HONTURK يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 06:46 PM 
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىلگە قىرىندىشىم ! مۇشۇ قەدىمقى ...
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام قېرىندىشىم ھۇنتۈرك!
"تۈرك"(突厥) ئەڭ دەسلاپتە پەقەت ئاشىنا ئۇرۇقى(
阿史那氏)نىلا كۆرسەتكەن،باشقا "تۈركى تىللىق" قوۋملار بولسا تيېلې(铁勒)لار دەپ ئاتالغان.
ئاشىنا ئەسلى "تۈرك"(突厥) ئەپسانىلىردىكى" تۈركلەر"نىڭ ئەجدادى بولۇپ،"تۈركلەر"نىڭ ئەجدادى ئەڭ بۇرۇن شىمال تارىخى"(北史) "دا تىلغا ئېلىنغان، ھۇنلارنىڭ باشقا بىر قەبىلىسى(匈奴别部) بولغان "تۈركلەر" بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ ئۇلاردىن پەقەت بىرلا ئەر ھايات قالىدۇ ، ئۇ بىر چىشى بۆرە تەرپىدىن قۇتقۇزۋېلىندۇ ھەم قوچونىڭ شىمالىدىكى بوغدا تېغىدىكى بىر ئۆڭكۈردە چىشى بۆرىدىن ئون ئوغۇللۇق بولىدۇ، ئاشۇ ئون ئوغۇلنىڭ بىرسى دەل ئاشىنادۇر.
رۇس تارىخچىسى رادېلوفمۇ " تۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان ئۆڭكۈز دەل بوغدا تېغىدا " دەپ قارايدۇ.
باشقا بىر خىل قاراشتا "تۈركلەر"(ئاشىنا ئۇرۇقى) ساكلار(塞种، ئاريان قوۋم)دىن كەلگەن دەپ قارايدىكەن.
مەنبە:
ئاشىنا ئۇرۇقى
ئەمدى تيېلې(铁勒)غا كەلسەك مېنىڭچە تيېلې ئەسلى ھۇنلارغا قارام بولغان كاۋكاز ئىرقى(ياۋروپا ئىرقى)لىق بىر قوۋم بولۇپ ئۇيغۇرلار(回鹘) تيېلېلارنىڭ ئىچدىكى ئەڭ چوڭ،ئەڭ داڭلىق بىرسى ھېسابلىندۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-3 08:15 PM