بۇ بىر ياخشى مۇھاكىمە بوپتۇ ، بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ناچارمۇ ياكى بىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىمىز ئوقۇغۇچىلارنى شۇنداق يىتىشتۇرىۋاتامدۇ ؟
مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىمدا شۇنى ھېس قىلدىمكى .
1. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بىرىش كىرەك . ئازراق پۇل ياكى ھىسياتنى كۆرۈپ ئوقۇغۇچىلانى ئېمتاھاندىن ئۆتكۈچۈپ قويىدىغان ھايۋانلارنى مائارىپ ساھەسىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاش ، ياكى قانۇنىي جازاغا بۇيرۇش كىرەك .
2.ئالىي مەكتەپتە ئەمىلىي بىلىم ئۈگۈتۈشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويسا ، ئۆز كەسپى بىلەن مۇناسىۋاتسىز بىلىملەرنى ئامال بار ئۆتمىسە ياكى ئازايتىۋەتسە ..
3. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ياكى ھەمكارلىق روھىغا باي قىلىپ تەربىيەلىسە ..
مەن قەشقەگە قايىقاندىن كىيىن ئۆز ئالدىمغا تىل تەربىيەلەش مەركىزى قۇردۇم ،
شۇ جەرياندا مەن قەشقەر پىداگوك ئۇنۋىرستىتىنىڭ ئوقۇغۇچلىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتىم ، ۋە ئۇلارغا ئېنگىلىز تىلىدىن دەرىس بەردىم .
بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم .
سائەت 6 دىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار ئەركىن سىرىتقا چىقالمايدىكەن .
كەچلىك مۇزاكىرىدە دەرىس ئورۇنلاشتۇرىدىكەن .
تۈگىمەس سىياسىي ئۈگۈنۈش .
كىچىككىنە ئىش بولغۇچە دەرۋازىنى تاقايدىكەن .
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بۇ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئىديىسى ۋە جەمىيەتنى چۈشۈنۈش ئىڭىنى قۇلۇپلاپ ، ئۇلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن قانداق يول مىڭىش جەمىيەتتە قانداق پۇت دەسسەپ تۇرىشىغا زور توسقۇنلۇق ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ ..
ئاخىردا دەيدىغىنىم ، مائارىپ سىستىمىس ئۆزگەرتىلىشى ، ئوقۇغۇچلىرغا بولسا ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيىسى كۈچەيتىلىشى ، ئوقۇغۇچىلرنىڭ جەمىئەتنى چۈشىنىشىگە ۋە ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بىرىشى كىرەك .
بۇنداق سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن مەكتەپتىن قانچىلىك ئادەم تەربىيەلىنىپ چىقماقچى دەيسىلەر...
مانا بۇ مەكتەپنىڭ توربىتى......
www.nurhan.biz