ئوغۇرلار (Oghur)ھەققىدە
ئاپتور:cinason
ئوغۇرلار تەخمىنەن 5-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەربتە كۆرۈلۈشكە باشلىغان بىر قوۋمنىڭ نامى بولۇپ بۈگۈنكى كىشلەر ئادەتتە ئۇلارنى جوڭگو سالنامىلىردىكى "铁勒"لار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىشىدۇ. بىراق شۇنى بىلىشمىز كېرەككى "铁勒" لار گەرچە ئىلگىرى ھۇنلارغا تەۋە بولغان دىڭلىڭ ۋە قاڭقىللارنى( دىڭلىڭ بىلەن قاڭقىل ئىككىسى بىر مىللەت-ت) ئاساس قىلىسمۇ،بىراق ھەرگىز پەقەت شۇلاردىنلا تەركىب تاپقان يەككە مىللەت ئەمەس،يەنە باشقا مىللەتلەر مەسلەن سىيانپىلارنىڭ قەبىلىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان،شۇڭلاشقا " 铁勒"دېگەن قانداشلىقى مۇرەككەپ ۋە زور بولغان بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمى نامىدۇر،شۇڭا بىز "铁勒" لارنى قاڭقىللارنى ئاساس قىلغان يەنە بىر قىسىم موڭغۇلى تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋالقى تۈركلەر گۇرۇھى دەپ قارىساق توغرا بولىدۇ.
بۇ ئوغۇر قەبلىلىرنىڭ نامى "ر" تاۋۇشى بىلەن ئاياقلاشقان ،بىراق ئۇ ۋاقىتتا تۈرك تىلىدا "ر" تاۋۇشىنىڭ "ز" تاۋۇشىغا ئۆزگىرشى كۆرۈلمىگەن،شۇڭلاشقا "ر" تاۋۇشىنىڭ "ز" تاۋۇشىغا ئۆزگىرشىى تۈرك خانلىقى قۇرۇلغاندىن(يەنى ئاشىنا تۈركلىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن) كېيىن پەيدا بولغان، بۇ بەلكىم قەدىمقى ساك تىلىنىڭ قالدۇقىنىڭ تەسىرى ياكى تۈرك تىلىنىڭ ھىندى-ياۋرو تىللىرى ۋە سام تىللىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن بولىشى مۇمكىن.ئومۇمەن ئېيىتقاندا ئاشۇ 5-ئەسىردىن باشلاپ غەربكە ياۋروپاغا كۆچكەن مىللەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمى موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ خوجىلىرى ئاۋال جۇرجانلار،كېيىن تۈركلەرنىڭ زۇلۇمىغا قارشلىق كۆرسىتىش تۈپەيلىدىن بولغان.شۇڭا ئۇلار ياۋروپاغا يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ،مەيلى ھۇنلار،بۇلغارلار،سابىرلار،ئاۋارلار ياكى ئوغۇرلار بولسۇن ھەممىسى بىر خىل ئاۋالقى تۈرك-موڭغۇل ئالاھىدىلىكلەرنى ئىپادىلگەن،چۈنكى ئۇ چاغلاردا تۈركلەر بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئايرىلىشى تېخى باشلانمىغان ئىدى.
غەربنىڭ تارىخى ماتېرىياللىردا كۆرۈلگەن ئوغۇر قەبىلىلىردىن ئاساسلىقى :ئوغۇر(Oghur)،ئونوغۇر(Onoghur)،ساراغۇر(Saraghur)،ئۇتىغۇر(Utighur)،قۇترىغۇر(Kutrighur) قاتارلىقلار بار بولۇپ،ھەمىىسى "غۇر(ghur)"نى ئۆزىگە سۆز يىلتىزى قىلغان،شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوغۇر(Oghur) دېگەن ئوخشاش مەنبەدىن بۆلۈنۈپ چىققان دەپ قاراشقا بولىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى،ئونوغۇر،ئۇتىغۇرۋە قۇترىغۇرلارنى ئايرىم ئايرىم ھالدا "ئون ئوغۇر"،"ئوتتۇز ئوغۇر" ۋە " توققۇز ئوغۇر" دەپ قاراشقا بولىدۇ.ساراغۇر بولسا "سېرىق ئۇيغۇر" يەنى بۈگۈنكى يۇغۇرلارنىڭ ئەجدادى بىلەن ماس كېلىدۇ.يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئالىملار ھۇنگىرلار بىلەن ئېلىمىزدىكى يۇغۇرلارنىڭ مىللى مۇزىكىلىرنىڭ ئوخشىشىدىغان جايلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ،بۇ نۇقتا بىلەن ئەگەر ھۇنگىر مىللىتنىڭ تەركىبىدە ئاز بولمىغان ئوغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىقى(بولۇپمۇ "ھۇنگىر" دېگەن نامنىڭ كېلىش مەنبەسى "ئونوغۇر" ئىكەنلىكى)نى بىلىپ يەتسەك،ئۇنداقتا "铁勒" لارنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىسى بىلەن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشىنى چۈشىنىش تەسكە توختىمايدۇ.
"ئوغۇر" بىلەن "تيېلې" نى تەڭلەشتۈرۈش تاۋۇش جەھەتتىن كىشىنى رازى قىلالمايدۇ،بىراق تيېلېلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق قەبىلە ئۇيغۇرلار بولۇپ ،"ئۇيغۇر" بىلەن"ئوغۇر" تاۋۇش جەھەتتىن ناھايىتى ماس كېلىدۇ،شۇڭلاشقا ئوغۇر دېگەن نام ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.پاكىت سۈپتىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقىتىدىن پايدىلنىشقا بولىدۇ:بىرىنجىدىن،قەدىمقى تۈرك مەڭگۈ تاشلىردا "توققۇز ئوغۇز"دېيلدىغان بىر قەۋم تىلغا ئېلىنغان بولۇپ بۈگۈنكى كىشلەر ئۇنىڭغا توققۇز ئۇيغۇر دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ.ئوغۇز دېگەن سۆز ئۇيغۇر دېگەن سۆزگە ماس بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا "ر" تاۋۇشىنىڭ "ز" تاۋۇشىغا ئۆزگىرشى ئاللىبۇرۇن پەيدا بولغان،ئوغۇز(Oghuz)نىڭ ئەسلى شەكلى دەل ئوغۇر(Oghur) دۇر.ئىككىنجىدىن،ئۇيغۇرلارنىڭ "ئوغۇزنامە" ئېپوسىدا ئۆزلىرنىڭ ئەجدادىنىڭ نامى ئوغۇز دېيلگەن، بۇمۇ ئوغۇر دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن.ئۈچىنچىدىن،"تارىخى رەشىدى" دە ئوغۇزخاننىڭ بارلىق تۈركلەرنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان،بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغۇز دەيدىغان ئەسلى قەبىلىسى بىلەن باشقا قەبىلىلەرنىڭ ئۇيۇشۇشىشىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى ئېيىتقان.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇيغۇر بىلەن ئوغۇز ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر 14-ئەسىردىن بۇرۇنقى رىۋايەتلەردە ئاللىبۇرۇن تىلغا ئېلىنغان،شۇڭا مېنىڭچە غەرب تارىخى ماتېرىياللىردىكى ئوغۇرلار بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇن غەربكە كۆچكەن بىر تارمىقى بولۇشى مۇمكىن.تۈركلەر كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن ،شۇنىڭ بىلەن تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئوخشمىغان تارماقلىرى پەيدا بولغان.تۈركلەرگە بىر قەدەر بالدۇر تەۋە بولغان قەبىلىلەرنىڭ تۈركلىشىشى بىر قەدەر چوڭقۇر بولۇپ،قەبىلە نامىنىڭ ئاخىردىكى "ر" تاۋۇشى "ز" تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ ئوغۇز بولغان،بۇلار غەربى تۈركلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوغۇز قەبىلىلىرگە ئايلانغان.كېيىن غەربنى تىترەتكەن پەنەچەك،سەلجۇق،ئوسمان قاتارلىق تۈركى قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭدىن چىققان.بۇ قەبىلىلەر ئاساسلىقى غەربى-جەنۇبقا قاراپ كۆچكەن ھەم كۆپ قىسمى كاسپى تۈزلەڭلىكى ۋە ئاناتولىيە ئېگىزلىكىگە يېتىپ بېرىپ بۈگۈنكى تۈركلەر(土耳其人) ۋە تۈركمەنلەرنىڭ ئەجدادىغا ئايلانغان.يەنە بىر تارمىقى ئېلىمىزنىڭ گەنسۇغا كېلىپ بۈگۈنكى سالار(撒拉尔)لارنىڭ ئەجدادىغا ئايلانغان،قەبىلە نامىدا "ر" نىڭ "ز"غا ئۆزگىرشى يۈز بەرمىگەنلىرى بولسا تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى توققۇز ئۇيغۇرلارغا ئايلانغان،بۇلار كېيىن توختىماي قارشىلىق كۆرسىتىپ 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىردا تۈرك خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ مەزكۇر رايونغايۈز يىلدەك خوجا بولغان ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان،ئۇندىن كېيىن يەنە غەربكە قاراپ كۆچۈپ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ۋە يۇغۇرلارنىڭ ئەجدادىغا ئايلانغان.
مەنبە:关於乌古尔(Oghur)诸族 تەرجىمىدە:بىلگە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-28 12:29 PM