرنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى بىلەن ،تارىم دەرياسىنىڭ تۋەنكى ئېقىنى قۇرۇپ كەتكەن 1972-يىلى ئەينى چاغدا سىۋىن ھىدىن مەدھىيلىگەن بۇ گۈزەل كۆل پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپ ،"ھالاكەت دېڭىزى"غا ئايلانغان.


خوش ،لوپنۇر كۆلى بىلەن تونۇشۇپ بولدۇق ،ئۇنداقتا ،تېمىغا قايتايلى:


لوپنوردىكى سىرلىق غايىب بولۇش

لوپنۇر رايونىنىڭ تارىختا ئاجايىپ سەلتەنەتلىك دەۋرى بولغان .ئىلگىرى بۇ يەردىمۇ يېشىل ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان بوستانلىقلار ۋە سۈيى ئەلۋەك گۈزەل مەنزىرىلەر بار ئىدى.ئەمما ھازىر بۇ يەر سىرلىق ھالاكەت ماكانىغا ئايلاندى.ھەتتا بەزىلەر ئۇنى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى <<سىرلىق رايون>>دەپ ئاتاشماقتا .قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان يۈكسەك ئىرادىلىك كىشىلەر <<ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يەتمەيلە جان تەسلىم قىلغان>>بۆلىشى مۇمكىن ،بېزىلەر لوپنورنى مەدھىيىلەشمەكتە ،بېزىلەر لوپنۇر ئۈچۈن ياش تۆكمەكتە ،يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلماقتا .
1949-يىلى چۇڭچىڭدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان بىر ئايروپىلان پىچان ناھىيىسى ھاۋا تەۋەلىكىدە غايىب بولغانىدى . 1958- يىلى كىشىلەر بۇ ئايروپىلاننى لوپنۇر شەرقىدىكى شورتاڭلىقتىن تاپتى . ئەمما   شەرقتىن غەربكە ئۇچۇشى كېرەك بولغان بۇ ئايروپىلاننىڭ نېمىشقا جەنۇبقا ئۇچۇپ ،بۇ تىراگېدىيىگە يولۇققانلىقىنىڭ سىرى ھازىرغىچە ئېچىلمىدى .
1950-يىلى تارىم ئويمانلىقىدا باندىت تازىلاۋاتقان ئازادلىق ئارمىيىنىڭ بىر ئەسكىرى ئاتلىق غايىب بولغان ،1982-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر لوپنورنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى يۇلغۇنلۇق جىلغىدىن ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپقان .
1959-يىلى نېفىت ئىدارىسىنىڭ قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكى لى چۈنيۈ قاتارلىق كىشىلەر لوپنۇرنىڭ شەرقىي رايونىدا ئۆلچەش ئېلىپ بېرىۋاتقىنىدا ،4جەسەتنى بايقىغان ،بۇ جەسەتلەرنىڭ بىرى ئوڭدىسىغا ياتقان
بولۇپ،يېنىدا بىر سائەت تۇراتتى،بارمىقىغا ئۈزۈك تاقىۋالغانىدى.تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر جەسەتنىڭ يېنىدىن يەنە بىر سېرىق قەغەز قاپچۇقنى بايقىغان ،ئۇنى ئېچىپ قارىسا ھەممىسى كىپەك ئالتۇن ئىكەن .جەسەتلەرنىڭ يېنىدىن يەنە نان ۋە سەرەڭگە تېپىلغان ،شۇ يەردىكى پېشقەدەملەرنىڭ پەرقلەندۈرۈشىگە قارىغاندا ،ئۇ شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن چوڭ قاپلىق سەرەڭگە ئىكەن .نەق مەيداندا بۇ 4 جەسەتنىڭ ھەممىسى ناھايىتى رەتلىك ياتقان ،باشلىرىمۇ بىرلا تەرەپكە قارىتىلغان ،يانلىرىدا بولسا تۆگە چۇمى بار ئىكەن ،ئەمما تۆگىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچ بىر ئىزنا يوق ئىكەن .تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر نەق مەيداندىن يەنە بىر قاڭالتىر چۆگۈن تاپقان بولۇپ،چۆگۈنگە لىق قۇم تولۇپ كەتكەن ئىكەن ،قۇم تۆكىۋىتىلگەندىن كېيىنمۇ ،چۆگۈن يەنىلا ئېغىر بىلىنگەن ،كېيىن ئۇلار بۇ چۆگۈننىڭ قوش قەۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھەمدە ئۇنى بۇزغان ،شۇندىلا ئۇنىڭغا ئالتۇن يوشۇرۇنغانلىقى ئېنىقلانغان ،ئەترەت ئەزالىرى قايتقاندىن كېيىن ئالتۇننى جىڭلاپ كۆرگەندە ،ئۈچ كىلوگرامدىن ئارتۇقراق كەلگەن ،ئۇلار بۇ ئالتۇننى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن .
بۇ تەكشۈرۈش ئەترىتى يەنە لوپنۇردا ئىككى ئايروپىلاننى بايقىغان ،بۇ ئىككى ئايروپىلاننىڭمۇ ئارىلىقى يىراق ئەمەس ئىكەن .بىر ئايروپىلان خېلى ساق ،يەنە بىرسى ۋەيران بولۇپ كەتكەن ئىكەن ،ئايروپىلاندا ئادەم يوق بولۇپ،ئايروپىلاننىڭ ئۈستىگە<>دېگەن خەت شەكلى ۋە گومىنداڭنىڭ پارتىيە گېربى چۈشۈرۈلگەن ئىكەن ،ھەر بىر ئايروپىلاننىڭ ئايروپىلان بۆلمىسىدە بىردىن پىلىموت ۋە ئىككى كىشىلىك ئورۇن بار ئىكەن .
بۇ ئالامەتلەر بۇ ئايروپىلاننىڭ كۈرەشچى ئايروپىلان ئىكەنلىكنى بىلدۈرەتتى .
تەكشۈرۈش ئەترىتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ قارا شەھەردىكى قىسىمغا قايتقاندىن كېيىن ،قۇملۇققا قايتا كىرىپ بۇ ئايروپىلاننى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىش ئۈمىدىدە بولغان ،بىراق بۇ ۋاقىتتا بۇ رايون ئاللىقاچان چەكلەنگەن
رايون قىلىپ بەلگىلەنگەن بولغاچقا ،ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي قالغان .

1976-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ كان ئىشلىرى 1-رايون تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتى9-تارماق ئەترىتىنىڭ ماشىنىسى لوپنۇرنىڭ شىمالىدا ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈش جەريانىدا غايىب بولۇپ كەتكەن ،كېيىن بۇ ماشىنا پىچان ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىن تېپىلغان ،ئەمما ماشىنىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن .
1980-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى مەشھۇر ئالىم پېڭ جيامۇ لوپنۇردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا غايىب بولۇپ كەتكەن ،ئەينى چاغدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئايروپىلان ،ئارمىيە،ساقچى ئاپشاركىسى چىقىرىپ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۇنى تاپالمىغان .
1990-يىلى قۇمۇللۇق يەتتە ئادەم بىر يۈك ماشىنىسى بىلەن لوپنۇردا خرۇستال ئىزدەش جەريانىدا غايىب بولغان .
ئىككى يىلدىن كېيىن گېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ خادىملىرى قۇرۇپ كەتكەن ئۈچ جەسەتنى بايقىغان ،بۇ ئۈچ جەسەتتىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا ماشىنا بايقالغان بولسىمۇ ،باشقا تۆت ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان .
1995-يىلى يازدا مىرەن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ بىر نەپەر خىزمەتچىسى ئىككى نەپەر تۇغقانى بىلەن بىر جېپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ لوپنۇردا ياقۇت ئىزدەش جەريانىدا غايىب بولغان ،كېيىن كرورەنگە 17 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن ئىككى جەسەت تېپىلغان ،ماشىنا ساق بولۇپ ،ماشىنىغا ئىشلىتىدىغان ماي،سۇ ۋە يېمەكلىك يېتەرلىك ئىكەن ،ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۆلۈپ كېتىشى بىر سىر بولۇپ قالغان .
1996-يىلى 6-ئاينىڭ11-كۈنى جۇڭگولۇق بىر ئېكسپېدىتسىيىچى يۈچۇنشۇەن  لوپنۇرنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا غايىب بولۇپ كەتكەن .تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئىىزدەش ئارقىلىق ئۇنىڭ جەسىتى تېپىلغان .قانۇن دوختۇرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە بەش كۈن بولغانلىقىنى دەلىللىگەن ،ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭمۇ ھەممە نەرسىسى يېتەرلىك ئىكەن ،ئۇ خېلى تەجرىبىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى بولۇپ ،نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكىنى سىر بولۇپ قالغان .
راھىب فاشيەن نوم ئەكېلىش سەپىرىدە لوپنۇردىن ئۆتكەن ،ئۇ ۋەھىمىلىك ھالدا :<<قۇم بارخانلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدەبەتبەشىرە ئىسسىق شامال ئالۋاستىسى بار ئىكەن .ئۇنىڭغا يولۇققانلار ھەرگىزمۇ تىرىك قالمايدىكەن ....>>
دەپ يازغانىدى.ئەجەبا ،يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بۇ داڭلىق راھىبنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئىسپاتلىنىشىمىدۇ؟

مەنبە:بەيدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلار


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-28 11:00 PM  


ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان لوپنۇر كۆلى «چوڭ ...

ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان لوپنۇر كۆلى «چوڭ ...
ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
-ئۈمىد- + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
allo2010 + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
ئەلشاھ + 500 تېما ھەقسىز بولدى.
kamran + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 910   باھا خاتىرىسى

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1978
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18607
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7472 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:29:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پوقنى يەپتۇ ئۇ راھىپ ، ئاشۇنداق سىرلىق قىلىپ ياراتقان ئىگىسىنى تونۇمىسا بۇ خەق ، ئۇيەرنىڭ سىرىنى قانداق ئاچىدۇ .  

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

http://qintax.33591.cn

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 824
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13407
تۆھپە نۇمۇرى: 1124
توردا: 6621 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:32:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىنى بۇ تېما؟ شەرق قىزاردى ناملىق ناخشىنى بىرنى ئېيتىپ بەرسەم كۆرگىلى بۇلامدۇ يا؟

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3260
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31359
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3610 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:35:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى تىمىنىمۇ پۇلغا ساتىدىغان گەپمۇ ، بۇمۇ ياخشى سودا ئوخشايدۇ - ھە ،

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1742 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:36:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  بېلىقسىمان قاشتېشى پۈتۈك توغىرسىدىكى  تېما  بولغايمۇ  ئەمدى ؟

قېنى بىر كۈرۈپ باقىلى .

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئۈمۈد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11002
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 27534
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 4741 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:38:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياراتقان ئېگەم ئۆزى بىلىدۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tvnlirikisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-28 10:46 PM  


رېئال تۇرمۇشتىكى شەيئى ۋە ھادىسلەرنى ئۆزگىچە بولغان ئىلھام بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتنى، ئىلھامىمىزدىكى  شېئىرى ھېس تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇپ، قەلبىمىزدىكى گۈزەل تىل ۋە لىرىكىلار بىلەن ئىپادىلىسەك ( شېئىر )بولىدۇ. ___ تۈن لىرىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 1894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12376
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2714 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:39:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقتىم چىققاندا ئۆزەم بېرىپ بىر تەكشۈرۈپ باقمىسام .

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10364
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 2695 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:39:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 10:29 PM
پوقنى يەپتۇ ئۇ راھىپ ، ئاشۇنداق سىرلىق قىلىپ ياراتقان  ...

سەت گەپ قىلماڭ

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10364
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 2695 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:40:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 10:35 PM
ئەمدى تىمىنىمۇ پۇلغا ساتىدىغان گەپمۇ ، بۇمۇ ياخشى سود ...

يانچۇق تىشىلىپ كەتكەنىدى شۇڭا ساتتىم ،خى خى ،  چاقچاق

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazila998 + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79425
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3773
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:41:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىق خەۋەركەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش